- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4007
- نادىر
- 1
- يازما
- 170
ئۆسۈش
66.9%
|
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پونكىتسىيىسى نىمە ،دولەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭچۇ؟
جاۋاپ:خەلق تەپتىش مەھكىمىسى —دۆلەتنىڭ مەخسۇس قانۇنى نازارەت ئورگىنى بۇلۇپ ،تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسى پونكىتىسيىسى:①دۆلەتنى پارچىلاش دىلولىرى دۆلەتنىڭ سىياسەت 、قانۇن、پەرمان、مەمۇرى بۇيرۇقلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان زور جىنايەت دىلولىرى ئۈستىدە تەپتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ . ②بىۋاستە قوبۇل قىلغان جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى تەھقىقلەش ③جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەھقىقلىگەن دىلولارنى تەكشۈرۈپ، قولغا ئېلىش ئالماسلىق ئەيىپلەش– ئەيىپلىمەسلىكنى قارا قىلىش ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان–بولمىغانلىغى ئۈستىدە نازارەت قىلىش؛④جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى ئەيىپلەش、ئەيىپلەشنى قوللاش、 خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئىشلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولغان بولمىغانلىغى ئۈستىدە نازارەت قىلىش؛⑤جىنايى ئىشلار دىلولىرى ئۈستىدە چىقىرىلغان ھوكۈم、كېسىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، تۈرمە、سولاقخانا、ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق بولغان بولمىغانلىغى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى يۇقارقى ھوقۇقلارنى مۇستەقىل يۇرگۈزىدۇ.
دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ پونكىتسىيىسى: دۆلەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار ( جاسۇسلۇق、ئىشپىيۇنلۇق ) دىلولىرىنى تەھقىقلەپ ئاياقلاشتۇرغاندىن كىيىن ، ئەيىپلەشكە تىگىشلىك بولغانلىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قارار قىلىشىغا بىۋاستە يوللاپ بىرىدۇ.
|
|