قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: nidayi

نىدائىي: بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

29

دوست

3895

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1238
توردىكى ۋاقتى: 673
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 22:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇنى كىچىك ۋاقتىمىزدا دەرىسلىك كىتابتا تىل-ئەدەبىيات دەرسىمۇ ياكى سىياسەتمۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر كىتابتا ئۆگىنەتتۇق ، بىراق بۇنداق تەپسىلى ئەمەس ئىدى . ئاۋازىمىزنى ئۈنلۈك چىقىرىپ ئوقۇيتتۇق. پەقەت تۈۋرۈكلىرىنىڭ ناھايتى كۆپلىگىلا ئېسىمدە قاپتۇ .

3

تېما

3

دوست

1518

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 01:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 30 يىلنىڭ ئالدىدىكى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بېيجىڭ خەلق
سارىيىغا كىرىپ، ئۈچ قەۋەتنىڭ ھەممىسىنى ئارىلاپ ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ
چىققان ئىدىم. ھەقىقەتەن كاتتا. بۇ تىمىدا خەلق سارىيىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى
ناھايتى ياخشى تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، لېكىن تىمىنىڭ بەزى جايلىرىنى تۈزىتىشكە
تىگىشلىك. مەسىلەن، «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» ئەمەس، «خەلق قۇرۇلتىيى»
دەپ ئېلىنىدۇ؛ «قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى نامايىش قىلىش» دىگەن سۆز مەنا
جەھەتتىن خاتا بۇلۇپ قالغان، بۇنى «قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىش»
دەپ ئالساق توغرا بۇلىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

16

تېما

0

دوست

8057

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   61.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2335
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1665
تۆھپە : 1345
توردىكى ۋاقتى: 477
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 02:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بەلكىم ‹‹ گۈگۈڭ سارىيى ››  غا تېخنىك ،لاھىيلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن ئەختەرخان ئىسىملىك ئۇيغۇرنى دەۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن .

280

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3039
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14480
تۆھپە : 11148
توردىكى ۋاقتى: 3988
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-29

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 02:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇڭزىمۇ ئوردىغا تەلمۇرۇپ ئۆلەپ كىتپتىكەنتۇق ، كەمىنە بولدى خەلق سارىيىغا تەلمۇرمەيمەن ،بىكا تۇرماي تورغىلام يازايچۇ قېنى
ئەمما ئەسلىدە مەسىلە ھەل قىلىدىغان ئورۇن دەل خەلق سارىيى ئىدى

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 857
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3152
توردىكى ۋاقتى: 2364
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 10:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 12:02
قۇرلۇش ئۇستىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بۇ تىمىدا تىلغا  ...


‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ  ئۇيغۇر بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟   

ئەمما  بېيجىڭدىكى خان سارىيى ئوردىسىنى ئۇيغۇر لاھىيىلىگەن  ...............  بۇ توغۇرلۇق ماتىرىياللار بار  ............

1

تېما

0

دوست

305

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3510
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 61
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 10:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭ شەھرىنى لايھىلىگەن ئۇيغۇر-ئەختەرىدىن


بېيجىڭ ئېلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان سۇلالىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ئەختەردىن بولسا ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن شىنجاڭلىق مەشھۇر ئۇيغۇر بىناكار، شۇنداقلا چادىر-بارگاھ جۇجۇقىنىڭ ئامبىلى.
مىلادىي 1215-يىلى چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى چىن سۇلالىسىگە قارشى يۇرۇش قىلىپ بېيجىڭنى ئىشغال قىلىش ۋاقتىدا بۇ جايغا ئوت قويۇۋەتكەن. نەتىجىدە بېيجىڭ شەھىرى بىپايان قاقاسلىققا ئايلىنىپ ھېچقانداق شەھەر قىياپىتىنى ساقلاپ قالالمىغان. ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسى بۇ جايغا قايتىدىن قەسىر ۋە ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ بۇ يەرنى خانبالىق قىلغان. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قايتىدىن بىنا بولىشى جوڭگۇ قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە شۇنداقلا ئەختەردىننىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەسئۇلى ھېساپلىنىدۇ.
« غەربى يۇرت ھەققىدىكى قىسسە» دېگەن كىتاپتا بۇ تەپسىلاتلار مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئەختەردىن بېيجىڭ شەھىرىنى لايىھىلەش ۋە ئۇنى خان ئوردىسىغا لايىقلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى يەر شەكلىنى ئۆلچەپ، ئاندىن خەنزۇچە ئىمارەت شەكلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شارائىتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈۋالغان. ئىش باشلاپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇ يەر شەكلىنىڭ يانتۇلۇقىغا ئاساسەن يەر ئاستى سۇ يولى ياساپ سۇ چىقىرىش ئۈسكىنىسىنى ئورناتقان. ئىككىنچى قەدەمدە ئاندىن شەھەردىكى تارماق رايونلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھىلەشكە كىرىشكەن. چۈنكى ئەختەردىننىڭ لايىھىلىگىنى ئادەتتىكى شەھەر قۇرۇلۇش بولماستىن، بەلكى فىئودال خانلارنىڭ پايتەختى بولغاچقا، لايىھىلەشتە خان ئوردىسىنى تەبىئىي ھالدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويماي بولمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئەختەردىن چوڭ-كىچىك قەسىرلەرنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 3 بۆلەك قۇرۇلۇش رايونىغا بۆلۈپ، ئاندىن چىڭخۇاڭداۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆللەرنى يەنى بۈگۈنكى جۇڭنەنخەي بىلەن بېيخەي باغچىسىنى لايىھە مەركىزى قىلىپ ئۈچ بۆلەك قەسىرنى كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىغا ئايلانما شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان». ئۇنىڭدىن باشقا كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان ۋە قىش پەسلىدىكى شىمال بورىنىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيىلىدىغان ئۇزۇنىسىغا توغرىسىغا كەتكەن ئېگىز ئىمارەتلىك كوچىلارمۇ ئەختەردىننىڭ لايىھىسىنىڭ سىرتىدا قالمىغان. شەھەر ئىچىدە توغرا سېلىنغان كوچىلارنى بويلاپ 50 دىن ئوشۇق قول ھۇنەرۋەن كارخانىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھەممىسىگە ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ئىسىم قويۇلغان. «شىجىن تەسىراتىدا»: «پايتەخت كوچىلىرى ئاجايىپ رەتلىك ۋە بىر-بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ، چوڭ كوچىلىرى 24 قەدەم كەڭلىكتە، كىچىك كوچىلىرى 12 قەدەم كەڭلىكتە، 364 چوڭ كوچا، 2009 كىچىك كوچا بار ئىدى» دېيىلگەن.
«يۈەن سۇلالىسىنىڭ تارىخى» 125-جىلددا كۆرسىتىلىشىچە: «چىنخۇاڭداۋ ئارىلىنىڭ قۇرۇلىشى خەنزۇچە ئىمارەت شەكلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ لايىھىلەنگەن غايەت زور قۇرۇلۇش بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا غەربى شىمالدىكى قايسى بىر ئەلدىن كەلگەن بىرى ئۇنىڭغا: «بۇ قۇرۇلۇش خەنزۇلار ئىمارىتى بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق لايىھىلەنگەن؟» دەپ سورىغاندا، ئەختەردى:« موڭغۇللار شىمالدا ياشىغان، چېدىرلاردا ئولتۇرىدىغان مىللەت، ئۇلار بۇ ئەلنى ئات ئۇستىدە تۇرۇپ ئەلەم كۈچى بىلەن بوي سۇندۇردى. لېكىن يەنىلا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ بوي سۇندۇرالمايدۇ موڭغۇل ئۆيلىرى ئاددىي، ئەمدى بۇ ئەلگە خان بولغان مىللەتكە ياراشمايدۇ » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

http://www.akillar.com/bbs/thread-15207-1-1.html

14

تېما

19

دوست

9575

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   91.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 994
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2836
توردىكى ۋاقتى: 1055
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 11:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 11:42  
oguzhan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 10:26
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ  ئۇيغۇر بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟    ...

ئۇ چاغلاردا كىچىك ئىدىم، ئاڭلىغىنىم شۇ...
  ئىش قىلىپ كىملا لاھىيلىسۇن قالتىس سەپتىكەن بۇ سارايلارنى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان قاتتىق تۇرمامدۇ بۇ سارايلار، 2001-يىللېرى كۆرگىنىمدە بىرە يېرىدە چاك كەتكەن يەرنى كۆرمىگەنتىم.
  خان سارىيى مەيدانىدا توكلۇق پوكەي ماشىنىغا ئىچىملىكلەرنى تىزىپ قۇيۇپ ساتىدىكەنتۇق، مەنمۇ كىيىنلەردە مۇشۇنداق قىلسام دەپ ئويلىۋدىم، ئەمما بىزنىڭ بازارلار كىچىك بولغاچ ئۇزچە ھەشەم بىلەن قىلغان بىلەن تۇختىتىدىغان ئاۋات ئورۇن يوق. ئۈرۈمچى خەلىق مەيدانىغا تۇختاتقىلى بىر-نەچچىنى ياسىسا مىنىڭچە خېلى بۇلىدۇ.

uyghur

22

تېما

1

دوست

5961

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4471
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1283
تۆھپە : 955
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 13:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭ خەلق سارىيى شىنجاڭ زالى














كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )