بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنى بىلەمسىز؟
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
‹‹خەلق›› سارىيى بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ غەربى، غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ‹‹خەلق›› سارىيى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان جاي، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىشخانا سورۇنى. ئۇ پارتىيە، دۆلەت ۋە ھەر مىللەت خەلق تەشكىلاتلىرى سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سورۇن، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلق ئاممىسى سىياسىي، دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغان سورۇن. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ غەربتىن شەرققە، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 336 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 206 مېتىر، ئېگىزلىكى 46.5 مېتىر، ئىگىلىگەن كۆلىمى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 171 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. گۇگوڭ خان سارىيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىدىنمۇ چوڭ.
‹‹خەلق›› سارىيى 1959-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇوپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەن 10 چوڭ قۇرۇلۇش ئارقىلىق 10 يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى نامايىش قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە شەھەر پىلانى، ئادىمىيەت مۇھىتى قاتارلىقلار ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان. ‹‹خەلق›› سارىيى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىدىكى پايتەختتىكى 10 چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى ئۆزى لايىھەلەپ، 1958-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 1959-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇشنى تاماملىغان، بۇنىڭغا پەقەت 10 ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت كەتكەن. ‹‹خەلق›› سارىيىغا ئەينى دەۋردىكى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى جۇغلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇشچىلار سېمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، پەقەت 10 ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىلا لايىھەلەشتىن تارتىپ ئىچىدىن تېشىغىچە بولغان بارلىق بېزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىناش ۋە تەڭشەش ئىشلىرىنى تاماملىغان.
‹‹خەلق›› سارىيى تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، قۇرۇلۇشتىن ‹‹تاغ›› دېگەن خەت شەكىللىنىدۇ، ئىككى تەرىپى سەپ پاكارراق، ئوتتۇرىسى سەل ئېگىز بولۇپ، تۆت تەرىپىدە ئىشىكى بار. سىرتىدا سۇس سېرىق رەڭلىك گىرانت تاش بولۇپ، ئۈستىدە سېرىق، يېشىل ئارىلاشقان سىر كاھىش لەمپە بار، ئاستىدا بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى گىرانت تاش تەگلىكى، ئەتراپىدا ھالقا شەكىللىك 134 دانە يۇمىلاق ئايۋان تۈۋرۈكى بار. ‹‹خەلق›› سارىيى ئالدى ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا تيەنئەنمېن مەيدانى، قۇۋۇق ئۈستىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئۇيۇلغان، ئالدى ئىشىكىدە يەنە 12 دانە سۇس كۈل رەڭلىك مەرمەر تاش ئىشىك تۈۋرۈكى بار، ئىشىك تۈۋرۈكىنىڭ دىيامېتىرى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى 25 مېتىر كېلىدۇ. تۆت تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئالدىدا بەش مېتىر ئېگىزلىكتە گىرانت تاش پەلەمپەي بار. ‹‹خەلق›› سارىيى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى تولىمۇ ھەيۋەتلىك، گۈزەل بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئىچىدە ئاۋاز، چىراغ، تېمپىراتورىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئاپتوماتىك ئوت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەر تولۇق. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: ئىشىكتىن كىرگەندە كۆزگە چېلىقىدىغىنى كۆركەم مەركىزىي زال (بۇ زالدا ئولتۇرىدىغان ئورۇن سەپلەنمىگەن). زال كەينى كەڭلىكى 76 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر كېلىدىغان 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال، چوڭ زالنىڭ شىمال تەرىپى بەش مىڭ كىشىلىك زىياپەت زالى، جەنۇب تەرىپى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت بىناسى. سارايدا يەنە مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە زاللار تەسىس قىلىنغان.
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ مەركىزىي زالى
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ مەركىزىي زالى ـــ شەرقىي قۇۋۇق ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ئالدى ئىشىكى فېڭمېن زالى، كارېدور ئارقىلىق مەركىزىي زالغا بارغىلى بولىدۇ. مەركىزىي زال كۆلىمى 3600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇھاپىزەت تېمى ۋە يەر يۈزىگە ئىشلىتلگەن رەڭلىك مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان، ئەتراپىدا 20 ئاق مەرمەر تۈۋرۈك بار، ئوتتۇرىدا 12 مېتىر كەڭلىكتە ئايلانما كارېدور، ئالتە ئورۇنلۇق ئالدى ئىشىك ئارقىلىق 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالغا كىرگىلى بولىدۇ.
10 مىڭ كىشىلىك زالنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 76 مېتىر، شەرقتىن غەربكە چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر، ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ساراينىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان. گۈمبەر چوققىسى، ئارتىلىش دەرىجىسى، تۈۋرۈكسىز قۇرۇلمىلار كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. ئۈچ قەۋەت ئورۇندۇق بار بولۇپ، قەۋەتمۇ-قەۋەت ئۆرلىگىلى بولىدۇ. زالنىڭ تەكشى يۈزى يەلپۈگۈچ شەكلىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، قانداقلا ئورۇندا ئولتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر رەئىس سەھنىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. 1-قەۋەتكە جەمئىي 3693 كىشى سىغىدۇ، 2-قەۋەتكە جەمئىي 3515 كىشى سىغىدۇ، 3-قەۋەتكە جەمئىي 2518 كىشى سىغىدۇ، رەئىس سەھنىسىگە 300 دىن 500 گىچە كىشى سىغىدۇ، ھەممىسىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئادەم سانى 10 مىڭ كىشىگە يېقىنلىشىدۇ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنىڭ كەڭلىكى 32 مېتىر، ئېگىزلىكى 18 مېتىر كېلىدۇ، زالدىكى ھەر بىر قەۋەتتىكى ھەبىر ئورۇننىڭ ئالدىغا يىغىن ۋەكىللىرىگە ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قىلىش ئورنى سەپلەنگەن بولۇپ، 12 خىل تىلدا ئەگەشمە تەرجىمە قىلالايدۇ ۋە تەكلىپ، ئاۋاز بېرىش قاتارلىقلارنى دەل ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىپ بېرەلەيدۇ. 2-، 3-قەۋەتتىكى ھەربىر ئورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كاناي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەئىس سەھنىسىدىكى ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلاش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغان. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىن ئۇچۇرلىرىنى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىش سىستېمىسى سەپلەنگەن. زالنىڭ تورۇسى گۈمبەز شەكلىدە تام بىلەن يەككە ئەگرى سىزىق بويىچە توتىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇپۇق بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن سۇنىڭ جۇلاسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. تورۇسنىڭ مەركىزىي قىسمىغا قىزىل ياقۇتتىن غايەت زور قىزىل رەڭلىك يۇلتۇز چىراغلار سەپلەنگەن، ئەتراپىدا ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن 70 يۇرۇقلۇق يولى ۋە 40 ئاپتاپپەرەس گۈلى بەرگى بار.
مېھمان كۈتۈش زالى ۋە زىياپەت زالى
شىمالى ئىشىكتىن كىرىپ، فېڭمېن زالى، كارېدور ئارقىلىق دوستلۇق زالىغا بارغىلى بولىدۇ. دوستلۇق زالىنىڭ كۆلىمى 4500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان، تۆت ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەر ۋە تام تۈۋرۈكلىرىگە زاپتۇل چېچىكى رەڭگىدە مەرمەر تاش قاپلانغان. شەرق تەرىپى دۆلەت مېھمانلىرى سۆھبەت زالى، غەرب تەرىپىدە دۆلەت مېھمانلىرى زىياپەت زالى بار، زىياپەت زالى ساراينىڭ شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت مېھمانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدىغان جاي. زىياپەت زالى ساراينىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 102 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 76 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر، كۆلىمى 7000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ زالدا 5000 كىشىلىك زىياپەت ياكى 10 مىڭ كىشىلىك شاراب زىياپىتى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالى
شىنجاڭ زالى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ غەربىگە، فۇجيەن زالىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان. بۇ زال مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان يىغىن زالى، چۈنكى ئۇ غەربىي زالغا يېقىن، يەنە كېلىپ غەربىي زالدا دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە مەركەز رەھبەرلىرى شىنجاڭ زالىدا دەم ئالىدۇ. شىنجاڭ زالى قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە يىغىن زالى بولۇپ، ئىسلام ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
|