ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىرىگە:
مەنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقسۇ شەھرىنىڭ قانۇنلۇق پۇخراسى. ھەرقايسى رەھبەرلەرگە شۇنى ئىنكاس قىماقچىمەنكى:- يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئاقسۇ شەھرىنىڭ ئامانلىق خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ 4-5 كۈندىن بۇيان ئاقسۇ خەلقنىڭ ئىديىسىدىن ئۆتمەيدىغان بەز بىر نۇقسانلارمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھەرقايسى ئاھالە كومتىتلارنىڭ خەلىقنىڭ ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلىگەن «ئامانلىق ساقلاش كالتىكى ۋە جىددى ئەھۋال قۇڭغۇرىقى» تارقىتىش خىزمەتلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر بولۇپ، بىزنىڭ قىزىل كۆۋرۈك كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەلىكىدە بىر دانە ئامانلىق ساقلاش كالىتىكى ۋە بىردانە جىددىي ئەھۋال قۇڭغۇرىقى ئۈچۈن 150يۈەندىن پۇل يىغىلغان بولسىمۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەزى بىر قىسىم كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەلىكىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن پەققەت 50 يۈەن يەنە بەزىلىرىدە 40 يۈەن پۇل يىغىلغان. بۇخىل ئەھۋالغا قارىتا خەلق ئاممىسى «باھاسىنى ئەسلى باھاسى بويىچە تارقىتىش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ئاھالە كومتىت خىزمەتچىلىرىنىڭ قارشىقىغا ئۇچىراپ مەجبۇرى ھالدا پۇل يىغىلغان. بىر قىسىم پۇخرالار «مەن دەل سىلەرنىڭكىگە ئوپ-ئوخشاش ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزۈم بازاردىن سېتىۋېلىپ ئورنىتاي» دىگەن تەلەپلىرىمۇ رەت قىلىنغان. يەنە بەزىلەرنىڭ «بۇ خىل مىخلىق كالتەكلەرنى قۇيۇپ قويساق تاساددىپى ۋەقەلەر كېلىپ چىقسا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟» دىگەن سۇئاللىرى جاۋابسىز قالغان. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ «نىمە ئۈچۈن باشقا كوچا ئىش باشقارمىسىدىكىلەرنىڭ ئورنىتىش باھاسى بىلەن سىلەرنىڭكى ئوخشىمايدۇ؟» دىگەن سۇئاللىرىغا «ئىش باشقارما تەۋەلىكى ئوخشىمغاچقا» دىگەن قايىل قىلارلىق بولمىغان جاۋابلار بېرىلگەن . بۇ ئىش قانداقتۇر خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە «ئاھالە كومىتىت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئۈندۈرىۋېلىش كويدابولىۋاتامدۇ قانداق» دىگەن گۇمانلارنى پەيدا قىلىپ خەلق قەلبىگە قارشىلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىش ئېھتىماللىقى پەيدا بولماقتا. شۇڭلاشقا ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىگە ئىلتىماسىم شۇكى: مەزكۇر مەسىلە دەرھال ئېنىقلىنىپ، ئېقى ئاق، قارىسى قارا ھالەتتە خەلق ئاممىسىغا ئاشكارا قىلىنىپ، خەلق بىلەن ھۈكۈمەت ۋەكىللىرى (ئاھالە كومتىت خىزمەتچىلىرىنى ) ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت ئۇرۇقلىرى ۋاقتىدا قىرقىپ تاشلىنىپ، «بارلىق خەلق بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، جەمىئىيەت ئامانلىقىغا ھەسسە قۇشۇشتىن ئىبارەت» بۈيۈك مەخسەتنى ئەمەلگەئاشۇرۇش يولىدا يۇقارقىدەك كىچىك زىدىيەتلەرگىمۇ يول قۇيماسلىقئۈچۈن، ئەھۋال ئېنىقلىنىپ، ئاممىغا قايىل قىلارلىق بىر جاۋاب بېرىلسە دەپ.
ھۆرمەت بىلەن: ئىنكاس قىلغۇچىئاقسۇ شەھەر پۇخراسى. |