- تىزىملاتقان
- 2014-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 180
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
60%
|
رىۋايەت -ئەپسانە:
كۇڭزى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايۋاتقان ئۇ دەۋرلەردە كۆپىرەك مەنا ئىپادىلەش ئۈچۈن خەلقىگە خەت ئىجات قىلىش خىيالىغا كەلگەنمىش؛ بۇنىڭ ئۈچۈن تىنچ بىر يەرگە كېتىش ئۈچۈن سەندوڭ ئەتراپىدىكى بىر چوڭ كۆل - ئېنىق ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش كۈنى ئىسمىمنى يازالمايدىغان سەۋىيىدىكى ۋاقتىمدا ئاڭلىغان بىر رىۋايەت ئىدى- بويىغا كېلىپ، قولۋاققا شۇ چاغدا بار خەتلەر يېزىلغان قۇمۇش دەىپتىرىنى بېسىپ بىر ئارالغا كەتكەن؛ بىر قانچە يىل تىرمىشىپ يۈرۈپ بەكلا كۆپ خەت ئىجات قىلغانمىش. ئاخىرى بۇ ئىشمۇ پۈتتى دەپ قاراپ ئىجات قىلغان بارلىق خەتلەر يېزىلغان قۇمۇش دەپتەرلەرنى يۆگەپ باغلاپ قولۋاققا بېسىپ قايتقان، كۆل ئوتتۇرسىغا كەلگەندە قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپ قولۋاق ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىكەن. مىڭ تەستە قولۋاقنى ئوڭشاپ بىر قىسىم قۇمۇش دەپتەرلەرنى يىغىۋالغان ئەمما بەكلا كۆپ قىسمى سۇدا ئېقىپ يوقالغان ياكى رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەنمىش؛ قۇتقۇزۇپ قالالىغان خەتلىرىنىڭ سانى ئارانلا 76 مىڭغا يېقىن ئىكەنمىش. بۇ ھىكايىنى سۆزلىگۈچى خۇرسىنىپ تۇرۇپ: ئىسىت شۇ لەنىتى بوران، بولمىسا خەت بايلىقىمىز مىليونلارچە بولاتتىكەن، دېگىنى ئېسىمدە. ئۇ ۋاقىتلاردا ھۇنلارنىڭ ئارانلا 20-30 دانە ھەرىپى بار ۋاقىتلار ئىكەندۇق. ئەمما ئۇلار شۇ نەچچە ئون ھەرىپىگە تايىنىپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن مىللەتلىرىگە يېزىق ئۆگىتەلىگەن، دەپ رىۋايەت قىلىنماقتا. يېزىقنىڭ ھەرىپتىن شەكىللىنىدىغانلىقىغا كوڭزىنىڭ ئەڭلى يەتمىسە كېرەك؟ |
|