ئىسرائىل يوق بولىدىغان تارىخ
ئىسرائىلنىڭ پەلەستىننى بومباردىمان قىلىشى باشلىنىش بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى پەلەستىنگەمەركەزلەشتى. Ülke تېلېۋىزۇر قانىلىدىكىTurgay Güler نىڭ Sıradışı (دەرىجىدىن تاشقىرى) پروگراممىسىغا قاتناشقان Timetürk نىڭ باشقۇرغۇچىسى Nevzat Çiçek (نېۋزات چىچەك)خاماس تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى شەيخ ئەخمەت ياسىرنىڭ شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى 17 ئىستىخپارات (جاسۇسلۇق) تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ھۆججەتتەئىسرائىلنىڭ 2023- يىلى يوق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. تىمېتۈركنىڭ تەييارلاپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگەئاساسلانغاندا، داۋۇت ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرغان دۆلىتىنىڭ ئۆمرى 80يىلغا يېقىن بولۇپ، بەزىلەر بۇ دۆلەتنىڭ ئۆمرۈنىڭ 70 يىل ئەتراپىدا ئىكەنلىگىنى ئېيتىشىدۇ. كېيىن ئۇ دۆلەت پارچىلىنىپ، ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قىسقىسى، داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرغان ھەقىقى ئىسرائىل دۆلىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان ۋە Natura Kerta غا ئوخشايدىغان،ئوتتۇرا شەرق يەھۇدىلىرى تەرىپىدىن يالغان دەپ ئېتىراپ قىلىنمىغان Teodor Herl تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان يېڭى ئىسرائىل دۆلىتى داۋۇت ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتتىن 3000 يىلغا يېقىن بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تارىخ سەھنىسىدىن يوقۇلىدۇ. 1948-يىلى قۇرۇلغان ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ ئىبرانى (يەھۇدى) كالىندارى بويىچە ھېساپلىغاندا 76 يىل مىلادى كالىندارى بويىچە ھېساپلىغاندا 74 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئېيتىلماقتا. مۇشۇنداق بولىدىغانلىقى تەۋراتتىمۇ يېزىلغان ياكى بىشارەت بىرىلگەن. مانا مۇشۇ تارىخ بويىچە ھېساپلىغاندا ئىسرائىلنىڭ يوقىلىشى 2022- يىلىدۇر. يەنى، 1948- يىلىگە 74 يىلنى قوشساق 2022- يىلى بولۇپ چىقىدۇ. ئىسرائىل مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا مەسجىدىل ئەقسانى چېقىپ تۈزلىۋېتىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. چۈنكى يەھۇدىلار پەقەت مەسجىدىل ئەقسانى يىقىتىپ تۈزلىۋېتەلىسەكلا ئىسرائىلنى گۇمران بولىشتىن مەڭگۈ قۇتقۇزۇپ قالىمىز دەپ ئويلايدۇ. نېۋزات يالچىنتاش توختىلىپ: ئىسرائىلنىڭ مەسجىدىل ئەقسانى يوق قىلىۋېتىش پىلانى ھازىرقى ۋاقىتتا مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ دېدى. نېۋزات چىچەك، شەيخ ئەخمەت ياسىننىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن، ئەخمەت مەنسۇرغىمۇ، نىيۇيۇرىك تايمىس گېزىتىغىمۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتقانلىغىنى ئەمما شەيخ ئەخمەت ياسىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن جېمئى 70 مىليارت دوللاردىن ئارتۇق ئىختىسادى بولغان ئامېرىكىنىڭ 16 ئىستىخپارات (جاسۇسلۇق) تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان "ئىسرائىلدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرققە تەييارلىق"ئىسىملىك 82 بەتلىك بىر مۇلاھىزىدە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ 2022- يىلىدىن ئېتىبارەن مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، "2022- يىل دۇنيادا ئىسرائىل دەپ بىر دۆلەت مەۋجۇت بولمايدۇ! HenryKissinger نىڭ سۆزلىرىمۇ كىسسىنگىر تەرىپىدىن يالغان دەپ رەت قىلىنمىدى. ئۇلارمۇ ئىسرائىل دەپ بىر دۆلەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تەييارلىق قىلىدۇ" دېدى. تىمې تۈركنىڭ باشقۇرغۇچىسى نېۋزات چىچەك، سىيونىست ئىسرائىلنىڭ ۋەيران بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۈلكە تېلىۋىزۇر قانىلىدا ئېلان قىلىنغان "دەرىجىدىن تاشقىرى ۋەقەلەر"پروگراممىسىدا ئېلان قىلدى.
ئېلان قىلغان تارىخ: 2014- يىلى 7- ئاينىڭ11- كۈنى. Time Türk
|