پېررىن ،ياخشى تۇرىۋاتەمسەن.مەن مۇشۇ دەقىقىدە يېڭى سېتىۋالغان قورويۇمدا يۇرتۇڭنىڭ قىزىل ھارىغىدىن ئوتلىغاچ سېنىڭ جۇڭگو پۇتبۇل كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغانلىغىڭغا ئائىت خەۋەرنى ئۇقۇپ چۇچۇپ كەتتىم.دۇنياغا داڭلىق مەندەك بىر ئالى تېرىنىرنىڭ تېخى يېقىندا سەن تۇرۇۋاتقان ئاشۇ جايدا موللاق ئاتقانلىغىمنى ئويلاپ قوي.ئەمدىلىكتە سەنمۇ بۇ پاتقاققا كەچمەكچىمۇ؟يەنە كىلىپ مائاش تەمىناتمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس،بىلمىدىم نىمىنى ئويلاۋاتىسەنكىن؟ جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن مەن بۇ يەردىكى توپ مەستانىلەرنىڭ پۇتبۇلنى ناھايىتى ياخشى كۇرىدىغانلىغىنى ،ئەمما ماھىرلارنىڭ توپ تىپەلمەيدىغانلىغىنى بايقىدىم.مەن يىتەكلىگەن جۇڭگو كوماندىسى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتتى،ھەتتا مەنمۇ لاياقەتسىز دەپ قارىلىپ ،خېلى ئۇزۇنغىچە دىمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.ئەلۋەتتە، مەن ئايرىلغاندىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىنى كۇرۇپ،بىر ھەقىقەتنى چۇشەندىم.ئەمىلىيەتتە مەن بەك ئەخمەق بەك ساددا ئىكەنمەن.جۇڭگو پۇتبۇلچىلىغى بىر يۇقىرى سەۋىيىلىك تېرىنىرغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى سەۋىيىلىك پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىگىگە مۇھتاجەنكەن ئەمەسمۇ.مېنىڭچە مېنىڭ جوڭگودا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ سەۋەنلىگىم بولسا زىيادە غايىپەرەس بولۇپ كەتكەنلىگىمدە.مەن دائىم ئىسپانىيەنىڭ تېخنىكىسى ئارقىلىق جۇڭگو پۇتبۇلچىلىغىنى يۇقىرى بىر پەللىگە ئۆرلىتىشنى ئويلايتىم.تېخنىكا مەسلىسىنى سېنىڭ يۇرتلۇغۇڭ تىروسسىيېر بىلەن مۇزاكىرلەشكەنمەن.شۇنداق دىيەلەيمەنكى ئىككىلىمىز ئوخشاشلا جاھىللاردىن بۇلۇپ،ئۈزىمىزنىڭ ترىشچانلىغى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايتتۇق.نەتىنجە شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىز ماڭغان يول بىر ئايىغى چىقماس يولكەن.شۇڭا ساڭا دەيدىغان بىرىنجى نەسىھەتىم شۇكى،ھەرگىزمۇ جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولما. جۇڭگودا مەن بىر غەلىتە ئەھۋالنى بايقىدىم:دۆلەت كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ كۇلۇبدىكى ئىپادىسى دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىدىن خېلى ياخشى بۇلىدىكەن.بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىدىن كىشى رازى بۇلاتتى.شۇ ۋاقىتتا مەن مۇنداق مۇنەۋۋەر ماھىرلارنى كۈرۈپ ،دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن.ئەمما خاتالاشقان ئىكەنمەن.مېنى ھەيران قالدۇرغىنى،ماھىرلار دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپلا بۇشىشىپ كېتىشتى،ھەتتا ساختا يارىلىنىپ كوماندىغا تىزىملاتقىلى كەلدى.رۇخسەت سورىغاندىن كېيىن ئەسلى كوماندىغا قايتىپلا ئەسلىدىكى جۇشقۇن ھالىتىگە قايتتى.بۇ تەرىپىنى مەن چۈشەنمىدىم. جۇڭگولۇق دوستۇم بۇنىڭدىكى سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرگەندىلا ئاندىن چۈشىنىپ يەتتىم:كۇلۇبتا پۇل ئۈچۈن توپ تىپىدىكەن،دۆلەت كوماندىسىدا بولسا شەرەپ ئۈچۈن توپ تىپىدىكەن.يەنى دۆلەت كوماندىسىدا بىكارغا توپ تېپىدىكەن.ياۋرۇپادا بىز بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ماھىرلارنى دۆلەت كوماندىسىغا تاللايتتۇق،ماھىرلارمۇ دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشنى شەرەپ دەپ بىلەتتى.ئەمما جۇڭگودا ئۇنداق ئەمەسكەن.شۇڭا ساڭا بېرىدىغان ئىككىنجى نەسىھىتىم شۇكى،ھەرگىزمۇ ياۋرۇپا كەسپى ماھىرلىرغا قويغان ئۆلچەمدە جۇڭگولۇق ماھىرلارنى باھالىما. جۇڭگودا مەن نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزدۇم،مەسلەن،كۇلۇبنىڭ باش تېرىنىرى بىلەن بولغان ئالاقەم يىتەرلىك بولمىدى،ھەتتا ئەزالار بىلەنمۇ شۇنداق،بۇنى مەن ئىچىمدە بىلىمەن.ئەلۋەتتە، مەن بۇيەردىن ئايرىلىشنى خاتا دەپمۇ قارىمايمەن،ھىچ بولمىغاندا مەن ئازادىلىككە چىقتىم،تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى مەن نۇرغۇن كىلىشمگە خىلاپلىق قىلىش پۇلىغا ئېرىشىپ،ئىقتىسادى جەھەتتە ھىچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىدىم.ھە راست،ساڭا دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،مېنىڭ ھازىرقى بۇ قورۇقۇمنى جۇڭگودىكى ۋاقتىمدا تاپقان پۇلۇمغا ئالغان،مەڭگۈلۈك دىگىنە.ئۇنىڭدىن سىرت مادىرىتتنىڭ سىرتىدا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر قورۇقنى كۆزلەپ قويدۇم،كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىق پۇلى قۇلۇمغا تەگكەنلا ھامان ئۇنىمۇ سېتىۋالىمەن.شۇ ۋاقىتتا قورۇقۇمغا كېلىپ مېھمان بۇلۇپ كېتەرسەن. كاماچو (يۇقارقى مەزمۇنلار پۇتۇنلەي تۇقۇپ چىقىرىلغان،ناۋادا ئوخشىشىپ قالسا ،ئۇ بىر تاساددىپىلىق. ئاپتۇردىن)
2014-يىللىق ‹فېليەتۇنلاردىن تاللانمىلار ›ژورنىلى 5-سانىدىن يۇسۇپجان مەخمۇت تەرجىمىسى.
|