- تىزىملاتقان
- 2014-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 180
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
60%
|
Pishamshan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 18:34
ئەڭ مۇھىمى كېيىن بايقالغان ئېلىمىنتلارنىڭ يادرو تۇراق ...
ئۇيغۇرلاردىنمۇ بۇنداقلارنى يوق دېمەڭلار!
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە بىر دوختۇر بولىدىغان. بۇ ئادەم نۇرغۇن يىل باش قاتۇرۇپ ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىدىكى 168-ئېلېمېنتقىچە پەرىزىنى بىرمۇ-بىر ئىزاھلاپ مەخسۇس ئىلمىي ماقالە تەييارلاپ ئۈرۈمچىدە ئايلارچە يېتىپ ئاكادېمىيە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئالىملارغا كەشپىياتىنى سۇنۇپ مۇتەئەسسىپ كىشىلەردىن ھېچكىمگە ئىلمىي ماقالىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتكۈزەلمەي ئاخىرى قايتىپ كەتكەن.
ئەسلىدە، تىبابەتچىلىكنىڭ خىمىيە ئاددىي ساۋادىغىلا ئىگە بۇ كىشى، يادرو زەررىچىسى نىترون ۋە پروتونلارنىڭ ماسسىسى بىلەن ئېلېكترون ماسسىسىنى تەڭ دەپ قارىۋېلىپ، ئاددىي پىرگىرىسسىيە بويىچە بار ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى قايتىدىن تۈزىتىپ چىققان. ھەتتا 90-يىللارغا كەلگىنىدە ئېلېمېنت سانىنىڭ 260 نەچچىدىن ئاشىدىغانلىقىنى كېسىپ ھۆكۈم قىلىشىنى ئۆزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئەپسۇسكى نىسپىلىك نەزەرىيىسى بىلەن كۋانت ئۇقۇملىرىدىن ئەقەللىي ساۋاتقىمۇ ئىگە بولمىغان بۇ جاپاكەش كەشپىياتچى، قىزىق بىر شەكىلدە ماددىلارنىڭ ئېنېرگىيىدىن _ ئۆز دېيىشى بويىچە 4 خىل كۈچتىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇلۇپ يادرو زەررىچە بىرلىكى _ ئېلېكتروننى سېنتىز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ يادرو ئاساسى زەررىچىدىن بارلىق ئېلېمېنت ئاتوملىرىنى سېنتىزلەشكىلا بولۇپ قالماي، يەنە كىشىلەر بىلمەيدىغان 260 نەچچىنچى ئېلېمېنتقىچە سېنتىز قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىنتايىن راۋان بىر شەكىلدە بايان قىلىپ چىققان: ئۇنىڭ 4 كۈچ دېگىنى كائىناتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇتۇپ تۇرۇش كۈچى، چېچىش كۈچى، تارتىش كۈچى ۋە ئىتتىرىش كۈچى دېگەندەك كائىناتنىڭ تۈپكى ئېنېرگىيىسى ئىكەنمىش. گەرچە مەن دېگەنلىرىدىن ھېچنىمە چۈشەنمىگەن بولساممۇ، بۇ ياشانغان كەشپىياتچى جاپاكەشكە بەكلا ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى.
دېمەك بىزدە ئېلېمېنت كەشپىياتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلار يوق ئەمەس! |
|