قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1554|ئىنكاس: 17

ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 17:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 18:58  

ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە

(باھادىر يىگىت)


  
       ئىسلام مەدەنىيتى ئىسلام دىنىدىن كەلگەن مەدەنىيەت بۇلۇپ ،«قۇرئان»ۋە «ھەدىس»نىڭ مەنىۋىي يېتەكلىشى ۋە تەشەببۇسى ئاستىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىردە ئورتاق بەرپا قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان بىلىم قۇرۇلمىسى مول ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت. ئۇ جۇڭگو مەدەنىيتى،ھىندىستان مەدەنىيتى،گىرىتسىيە-رىم مەدەنىيتى بىلەن بىرلىكتەقەدىمكى دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئىسلام مەدەنىيتى يۇقىرقى قالغان ئۈچ مەدەنىيەتكە چوڭقۇرتەسىر كۆرسىتىپلا قالماي بەلكى دۇنيا مەدەنىيتىگە ئۇزۇنغىچە تەسر كۆرسەتكەن بۇلۇپ ،دۇنيا ئىدىيە تارىخ ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.
         ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئىككى چوڭ مەنبەسى بۇلۇپ بۇنىڭ بىرىنچىسى«قۇرئان» بۇلۇپ ئېتقاد،بەلگىلىمە،ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرۋە تەبىئى پەنلەر قاتارلىق تۆت چوڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىجتىمائى پەن قىسمى تارىخ،ئىنسان،ئائىلە،جەمىيئەت،پەلسەپە،پىسخولوگىيە،تىلشۇناسلىق،ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەرنى،تەبىئى پەنلەر بولسا ئاستىرونومىيە،جۇغراپىيە،تىبابەتچىلىك،بىئولوگىيە،ئۈسۈملۈك ئىلمى،دېڭىز -ئوكيان ئىلمى،تاغ جىنىسلىرى ئىلمىي قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىسلام مەدەنىيتىىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولسا«ھەدىس»بۇلۇپ ،مۇھەممەت ئەلەيھىسلامنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئىش ھەركەتلىرى خاتىرلەنگەن بۇلۇپ ھەدىسلەر بولسا قۇرئاننىىڭ يىشىپ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ئەمەلىيتى ھېسابلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ۋە بايان قىلىنغان مەسىلىلەر ناھايتى كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ.ھەدىس قۇرئاننى شىشىپ چۈشەندۈرۈشلا بۇلۇپ قالماي بەلكى سىياسەت،ئىقتىساد،ھەربىي ئىشلار،مەدەنىيەت،دىپلۇماتىيە،قانۇن تۈزۈم،مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمىيئەت ئەمەلىيتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەدىس بىلىم ئېگەللەشكە بەك ئەھمىيەت بەرگەن ،مەسىلەن:«بىلىم ئىگەللەش ئايال بولسۇن ياكى ئەر بولسۇن ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز»،«ئۆگىنىشنى بۈشۈكتىن باشلاپ تاكى قەبرىگە كىرگۈچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك»قاتارلىقلار.ئىسلام مەدەنىيتى مۇشۇ ئىككى مەنبەگە تاينىپ ئۆزگچە يېڭىلىققا ئىگە مەدەنىيەت سېستىمىسنى بەرپا قىلغان بۇلۇپ بۇلار تۆۋەندىكى تۆت ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
        بىرىنچى:دىنشۇناسلىق - قۇرئان ئىلمى،ئىلمي تەپسىر،ھەدىس ئىلمىي،تەۋھىد،فىقھى ئىلمىي،سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
        ئىككىنچى:پەلسەپە - تەبىئەت پەلسەپەسى،دىنىي پەلسەپە،لوگىكا ئىلمىي،ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.
       ئۈچىنچى:تەبىئى پەنلەر- ماتىماتىكا،ئاستىرونومىيە،تىبابەتچىلىك،يۇرۇقلۇق ئىلمىي،خېمىيە،دورىگەرلىك،فىزىكا ،تەجرىبە ئىلمىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
        تۆتىنچى:ئىجدىمائىي پەنلەر- تارىخ،جۇغراپىيە،سىياسى ئىقتىساد ئىلمي،جەمىيەت ئىلمىي،مائارىپ ئىلمىي،تىلشۇناسلىق،ئەدەبىيات،گۈزەل سەنئەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
       ئىسلام مەدەنىيتى ئوتتۇرا ئەسىردە يۇقارقى تەرەپلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.تۆۋەندە بۇھەقتە قسقىچە مىساللار ئارقىىق توختىلىمىز:
       1.ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى(تەجرىبە ئۇسۇلى): «قۇرئان»ۋە «ھەدىس»نىڭ ئىلھاملاندۇرىشى ئاستىدا مۇسۇلمانلار كۈزىتىش ۋە تەپەككۇرغا ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇپ بۇئارقىلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەل ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە مۇسۇلمانلار تۇنجى بۇلۇپ كۈزىتىش،تەجرىبە قىلىش،يىغىنچاقلاش،يەكۈن چىقىرش،خۇلاسىلەش قاتارلىق سېستىمىلىق ئۇسۇلنى قوللانغان.بۇ مۇكەممەل بولغان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى كىينكى دەۋرلەردە ياۋرۇپاغا تارقىلىپ تاكى ھازغىچە قوللىنىلماقتا.شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسى تەجرىبە ئىلمىي مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ.مۇسۇلمانلار ئەنگىلىيلىك روگىر باكون(1214-يىلى تۇغۇلۇپ 1294-ۋاپات بولغان ،ئەنگىلىينىڭ داڭلىق پەيلاسوپى،مىتاللورگىيەچىسى، فىرانسىسكان مۇناخى) تەجرىبە ئىلمىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن 3ئەسىر بۇرۇن بۇنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە قوللانغان. بۇ ھەقتە بېل لېيت«خاراكتىرنىڭ  يارىتىلىشى»دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«روگىر باكون ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىسىمداش بولغان فىرانسوس باكوننىڭ ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇلىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بۇلۇش سالاھىيتى يوق.روگىر باكون پەقەت ئىسلام پەنتېخنىكىسى ۋە ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇلىنى خرىستىيانلار يۇرتى بولغان ياۋرۇپاغا ئېلىپ كىرگەن كىشى ھېساپلىنىدۇ.ئۇ ئىلگىرى كەسكىنلىك بىلەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئەرەپ پەنتېخنىكىسنى ئۆگىنىش ھەقىقى ئىلىم ئىگەللەشنىڭ بىردىن بىرى يولى دىگەن.»ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى بولمىغان بولسا ھازىرقى زامان تەجرىبە ئىلمىي بولمىغان بولاتتى.ھازىرقى زامان پەنتېخنىكا نەجىللىرىدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.مۇسۇلمانلار بۇ ئۇسۇلنى بايقىدى ۋە توغرا ئىشلىتەلىدى.شۇڭلاشقا تەبىئى پەن ساھەسىدە نەچچە يۈز يىل دەۋر سۈردى.
         2.ماتىماتىكا:بۇ ساھەدە مۇسۇلمانلار تۇنجى بۇلۇپ «نۆل»نى ئىجاد قىلدى ھەمدە ھىندىستانلىقلارنىڭ رەقىمنى ۋە ئونلۇق سېستىمىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ ۋە تارقىتىپ ئالگىبرانى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ماتىماتىكىنىڭ مەخسۇس كەسپى قىلىپ ،ئالگىبرا،مەلۇم سان،نامەلۇم سان،يىلتىز،راتسىئونال سان،ئىراتسىئونال سان قاتارلىق ئالگىبرا ئۇقۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.ئۆلچەم گىئومىتىرىيسىدە مۇسۇلمانلار  سانلىق ئالگېبرانى ئىشلىتىپ سېتىمىلىق ھالدا كۇنۇس ئەگرى سىزىقىنىڭ سېخىمىلىق يىلتىزىنى تېپىش نەزىرىيسىنى ئوتتۇرغا قويدى.مۇسۇلمانلار يەنە چەمبەر تۇراقلىقىىنى ھېساپلاپ چىقتى.ئۈچبۇلۇڭ ئىلمىي جەھەتتە  تەكشىلىكتىكى ئۈچبۇلۇڭ ۋە چەمبەر يۈزى ئۈچبۈلۈڭ سېستىمىسىنى بەرپا قىلدى.ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە تانگىنىس،كوتانگىنىس،سىنوس ،كوسنوس،سېكانىس قاتارلىق ئۇقۇملارنى بەرپا قىلىپ ھازىرقى زامان ئالگىبراسى ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى.ئىنگىلىس ئۆزىنىڭ «تەبىئەت دېئالىكتىكىسى»دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق دىگەن:«ئەرەبلەر ئونلۇق سېستىمنى،ئالگىبرا ئاساسىنى،ھازىرقى زامان ماتىماتىكىسى ۋە مىتاللورگىيە تېخنىكىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى؛ئەكسىچە خىرىستىيان دۇنياسى بولغان ياۋرۇپادىن ئوتتۇرا ئەسىردىن بۈگۈنگە ھېچنىمە يىتىپ كەلمىدى.»تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئېنگىلىز تىلىدىكى ئالگورىزىم(ھېسابلاش ئۇسۇلى)،ئالگېبرا،نۆل،لوگارىفما،ئىراتسئونال يىلتىز،سىنوس قاتارلىق ئاتالغۇلارنى مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان بۇلۇپ  ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب تىلىنىڭ تاۋۇش تەلەپپۇزى بۇيىچە ئىنگىلىزلار قۇبۇل قىلىنغان.ئۇنڭدىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ساننى ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتايدۇ.بۇنىڭدىنمۇ مۇسۇلمانلارنى ماتىماتىكىغا قوشقان تۆھپىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنڭ داڭلىق ماتىماتىكا ئالىمى خارەزىمى(780-850) ئۆزىنىڭ «ئالگېبرا»دىگەن كىتابى 12-ئەسىردە لاتىنچىغا تەرجىمەقىلىنىپ ياۋرۇپادىكى ئالى مەكتەپلەردە نەچچە ئەسىرگىچە مۇھىم ماتىماتىكا دەرسلىكى قىلىنغان. ئېنگىز،نېمىس،ئىسپان ۋە باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدا ماتىماتىكاقاتارلق ئاتالغۇلارنىڭ ناملىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
3.ئاستورونومىيە:ئاستىرونومىيە ساھەسىدە مۇسۇلمان ئاستىرونومىيە ئالىمى تۇنجى بۇلۇپ يەر شارىنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى ،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە دېڭىز تاشقىنى بىلەن ئاينىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.مۇسۇلمانلار تولومىىڭ يەر مەركەز تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭدىكى كەڭلىك يانتۇلۇق بۇلۇڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن.يەر شارىنىڭ رادىئوسى ۋە ھەجىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاپ چىققان.ئاستىراونومىيە سائىتى ۋە توغرا كالىندارنى بېكىتىپ چىققان.قۇياش سېستىمىسدا بايقالغان سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان ھەمدە بۇ سەييارىلەر ۋە 300دەك ئالەم جىسمىنىڭ ئىسمىنى بېكىتىپ چىققان. ئېنگىلىس تىلىدىكى earth(يەنى يەرشارى)دىگەندەك نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى مۇسۇلمانلار قويغان بۇلۇپ ئېنگىلىزلار ئەرەپ تىلى تاۋۇش تەلەپپۇزى ئاساسىدا قۇبۇل قىلغان .كالىندار تۇرغۇزۇش جەھەتتە مۇسۇلمانلار،يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنپ چىقىشى ئۈچۈن 365كۈن كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان.بۇ ۋاقىتتنىڭ 80مىڭ يىلدا بىر كۈن پەرق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن.ئىسلام ئاستىرونومىيە بىلىملىرى ياۋرۇپاغا تارقالغاندىن كىيىن ياۋرۇپانىڭ ئاستىرونومىيە تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.كوپىرنىك قاتارلىق غەرب ئاستىرونومىيە ئالىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاستىرونومىيە تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن پايدىلانغان .گىرمانىيەلىك داڭلىق شەرقشۇناس سىگىرت خوڭكى ئۆزىنڭ «ئەرەبلەر قۇياشى غەربنى يۇرۇتتى »دىگەن كىتابىدا «ئاستىرونومىيە ساھەسىگە ھەقىقى تۆھپە قوشقۇچى گىرىتسىيەلىكلەر ئەمەس،ھىندىستانلىقلار مۇ ئەمەس،بەلكى ئەرەبلەردۇر.پەقەت شۇلارلار بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ»دەپ يازغان.مۇسۇلمان ئاستىرونومىيە ئالىملىرىدىن بىرۇنى(973-1050)،ئىبىن .يۇنۇس(950-1008)قاتارلىقلار بار.تىلغا ئېىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئىنسانلار بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىۋاتقان تەۋرىنىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ۋاقىت خاتىرلەيدىغان ماياتنىك سائەتنى دەل ئىبىن يۇنۇس كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاستىرونومىيە ساھەسدىكى مەشھۇرئەسىرى«ھاكىم يىلنامسى»نىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايتى زور.بۇ تەتقىقاتلار كىيىنكى دەۋرلەردە گالىلىي ۋە نىيۇتۇننىڭ شانلىق نەتىجە قازىنىشىغا ئاساس بولغان.ھەمدە بۇنەتىجىلەر 1267-يىلى يۆەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەملىكىتىمزگە كىرىپ مۇسۇلمانلار كالىندارى جۇڭغا تارقىلىشقا باشلىغان.تاكى چىڭ سۇلالىسىگىچە تەسىر ىنى يوقاتمىغان.
        4.تىبابەتچىلىك:سىگىرت خوڭكى «ئەرەبلەرقۇياشى ياۋرۇپانى يۇرۇتتى»دىگەن ئەسىرىدە:«600يىل ئىلگىرى پارىژ تىببى ئىنىستوتىدا بىر كىچىك كۈتۈپخانا بار بۇلۇپ پەقەت بىرلا ئەسەر ساقلانغان.بۇ ئەسەر بولسا مەشھۇر ئەرەب تىببى ئالىمى ئىبىنسىنانىڭ ئەسىرى ئىدى. بۇ ئۇلۇغ ئەربابنى خاتىرلەش ئۈچۈن پارىژ تىببى ئىنىستۇتىنىڭ چوڭ زالىدا ئۇنڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان.»دەپ يازغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تىببى ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى پۈتكۈل دۇنياغا داڭلىق.ئۇلار تىبابەتچىلىكنى تۈرلەرگە ئايرىغان بۇلۇپ قان ئايلىنىش نەزىرىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە ھەرقايسى بۈلۈملەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى،پاتالوگىيسى،كېلىنكا،دىئاگنوز قۇيۇپ داۋالاش،دورا قاتارلىق جەھەتتە يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان.تاشقى بۈلۈم،كۆز بۈلۈمى،نېرۋا كسەللىكلىرى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر قاتارلىق جەھەتتە ھازىرقى زامان تىباتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كېلىنكا تەجرىبىسى ۋە نەزىيە ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ئىسپىرت،دېزىنفىكسىيە قىلىش  ۋە مەس قىلىشنى بىلگەن.ئۇلار يەنە سۈزمەك،دىستىرلاش،چۆكمە ،كىرىستاللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ ئازوت كېسلاتاسى،سىنىك ،ئىسپىرت ،ناترىي نىترا ت تېشى قاتارلىقلارنى بايقىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تىببى ساھەدىكى مەشھۇر ئالىملىرىدىن ئىبىنسىنا،راتسىي،ئەبۇ ئەل قاسىم ئەل زەخراۋى ،ئىبىن مەيمىڭ ماتارلىقلار بار.ئۇلارنىڭ تىببى ئەسەرلىرىنى غەرب دۇنياسى نەچچە ئەسىرگىچە دەرسلىك كىتاب قىلىپ ئىشلەتكەن.
        5.يۇرۇقلۇق ئىلمى: مۇسۇلمانلار ھىراكلىت ۋە تولومى نىڭ خاتا قارىشنى ئىنكار قىلىپ ،يۇرۇقلۇق كۈرۈۋاتقان جىسمدىن كەلگەن،يۇرۇقلۇق شارسىمان دولقۇن شەكلىدە يۇرۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىمدىن تارقىلىپ چىققان دەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ يۇرۇقلۇقنىڭ قايتىش ۋە سۇنۇش قانۇنىنى يەكۈنلەپ چىققان.گىرىتسيە ئالىملىرىنىڭ كۆز يۇرۇقلۇق چىقىرىدۇ دىگەن خاتا قارشىنى تۈزەتكەن. ئەرەب يۇرۇقلۇقئ ئىلمىي ئالىمى ئىبىن ھېسام يۇرۇقلۇق ئىلمى ئاتىسى دەپ ئاتالغان بۇلۇپ ئۇ يازغان«ئوپتىك ئەينەك»دىگەن ئەسىرى دۇنيادا تۇنجى بۇلۇپ يۇرۇقلۇق ئىلمىي ساھەسىدە يېزىلغان ئەسەر بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
        6.خېمىيە:خېمىيە ساھەسىدە مۇسۇلمانلار قەدىمكى مىتال تاۋلاش تېخنىسىكى بىلەن خېمىيەنى بىرلەشتۈرۈپ مىتاللار مەلۇم مۇھىت ئارقلىق بىربىرىگە ئايلىنالايدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان.مىتاللارنىڭ ئىرىشى،ساپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ قوللىنىشچان خمىيەنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. ھەمدە خېمىيە تەجرىبە سايمانلىرنى سولفات كېسلاتاسى ،تۇز كېسلاتاسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.دىستىللاش،سۇبلىماتسىيە ،كىرىستاللارنىڭ ئىرىشى قاتارلىقلار بىر قاتار خمىيەلىك رىئاكسىيەلرنى ئىشلەپ يېقىنقى زامان خىمىيەسنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
        7.كۈچ ئىلمىي: مۇسۇلمانلار پارابولانىڭ ھەركىتى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ،ھەركەت ئېنىرگىيە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان.جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئىككىسىنىڭ فونكىسيىلىك مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىكەنلىگىنى ئوتتۇر غا قۇيۇپ كىلاسسك كۈچ ئىلمىنىڭ بارلىققا كىلىشگە ئاساس سالغان. مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئى پەنلەر ساھەسىدىكى تۆھپىسى ناھايتى زور.ئۇلار ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. يۇقىرىدا پەقەت ئاز بىر قسىمىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم.مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئى پەن ساھەسىدە يازغان كىتابلىرى غەربلىكلەرنىڭ نەچچە ئەسىرگىچە دەرسىلىك كىتابى بۇلۇپ كەلگەن.ئۇندىن باشقا جۇڭلۇلۇقلار كەشىپ قىلغان تۆت چوڭ كەشپىياتنى پۈتكۈل دۇنياغا ئۇمۇملاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان.
   ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە كىرس قۇشۇنىنىڭ توختىماي پاراكەندىچىلىك سېلىشى،چىڭگىز خاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى قاتارلىق بىرقاتار ئۇرۇشلاردىن كىيىن ئاغدۇرۇلغان ئەرەب ئېمپىريىسىدىن كىيىن ئىسلام مەدەنىيتى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاجىزلاپ ماڭغان. گەرچە ئىسلام مەدەنىيتى شۇنداق ۋەيران قلىغان بولسىمۇ لىكىن بۇ بۈيۈك ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسغا ئاساس سالغان مەدەنىيەتنى غەربلىكلەر ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە ئۇزۇنغىچە غەرب دۇنياسىدا پۇت تىرەپ ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئامرىكا ھازىرقى زامان شەرقشۇناسى سىتى ئۆزىنىڭ «ئەرەب تارىخى»دىگەن ئەسىرىدە«8-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا مۇسۇلمانلار پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگۈچىلەر بولدى.بۇ مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنشى بولالىدى»دەپ يازغان.بىلفۇت«پەن تېخنىكا بولسا مۇسۇلمانلار نىڭ بۈگۈنكى دۇنياغا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسى »دەپ يازغان.ئامرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون«پۇرسەت تۇتۇش»دىگەن كىتابىدا«ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىردە بېكىنمە قاراڭغۇلۇق ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا ،ئىسلام مەدەنىيتى ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتىۋالدى.ئۇمۇمەن بارلىق ساھەلەردىكى بۈسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى مۇشۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار بارلىققا كەلتۈردى.ياۋرۇپادا ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى باشلىنىپ بىلىم ئىگەللەش ۋە تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ۋاقىتتا ئۇلار نىڭ بۇنداق يىراقنى كۆرەلىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدەك گىگانتلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىدىندۇر »دەپ يازغان.بۇ ھەقتە يەنە تورداشلارنى ئەنگىلىيە تارىخشۇناسى بونارد لۇيىسنىڭ «مۇسۇلمانلار ياۋرۇپانى بايقىدى»،ئامرىكا تارىخشۇناسى جوناسىن لويىسنىڭ «ئەقىل پاراسەت ئوردىسى- ئەربلەر غەرب مەدەنىيتىنى قانداق ئۆزگەرتتى»دىگەن كىتابىنى كۈرۈپ بېقىشنى ئۈمۈد قلىمەن.
        ئىسلام مەدەنىيتنى ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق گۈللەنگەن ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسىغا ئاساس سالغان بۈيۈك مەدەنىيەت ئىدى.بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. غەربنىڭ بۈ سۈپ كىرىشى ،مەزھەپچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار تەسىرىدە ئۇزۇن مەگىل ئۈزلۈكسىز گۈللەنگەن تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆزىنىڭ تەسىرنى كۆرسەتكەن ئىسلام مەدەنىيتى يېقىنقى يۈز يىلدا خاراپلىققا يۈزلەندى. ئىنسانىيەت دۇنياسىدامۇشۇنداق مەدەنىيەت بۈشۈكلىرى دائىم ئالمىشىپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز بولسا ھازىرنى كۈرۈپ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.پۈتۈن زېھنىمىزنى ئىلىم ئېرپان ئۆگىنىشكە قارىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىركىشلىلك ھەسسىمىزنى قۇشۇشىمىز كېرەك.مۇنبەردە مۇشۇ ھەقتە نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەرنى بايقىغان بولغاچقا كۆپچىلىك ئورتاق بەھرىرلەنسۇن دەپ بۇ تارىخنى تەرجىمە قىلىپ توپلاپ يېزىپ چىقتىم.كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قۇبۇل قىلىپ بىلم ئېگەللەشنىڭ مۇھىملىقىنى بالدۇر ھېس قىلىپ ۋاقتىمىزنى ئۆز ئارا قۇرۇق ئىشلاردا مۇنازىرە قىلشقا قاراتماي،بىلىم ئۆگىنىشكە يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

327

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   13.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30267
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 20:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت.بىلىۋالدۇق.مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى وكۇيدىغان ادەم چىقماپتۇيا؟مەندىن باشقا.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1422

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19948
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 23:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىرىدىشىم ،،،، نادىرلاشقا ئەرزۇگىدەك تىما ئىكەن ،،،، مۇشۇنداق پاكىتنى كۇرۇپ تۇرۇپ يەنە بىرسۇئالنى بىرنەچچە ئسىم بىلەن ھارماي تالماي   سۇئال سۇراپ تىمىنى پىتىغدايدىغانلار چىقىشى مۇمكىن،،،

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 05:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنەيلى

0

تېما

4

دوست

1289

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27377
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 19:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى يېزىلغان تىما . نادىرلاشقا ئەرزىيدۇ .  رەخمەت  قىرىندىشىم  تېخىمۇ  تىرشىڭ .

2

تېما

0

دوست

7134

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1672
توردىكى ۋاقتى: 965
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 19:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرپ باسقان قول ئىگىسىنى ئىگىسى فىردەۋس جەننەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلىسۇن،كۆپ تەشەككۈر.

0

تېما

4

دوست

1289

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27377
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 19:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABDILKERIM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 20:12  

            ئىسلام ئاستىرونومىيە بىلىملىرى ياۋرۇپاغا تارقالغاندىن كىيىن ياۋرۇپانىڭ ئاستىرونومىيە تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.كوپىرنىك قاتارلىق غەرب ئاستىرونومىيە ئالىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاستىرونومىيە تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن پايدىلانغان .گىرمانىيەلىك داڭلىق شەرقشۇناس سىگىرت خوڭكى ئۆزىنڭ «ئەرەبلەر قۇياشى غەربنى يۇرۇتتى »دىگەن كىتابىدا «ئاستىرونومىيە ساھەسىگە ھەقىقى تۆھپە قوشقۇچى گىرىتسىيەلىكلەر ئەمەس،ھىندىستانلىقلار مۇ ئەمەس،بەلكى ئەرەبلەردۇر.پەقەت شۇلارلار بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ»دەپ يازغان.مۇسۇلمان ئاستىرونومىيە ئالىملىرىدىن بىرۇنى(973-1050)،ئىبىن .يۇنۇس(950-1008)قاتارلىقلار بار.تىلغا ئېىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئىنسانلار بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىۋاتقان تەۋرىنىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ۋاقىت خاتىرلەيدىغان ماياتنىك سائەتنى دەل ئىىن يۇنۇس كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاستىرونومىيە ساھەسدىكى مەشھۇرئەسىرى«ھاكىم يىلنامسى»نىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايتى زور.بۇ تەتقىقاتلار كىيىنكى دەۋرلەردە گالىلىي ۋە نىيۇتۇننىڭ شانلىق نەتىجە قازىنىشىغا ئاساس بولغان.ھەمدە بۇنەتىجىلەر 1267-يىلى يۆەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەملىكىتىمزگە كىرىپ مۇسۇلمانلار كالىندارى جۇڭغا تارقىلىشقا باشلىغان.تاكى چىڭ سۇلالىسىگىچە تەسىر ىنى يوقاتمىغان.

------------------------
       بۇلۇپمۇ  ماۋۇ  قۇرلانىڭ   ئاساسى  بەكلا  كوچلۇك .  بىزدە  بىرخىل  ئىلىم بولدىغان .     ( يەنى  ئىلمى  نۇجۇم ) .   بەزىلەر  بۇ  ئىلىمغا  سېھرى  ئارلىشىپ  كەتكەن دەيدۇ .  يەنە  بەزىلەر   بۇ ئەسلى  بىر  ئاستىرونومىيە  ئىلمىدى  دەيدۇ . مىنىڭ  بىلىشىمچە  ئىلمى  نۇجۇم    ئاسمان جىسىملىرنىڭ ( يۇلتۇزلانىڭ )  ئورنىنى  بىلىشكە ، ھەم ئۇلاغا ئىسىم قۇيۇشقا ،  ئاشۇلانىڭ ئورنىغا قاراپ ۋاقىت بەلگىلەشنى تەتقىت  قىلدىغان بىرخىل ئىلىم .   بۇ  ئىلىمنىڭ  ھازىرقى ئاستىرونومىيە  ئىلمىغا قوشقان توھپىسى  خىلىلا كوپ دەپ قارايمەن .

0

تېما

0

دوست

100

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15601
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام دىنىغا بولغان ئىلمى پاكىتلار قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ....ئىسلام دىن ئاللاھنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتلىرى خۇددى قۇياشنىڭ ئۆزىدەكلام ئوچۇق!ئەمما ئىنسانلار قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقىنى ھېس قىلش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ...قۇياشنىڭ ئۆزىنى قەستەنگە كۆرمەسلىككە سالىدۇ ۋە ياكى كۆرمەيدۇ ۋە ياكى ئۇلۇغ ئاللاھىم كۆرەلمەس قىلىۋەتكەنلەردۇر...سۇنھەنەللاھ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )