تارىخقا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ بويتاقلار ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر (ت) ئۇلۇغ ئالىم نىيۇتون ئىنسانىيەتنىڭ كىلاسسىك مىخانىكا ئىلمىغا تۆھبە قوشۇش يولىدا ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نىيۇتوننىڭ بىر ساھىبجامالغا كۆڭلى چۈشكەن، ئەمما ئۇ ئىلىم – پەن تەتقىقاتىغا بەكلا كىرىشىپ كەتكەچكە، يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالغان، شۇنداق قىلىپ بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن.
بېتخوۋىننىڭ پىشانىسى بىر ئۆمۈر تەتۈر بولغان، ئۇ نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قىران چاغلىرىدىلا گاس بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياخشى كۆرگەن قىز باشقىلارغا تېگىۋالغان، نەتىجىدە، بېتخوۋىن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلۇغ بويتاققا ئايلانغان. مۇھەببەتتە زەربىگە ئۇچراش بەلكىم بېتخوۋىننىڭ «ئايدىڭ مۇزىكىسى»، «ئەلىسكە» قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
نوبىل گەرچە باي ھەم كېلىشكەن يىگىت بولسىمۇ، بويتاق ئۆتكەن. ئۇ بىر قاتار پارتلاتقۇچ دورىلىرىنىڭ پاتنېتىغا تايىنىپ، ياۋورپادىكى دۆلەت خەزىنىسى بىلەن تەڭلىشەيلەيدىغان بايلىققا ئىگە پۇلدار شەخسكە ئايلانغان، ئەمما نوبېل ياخشى كۆرگەن قىزلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭغا نەزەر كۆزىنى سالمىغان. بەلكىم قىزلارنىڭ نوبىلغا ياتلىق بولۇشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب «ئۇنىڭ خىزمىتى تولىمۇ خەتەرلىك، ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ» دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. قارىغاندا، پۇلدار بولۇشقا تايىنىپلا بوياتقلىقتىن خوشلاشقىلى بولمىسا كېرەك.
جۇڭگونىڭ ئەڭ مەشھۇر بويتاق پەيلاسوپى جىن يۆلىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇغان مەشھۇر ئالىم، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسورى بولغان، جىن يۆلىننىڭ شارائىتىنى ئىنتايىن ياخشى دېيشكە بولاتتى، ئەمما ئۇ ياخشى كۆرگەن «تالانتلىق قىز» لىن خۇييىن قۇرۇلۇش ئېنژىنېرى لياڭ سىچېڭغا تېگىۋالغان. لىن خۇييىن بىلەن لىياڭ سىچېڭ تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن ئاۋۋالقىدەكلا يېقىن ئالاقىدە بولغان. لىن خۇييىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، لياڭ سىچېڭ قايتا ئۆيلەنگەن، ئەمما جىن يۆلىن قەلبىدىكى بىردىنبىر سۆيگىنىگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بويتاق ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەربابلار ئارىسىدا ئاياللارمۇ بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅠدۇر، ئۇ بىر ئۆمۈر توي قىلمىغاچقا «يۈزى ئېچىلمىغان ئايال پادىشاھ» دەپ نام ئالغان. ئېلزابىتⅠگەرچە توي قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەنگىلىيە ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئالتۇن دەۋرنى ياراتقان.
«ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئەنگىلىيەنىڭ رومان يازغۇچىسى جېن ئاستېنمۇ ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن، ئۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەن تۇنجى سۆيگىنى بىلەن تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان، بىراق ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ قارىشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئۇ سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن چەكسىز ئازابلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرىنى ئىجادىيەتكە ئاتىغان، پورەكلەپ ئېچىلغان بىر دەستە گۈلنىڭ ۋاقىتسىز توزۇشى كىشىلەرنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|