- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
«مۆجىزە» ۋەنادانلىق
(باھادىر يىگىت)
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى توردا بولسۇن ئارىلاپ «مۆجىزە»دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا بۇنداق گەپلەر كۆپ بولمىسۇ لىكىن ئانچە مۇنچە ئۇچراپ تۇرىدۇ.بىر چاغلاردا «مەككىدىكى پەرىشتە»دىگەن فىلىم ئوت بۇلۇپ كىتىپتۇ.بۇنى كۈرۈپ كۈلگۈم كەلدى.چۈنكى ياراتقۇچى قۇرئاندا ھەممىنى ئېنىق دىگەن تۇرسا يەنە بۈگۈنكى كۈندە غەيپنى ئىنسانغا ئاشۇنداق ئۇچۇق بىلدۈرەرمۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش بىرقانچە مىساللار بېشىمدىن ئۆتتى. شۇڭا بۇھەقتە بىرنىمە يازغىم كەلدى.
مۆجىزە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلىشى ئۇيغۇرلاردىكى نادانلىقنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسى.بىلىم ئېگەللەشكە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەننىڭ ئىپادىسى. چۈنكى بىلىملىك ئىنسان ھەرقانداق غەيرى زاماندىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى بايقىغاندا ئۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەپككۇرغا چۈشىدۇ،نادان ئىنسان بولسا ياقىسى تۇتۇپ ئاللا بىرنىمىلەرنى دەپ ئاغزىنى ئېچىپ قالىدۇ.بۇنداق ئىش ئۇيغۇرلارغىلا خاس ئەمەس بەلكى ھەممە مىللەتتە مەۋجۈت .يەنى نادانلىق بىلەن ساپالىقنىڭ پەرقى خالاس.دۇنيا ماشىنا ئاتىسى دەپ ئاتالغان گېرمانىيلىك كار بېنىز 1885-يىلى تۇنجى ماشىنى ياساپ چىققاندا ئۆزى ھەيدەپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان .چۈنكى كىشىلەرنىڭ گېپىدىن قورققان.شۇنىڭ بىلەن ئايالى باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ئىككى ئوغلى بىلەن ئېرىگە ۋاكالىتەن بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ماشىنىنى ھايداپ 100كىلومىتىر مۇساپە يۈرگەن.يول بويىدە ماي تۇگەپ بىر دۇكاندىن بېنزىن سېتىۋالغان ،بۇ دۇكان تارىختا تۇنجى ماي قاچىلاش پونكىتى دەپ ئاتالغان. ئۇلار بۇ يۈز كىلومىتىر يولنى بېسىش جەريانىدا يول بويى ئۇچرىغانلىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھايدىۋالغان ماشىنسىنى كۈرۈپ ھاڭ تاڭ قالغان،بەزىلەر قېچىشقان،بەزىلەر ئېتى كۈرۈنمەيدىغان ھارۋائىكەن دىگەن،يەنە بەزىلەر ئۆزى ماڭىدىغان ھارۋىكەن دىگەن.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي قورقۇنۇچ پەيدا بولغان.بۇمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپادا ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.دىيارىمىزغىمۇ تۇنجى ماشىنا كىرگەندە دېھقانلار ئوت سېلىپ بەرگەن ئىكەن.
بۇ مىساللاردىن شۇنى كۈرۈشقا بولىدىكى پەقەت نادانلىق ئاشۇنداق تۈگىمەس مۆجىزىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئەقىلنى بەرگەن.مەيلى جانلىقلار بولسۇن ۋە مەيلى جانسىز نەرسىلەر بولسۇن ھەممىسى مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە يارىتىلغان.دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۈدات ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان.شۇڭا ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنسان بۇنداق زامان ھالقىغان نورمال تۇرمۇشتىن ھالقىغان ئىشلارغا يۇلۇققاندا ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن پايدىلنىشقا تىرىشىش كېرەك.14-ئەسىر دە ياۋرۇپادا بىر كىشى ئورمانلىقتا كىتىۋىتىپ بىر غايەت زور پاقا نەسلىنى بايقىغان ،ئەجەبلىنەرلىكى بۇ پاقىنى تۇتقانلىكى ئادەم تىترەپ بولالماي قالىدىكەن.شۇنىڭدىن كىيىن بۇ پاقىنىڭ نامى ئادەم سوقىدىغان خىسلەتلىك پاقا دەپ ئاتالغان.لىكىن كىيىن بىرەيلەن چىقىپ ئۇنى تەتقىق قىلغان.ھەرخىل نەرسىلەرنى تەككۈزۈپ بېقىپ پەقەت تۈمۈر تەككەندىلا ئادەم تېپىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىقىپ «تۈمۈر تەككەندە ئادەم تېپىدىغان پاقا»دەپ نام بەرگەن ئىكەن.بۇ دەل ئىنسانلارنىڭ توكنى بايقىشىغاتۈرتكە بولغان. بۇنداق مىساللا كۆپ.ھازىرقى تېلىفۇن،ماشنا،ئايرۇپىلان ھەممىسى بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەر ئۈچۈن مۆجىزە.چۈنكى چۈشىنىپ بولالمايدۇ. بۇ كارامەت بىلەن يارىتىلغان دۇنياغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قاراش كېرەك.مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى.ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئېگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ«رەببىڭلار پاشا چاغلىق نەرسىنى مىسال قىلىپ سۆزلەشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ»دىگەن. پاشنىڭ قانچىلىك ھەيران قالايلىق تۈزۈلۈشتە يارىتىلغانلىقنى ئىزدىنىپ كۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. شۇڭا دەيدىغىنىم پۈتكۈل كائىنات ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى،ئەقىل پاراسەتلىك مەخلۇق قىلىپ ياراتقان ئىساننىڭ ئېچىشى پايدىلىنىش ئۈچۈن ياراتقان بويسۇندۇرۇپ بەرگەن مۆجىزىسى.ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىلىم ئېگەللەپ ياراتقۇچىنىڭ بۇ مۆجىزىلىك قانۇنىيەتلىرىنىڭ سىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ زىمىننى ئاۋاتلاشتۇرىشىمىز كېرەك.مۇنبەردە ۋە تۇرمۇشىمىزدا قۇرۇق ئىشلار بىلەن قالماي ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ تەپەككۇر قىلىشقا دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرنى تەپەككۇر قىلىشقا پۈتۈن زېھنىمىزنى بىرىشىمىز كېرەك. |
|