گىرمانلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ
گىرمانىيەدەتۇرغىنىمغىمۇ ئۇزاق يىل بولدى، ھەر قېتىم گىرمانلار بىلەن گېتلىر ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياكى گىرمانىيە سىياسىتى توغىرىسىدا پاراڭلاشقىنىمدا، گىرمانلارئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن ئەجدادلىرىنىڭ خاتالىقىنى شۇنداقلا تارىخىي سەۋەنلىكىنى ئېتراپ قىلاتتى. ئۇلاردا قىلچىلىكمۇ يوشۇرۇش پىسخىكىسى بولمىغاچقا،يەنىمۇئىنچىكىلەپ سوراشتىن كىشى بىئەپ ھېس قىلاتتى. مەن يولدىشىمنى مىسالغا ئالسام، مېنىڭ يولدىشىم ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدىنلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلارئەزەلدىن دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ باقمىغان، بىراق ھەرقېتىم بۇ تارىخىي ۋەقە تىلغائېلىنسىلا ئۇلار ھەممىسى شۇنچىلىك خىجىللىق ھېس قىلىدۇ. ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى ئەيىپلەش ھېسىياتى ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىن كەلگەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گىرمانلاردائىزچىل ئۆزىنى ئەيىپلەش ھېسىياتى بولۇپ كەلگەن، شۇڭا گىرمانلار ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ كەلدى،ئۇلار ئەزەلدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك توغىرىسىدا چوڭ سۆزلىمەيدۇ، ھەتتا «ئامما» دېگەن سۆزنىمۇ ئاسانلىقچە ئىشلەتمەيدۇ ،مەسىلەن:ئاممىۋى ناخشا-ئۇسسۇل ،ئاممىۋى پائالىيەت، ئاممىۋى سەنئەت قاتارلىق سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتمەيدۇ، بۇ سۆز پەقەت بىرماركىدىلا كۆپ قوللىنىلىدۇ، بۇ ماركا دەل« volkswagen » (大众) ئاپتوموبىلى، چۈنكى ئىككىنچى دۇنيائۇرۇشى مەزگىلىدە گېتلىر بۇ سۆزنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن ھەم پايدىلانغان، شۇڭا نەچچەئون يىلدىن كېيىنكى گىرمانلار بۇ سۆزنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپقالدى.
گىرمانلار ئاسانلىقچە توپلىشىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك توغىرىسىدا چۇقان سالمايدۇ.ئۇلارنىڭ دۆلەت شېئىرىمۇ 2006 -يىللىق دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسى گىرمانىيەدەئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن باشقىدىن مودا بولۇشقا باشلىغان، پەقەت دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ياكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتىلا گىرمانىيە دۆلەت بايرىقى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگەئېسىلىدۇ. ئۇنداقتا گىرمانلار ۋەتىنىنى سۆيمەمدىغاندۇ؟
گىرمانلار ۋەتىنىنى ئىنتايىن سۆيىدۇ. ئەمما گىرمانلار ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ئاغزىدىلا داۋراڭ سالمايدۇ.مەسىلەن: سىز گىرمانلاردىن دۆلىتىڭلار ياخشى ئەمەس، دۆلىتىڭلارنىڭ تۈزۈمى ياكىھۆكۈمىتى ياخشى ئەمەس دېگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار ھەرگىز ئۆپكىدەك قىزىرىپ، ئۆزىنى ئاقلىمايدۇ، سىز بىلەن ئۈستۈنلۈكمۇ تالاشمايدۇ، ئۇلار پەقەت ھەيرانلىق نەزىرىدەسىزگە قاراپ غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ. ئەمما ھەرگىزمۇ سىز بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش روھىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ دە-تالاش قىلمايدۇ.بەزى ۋاقىتتا بىر گىرمان مۆتىۋىرى سىز بىلەن بىرلىكتە ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىئونى ياكى باج تۈزۈلمىسىنى ئەيىپلىيەلەيدۇ.
گىرمانىيە مەكتەپلىرىدە بالىلار دۆلەت شېئىرلىرىنى بەك ئاز ئېيتىدۇ،«بىز گىرمانلارنىڭ روھى، بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىزنىڭ مىللىتىمىز» دېگەندەك سۆزلەرنى ناھايىتى ئازئىشلىتىدۇ ، چوڭ يىغىلىشلار بولسىمۇ ئازراقلا غىڭشىپ قويىدۇ. چۈنكى گىرمانلار«تەرتىپنى ساقلاش» دېگەن سۆزنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇلار: بىز گىرمانلار قانۇن-تۈزۈمگە،ۋاقىتقا، قاتناش قائىدىسىگە، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى بىز قەدىمكى گىرمانلارنىڭ ئەۋلادى، بىز گىرمانلارنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك- دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار گىرمانلار روھىنى ناھايىتى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. گىرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدەدېگۈدەك بېتخوۋېن، شېلې، شوپىنخاۋېر قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەر نامىدىكى كوچىلاربار، چۈنكى ئۇلار گىرمانلارنىڭ ئىپتىخارى. ھەرۋاقىت گىرمانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
گىرمانىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئېنگىلىزتىلى، فىرانسوز تىلى، لاتىنتىلى، ئىسپان تىلى ئۆگىنىشى كېرەك، بىراق گىرمانلار باشتىن-ئاخىر گىرمان تىلىنىدۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىل دەپ قارايدۇ.چۈنكى بۇ تىل گىيوتى، شوپىنخاۋېر، ئېينىشتىيىن، ماركىس قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرنىبارلىققا كەلتۈردى. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ تىلىدىن ئىنتايىن مەغرورلۇق ھېسقىلىدۇ.
گىرمانىيە 2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولدى،گىرمانىيەلىك توپ مەستانىلىرى خوشاللىققا چۆمدى، بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچەئۆز دۆلەت كوماندىسى مۇتلەق چىمپىيۇن بولۇشى كېرەك دەپ قارىمايدۇ، ئۇلار ناھايىتى ئاقىلانىلىك بىلەن بۇ پەقەت بىرمەيدان توپ مۇسابىقىسى، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئويلايدۇ. 2012-يىللىق لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە گىرمانىيە ماھىرلىرىنىڭ ئالغان مۇكاپات سانى كۆپ ئەمەس، بىراق گىرمانلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش روھى ۋەئۇلارنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان قىزىقىشى شۇنداقلا تەنتەربىيە ساھەسىدىكىكۈچلۈكلىكىنى ئادەتتىكى دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.مۇسابىقىلەردىمۇبۇنى ئىسپاتلاش ھاجەتسىز. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەمەس، بەلكى شەخسىي قىزىقىش ئاساسىدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرۈپ قاتنىشىشى خالاس. گىرمانلار ناھايىتى ياخشى بولغان پاراۋانلىق سىياسىتى ئاستىدا، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيدۇ، ھەمدە ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان دۆلەت سىياسىي زىددىيەتلىرىگەئارلىشىپ،ئۇرۇپ-چېقىپ نامايىش قىلىدىغان، «گىرمانلار ياشىسۇن!» دەپ غەۋغاسالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. گىرمانلارنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەت بىر مۇلازىمەت ئورگىنى. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ باج كىرىمى ،كۈتۈنۈش-سۇغۇرتا پۇلى قاتارلىق تۈپ مەنپەتىگە تەسىر يەتكۈزگەندىلا ئاندىن بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكلىشىدەنامايىش قىلىدۇ.
بەلكىم مېنىڭ بۇ يازغانلىرىم باشقىلارغا مەن گىرمانلارنى مەدھىيلىگەندەك تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن، بىراق مېنىڭ مۇنداق مەقسىتىم يوق. مەن پەقەت بىر مىللەت چوقۇم ئەقىل-ئىدراكلىك بولۇشى، تارىختىن ساۋاق ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتمەكچى.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئازاپ-ئوقۇبەت گىرمانلارغا قانداق ئادەم بولۇش،قانداق دۆلەت قۇرۇشنى ئۆگەتتى. ئۇلار يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدەباي،قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى، بۇ دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى داغدۇغىلىق ھالدائىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى چوڭ ۋەزىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاقىلانە بولىدۇ،ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقىي ئۆزى بولۇش گىرمانلارنىڭ روھىنى ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقنىڭ ئىپادىسى. شۇڭا پۈتۈن دۇنيا «گىرمانىيەدە ئىشلەنگەن» دېگەن سۆزگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەستايىدىل، لەۋزىدە تۇرىدۇ، سۈپەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. مانا بۇگىرمانلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ، مىللەت غورۇرى !
|