قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5955|ئىنكاس: 45

باركۆل قازاقلىرىنىڭ قاباھەتلىك تارىخى(تەرجىمە ماقالە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

390

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20359
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 20:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركۆل قازاقلىرىنىڭ قاباھەتلىك تارىخى(تەرجىمە ماقالە)


选自李学明著《汉韵胡风巴里坤》付学娟汇总整理
    يېقىندا خەنزوچە قومۇل گېزىتىنى (2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانى)ۋاراقلاۋېتىپ،ئۇشبۇ تېمىدىكى ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،بۇنىڭدىن بۇرۇن قومۇل باركۆلدىكى قازاقلىرىمىزنىڭ قومۇلغا قاچان قەيەردىن كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغانلىغى توغرىلىق نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرگەن بولساممۇ،لېكىن بۇ ماقالىدىكى بەزەمبىر ئۇچۇرلارنى تۇنجى ئۇچرىتىشىم ئىكەن،شۇڭا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.بۇ ماقالە بېسىلغان سەھىپە قومۇل گېزىتىنىڭ مەخسۇس باركۆل تارىخى مەدەنىيىتىگە ئاتالغان سەھىپىسى ئىكەن.بۇسەھىپىنى باركۆل ناھىيىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى،ناھىيىلىك ئەدەبىيەت-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،ناھىيىلىك مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.
    شۇڭا بېسىلغان ماقالىلەرنىڭ مەزمونىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر بەزەمبىر ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.يولداشلارنىڭ <مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى تاشلاش>ئۇسولى بويىچە ھەزىم قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن.باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەپ ئىشلىتىدىغان تورداشلارنىڭ ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسى،تەرجىمە قىلغۇچى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئىشلىتشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ئاتالمىش مۇھىم يەرلەرگە كۆك بەلگە سېلىپ قويدۇم.
   
    قازاقلار ياش ھەم ناھايتى قەدىمى مىللەت،ئۇلار تۈركلەر بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ بىرلەشمىسى،مىللەت مەنبەسىنى غەربى خەن دەۋرىدىكى ساكلار،ھونلار،ئۇيسۇنلارۋەكاڭجۈ،ئالەن قاتارلىقلارغا ئۇلاش مۇمكىن.
   1883-يىلى ئالتاي نايمان قەبىلىسىدىكى دىلدارباي،كۆكدارخان قاتارلىقلار 30 ئائىلە قازاق چارۋىچىنى باشلاپ ،ئەڭ دەسلەپتە باركۆل يايلىغىغا كۆچۈپ كىردى.1887-يىلى ئالتايدىكى 200ئائىلىلىك قازاق چارۋىچى سابۇبەي،چايئەمەت قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىغىدا باركۆلگە كۆچۈپ كىردى.1890-يىلى ئالتاي ۋە چۆچەكتىكى جەنتەكەي قەبىلىسنىڭ تارمىقى بولغان تەسبىگەن ۋە ئۇۋاق قەبىلىسىدكى 200دىن ئوشۇق چارۋىچى باركۆلگە كۆچۈپ كىردى.1895-يىلى تۆتىنچى تۈركۈمدە باركۆلگە كۆچۈپ كىرگەن 200دىن ئوشۇق چارۋىچىغا قايىربەك باشچى بولغان.بۇ 12يىل ۋاقىتنىڭ ئىچىدە باركۆلگە كۆچۈپ كىرگەن قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئائىلە سانى 700گە،ئادەم سانى نەچچە مىڭغا يەتتى .1913-يىلى ئالتاي ۋە چۆچەكتىن يەنە 1000دىن ئوشۇق ئائىلە باركۆلگە كۆچۈپ كىردى،1917-يىلى ئالتاي ۋە چۆچەكتىن يەنە 300ئائىلىلىك چارۋىچى كۆچۈپ كىردى.
   قازاقلار باركۆلگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن ،ئاساسى جەھەتتىن غەربى ۋە شىمالى تاغدا چارۋىچىلىق قىلىپ ،باركۆل ئويمانلىغىدا تېرىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان خەنزولار،خۇيزۇلار ،مانجۇلار بىلەن ناھايتى ئاز ئۇچراشتى.ئوتتۇرىدا ھېچقانداق ئوتلاق ماجراسىمۇ بولمىدى.
   جىنشۇرىننىڭ ھۆكۈمرانلىق ۋاقتىغا كەلگەندە،قازاق چارۋىچىلارغا بولغان باج-سېلىقلارمۇ ئاشتى،شۇڭا 1931-يىلى قوزغالغان ئاراتۆرۈك نېرىنقىر ۋە قومۇل شەھرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭىدا،خوجىنىياز ھاجىم ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈشكەرتىشى بىلەن بىر قىسىم قازاق چارۋىچىلارمۇ قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشتى .ئۆلكە ئارمىيىسنىڭ خېجىڭشېن، جاڭ لىياڭچېن پولكى باركۆل ئارقىلىق ئاراتۆرۈك بازىرىدىكى دېھقانلار ئارمىيىسنى باستۇرغاندا،ھازىرقى قۇمتاغ ۋە لىتاۋخې ئەتراپىدا دېھقانلار ئارمىيسى بىلەن سوقۇشتى .دېھقانلار ئارمىيىسى ماجۇڭيىڭنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەچكە،ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتى ئېشىپ ،<تاياق توقماقنى پولات مىللتىققا ئالماشتۇرىمىز>دىگەن شوئارنى يوقىرى ئاۋازدا توۋلاپ،قەيسىرانە جەڭ قىلدى.تەتىجىدە خېجىڭشېڭ پولكى تەسلىم بولدى،جاڭ لىياڭچېن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى.مانا بۇ داڭلىق <شىياۋچۇەن ۋەقەسى>.
قوزغىلاڭدىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى قازاقلارنىڭ مىڭبىېشى غالىپنى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىشقا قىستىدى،لېكىن غالىپ بۇنى رەت قىلدى.نەتىجىدە خوجىنىياز ھاجى غالىپنى تۇتۇپ قالدى،غالىپنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن غالىپنىڭ قەبىلىسى خوجىنىياز ھاجىمغا 1000قوي ۋە باشقا مال مۈلۈك تۆلەپ ،غالىپنى قۇتقۇزدى.
     1932-يىلى شېڭشسەي قوماندانلىق قىلغان ئۆلكە ئارمىيسى داۋاملىق قومۇل دېھقانلار قوشونىنى باستۇردى،چېن پېيشيۇ پولكى باركۆلنى ساقلىدى،بەزىلەر غالىپنى قوزغىلاڭغا قاتناشتى دەپ ھۆكۆمەتكە چاققانلىقتىن ،شېڭشسەي چېن پېيشيۇنى ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ،غالىپنى تۇتۇشقا بۇيرۇدى،مەجبورى يول باشلىغان داخې بازىرىدىكى جوۋيۇڭفا غالىپنىڭ يېقىن دوستى ئىدى.غالىپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ دوستىنى كۈتۈۋالغاندا،ئۆلكە ئارمىيسى قارغولارچە ئوق چىقىرىپ ،غالىپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە قەبىلىسىدىكىلەردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشىنى قىرىۋەتتى،ھېلىمۇ ياخشى غالىپنىڭ ئوغلى ئېرىسقان سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك ساق قالدى،مانا بۇ <دۇەن جيادى پاجىئەسى>. ئېرىسقان ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،قەبىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ ئۆچ ئالدى ،بۇنىڭ بىلەن ئاز بولمىغان ئامما قارغۇلارچە بولغان قىسمەن مىللى توقۇنۇش مىللى زىيانكەشلىك قاينىمىغا كىرىپ قالدى.بۇ ۋاقىتتا ماجۇڭيىڭنىڭ پاراكەندىچىلىگى ،خوجىنىياز ھاجى دېھقانلار قوشونىنىڭ مەجبورلىشى شۇنداقلا شېڭشسەينىڭ جىن شۇرىننى ئاغدۇرغاندىن كېيىن،قازاقلارغا قوللانغان مىللى كەمستىشى ۋە دەھشەتلىك باستۇرىشى بىلەن قازاق ۋە خەنزولار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلاشتى.
    1935-يىلى ئېرىسقان، قەبىلىسىدىكى 890ئادەم ، ئاچىبەي،قاچىبەي قەبىلىسىدىكى 210ئادەم ،تۇڭگۇسبەي قەبىلىسىدىكى 605ئادەمنى باشلاپ،گەنسۇغا كۆچتى.1936-يىلى مەركىت ۋە نايمان قەبىلىسى زايىپ،قاسىم،ئىسمايىل،كاسىملارنىڭ باشچىلىغىدا ،2160دەك ئادەم شەرىققە كۆچتى.شېڭشسەي ھۆكۆمىتى قازاقلارنىڭ كۆچۈشىنى توساپ،20مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي ،كالا،ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى.1938-يىلى 11-ئايدا سابۇبەر،ئايانبەك باشچىلىغىدا 2500ئۆيلۈك قازاق چارۋىچى شەرىققە كۆچتى،شېڭشسەي ئۇققاندىن كېيىن ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ بومباردىمى قىلدى ۋە ئوققا تۇتتى ھەم شۇنداقلا ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە بىرونىۋىك قىسمى ئەۋەتىپ قوغلاپ توسىدى .لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلارنىڭ كۆچۈشىنى توسۇپ قالالمىدى.ئۇلار مالەن تېغى ئارقىلىق گەنسۇنىڭ جيۇچۇەن ۋە يۈمېنگە باردى ،ئارقىدىن گاۋتەي،لىينزې،جاڭيېى قاتارلىق جايلارغا يىتىپ باردى،لېكىن بۇيەرلەردە چوڭ ئوتلاقلار بولمىغاچقا،ئۇلار يەنە چىڭخەيگە كۆچتى.1939-يىلىغا كەلگەندە چىڭخەيگە كۆچۈپ كەلگەن قازاقلارنىڭ سانى تۈمەنگە يەتتى.
ئۇلار چىڭخەيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ،مابۇفاڭنىڭ ھەر خىل شەكىللەر بىلەن قىلغان زۇلۇملىرىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.بۇ جەرياندا مابۇفاڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ،قازاقلارنى قاتتىق باستۇرۇپ،نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈردى.1940-يىلى مابۇفاڭنىڭ 298-بىراگىداسى مۇئاۋىن بىراگىدا كوماندىرى خەنجىنباۋ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ چارۋىچىلىق كەنتىگە كىردى،ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇن مابۇفاڭ ئېرىسقاننى تۇتىۋالغانتى،بۇ قېتىم خەنجىنباۋ ئېرىسقاننى ئۆزى بىلەن تەڭ ئېلىپ كەلدى.خەنجىنباۋنىڭ بۇرۇندىنلا ئېرىسقاننىڭ كىچىك خوتۇنى بىخەيكانى ئىگىلىۋېلىش ئويى بار ئىدى،ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرمۇ قازاق قىزلىزىنى مەجبورى خوتۇنلۇققا ئالغۇسى بارئىدى،خەنجىنباۋ ئېرىسقاننى تاغسى غوجاخۇنغا <ئېرىسقاننىڭ كىچىك خوتۇنى بىخەيكا ۋە باشقا قازاق قىزلىرىنى ھەربى قونالغۇغا ئەكىلىپ بەرسە ئاندىن ئېرىسقاننى قويىۋېتىمىز >دىگەن مەزموندا خەت يېزىشقا قىستىدى،ئېرىسقان قازاق تىلىدا تاغىسى غوجاخۇنغا خەت يېزىپ ،ئۇنى ئەڭ تېزلىكتە قۇسمان قەبىلىسىدىكى ئادەملەرنى يىغىپ كېچىدە خەنجىنباۋ قىسمىنى يوقۇتۇشقا بۇيرۇدى.
      ئەينى ۋاقىتتا مابۇفاڭ قازاق چارۋىچىلارنىڭ قولىدىكى بارلىق قوراللارنى يىغىۋالغان ئىدى،پەقەت غوجاخۇنلدىلا كالاتېزىكى خالتسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان بىر تاپانچا بارئىدى ،غوجاخۇن تېزلىكتە 600-700دەل قازاق ياشلارنى تەشكىللىدى ھەمدە تاياق توقماق ۋە پىچاق قاتارلىقلارنى تەييارلىدى،كەچتە بىخەيكا ئايالچە ياسىنىۋالغان بىر نەچچە قازاق يىگىتلىرىنى باشلاپ ،خەنجىنباۋنىڭ چېدىرىغا كىردى،خەنجىنباۋ ئۆزىنىڭ خام خىيال چۈشلىرىنى كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا ،قونالغۇ ئىچىگە كىرىۋالغانلار پوستلارنى بېشىقتۇردى،قالغان قازاق چارۋىچىلار تاياق توقماق ۋە پىچاقلار بىلەن تېز سۈرئەتتە خەنجىنباۋ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدكى ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ،ئېرىسقاننى قۇتقۇزۇپ چىقتى،ئۇلار خەنجىنباۋنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ سازايە قىلدى،بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن مابۇفاڭ قازاقلارنى ۋەھشىيلەرچە قوغلاپ ئۆلتەردى،ئېرىسقان ۋە غوجاخۇن 500دەك ئادەمنى باشلاپ ،ئۇرۇش قىلغاچ قېچىپ شىزاڭغا كىردى،1941-يىلى ھىندىستانغا ئۆتۇپ كەتتى ،ئۇلار ھىندىستاندا 10يىلدەك تۇرۇپ قالدى.
    يەنە بىر قىسىم چارۋىچىلار باركۆلدىن قاراشەھەر قاتارلىق يەرلەرگە كۆچۈپ ،ناھايتى قىيىندا تۇرمۇش كەچۈردى،1948-يىلىغا كەلگەندىلا ،سەرسان سەرگەردان بولغان قازاقلارنىڭ كۆكۆ،ئېلىخان قىسمى جىمىسار ئارقىلىق يەنە باركۆلگە قايتىپ كەلدى،گەنسۇ تەۋەسىدىكى قازاق چارۋىچىلار قۇسمان،مۇقادىر،ماجاڭنىڭ باشچىلىغىدا باركۆلگە قايتىپ كەلدى.
    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن،قازاق خەلقى سەرسانلىق ئازاپلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى،ھۆكۆمەتنىڭ ياردىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چىڭخەيدە تۇرۇشلۇق 1000دىن ئۇشۇق قازاق چارۋىچى باركۆلگە قايتىپ كەلدى،1954-يىلى گوۋۇيۇەنىنىڭ تەستىقى بىلەن گەنسۇدىكى قازاقلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئاقسايچىن قازاق ناھىيسى قۇرۇلدى،چىڭخەي شىنىڭدا مۇڭغۇل زاڭزۇ،قازاق ئوبلاستى قۇرۇلدى،شىنجاڭدا باركۆل ،مورى قازاق ناھىيىلىرى قۇرۇلدى،قازاقلار تېنچ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

44

تېما

2

دوست

7772

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 03:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغىمۇ كەلمىگەن كۈن قالماپتىكەن.
    ئا غالىپ دېگەن كىشى خوجانىياز ھاجىمنىڭ گىپىگە كىرگەن بولسا بەلكىم ئۇنداق دەھشەتلىك قىرىلىپ كېتىشكىمۇ ئۇچرىماستى. يامان بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىمەن دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، يېقىن دوستىنىڭ يول باشلىشى بىلەن پۈتۈن جەمەتى قىرىلىپ، پەقەت بىر ئوغلى ساق قېپتۇ. ھەي.
    8-10 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قازاڭ ماڭا، مېنىڭ دادامدىن قالغان بۇرغۇن قوليازمىلار بار دېگەن ئىدى. مەن، كىتاپ قىلىپ چىڭارسىڭىز دېسەم، ئۇ، بىز ئۇ يېزىقنى ئوقۇيالمىساق... دېگەن ئىدى. توۋا.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1765
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6609
توردىكى ۋاقتى: 1557
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 09:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ مۆتىدىل يېزىلغان ماقالىكەن، تەرجىماننىڭ ئەجىرىگە رەھمەت...داۋاملىق تىرىشىڭ!...

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 09:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى يۈچيۇيۈ ئەپەندىم ئامېرىكىلىق سىياسىي تەھلىلچى سەيمىل خانىڭتوننىڭ « مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى » نەزەرىيەسىگە رەددىيە بەرگەندە ئوخشىمىغان مەدەنىىيەت توپىغا تەۋە كىشىلەر ( يەنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر) ئوتتۇرىسىدا تارىختا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ ھازىر قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق بولمىغاندا ئەسلىدە تىنچ بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ.  ھازىرقى شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا تارىختا يۈز بەرگەن ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى  مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قايتا بازارغا سېلىشنىڭ زىيىنى بولسا باركى مىس موچەنلىك پايدىسى يوق.

0

تېما

1

دوست

135

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30127
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 10:14:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھيتى تەسەرلىك يىزىلپتى ،، راھىمەت ،

0

تېما

0

دوست

327

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   13.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30267
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 10:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاقلارغىمۇ كەپتىكەندە،قرغىنچىلىقلار.....

1

تېما

2

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13238
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيدانى مۇستەھكەم كىشىنىڭ يازغان ماقالىسدەك قىلىدۇ.

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8829

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2602
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك رەڭ جايىنى تېپىپتۇ. ماۋۇ مۇنبەردىكى قازاقلار سەكرەپ كەتمىسە بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )