قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1795|ئىنكاس: 9

ئىككى يۈزلىمىچى فاشىسىت فىرانكو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 13:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       2-دۇنيا  ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۈچ فاشىسىتنىڭ گېتلىر،موسسولىن ۋە توجو خېندىكى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.ئەمەليەتتە مۇستەبىت فاشىستلارنىڭ بۇ ئۈچىلا ئەمەسلىكىنى،يەنە بىر قىسىم ئالۋاستىلارنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ بىر پارچە ماقالىنى يېزىپ چىقتىم . دوسىتلارنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
       فىرانسېسكو فىرانكو،تۇللۇق ئىسمىFrancisco Paulino Hermenegildo Teódulo Franco y Bahamonde Salgado Pardo فىرانسېسكو فىرانكو بولسا ئونىڭ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى. ئۇ ئىسپانىيە پادىشاھلىق ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ،جۇمھۇريەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلدۇ. بىراق كونا ھەربى-مەمۇرى ئەمەلدارلار بۇنى ياقتۇرمايدۇ. بۇ چاغدا ئىسپانىينىڭ گېنىرالى،مۇستەملىكە رايوننىڭ قوماندانى، ئىسپانىيە <<ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيسى>>نىڭ كاتتىۋاشلىردىن بىرسى بولغان فىرانكو ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ ۋە موسسولىننىڭ بىۋاستە قوشۇن چىقىرىپ  ئۇرۇشقا ئارلىشىشىپ توپلاڭچى قوشۇننى قوللىشى،ئامىركا ۋە ئەنگىليەنىڭ قاراپ تۇرۇشى بىلەن جۇمھۇريەت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ،  تاكى 1975-يىلى ئۆلگۈچە ئىسپانىيە مۇستەبىت ھاكىميەت يۈرگۈزۈدۇ.
        فىرانكو1892 -يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى ئىسپانىينىڭ كولونا ئۆلكىسىدە ھەربى ئائىلىسىدە  تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا-بوۋىسى4ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى دېڭىز ئارمىيسىدە ھەربى ئوفىتسىر بولغان.ئۇ ئەسلىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىگە قاتنىشىششنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ بىراق ، ئامىرىكا – ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كىيىن ، دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ئەسكەر  قىسقارتىشى بىلەن ،ئۇنى ئاتا-ئانىسى14ياش ۋاقتىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ.3يىلدىن كىيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ لېيتنانىتى بۇلۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە رايۇنلىرىغا ھەربىيلىككە ئەۋەتىلىدۇ ، كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەربى تالانتى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلاپ قەدەممۇ-قەدەم ئۆسىدۇ. 1926-يىلى 33ياشلىق فىرانكو گېنراللىققا ئۆستۈرۈلۈپ،ياۋروپادىكى ئەڭ ياش گېنىرال بولۇپ قالىدۇ  ۋە فىرانسىيە ھەربى ئىشلار ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ.1928-يىلى ئىسپانىيدىكى يېڭى قۇرۇلغان ساراگاس ھەربى ئىشلار قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنۋېرسىتىتىغا  مۇدېر بۇلىدۇ.1931-يىلى ئىسپانىيە خەلىقى ئوڭ قانات ھكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ يېڭى بىر جۇمھۇريەت ھۆكۈمىتنى بارلىققا كەلتۈردۇ. بۇنىڭ بىلەن ساراگاس ھەربى ئىشلار قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنۋېرسىتىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، فىرانكو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدۇ.1933-يىلى ئونى ئەسلىگە كەلتۈردۇ.1934-يىلى ئۇنى گېنرال لېيتنانتلىققا ئۆستۈردۇ. ئۇ جۇمھۇريەت ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن تۆھپە قوشىدۇ.ئۇ ئىسپانىيە ئارمىيسىنىڭ ئىنتىزامىنى چڭتىپ،تەرتىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،قۇرۇقلۇق ئارمىينىڭ باش سىتاب باشلىقلىق مەنسىپىگە ئولتۇردۇ. بۇ چاغدا ئىسپانىيە  ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ،ئۇ ھېچقانداق تەرەپكە مايىل ئەمەس بولۇپ،ئۇ ھۆكۈمەتتىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،قانۇن-تۈزۈمنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.بىراق ھۆكۈمەت ئونى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۋېتىپ،مۇستەملىكە رايوننىڭ ھەربى ئەمەلدارلىقىغا تەينىلەيدۇ.1936-يىلى7-ئاينىڭ18-كۈنى فىرانكو قوماندانلىق قىلغان ئارمىيە توپلاڭ كۆتۈرۈدۇ.ئارقىدىن فاشىسىت گېرمانىسىنىڭ ۋە مسسولىننىڭ قوشۇن چىقىرىپ ھەربى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن ئسپانىيە زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ مادرىدقا يېقىنلىشىدۇ . بۇ چاغدا ئامىرىكا،ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ئۇنى توسماي جۇمھۇريەت ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ ،جۇمھۇريەت ھۆكۈمىتىنى يىتىم قالدۇردۇ.فىرانكو ھۇجۇمغا بەش كالوننا ئەسكەر قاتنىشىدۇ دىگەن بولسىمۇ بىراق ئونىڭ قولىدا تۆت كالوننا ئەسكەر بولۇپ ،5-كالوننا جۇمھۇريەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى خائىن-مۇناپىق ۋە تەسلىمچى قوشۇنلارنى كۆرسىتەتتى.ئۇ ھۇجۇمدا قايتا-قايتا مەغلۇپ بولدۇ.1937-يىلى4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىسپانىيە <<ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيسى>>نى قايتىدىن تەشكىللەپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇردۇ.ئۇ يەنە گېرمانىينىڭ تەلىپى بىلەن <<ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيسى>>دىن 2دېۋىزيە ئەسكەر تەشكىللەپ،سوۋىت ئىتتىپاقىغا يولغا سالىدۇئاخىرىدا 5-كالوننانىڭ تۆھپىسى بىلەن تەخىتكە چىقىدۇ .فىرانكو تەختىكە چىققاندىن بارلىق ھوقوق ماڭا مەنسۇپ دىگەن بۇيرۇقنى چىقىرىپ،بارلىق سوت،ئەدىليە،ساقچى،قانۇن ئورۇنلىرى،بارلىق مېنىستىرلىق ۋە بارلىق ھەربى ھوقوقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى باشقۇرۇپ،بارلىق قانۇننى ئۆزى تەستىقلاپ،<<ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيسى>>نىڭ قوللىشىدىكى فاشىسىت دېكتاتۇرا يۈرگۈزۈپ،1939-يىلىنىڭ ئۆزدىلا ئەللىك تۈمەن ئادەمنى تۈرمىگە تاشلايدۇ.2سائەتلا ئۇخلاشقا يول قويىدۇ. بىراق ئو ئىسپانىيە پادشاھىنىڭ قايتىپ كىلىپ ھوقوقنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ پادشاھنى يىقىن يولاتمايدۇ. ئىسپانىيىگە كېلىشىگىمۇ قوشۇلمايدۇ.
       بىراق ئۇ دېپلۇماتىيە جەھەتتە خەلىقئارا ۋەزيەتنى ئىنچىكە كۆزتىپ موسسولىن بىلەن گېتىلىرنىڭ گېپىگە كىرىپ قورچاق بۇلۇشنى خالىمايدۇ.شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشىچاق بۇلۇپ ۋەزيەتكە قاراپ ئىش قىلىدۇ،گېتلىرنىڭ غەلبە قىلغان ۋاقىتلىرىدا ئۇنى ماختاپ تۇرىدۇ.مەغلۇپ بولغىنىدا گۆشيۈپ تۇرۋالىدۇ.ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ ئۆزىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆلگۈچە ھۆكۈمران بولالايدۇ. كىيىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ <<ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيسى>>نى  تارقىتىۋىتىدۇ ، سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئەسكەر چىقارغانلىقىنى <<ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيسى>>غا ئارتىپ يوققا چىقىرىدۇ .مانا بۇ ئۇنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ھەربى سوتقا تارتىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
       ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىسپانىيە ئىقتىسادى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ،سودا-سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك ئەڭ گۈللەنگەن كەسىپ بۇلۇپ،ئىسپانىينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى ياپۇنيە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ،ئاپتوموبىل ، يادرو ئېنىرگىيسى قاتارلىقلار ئىسپانىينىڭ مۇھىم سانائەت كىرىمى بولىدۇ، خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى ئاشىدۇ.بۇ خىل ۋەزيەت تاكى 1990-يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. فىرانكو ئۆلگەندىن كىيىن1978-يىلى فىرانكو ئىشلەتكەن ئىمپىريە بايرىقى ئاساسى قانۇن پارلامىنتىنىڭ  تەستىقلىشى بىلەن ھازىرقى بايراققا ئالماشتۇرۇلدۇ.فىرانكو ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا ب د ت فىرانكودەك بىر فاشىستىنىڭ بىر دۆلەتكەھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا قارشى تۇرغاچقا، فىرانكو ئىسرائىليىدەك ھەممىنى ئۆز دۆلتىدە ئىشلەپچىقىرىش دىگەن شوئارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن تەرەققىيات تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.1975-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى 83ياشلىق فىرانكونىڭ يۈرەك كېسىلى قوزىغلىپ ،ھاياتى ئاخىرقى باسقۇچقا بارىدۇ.ئۇ كىسەل كارۋىتىدا بەك جاپا تارتىدۇ.ئۇ ئۆلىدىغان ۋاقىتتا دوختۇرغا دىگەن گېپى<<ئۆلمەك نىمدىگەن تەس>>تىن ئىبارەت.ئۇ ئۆلگەندە پەقەت بىرلا دۆلەت باشلىقى ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ-چىلىنىڭ مۇستەبىتى ئاۋگوسىت پىنوچىتتىن ئىبارەت. ئۇ ئۆلگەندە كوچىلار تىمتاس،ھەتتا بەزلەر تەبرىكلەيدۇ.ئو ئۆلگەندىن كىيىن بارلىق دۆلەت باشلقلىرى ۋە خان جەمەتىدىكىلەر خۇئان كارلوس1نى تەبرىكلەيدۇ. ئىسپانىينىڭ داڭلىق شائىرى دىگەندەك << ئىسپانىيە تارخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن قېلچۋاز ئۆلدى.ئۇنىڭ روھى دوزاختا كۈلگە ئايلانسىمۇ،كىشلەرنىڭ نەپرىتىنى يۇيالمايدۇ>>.ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتتىكى ئامىركا پىرىزدىنتى فورىد <<فىرانكو ئىسپانىيە تارخىدىكى ئەڭ كاتتا رەھبەر دېدى>>. ھازىرقى ئىسپانىيە پادشاھلىق ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلىپ بارلىققا كەلدى.

5

تېما

0

دوست

2196

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9153
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 238
تۆھپە : 531
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 17:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىز ئازراق چۇۋالچاق چىقىپ قاپتۇ ، لىكىن كۆپ تىېرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن .
ئەمدى مۇستەبت ھۆكىمىران فرانكوغا كەلسەك ، ئۇنىڭغا باھا بىرىشتە غەرپ بىلەن شەرق (كوممونىزىم لاگىرى بىلەن غەرىپ دۆلەتلىرى)نىڭ قارىشى ئاسمان زىمىن پەرىقلىنىدۇ . فىرانكو بىر ئۇچىغا چىققان پۇرسەتپەرەس ، مۇستەبىتچى بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە كەم تىپىلىدىغان دىپلومات ۋە ھەربىي ئالىم ئىدى . سىز دىگەندەك 2 - دۇنيا ئۇرىشىدا ھېتلىر ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزى يۆلەپ ھاكىمىيەت بىشىغا ئېچىققان بۇ مۇستەبىت ئىتتىپاقدىشىنى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا كۆندۈرەلمىدى ، ئەگەر ئسپانىيە ئۇرۇشقا قاتناشقانلا بولسا ، ئىتالىيەدىنمۇ بەتتەررەك كۈنگە قىلىشى ئىنىق ئىدى . مانا بۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى . يەنە بىر تۆھپىسى ، باشقا مۇستەبىتلەرگە (مەسلەن چاۋشيەندىكى كىم جەمەتى ،  كۇبادىكى كاستىرو جەمەتى قاتارلىقلار) ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ، فرانكو ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تۇيۇقسىز قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەمدەك ، ئىلىگىرى يولغا قويغان نۇرغۇن مۇستەبىت قانۇن نىزاملارنى بىكار قىلىش بىلەن بىللە ئەڭ مۇھىمى ھوقۇقىنى ئۆزىدىنمۇ بەك مۇستەبىت بولغان پەرزەنىتلىرى ياكى يىقىنلىرىغا ئەمەس بەلكى ئۇزۇن يىل ئۆز ھامىيىسى ئاسىتىغا ئىلىپ ، كۆڭۈل قۇيۇپ تەربىيىلىگەن ئىسپانىيىنىڭ قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى شاھزادە كارلوسقا ئۆتكۈزۈپ بەردى . كارلۇس پادىشاھ بولغاندىن كىيىن ، بارلىق ھۇقۇقنى خەلققە قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ، پۈتۈن ھوقۇقنى پارلامىنتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى . بۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە تىزلا دېموكىراتىيە يولىغا قاراپ ماڭدى . خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىن كۆپ ياخشىلىنىپلا قالماستىن ، خەلقئاردىكى ئابرۇيى ئۆستى . باشقا مۇستەبىتلەرگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى فرانكو ئابرۇيپەرەس ھەم بايلىقپەرەس ئەمەس ئىدى ، ئۇ 40 يىل ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بەرگەن ، ئۆزىمۇ كۆپ بايلىق توپلىمىغان .
2014 - يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى  ئىسپانىيە پادىشاھى كارلۇس تەختىنى تىنىچ يول بىلەن شاھزادىسى ، تەخت ۋارىسى فىلىپقا ئۆتكۈزۈپ بەردى . ھازىرقى ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ ھىچقانداق ئەمەلىي ھۇقۇقى يۇق بولۇپ ، پەقەت ئەنگىلىيە پادىشاھىغا ئوخشاش سىمۋول خاراكتىرىگە ئىگە . بارلىق ھۇقۇقنى پارلامىنت يۈرگۈزىدۇ . ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، قىززىقىشىمىز ئوخشاپ قالىدىكەن . داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

5285

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 18:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانكونىڭ تەختكە چىقىشىنىڭ ئىسپانىيەگە نىسبەتەن پايدىسى بولغان. ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان تەرەپ غەلىبە قىلىپ قالغان بولسا...............................

0

تېما

9

دوست

2217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 20:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

9

تېما

5

دوست

6372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 00:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ تاللىغان يولى ئىسپانىيە ئۈچۈن توغرا بولغانلىقى ئېنىق . باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى ، نېمە ئويلىشى مۇھىم ئەمەس ، يەھۇدى قىساسىلىرى ئۇنى مۇستەبىت دېسىمۇ ئۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن بىر قەھرىمان بولسىلا شۇ يېتەرلىك .

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 20:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئىسپانيىلىكلەر فىرانكونىڭ پايدىسىنى كۆرۇپتىمۇ؟
-ئەلۋەتتە
-فىرانكۇ قەھرىمان.

10

تېما

1

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 864
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 21:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىككى يۈزلىمىچى فاشىست»  دىگەن تەرىپنى سىز بەدىڭىزمۇ؟   

10

تېما

1

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 864
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 21:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ناتسىست پاشىست دىگەن گەپلەنى چۈشەنسەم كاشكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )