- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2452
- نادىر
- 0
- يازما
- 139
ئۆسۈش
15.07%
|
ئىنسانلار ياشاش جەريانىدا ھەم ئىجتىمائى ئەخلاق قائىدىللىرگە،ھەم كەسپىي ئەخلاق قائىدىللىرگە ئىلمىي ئاساستا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،ئەمىليەت جەريانىدا زور تىرىشچانلىق كۆرىستىپ باشقىلارنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە كونكىرتنى ئپادىلشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ھەرخىل شەكىلدىكى مۇناسىۋەتلەر تەڭشىلىپ شۇ مۇناسىۋەتكە قاتناشقانلارنىڭ مەخسەت مۇددائالىرى ئەمەلگەئاشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ مۇناسىۋەت گەۋدىسىدىكى فونكىسىيىلىك ئامىللار بولۇپمۇ ئادەم ئامىلى ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت دائىرسىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرشى كىرەك. مەسلەن:بىر دۆلەتكە نىسپەتەن خان_پادىشاھلار ئاۋام_خەلىقنى ھۆرمەتلىشى،ئەڭ ئۇلۇغ بىلشى، ئاۋام_خەلق خان_پادىشاھلارنى، دۆلەتنى قوغدىشى كىرەك. دىمەك؛ ئاتا_ئانىلار بالىلارنى،ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارنى،دوختۇرلاربىمارلارنى،باشلىقلارخىزمەتچىلەرنى،ساقچىلار جىنايەتچىلەرنى،تىجارەتچىلەر خېرىدارلارنى ھۆرمەتلىشى ۋە قارشى تەرەپمۇ ؛ يەنى بالىلار بالىلىق، ئوقوغۇچىلار ئوقوغۇچىلىق...... ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلشى كىرەك. بىز بۇنىڭغا تۈۋەندىكى مىسالنى كۆرۆپ باقايلى!!!
زامانە ئەۋۋەلدە سەئىيدە ۋاققاس پىرىم تىجارەت قىلىش مەقسىدىدە قېرىق تۆگىگە يۇك_تاق ئارتىپ،باغداتتىن كەنئانغا يولغا چىقىپتۇ.يولغا چىقىپ ئەمدى بىرەر سائەت مېڭىپ چوڭ يولغا قايرىلدىغان دوقمۇشىغا كەلگەندەبىرمۇماي مال ئالدىغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ.مۇماينىڭ نىمە ئالدىغانلىقىنى سۇرىغاندا بىر تال يىڭنە ئالمەن دەپتۇ؛
سەئىيدە ۋاققاس پىرىم مال ساتىدىغان خىزمەتچىللىرگە،مۇمايغا يىڭنە سېتىشنى بۇيرۇپتۇ؛خىزمەتچىلەر تۆگىلەردىكى يىڭنە قاچىلانغان ساندۇقلارنى ئاختۇرۇپ شۇ مۇماي دىگەن يىڭنىنى تېپىپ مۇمايغا ساتقۇچەبىر كۈن ۋاقت كىتىپتۇ؛بۇ بىر تال يىڭنىنى سېتىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتقا نىسپەتەن توغرا مۇئامىلە قىلالمىغان مال ساتقۇچىلار سەئىيدە ۋاققاس پىرىمدىن سۇئال سۇراپتۇ:
___سەئىيدە ۋاققاس پىرىم سىلە تىجارەت قىلىشنى بىلەملە_بىلمەملا ؟ بىر تال يىڭنە ساتىمەن دەپ ھەم يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزەلمىگەن خېرىدارنىڭ سېتۋالغان يىڭنىسگە يىپ ئۆتكۈزۈپ بىرىمىز دەپ بىزنى بىركۈن ئاۋارە قىلدىلا دەپتۇ؛
سەئىيدە ۋاققاس پىرىم كۈلۈپ تۇرۇپ:_بىز باغداتتىن كەنئانغا قېرىق تۆگىگە مال ئارتىپ نىمە مەقسەتتە بارماقچى،خوش،مال ساتقىلى بارىمىز.بىز ھېلقى مۇمايغا نىمە ساتتۇق، بىر تال يىڭنە،يىڭنە كىمنىڭ؟ يىڭنە بىزنىڭ،يىڭنە ئالغۇچە كىم؟ مۇماي يەنى خېرىدار،ئۇنداقتا شۇ يىڭنىمىزنى شۇ مۇمايدەك خېرىدارلار ئالمىسا كىمگە ساتىمىز!! شۇڭا بىز تىجارەتچى بولغان ئىكەنمىز خېرىدارلارنى ھۆرمەتلىشىمىز،مال ساتقىلى چىققان ئىكەنمىز مۇماي يىڭنە ئالمەن دىگەن ئىكەن بىز چۇقۇم يىڭنىنى سېتىشىمىز كىرەك.چۈنكى،خېرىدارىڭ بولمىسا زىۋالىقىڭ نە كىرەك؟!
ئاپتۇرى:مەخەت ئابدۇرېھىم
|
|