قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1530|ئىنكاس: 6

يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيەسى (ئاۋازلىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

2021

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1322
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 269
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 22:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيىسى

بۇ 14 ياشقا كىرگەن چېغىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقى بىر ۋەقە، شۇ چاغدا مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتۇم، شۇنداق بەخىتلىك ئىدىم،قەلبىمدە ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھاببەت جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر كۈنى قىزىقىشتىنمۇ ياكى ياخشى كۈرۈشتىنمۇ ئەيتاۋۇر ،مەھەللىمىزدىكى ئوماق بىر قىزنى دەريا بۇيىغا بېرىپ ئويناپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدىم،ئۇ قىز باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى،كىيىن مىنىڭ گىپىمنى يەردە قويغۇسى كەلمىدىمۇ،بېرىشقا قۇشۇلدى،بىز دەريا بۇيىغا كەلدۇق، مەندە ئۇ قىزغا نىسپەتەن ھىچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى،ئىككىمىز شۇنداق كۈڭۈللۈك ئوينۇدۇق، بۇ بىزنىڭ ئەڭ پاك،بىغۇبار چاغلىرىمىز بولغاشقا كۆڭلىمىزدە ھىچقانداق غەيرى تۇيغۇ يوق ئىدى،كىم بىلسۇن بىزنى كۈرۈپ نورماللىق ھىساپلىمىغان بىرەيلەن مىنى بىر قىز بىلەن كۆرگىنىنى دادامغا دەپ قۇيۇپتۇ.تېخى ئۇيۇنىمىز تۈگىمەستە دادام قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ تاشلاپ دەريا بۇيىغا مىنى ئىزلەپ چىقىپتۇ.ئۈچىمىز بىللە قايتتۇق،دادام ئالدى بىلەن قىزنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى،ئاندىن مىنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپلا ئانامنى ئۆيدىن چىقىرۋەتتى- دە،ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى،ئۆيدە ئالدىن تەيارلاپ قۇيۇلغان يۇلغۇن تايىقى بار ئىكەن.مەن ئېغىز ئېچىپ چۈشەندۈرەي دىگۈچە دادا مىنى شۇ تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق ئۇرۇپ كەتتىكى ئانامنىڭ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىمۇ ئۇنۇڭغا كار قىلمىدى،تاياق سۇنۇپ تۈگىگىچە ئۇردى.ئەتىسى پۈتۈن بەدىنىم ئىشىپ بىر ھەپتە ياتتىم. شۇ بىر ھەپتە جەريانىدا دادام ماڭا پەقەت بىر جۈملىلا سۆز قىلدى:‹‹ سەن دىگەن مىنىڭ ئوغلۇم،بىلىشىڭ كېرەككى، بىر قىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنىڭ قىممىتى سىنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقرى بۇلىدۇ، سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ سىنىڭ مەھبۇبىڭنىڭ،ئاچا سىڭىللىرىڭنىڭ ئىپپىتىنى،ۋەتەن خەلقىڭنىڭ غۇرۇرىنىڭ پاكلىقىدا بۇلىدۇ،ئۇ قىزغا چېقىلىپ قويمىغىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ.››

ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇپ جەميەتكە چىقتىم، چەتئەللەردە سودا قىلىپ يۈردۈم. بۇ جەرياندا دادامدىن شۇ قېتىم يىگەن تاياقنى پەقەت ئۇنۇتمۇدۇم،دادامنىڭ شۇ گىپىنىڭ باھاسىز ھىكمەت ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا خۇدا ماڭا پەرىشتە سۈپەت بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مۇھاببەتلىشش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى، ئۇشۇنداق پاك قىز ئىدى. بىز 4 يىل سىردىشىش جەريانىدا تالاي كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدۇق.ئەمما ماڭا ھەر دائىم دادامنىڭ تەربىيىسى،ۋە يۇلغۇن تايىقىنىڭ تەمى ھەمراھ ئىدى ،شۇڭا ئۇقىزنىڭ ئپپىتنى ھايتىمدىن ئۈستۈن بىلدىم ،قەدىرلىدىم بىزمۇھەببەتلىشىپ 4-يىلى مەن سودا ئىشى بىلەن چەتئەلگەچىقىپ 6ئاي تۇرۇپ قالدىم ،ئۇقىز يۇرتىغا قايتىپ مىنى كۈتۈدىغان ،مەن قايتىپ كەلگەندە ئاندىن توي قىلدىغان بۇلۇپ پۈتۈشتۇق.تولمۇ ئەپسۇس،مەن ۋەتەنگە قايتاي دەپ تۇرغاندا چاتاق چىقتى ،پاكىستاننڭ كاراچى شەھرىدىن شاڭگاڭغا ئۇچىدىغان ئايرۇ پىلانىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بۇلۇپ ،ئۇقىزنىڭ ئۈيىگە تېلفۇن ئۈرسام ئاپىسى تېلفۇننى ئېلىپ :«ئۇنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تۇيى بولدى ،ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەڭ »دىمەسمۇ، نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن ،شۇيەردىلا ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن،كىيىن ھوشۇمغا كەلسەم كاراچى شەھەر ئەتراپىدىكى بىر دېڭىزدا ساياھەت پاراخۇتىدا تۇرۇپتىمەن.

ئەسلىدە مەن ئايرۇپورتتا ھوشۇمدىن كەتكەندە پاكىستانلىق بىر چوڭ خېرىدارىم مىنى دوختۇرخانىغا ئاپار غانكەن،دوختۇرلار ھىچقانداق چاتاق يوق ،مېڭىسىگە بىر ئىش قاتىتق تەسىر قىپتۇ ،ياخشى ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ،دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ساياھەت پاراخۇتىدا ئارام ئالدۇرۇۋېتىپتىكەن.نەچچە كۈندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتتىم .ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قىز ماڭا تېلفۇن ئۇرۇپ مۇنداق دىدى:«مىنى كەچۈرۈڭ ،ئاتا –ئانام زورلاپ تۇيۇمنى قىلۋەتتى،مەن دىگەن بەرىبىر قىزبالا ئىكەنمەن ،ئامال قىلالمىدىم،سىز مىنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقى ئەركەك،سىزنىڭ سۆيگۈڭىزگە .ئرىشكەن ھەرقانداق بىر قىز ئنتايىن بەختلىك ،مەن سىزنىڭ ئامانىتىڭىزنى ساقلىيالمىدىم،مەن مەڭگۇ سىزنى ئارمان قىلىپ ئۆتىمەن.»ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاۋېتىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى،ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلالمىدىم،پەقەت«ئۆز ئىرىڭغا سادىق بول،مەن بىر ئۆمۈر سىنىڭ بەختىڭگە دۇئا قىلىمەن »دىدىم.كۈنلەر ئۈتۈۋاتىدۇ،قۇلاق تۈۋىمدىن شۇقىزنىڭ «سىزمىنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى ئەركەك»دىگەن گىپى بىلەن دادامنىڭ«بىرقىزنىڭ ئپپەت،نۇمۇسىنىڭ قىمىمتى سىنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ،سىنىڭ ئەركەكلىكىڭ سىنىڭ مەھبۇبەڭنىڭ ،ئاچا-سىڭللىرىڭنڭ ئپپىتى،ۋەتەن خەلقىڭنىڭ غۇرۇرنىڭ پاكلىقىدا بولىدۇ،ئۇقىزغا چېقىلىپ قويمىغىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ»دىگەن گىپى پەقەت كەتمەيدۇ.














ئاپتورى:ھەمزە مۇھەممەد

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1253
توردىكى ۋاقتى: 1307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 00:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى، نادانلىقى جەمىيەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ، نادانلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، كوچىدا يېرىم يالىڭاچتەك كېتىۋاتقان قىزلارغا قاراپ تامىقىڭىزنى چاكىلداتقان بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ غۇرۇرىغا قىلىنغان چاقچاق، ئەگەر كوچىدا مەلۇم قىزلار سىزگە قاراپ قېشىنى ئاتقاندا، تەبەسسۇم بىلەن كۈلگەندە سىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ ۋىژدانىڭىزغا سېپىلگەن يۇندا.... يۇرت قىزلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، شۇ يۇرت ئوغۇللىرىنىڭ نامەرتلەشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ....
——————————————
دەپ يازغانتىم قايسىدۇر بىر پوۋسىتىمغا...
ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2440
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 230
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 13:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. قىزلارمۇ مىللىتىمىزنىڭ  كەلگۈسىدىكى ئانىلىرىدۇر. شۇڭا قىزلىرىمىزنى قەدىرلەيكى، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئەركەكلىك بۇرچىمىزبىلەن ئۇلارنى ھىمايە قىلايكى، باشقۇرايلى...   ئاللاھ ھەممىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!!!

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 15:49:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياچىبەگ ئاكا بولسا ئويغۇر ئىدئوملىرى دىگەن كىتاپنى ئاۋازلىق قىلۋەتكەن بولساڭچۇ

0

تېما

0

دوست

399

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   49.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2328
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 16:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا  دىگەن  شۇنداق  بولسا  ھە،  ئوغلىنى ئۇرغاندا ئاتىنىڭ يۈرىكى ئاغرىمىغاندىمۇ؟ ياق  بالىنىڭ تېنى ئاغرىغان  بولسا ئاتىنىڭ يۈرىكى نەچچە ھەسسە ئۇشۇق ئاغرىيدۇ ئەلۋەتتە لېكىن بالىسىنىڭ كەلگۈسى ھەم ۋەتەن مىللەتنىڭ غورۇرى ئۈچۈن. ئاتىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقان سۆزىنى تۇمار قىلىپ قەلبكە  ئويۇۋالغۇدەك سۆزلەركەن.

16

تېما

0

دوست

7607

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1801
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-13 13:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز، تارىختا بىر قىزنىڭ ئىپپىتى ئۈچۈن يۈزلىگەن يىگىتلەرنىڭ قېنى تۆكۈلگەن، مىڭلارچە دۈشمەنلەرنىڭ كاللىسى چېپىلغان مىساللار ناھايىتى كۆپ.
   ھەممىمىز غۇرۇرلۇق ئاتىلاردىن بولۇشقا تىرىشايلى ۋە ئاللاھتىن ھەرۋاقىت ئۆزىمىزگە جاسارەت ۋە  ھىدايەت تىلەيلى.

0

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2422
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 27
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2011-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 22:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  سىزگە!!!   قەلەملىرىڭز   ھارمىسۇن!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )