- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2458
- نادىر
- 0
- يازما
- 139
ئۆسۈش
15.27%
|
يېقىندا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغانمىش. 21- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قوياش سېستېمىسىنىڭ مەركىزىدە ئالەمنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلارمىش. يىغىنغا <<قوياش سېستىمىسىغا تەۋە ھەر قايسى پىلانېتلاردىكى جانلىقلارنىڭ ۋەكىلى قاتنىشىدۇ، شۇڭا ھەر پىلانېتلاردىكى جانلىقلار تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ ۋاقتىدا قاتنىشىڭلار !>> دەپ ئۇقتۇرۇش تارقالغانمىش .
يەر شارىدىكى جانلىقلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىكىن كېيىن، يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يىغلىپ، يىغىنغا بارىدىغان ۋەكىللەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. كۆپ تالاش-تارتىشتىن كېيىن مايمۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ:
- كۆپچىلىك مىنىڭ قارىشىمچە قۇياش مەركىزىدىكى يىغىنغا ھەممىمىزگە ۋاكالىتەن ئادەملەر بېرىپ كەلسە دەيمەن، بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
1. ئادەملەرنىڭ تەرەققىياتى باشقا مەخلۇقلارنىڭكىگە قارىغاندا بەك يۇقىرى، ھەم ئادەملەر مارىسقا قەدەر بېرىپ باققان، ئادەملەرنىڭ ئۇچار كىمىلىرىمۇ بار .
2. ئادەملەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بەك يۇقىرى، بانكىدا ساقلاۋاتقان پۇلىمۇ جىق .
3. ئادەملەر باشقا مەخلۇقلارغا ۋەكىل بولۇپ بارسا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئىگە. مەسىلەن: ئادەملەر ھەم ئوتخور ھەم دانخور ھەم گۆشخور.
مايمۇننىڭ بۇ تەكلىپىگە ناھايىتى كۆپ مەخلۇقلار قوشۇلۇپتۇ. ئادەملەرنىڭ قوياش مەركىزىگە بارىدىغان ئالاھىدە ۋەكىللىرى مايمۇننىڭ بۇ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ.
ئەمما بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىشەكنىڭ ۋەكىلى قول كۆتۈرۈپ:
- خوش، ئادەملەر بىزگە ۋاكالىتەن بارسىمۇ بولىدۇ، ئەمما قوياش سېستىمىسىدىكى يىغىندا يوقلىما قىلىپ (ئىشەكنىڭ ۋەكىلى كەلدىمۇ؟) دىسە ئادەم قول كۆتۈرۈپ(كەلدىم) دەيدۇ، ئۇنداق بولسا سەھنىگە چىقىپ ئۆزۈڭنى تونۇشتۇر دىسە، سەھنىدە مەندەك ھاڭرىيالامدۇ ؟مەندەك ھاڭرىيالمىسا مىنىڭ ئوبرازىمغا داغ تەگمەمدۇ ؟ شۇڭا ئۆزۈم بېرىشىم كېرەك. چۈنكى مەن يەر شارىدا بىردىنبىر ئېشەك.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئارقىدىنلا كالىنىڭ ۋەكىلى، ئىتنىڭ ۋەكىلى، قاغىنىڭ ۋەكىلى ........ قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرى چىقىپتۇ. ئادەمنىڭ ۋەكىلى بۇ مەخلۇقلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئويلىنىپ قاپتۇ.
(مەن مەركەزگە ۋەكىل بارغان ئىكەنمەن، چوقۇم باشقىلارنىڭ رولىنى ياخشى ئېلىشىم كېرەك، بۇ مەخلۇقلارنى مايمۇن جانابلىرىنىڭ ئالدىدا چوقۇم ئوسال قىلىشىم كېرەك.)
-مايمۇن جانابلىرى، مەن دېگەن ئادەم، ئادەم دېگەن قايسى ئىشلارنى قىلالمايدۇ دەپ مايمۇننىڭ كۆزىگە قاراپتۇ.
مايمۇن ئادەملەر ۋەكىلىنى ئايرىم ئورۇنغا چاقىرتىپ پىكىرلىشىپتۇ. ئادەملەر ۋەكىلى مايمۇنغا مۇنداق دەپتۇ:
- ئۇ مەخلۇقلار دىسە دەۋېرىدۇ. سىلە ئۆزلىرىنىڭ قارشى بويىچە مىنى بەلگىلەۋەرسىلە ، مەن چوقۇم سىلىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن قۇياش مەركىزىدىكى يىغىنغا ماڭغۇچە ئۇنداق دۆت مەخلۇقلارنىڭ رولىنى ئۆزىدەكلا ئېلىپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىمەن .
مايمۇن ئاخىرى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن ئادەملەر ۋەكىلىنى ھەم ئۆزىگە شۇنداقلا يەر شارىدىكى باشقا مەخلۇقلارغا ۋاكالىتەن 21- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قۇياش سېستىمىسىدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا بېرىشقا كۆرسىتىپتۇ. ئادەملەر ئىچىدىكى ۋەكىللەر قوياش مەركىزىدىكى يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىۋاتقۇدەكمىش. بەزى ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى شۇ سەۋەپتىن بولۇۋاتقان يېڭى تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسىمىش.
ھەي ئەقىللىق ئىنسانلار، ئويلاپ كۆرۈڭلاركى: بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ ئىنسانلارغا بېرىدىغان تەسىرى قانداق بولار؟ شۇڭا نۇرغۇنلىغان سوئاللار تۇغۇلماقتا .
1. ئادەم دېگەن نېمە؟ 2. ئېشەك دېگەن نېمە ؟ 3. كېچىنىڭ گۈزەللىكى قەيەردە ؟
4. ھالۋا بىلەن تېزەكنىڭ پەرقى قەيەردە ؟
ئالتۇندىن ھەل بەرسەڭمۇ كىسەكتۇر-كىسەك، ھەر كۈنلىكى ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك. ئېشەكتۇر ئۇ ئېشەك، بەرىبىر ئېشەك ،..... بۇ ھېكمەتنى بەك زۆرۈر ببىلمەك كىرەك .
ئاپتورى: مەخەت ئابدۇرېھىم
|
|