قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 5

قۇتتېكىن: دۇنيا مېھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 22:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       باشلانغۇچتا ئۇقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن، ئەدەبىيات دەرسى ۋاقتىدا، مۇئەللىم مۇشۇ مېھىر-مۇھەببەت توغۇرلۇق سۆزلەپ، بىزگە « دۇنيا مېھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» دېگەن تېمىدا ئەسەر يېزىپ كىلىش توغرۇلۇق تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ توغۇرلۇق تازا چۈشەنچىم ئېنىق بولمىغاچقا، ئاتا-ئانا، قېرىنداش توغرىسىدىلا مۇھەببەت بار دەپ ئويلاپ مۇشۇ ھەقتىلا ماقالە يېزىپ بارغان ئىدىم، شۇ ۋاقىىتا مۇئەللىم سىنىپتىكى ھەممە بالىلارنى ماختىغان، چۈنكى سەبىئى بالىلار ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان دوسىت بۇرادەر توغرىسىدىلا يېزىپ بارغان ئىدى.....
       كېينچە، يېشىمىزنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىرىمىز جەمىيەت كۆردۇق، چۈشىنىش دائىرىمىزنىڭ ئېششىغا، مۇناسىۋەت دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇھەببەتنىڭ دائىرىسنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، مۇھەببەتنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرلىق، تۇرمىشىمىزنىڭ ھەر قايسى دائىرلىرىگىچە چېتىلدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. مۇھەببەتنىڭ  مۇقەددەس كىتابلاردا ناھايىتى مۇھىم ئورنى، پەزىلىتى بارلىقىنى بىلىپ يەتتۇق.
ئاتا ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئاچا سېڭىل ئۇرۇق تۇققان، دوسىت بۇرادەرلەر، ھەقەم سايىلەر ھەتتا ئوخشاش ئېرىققا ئىگە مىللەتداشلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ مېھىر-مۇھەببەت بارلىقىنى ، دەل شۇ مېھىر-،مۇھەببەت بولغاچقىلا، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلار. ھەقەم-سايىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل، چوڭقۇر بولدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ  يەتتۇق..
       ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەللەرنىڭ كىنو-تىلۋىزىيە، تۈرلۈك ئېقىملىرى دىيارىمىزغا شىددەت بىلەن ئېقىپ كىردى. ئەلۋەتتە ، تىلۋىزۇر، تور قاتارلىق مىدىيا ۋاستىللىرىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىكى ئەركىن تور بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇچۇر تارقىتىدىغان مۇھىم ئامىللارغا ئىرىشتى. كىشىللىرىمىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇنىڭغا قىزىقتى ھەمدە بەس بەس بىلەن ئۇنىڭغا كىرىشىپ كەتتى، چەت ئەللەرنىڭ تۈرلۈك مەزمۇندىكى تىلۋىزىيە پىروگراممىللىرى ھەممىىزنىڭ ياقتۇرۇپ كۈرىشىـگە ئىرىشتى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە پەرىق چەكلىمە بارئىدى، ئەمما بىز ھەممىنى قۇبۇل قىلدۇق. بۇنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىتى كۆپ بولدى، چەت ئەللەرنىڭ تۇرمىشى بىر قەدەر ئەركىن  بولغاچقا، مۇھەببەت ئۇقىمى ئۇلارنىڭ تۇرمىشىدا چەكلىمىسىز ئۇچرايدۇ. ئەر-ئايال مۇھەببەت تەسۋىرلىرى  ئۇلارنىڭ كىنو-تىلۋىزىيەلىرىدە ئاساسلىق ۋەقەلىك قىلىنغاچقا، مۇشۇ پىروگرامما، تىلۋىزىيە كىنولىرىنى ياقتۇرىدىغان باللىرىمىز بىلىپ بىلمەي ، ئاتالمىش مۇھەببەت ئۇقىمىنى ئۈگۈنىپ، ئۇغۇل-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە توغرا قارىماي، جەمىيەتتە ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئەخلاق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىپ، ئاتا-ئانىلارغا چوڭ بالا تېپىپ بەردى.
       ئاخىرىدا، ھەممە بىر تاياق بىلەن ھەيدىلىپ، مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى يامان كۆز بىلەن قارىلدىغان، ھەممە ئاڭلىسا يىرگىندىغان ئوچ بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى، ئاتا-ئانىلار باللىرىغا مۇشۇ ھەقتە ھەم توغرا، ھەم خاتا تەربىيەلەرنى بەردى.. مۇھەببەت سۈزى ئېيتىلسا، ھەممە باش تارتىغان، ھەم نۇمۇس قىلدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغ مەنىسىگە تەسىر، نۇقسان يەتتى..
       مۇشۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دىيارىمىزدا يۈزبەرگەن بىر قاتار ئىشلار قايتىدىن كىشىلەر قەلبىدە مۇھەببەت ئۇقۇمىنى بەرپا قىلدى. خوتەندە يۈزبەرگەن شۇ قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن، دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ساھە، شەخىس زاۋۇت -كارىخانىلار مۇھەببەتلىك قۇلىنى شۇ ئاپەت رايۇنىدىكى كىشىلەرگە سۇنۇپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسدا يەنىلا مېھىر- مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى كىشىلەرگە تۇنۇتۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ  قىلغان ئىشلىرى ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈردى ئەلۋەتتە..
       يەنە، بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ۋە ئىچكىر ئۆلكىلەرنى قاپلىغان، «بىلىپ»، «ئەل-ئابىدە» قاتارلىق، مېھىر-،مۇھەببەت ئىللىق يەتكۈزۈش ئۇرۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، ياردەمگە مۇھتاج شۇ كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، ئۇلارغا كىشىلەر ئوتتۇرىسىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇدى، رايۇنىمىزدا قۇيۇق بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى  مۇھىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
       بىر قانچە، كۈندىن بۇيان، يېقىنقى كۈنلەردە تۇرمىشىمىزدا پەيدا بولغان ئۇندىدار ۋاستىللىرى ئۈزىنىڭ تارقىتىش، تىز يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن، تۈرلۈك يادەم، قوللاشقا مۇھتاج كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئارزۇسىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەم بىرىش كۆڭۈل بىرىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى، ئىشىنىمىزكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇر بولغۇسى، دۇنيا مېھىر مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى......


مۇھەببەتكە تولسا ئەگەر بۇ ئالەم

مۇھەببەتكە تولسا ئەگەر بۇ ئالەم
ئىناق ئۆتسە ھەممە كىشى بوپ ھەمدەم
يۇلتۇزلارمۇ كۆكتە ھەم قىلسا ھەۋەس
خۇشاللىققا چۈمۈپ كەتسە بارچە ئادەم

مۇھەببەتكە تولسا ئەگەر بۇ ئالەم
ھەر كۈنىمىز ئۆتىدۇ بۇلۇپ ئايەم
ئۈمۈدۈم شۇ قۇلۇمدىن يۇيۇنسا خەلق
مۇھتاج بولغان ھەر كىشىگە چۈشسە سايەم

مۇھەببەتكە تولسا ئەگەر بۇ ئالەم
كۈنلىرىمىز خۇشال ئۆتسە بۇلۇپ ئايەم
مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ ھەممە دۈشمەن بۇلۇپ
تالاشساق بىز غاجاشساق بىز كۈندە ماتەم

‏ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
2014-7-11

1

تېما

129

دوست

766

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29870
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 16:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسېز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

129

دوست

766

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29870
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 16:49:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۇپ ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5699

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1416
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 18:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى - مۇھەببەت بولغاچقا ، بۇ ئالەم گۈزەللىككە تولغان ، مېھرى - مۇھەببەتسىز دۇنيا بەئەينى قاراڭغۇ زۇلمەتتۇر .

0

تېما

9

دوست

2217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 18:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۇپ ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

0

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30397
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 18:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى-مۇھەببەت كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ ، كۆڭۈللەرگە ھارارەت بېغىشلايدىغان روھىي ئوزۇق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )