قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1105|ئىنكاس: 7

بوسۇغا ئالدىدىكى مەن ۋە ئاتلاپ چىققاندىكى مەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

202

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30335
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسۇغا ئالدىدىكى مەن ۋە ئاتلاپ چىققاندىكى مەن
ئىليارجان غالىپ

      ئى پەرۋەردىگارىم ! ئىلىمىمنى زىيادە   قىلغىن ! دېگىن      
                                                                   -سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)114-ئايەت
       ئۆزۈمنى ئىزدىدىم،يەنە ئىزدىدىم…ئەمما ئۆزۈمنى تاھازىرغىچە تاپالمىدىم. ئامېركىلىق نېگىر يازغۇچىسى رالىف ئېللىسون «كۆرۈنمەس ئادەم» ناملىق رومانىدا:«مەن ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم ئەمەس. لېكىن شۇنى بايقىدىمكى، مەن بىر كۆرۈنمەس ئادەم .» دەپ يازىدۇ. كۆرۈنمەيدىغان مەن ئۆزۈمنى قانداق بايقايمەن؟ ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۆرەلمىسەم ، باشقىلارغا قانداقمۇ ئۆزۈمنى كۆرسىتەلەيمەن؟! ئۆزۈمنى تونۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ ئاۋال مەن ئۆزۈمنى باشقىلارغا كۆرسىتەي…ئىنسان گۈزەللىككە ئىنتىلىۋاتقان بۈگۈنكى رېئال دەۋىردە  مەنمۇ بوسۇغامدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئەينەككە قارىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزۈمنى ئاشكارلىشىم دۇرۇس. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى ئەمەس، بەلكى مېنى پەرۋىش قىلغان ، مېنى ئۆز قوينىدا ئۆستۈرگەن، ماڭا يول كۆرسەتكەن،ماڭا ئېسىل دۇردانىلەرنى ھەدىيە قىلغان، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن…بىرخىل مەدەنىيەتنىڭ، بىر خىل تىلنىڭ، بىرخىل ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ، بىر خىل فولىكلورنىڭ …جۇغلانمىسى بولغان پەقەتلا دۇنيادا بىر بولغان مىللەت سۈپىيىدە نامايەن بولىمەن ۋە بوسۇغىدىن شۇ تەرىقىدە ئاتلاپ چىقىشىم كېرەك. بۇ مېنىڭ يۈكسەك مەسئۇليىتىم ۋە مەجبۇريىتىم …
     ئۆزۈمنى تاھازىرغىچە كۆرەلمىدىم. چۈنكى مەندە ھەقىقەت ئەينىكى يوق…ئاق بىلەن قارىنى،يۇرۇقلۇق بىلەن زۇلمەتنى،پاكلىق بىلەن ناپاكلىقنى،…پەرىق ئەتكىنىمدە،ئەقىل-ئىدراك ئۇچقۇنلىرى قاپقاراڭغۇ دىللىرىمنى چاقناتتى. مەن قەۋەتلا سۆيۈندۈم، چۈنكى مەن دىلىمدىكى ئۇچقۇنلارنى كۆردۈم ، دىلىمنى يۇرۇتۇشنى ئويلىدىم ۋە ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز ھەرخىل زەرەتلەرنى ئىزدىدىم. چۈنكى چاقماق چاققاندىكى يۇرۇقلۇق ماڭا ئۆزگىچە كۆرۈنەتتى، ھەر قېتىم چاقماق چاققىنىدا شۇ رايۇن ئەتراپى يۇرۇپ كېتەتتىكى، بۇخىل ھادىسە كېچىدە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنەتتى…مەنمۇ قاراڭغۇ دىللىرىمدا چاقماق چاقتۇرۇشنى،ھاسىل بولغان شۇ سۇلاردا تەكلىماكاندا يىلتىز تارتىپ ئەجداتلىرىمغا ئوخشاش توغراق بولۇشنى، بۇ تۆت كۈنلۈك جاھاندا ئەۋلادلارنىڭ بېشىغا سايە بولالىغۇدەك ئۆسۈۋېلىشنى، قەد كۆتۈرۈپ پۈتۈن تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ ، سۆيۈپ يېتىۋاتقان ئەجداتلار بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن …
   ئۆزۈمنى غۇۋا كۆرۈشكە باشلىدىم. ئەجداتلاردىن قالغان دۇردانە بەتلەر مېنىڭ ئەينىكىم ئىدى. ئىزچىل بەت ۋاراقلىغاندىكى يېقىملىق ئاۋاز قۇلۇقۇم ئەتراپىنى قاپلايتتى. بۇ ئاۋازدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتەتتىمكى، بۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى ئىپادىلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلدى. ھەربىر بەت مېنىڭ تېشىم ۋە ئىچىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھەقىقەت بەتلىرىدىن مەن تېشىمنى خاس بېزەش، ئىچىمنى تېخىمۇ زىننەتلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەتتىم.  مەن دىلىمنى سۆيۈندۈرگەن سەھىپىلەردىن ھەرخىل زەرەتلەرنى يىغاتتىم،توختىماستىن يىغاتتىم…ئۆزۈمنى خاس شەكىلدە بېزەيتتىم ۋە دىللىرىمنى زىننەتلەيتتىم …ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتقان، بېزەۋاتقان، زىننەتلەۋاتقان، دىللىرىمنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن زەرەت توپلاۋاتقان…شۇنداق دەقىقىلەردە مونۇ سەھىپىلەر مېنى ئويغا سالدى:
   «كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر.
    بەزى قېرىنداشلار مەندىن «بىز كىم؟» دەپ سورىدى.
    ئۇلار جاۋابىمغا قايىل بولۇشتى، لېكىن بىرەر ياخشى ئىشقا مايىل بولۇشمىدى. گېپىنى  قىلىپ، ئېپىنى تاپالماسلىق، نەپنى كۆزلەپ، ھەقنى كۆزلىمەسلىك زامانداشلىرىمىزدىكى ئىمانى سۇسلۇقنى ئاشكارلاپ قويدى. بۇنداق ھالدا مۇنداق بىر قورقۇنۇچلۇق رېئاللىق كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولىدۇ: ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايدىغانلار ئاز قالىدۇ.
     ئىچكى ئۆلكىلەرگە باردىم، كىشىلەر مەندىن :«سەن كىم؟» دەپ سوراشتى، «مەن ئۇيغۇر» دېسەم، ئىنكاس قايتۇرالمىدى.
     ياپونىيەگە باردىم، كىشىلەر مەندىن «سەن كىم؟» دەپ سوراشتى، «مەن ئۇيغۇر» دېسەم گاڭگىراپ قېلىشتى.
     ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنازاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ، لېكىن مېنى بىلمەيدۇ. كىشىلەر100 مىڭغا بارمايدىغان ئېسكىموسلارنى تونۇيدۇ، لېكىن 10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ.
     مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىبارىنى يەتتە-سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ، تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ. چىۋىن، چاشقان، قۇرۇت-قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر-ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن.
     بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى. نۇمۇس قىلدىم، جاھان ماڭا تار كەلدى. ئەگەر 10 مىليۇن كېسەكتىن قەسىر سېلىشقا توغرا كەلسە، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئالەمگە پۇر كەتكۈدەك قەسىردىن بىرى پۈتۈشى مۇمكىن.
    مەن مەۋجۇتمەن، لېكىن مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى دۇنيا تونۇمايدۇ ۋە ئېتىراپ قىلمايدۇ.
…                                         …                                          …»
   ئۆزۈمنى ئاخىرى كۆردۈم. خۇداغا شۈكۈر…ھەقىقەت ئەينىكى ئالدىدىكى مەن تېشىم نەقىشلىك كانۋاي، بېشىم ئۈستىدە خاسلىقىم نامايەندىسى سۈپىتىدە بادان دوپپا … دىللىرىم ئازراققىنە يۇرىغان، ئۆزلۈك دۇنيارىم ئاددىيغىنە توغراقنى شەكىللەندۈرگەن، كۆزلىرىمدىن ئەقىل، ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، ئەدەپ-ئەخلاق… نۇرلىرى زەررىچە چاقنىغان ھالەتتە ئىدىم. ئۆزۈمنى كۆرۈپ ئۇڭشىۋالغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئىرادىسى، مەدىتى بىلەن ئىشەنچىلىك ھالدا  بوسۇغىدىن ئاتلىدىم…ئىشەنچىم كامىلكى، مەن « سەن كىم ؟ » دېگەن سۇئالغا يېتەرلىك جاۋاپ تېپىپ بولۇپ بوسۇغامدىن ئاتلىغاندە. مەن شۇ سۇئالغا كىشىلەر قايىل بولغۇدەك جاۋاپ بېرەلىسەم ئاندىن باشقىلار مېنى تونۇيدۇ.
   سىرتقى دۇنيادىكى مەن ئاجايىباتلار ئىچىدە گاڭگىراپلا قالدىم. مەن زامانغا، دەۋىرگە، جەمىئەتكە ماسلىشىپ ماڭالىدىم. مېنى گاڭگىراتقان «سەن كىم؟ » سۇئالىغا «مەن ئۇيغۇر» دەپ توغرا جاۋاپ بەرگەن، ئەمما كۆرۈنۈشتىكى ھەقىقەت ئەينەكلىرىدە كۆرگەن ئۆزۈمگە يېرىم ئوخشىشاتتىيۇ، ئەمما بەزى يەرلىرى ئوخشاشمايتتى…تاشقى گۈزەللىكنىڭ ئورنىنى غەيرىلىكلەر قاپلىغان، ئاندا-ساددا سەھنىلەردە ھەقىقي گۈزۈللىك نامايەندىسى خاسلىق لىباسلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى…ئەڭ ئوخشاشمايۋاتقىنى قەلبىمىز ئىدى…
   ھەقىقەت ئەينىكى ئالدىدىكى مەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيتتىم. تىلىم شۇنچىلىك راۋان، پاساھەتلىك، يۇمشاق تىل ئىدىكى، خۇدا بىزدىن ھېچنىمىنى ئايىمايلا بېرىپتىكەن. بۇ تىل دۇنيادا پەقەت بىرلا … ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بويان فونېتىكا، لىكسىكا ۋە گىرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە يۈكسەك تەرەققي قىلىپ ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ، تاكامموللىشىپ، ئىلمىيلىشىپ، بۈگۈنگە ئۇلاشقان تىل ئىدى. ئۇيغۇر تىلى ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى، جەمىئەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە، مۇرەككەپ، چوڭقۇر چۈشەنچىلەر ۋە ئۇقۇملارنى بىمالال گۈزۈل تىل ۋاستىلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان، تۈركى تىللار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرەققي قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ تىل بىلەن ئىپادىلىيەلمەيدىغان شەيئى، ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئۇقۇم…يوق دېيەرلىك بولسا كېرەك. ئەمما بوسۇغىدىن ئاتلاپ چىققان مەن تىلدىكى غەيرىلىكلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم. زامانداش ئۇيغۇرلىرىم ئۆز تىلىنى بۇلغۇغان ئىدى. دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغان مۇكەممەللىك ساھىبى بولغان تىلىنى بۇلغۇغان ئىدى. ساپ تىلىغا قانداقتۇر باشقا بىر تىلدىكى سۆزلۈكلەر كىرىپ قالغانىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ھەقتە مۇنو سەھىپىلەرنى بىزگە ئاتىغانىدى:« ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ، قالغان تىللار كۆزئەينەك، دۇربۇن، تېلېسكوپ، مىكروسكوپ…دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ، كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.» توغرا، باشقا تىللار ئىلغار «كۆرەلمىگەن» شەيئىلەرنى كۆرسەتسىمۇ شۇنى كۆرۈشكە ئەڭ بۇرۇن كۆز ساق بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ھېس قىلسام مېنىڭمۇ كۆزلىرىم غۇۋالىشىشقا باشلىدى، چۈنكى ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ تەسىرى ماڭىمۇ يۇققانىدى. ئېرسىيەت قانۇنىيىتى بويىچە ئەجداتلىرىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلۈكى ماڭىمۇ ئېرسي قېلىشى كېرەكتى. ماڭا ئېرسىي قالغان ئۆتكۈر كۆزلىرىمنى ئۆزۈم قوغدىمىدىم، ئاسرىمىدىم، ئىشلەتمىدىم…پىچاقنى ئىشلەتمىسە دات باسقانغا ئوخشاش، كۆزلىرىمنى ئىشلەتمەي تور پەردىلىرىم غۇۋالاشتى، ئاجىزلاشتى. كۆزۈم كۆرمىسە ھەرقانچە ئەڭ ئىلغار كۆرۈش ئەسۋاپلىرىنى ئىشلەتكىنىم بىلەنمۇ ئەتراپىمدىكى شەيئىلەرنى كۆرەلمەيمەن، ئەلۋەتتە.«تىلدىكى بۇلغىنىش مىللي ئىماندىكى بۇلغىنىشتىن دېرەك بىرىدۇ» دېگىنىدەك مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئىمانى ئاجىزلىماقتا، بۇلغانماقتا، كۆزلىرى غۇۋالاشماقتا…«ئانا تىلىڭ غورۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى. ئۇ يىلىك. مەرىپەت،ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاھنامە، شاھادەتنامە، كاپالەتنامە، ھۇقۇقنامە تىللىرىدۇر»،«ئۆز ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇش تۇزكورلۇقنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ.» دېيىلگىنىدەك مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەر تۇزكورلۇق قىلىۋاتىمىز. تىلىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،زامانغا ماسلاشتۇرۇپ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىپ بەرگەن، بىزگە ساپ، ساق يەتكۈرۈپ بەرگەن ئەجداتلىرىمىزغا تۇزكورلۇق قىلىۋاتىمىز…«تىل-روھىي ۋەتەن، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك» نى ئاجىزلاشتۇرىۋاتىمىز، بۇزۇۋاتىمىز…مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەر ئاخىرەتتە ئەجداتلارغا ۋە ئەۋلادلارغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز…ئاخىرەتتە ئۇيغۇرۇمنىڭ نامايەندىلىرى بولغان مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىلىرىم:«سەن بىزگە تۇزكورلۇق قىلدىڭ، بىز شۇنچە تىرىشىپ مۇكەممەل ھالەتتە ساڭا سۇنغان ھەدىيەنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭ، بۇلغۇدۇڭ…» دەپ مەندىن رازى بولمىسا…ئەۋلادىم:« ئاتا ئەجداتلىرىم سېنى قارغاشتى، لېكىن سەن ماڭا شۇنداق يەتكۈزگەن تۇرساڭ؟!..مەندە ھېچبىر ئېلاج يوقتە؟!» دەپ تەئەججۈپلەنسە…مەن ئەجداتلار ۋە ئەۋلادلىرىم ئالدىدا، ئەڭ پاجىئەلىكى شۇكى جانابى ئاللاھ ئالدىدا، پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر، مۇسۇلمان قېرىنداشلار، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالدىدا قارا بولۇپ قالمامدىم…شۇ خىياللار ئىلكىدە چاچىرىپ قوپۇپ كەتتىمكى، بۇدۇنيادا بار-يوقنىڭ ئورنىدا گاراڭلا بولۇپ قالدىم…ھەقىقەت ئەينىكىدىن كۆزۈمنىڭ غۇۋالىقىنى ، مىللي ئىمانىمنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقىنى، ئاخىرەتتىكى ئۆزۈمنىڭ ئەجداتلار ۋە ئەۋلادلار ئالدىدىكى خار ھالىتىمنى كۆرۈپ يەتتىم…چۆچۈدۈم ۋە ئېرسىي قالغان ئۆتكۈر كۆزلىرىمنى ئىشلىتىشنى، قوغداشنى،ئاسراشنى، مىللىي ئىمانىمنى كۈچەيتىشنى، ئەجداد بىلەن ئەۋلادىم ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملەشنى ۋە پۇختىلاشنى ئۆزۈمنىڭ مىللي بۇرچۇم، يۈكسەك مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇريىتىم سۈپىتىدە ھەقىقي تونۇپ يەتتىم…
    بوسۇغا ئالدىدىكى مەن ئۆزۈمنى بۆلەكچىلا كۆردۈم. چۈنكى تاشقى خاسلىقىم بىلەن ئىچكى گۈزەللىكىم،جىسمىم بىلەن روھىيىتىم، تىلىم بىلەن دىلىم،… بىرلەشكەنىدى. ئىچىمدىكى ئەجداتلىرىمدىن قالغان گۈزەل ئۆرۈپ-ئادەت نەقىشلىرى، ئانا تىلىمدا يۈرۈكۈم ئۈستىگە ئۇيۇپ يېزىلغان «ئۇيغۇر» سۆزلىرى،…ئىچكى دۇنيارىمنى بۆلەكچە گۈزەللىككە ئىگە قىلغانىدى. «مەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېھتىماللىق، ئۆزۈم ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىم مەندىكى مەۋجۈت نەرسىلەرگە نىسبەتەن دېڭىزدىن تامچە. مېنىڭ ئېيتالىغانلىرم ئۆزۈم ھەققىدىكى يۈزەكى بايانلاردۇركى،مەن تېخى تامامەن ئېچىلمىغان بىر دۇنيا» دەپ ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ ئۆزىنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلقىنى،ئۆزىنى تامامەن چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىنى بايان قىلغانىدى ۋە بۇ ھەقتە مونۇ سەھىپىلەرنى پۈككەنىدى:«ئۆزىنى ئۆزىدىن تاپالمىغانلار ئۆزگىدىن تاپالمايدۇ.» توغرا ھەربىر ئادەم ئېچىلمىغان بىر دۇنيا، ئېچىلمىغان بىر سىر…
    بوسۇغا ئالدىدىكى مەن بوسۇغىدىن ئاتلاشتىن ئىلگىرى مونۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزىمەن:« ئۆزىنى بىلەلمىگەن ئادەمنى باشقىلار قانداقمۇ بىلەلسۇن؟ ئۆزىنى تونىمىغان ئادەمنى باشقىلار قانداقمۇ تونىيالىسۇن؟ ئۆزىنى كۆرەلمىگەن ئادەمنى باشقىلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟…»مەن بوسۇغىدىن ئاتلاشتىن بۇرۇن ھەقىقەت بەتلىرىدىن ئۆزۈمنى كۆردۈم، ئۆزۈمنى تۈزۈدۈم، ئۆزۈمنى بېزىدىم،… ئېرىشكەن زەرەتلەردىن قەلبىمنى ئازراققىنە يۇرۇتۇپ  كۆرەلىدىم.…ئۆزۈمنى  تونىغاندىلا باشقىلارمۇ مېنى تونۇيدۇ، ئۆزۈمنى ئېتىراپ قىلغاندىلا باشقىلارمۇ مېنى ئېتىراپ قىلىدۇ…ئۆزۈمنى ئۆزۈمدىن ئىزدەۋاتىقىنىمدا، مەن يۇرۇقلۇققا،  ھەقىقەت ئەينەكلىرىگە مۇھتاجمەن…
     بوسۇغىدىن ئۆزۈمنى ئازراققىنە بىلگەن، تونىغان، چۈشەنگەن، ئۆزۈمنى تېپىۋالغان…ئاساستا ئاتلىدىم. دۇنيا ماڭا باشقىچە كۆرۈندى، مەنمۇ دۇنياغا بۆلەكچىلا كۆرۈندۈم بولغاي…ئىشقىلىپ مەن ئىزچىل ئۆزۈمنى يۇرۇتۇشنى نىشان قىلىپ ئاتلىنىۋاتىمەن. چاقناپ يۇرۇقلۇق چىقىرىپ قەلبىمنى كۆرگىنىمدە دۇنيامۇ، دۇنيا ئەھلىمۇ مېنى كۆرىدۇ، مېنى تونۇيدۇ. مېنى تونىتىدىغىنى يەنىلا مېنىڭ قەلبىم، مەن كۆرەلمىگەن قەلىبنى باشقىلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ شۇڭا مەن قەلبىمنى يۇرۇتىشىم، باشقىلارغا كۆرسىتىشىم كېرەك. شۇندىلا باشقىلارمۇ مېنى كۆرەلەيدۇ ۋە تونۇيدۇ. دۇنيامۇ قەلبىمنى كۆرۈپ مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ.
   ھەر بىر زامانداشلىرىم بوسۇغىلىرىدىن ئۆزىنى تۈزەپ، قەلبىنى كۆرۈپ بېزەپ، يۇرۇتۇپ…ھەقىقەت ئەينەكلىرىدە ئىللەتلىرىنى تۈزەپ،… يۈكسەك مەجبۇريەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى بوينىلىرىغا ئېسىشقان ھالدا  ئاتلىسا ئىدى، مىللەت تۈزەلگەن بولاتتى. چۈنكى «ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس» دېگەن دۇردانىلەر بار ئەمەسمۇ؟! زامانداشلىرىم  ئۆزىنى تونىغان ھالدا بوسۇغىدىن ئاتلاشقىنىدا باشقىلارمۇ ئۇلارنى تونىغان بولاتتى…دۇنيامۇ قەلبلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ئېتىراپ قىلغان بولاتتى…قەلبىڭىز ئېچىلمىغان بىر دۇنيا ، بۇ سىزگە ياراتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن يۈكسەك ماقام…قەلبىڭىز پەقەت سىزگىلا خاس دۇنيا،  ئۇنى يۇرۇتۇڭ ئۆزىڭىز كۆرەلىسىڭىز شەك-شۈبىھسىزكى باشقىلارمۇ، دۇنيامۇ كۆرەلەيدۇ .
    سىز مەۋجۈتسىز. ئەمما قەلبىڭىز مەۋجۈت ئەمەس. ئۇ يۇرىغاندىلا مەۋجۈت بولالايدۇ ۋە ئىچىدىكىنى ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپتىكىلەرگە كۆرسىتەلەيدۇ. دۇنيا شۇ چاغدىلا سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ. دەل شۇنداق پەيىتلەردە قەلبىڭىزدىكى تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ ياتقان توغراققا ئۇيۇلۇپ يېزىلغان «ئۇيغۇر» سۆزى نامايەن بولىدۇ. دۇنيا سىزنى شۇ ئارقىلىقلا تونۇشىدۇ، سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنى شۇنى كۆرۈش ئارقىلىقلا  ئېتىراپ قىلىشىدۇ…قەلبىنى تۆت كۈنلۈك دۇنيادا يۇرۇتالمىغان، كۆرەلمىگەن… ئىنسان ئۆزىنى  تونىيالمىغان بىلەن باراۋەر ئاساستا يوقۇلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۆزگىنى، دۇنيانى … تونۇشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
    « ئۇلار زېمىندا سەيىر قىلمىدىمۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار(سەيىر قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلىبلەر كور بولىدۇ ( ھەقىقي كورلۇق كۆزنىڭ كورلىقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلىقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ).»  -سۈرە ھەج 46-ئايەت
دېيىلگىنىدەك قەلبى كورلار دۇنيانى كۆرەلمەيدۇ ۋە مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ. قەلىبنى نۇرلاندۇرغاندىلا ئۇ كۆرەلەيدۇ ۋە كۆرۈلىدۇ. شۇندىلا ئىنسان چۈشىنىدىغان دىللارغا، كۆرىدىغان كۆزلەرگە، ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا، سۆزلەيدىغان ئېغىزلارغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ماھىيىتى ۋە مەنىسى.
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە : «يەر يۈزىدىكى ئالىملار خۇددى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ جاھاننى يۇرۇتىشى بىلەن قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىزدا يول تېپىپ ماڭغىلى بولىدۇ، يۇلتۇزلار بولمىسا يول باشلىغۇچىلار ئېزىپ قېلىشقا تاسلا قالىدۇ» دېيىلگىنىدەك ئۇلارنىڭ قەلبى يۇرۇپ يۇلتۇزكەبى چاقنىغان . قەلبىمىز پەقەتلا ئىلىم بىلەن يۇرۇيدۇ. ياراتقۇچى ھەربىر ياراتقىنىغا مۇكەممەللىك بىلەن ھېكمەتنى، قانۇنىيەت بىلەن رېتىمنى،ئالاھىدىلىك بىلەن گۈزەللىكنى، يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى… بىر گەۋدىلەشتۈرۋەتكەن. بىز پەقەت شۇ مۇكەممەللىكنى،ھېكمەتنى، قانۇنىيەتنى ۋە رېتىمنى…بايقاشقىلا قادىرمىز… شۇنى بايقاپ ياراتقۇچىنى ھەقىقى تۇنىساق بۇ بىزگە بېرىلگەن يۈكسەك قەلىبنى يۇرۇتقانلىق ھەمدە ئىنساننىڭ ئەڭ ئۈستىگە مۇكەممەللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىرلىق مېڭىمىزنى ئىشلەتكەنلىك. بىز قەلبىمىزنى يۇرۇتىشىمىز ۋە يۇرۇتىشقا مايىل بولىشىمىز كېرەك. شۇندىلا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار قەسىرى يۇرۇپ جاھاندا چاقنايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدۇ…ئۈمۈدۈم شۇكى، قەسىرگە مونۇ سۆزلەر يېزىلسا:«بىلىملىك مىللەت خار بولماس»…

18

تېما

10

دوست

4125

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1351
توردىكى ۋاقتى: 1046
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 22:51:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرىڭىزنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، بارىكاللا~~~
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

9

دوست

2060

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 13:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىددىن نىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر بىلەن سىز ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇن ئوبدان جىپىسلىشىپتۇ.

1

تېما

4

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 14:56:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكلەر پىچىرلايدۇ...

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 17:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر100 مىڭغا بارمايدىغان ئېسكىموسلارنى تونۇيدۇ، لېكىن 10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ.
   

   مانا بۇ جۈملە بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك گەپكەن،

0

تېما

3

دوست

1118

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28809
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 354
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 19:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىملىك مىللەت خار بولماس،توغرا دەيسىز ،ئۇگىنىش ،كىرەك.تىرىشساقلا،ئولمىگەن جاندا ئومىد تۇغۇلىدۇ.

0

تېما

1

دوست

202

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30335
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-29 14:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
psb.jpg

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 10:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر100 مىڭغا بارمايدىغان ئېسكىموسلارنى تونۇيدۇ، لېكىن 10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )