- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4007
- نادىر
- 1
- يازما
- 170
ئۆسۈش
  66.9%
|
تارىخ كىمگە لازىم؟
تارىخ مىسالى ئاقساقال بوۋايدۇر،كەلگۈسىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەندە، كەلگۈسى تارىخ يارىتىش ئىشەنچىسى قالمىغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇنداقتا تارىخ كىمگە ،قانداق شارائىتتا لازىم ؟ بۇ سۇئاللارغا بىز ئەمدى جاۋاپ ئىزدەۋاتقان بىلەن ،دۇنيادا يول تاپقان قەۋملەر نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدىلا جاۋاپ ئىزدەشكە تۇتۇنغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپرەك بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەن پەيلاسوپ ،گىتلىرنىڭ ئۇستازى يەنى گىتلىرنىڭ ئىدىديىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ فىدرىخ نىچشى بولسا كىرەك.ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا كۆرگەن بولغاچقا،گەرچە ناھايىتى بەك تەسىر قىلغان بولغاچقا داۋاملىق تەپەككۇر قىلىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ،دىگەن سۆزىنىڭ ئۆزىنى ئەينى دەپ بىرەلمىسەممۇ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى يۇرۇتۇپ بىرەلەيمەن دەپ ئويلايمەن.بۇ يەردە دىيىلگەنلىرى ھەممىسى ئۇنىڭ ئىددىيسى ئەمەس،بەلكى ئۆزەمنىڭ كۆزقارشى يۇغۇرۇلغان 、 ھەزىم قىلىنغان يەنى ئۇيغۇرلاشقان بولغاچقا خاتىرجەم ئىستىمال قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ.
ياخشى تارىخ بىخۇتلۇقتىن 、 يامان تارىخ ئۈمۈتسزلىكتىن باشقا نەرسە ئەكىلەلمەيدۇ.شۇڭا تەجىربە-ساۋاقنىڭ مۇھىملىغى كۆپ تەكىتلىنىدىغان،تەجىربە-ساۋاقلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ۋە ماختىنىدىغان جەمىيەت ۋە جەمىيەت ئەزالىرى، ئىنسانلار جەمىيىتىگە مەنپەئەت ئەمەس يۈك بۆلىشى مۇمكىن.بىر ئىزدا توختاپ قالغان ھاياتلىق ،ئۇ ھاياتلىق ئەمەس ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر! دىمەك، ھاياتلىق ئۈزلىكسىز ئىلگىرلەش 、تاغ-داۋانلاردىن ئېشىش 、يېڭى-يېڭى رىكورتلارنى يارىتىش دىمەكتۇر! ئەدەملەر ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئادەملەرچە تەپەككۇر قىلىشى،ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى ھەتتا تەجىربە-ساۋاقلىرىنى يەنى تارىخىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇشى كىرەك! يېڭىۋاشتىن ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇرۇنقىنى (كونىنى)بۆسۈپ تاشلىغاندا ، ئاندىن نىجاتلىق كۆز ئاچقان بولىدۇ.ئالىملار چىكەتكىنى تەجىربە قىلغان ئىكەن: چىكەتكىنى بىر قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى يېپىپ قويۇپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئېچىۋەتسە، چىكەتكە ئادەتلەنگىنى بويىچە شۇ ئاغزى يېپىلغان يەرگىچىلا سەكرەيدىكەن،ھەرگىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرلىيەلمەيدىكەن.مىنىڭچە تارىخ دەل مانا مۇشۇنداق نەرسە ،بۇ يەردىكى قاچىنىڭ يېپىلغان ئاغزى ئىنساننىڭ تارىخى 、ئىنساننىڭ تەجىربە-ساۋاقلىرى、 ئىنساننىڭ ئۆتمۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس! شۇڭا ئادەملەردەك تەپەككۇر قىلىپ (ھەرگىزمۇ چىكەتكىدەك ئەمەس) ئادەتلەنگەن ئاشۇ سىزىقتىن ھالقىش ئارقىلىقلا،ئىنسان ئۆزى ئىزدىگەن نىجاتلىققا ئىرىشەلەيدۇكى،ئەكسىنچە چىكەتكىدەك تەجىربە-ساۋاقنىڭ قۇلى بولۇپ ھەرقانچە سەكرىگەن بىلەن قاچىدىن تېشىغا چىقالمايدۇ.
تارىخ قانداق ۋاقىتتا ،كىمگە لازىم ؟ تارىخ — ئۇ تارىخ ياراتقۇچىلارغا تارىخ يارىتىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە لازىم .چۇنكى تارىخ ياراتقۇچىلار تارىخ يارىتىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، قاتتىق يالغۇزلۇق ھىس قىلىشى مۇمكىن. دېڭىزدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم بىرەر تال پاخال بولسىمۇ ئىزدىگەندەك، ئەتراپقا قاراپ بىرەر ياردەم كىلىپ قالامۇ دەپ قارايدۇ،بۇ چاغدا ياردەم ئەتراپىدىكىلەردىن ھەرگىز كەلمەيدۇ،دەل شۇ چاغدا ئۇ بۇرۇنقىلارنىڭ تارىخى يەنى تەجىربە-ساۋاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئەھۋالدا تارىخ ،بولۇپمۇ تارىخىغا ئىگە بولالمىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ، ئېغىر يۈك ۋە ھەركەت قىلىشتىكى توسالغۇ بولۇشتىن باشقا ھىچقانداق پايدا بەرگەن ئەمەس.شۇڭا تارىخنىڭ قۇم-بورانلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتمەيلى دەيدىكەنمىز،ياخشى - يامان بارلىق تارىخنى بىر ياققا قاتلاپ قويۇپ يېڭىدىن تارىخ يارىتىشىمىز كىرەك!
“ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن بۈگۈن يېڭى ئاتقان تاڭ، يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشىدۇر.”بۇ سۆزنى نەدە بىر يەدە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم،لىكىن كىمنىڭ قىللغىنى ئىسىمدە يوق.ئادەم يېڭى بىلىمگە ئىرىشىش ئۈچۈن، كونا بىلىمنى ئۇنتۇپ تۇرمىسا بولمايدىكەن.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ،ئىنسان ھەركەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنتۇشى كىرەك ئىكەن.ھاياتى كۈچكە تولۇپ ھەركەت قىلىش ئۈچۈن، كىچىك بالىدەك بولىشى يەنى ھەممە ئىشنى يېڭى باشتىن باشلىشى كىرەك.بۇ خۇددى كومپىيۇتېردا كۈندە ھەركەت قىلىش جەريانىدا، يېغىلىپ تۇرىدىغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇرمىسا،كومپىيۇتېرنىڭ ھەركىتى ئاستىلاپ ئاخىرى مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بارغاندەك بىر ئىشتۇر.كومپىيۇتېرنىمۇ ئىنسان ياسىغان بولغاچقا،مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام ئۇنىڭ ئىنساننىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى、 خۇي-مىجەزىنى ئالماسلىغى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانمۇ ھاياتلىق ھەركىتى جەريانىدا ئۈزلىكسىز شۇنىڭدەك روھى –جىسمانى ئەخلەتلەرنى يېغىۋالغان بولىدۇ،بۇنى تازىلاپ جەڭگىۋارلىقنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭدە بەش ۋاخ يۇيۇپ تۇرسا بەدىنىدە ھىچقانداق كىر قالمىغاندەك،بەش ۋاخ ناماز ئىنساننى روھى-جىسمانى جەھەتتىكى ئەخلەتلىرىنى تازىلايدىغان ئامىل. تازىلاش-پاكلىنىش نىمىگە مۇھىم؟ ئۇ ئىنساننىڭ ھايات كەچۈرىشى ئۈچۈن، ھەركەت قىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بەك مۇھىم.
ئىنسانلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىغى بىلەن ماختانغانلىغى خاتا ئەمەس،لىكىن قانچە ئۇزۇن دىگىنى شۇنچە قېرى دىگەنلىك بولىدۇ. قانچە قېرى بولسا، گورغا、 تۇپراققا شۇنچە يېقىن بولغان بولىدۇ.ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى قانلىرىدا ، تۇپراققا خاس يېقىن ئېلمىنىتلار、 يېقىن ئالامەتلەر شۇنچە ئېنىق ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ.كونا نەرسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى قان ئالماشتۇرۇش、يېڭى ئىلمىنىتلارنى سەپلەپ تۇرۇش、تازلاپ تۇرۇش、دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش قاتارلىقلار.بۇ خۇددى زەردار ئۇستام ئالتۇننى ئوتتا تاۋلاپ ساپلاشتۇرغاندەك،كونا نەرسە بېشىغا كەلگەن قاتتىق كۈلپەت、 ئازاپ –ئوقىبەتلەر بىلەن تاۋلىنىپ قايتىدىن ھاياتى كۈچكە تولىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ ھىچقاندىغىنى ئىشلەتمەي ياكى ئىشلىتىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ ،ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مىراس(تارىخ)قا تەييارغا ھەييار بولۇپ يەپ يېتىۋېرىدىغان ئەۋلات،ئۆزى يېڭىدىن تۇغۇلغان ياش بولسىمۇ مىجەز-خۇلقى قېرىپ كەتكەن ئەۋلات بولۇپ،كونا تارىخنى قۇچاغلىغان پېتى تۇپراققا كىرىشكە لايىق بولۇپ قالغان بولىدۇ.
|
|