- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
79.63%
|
ئورخۇن مەڭگۇ تاشلىردا ‹تابغاچ بۈدۈن سابى سۈچۈگ ئاگزى يىمشاق ئەرمىش› دىگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ، تەتقىقاتچىلار بۇ مەزمۇننى تابغاچ ئاقسۆڭەكلىرگە ئەمەس خەلقىگە قاراتقان دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان.
بۇ سۆز «تابغاچ خەلقىنىڭ سۆزى تاتلىق، ئاغزى يۇمشاق ئىكەن » دېگەن سۆز ، بۇ يەردە «خەلق» دېيىلگىنىگە قاراپلا بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ تابغاچ خەلقىگە قارىتىلغان دەپ قارىشى مەسىلىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، چۈنكى خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغىنى دەل ئاشۇ ھۆكۈمران ئاقسۆڭەكلەر بولىدۇ، دىپلوماتىيە ئالاقىسىدە خەلق ئەمەس بەلكى ھۆكۈمرانلار بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدۇ، بۇ ھازىرمۇ شۇنداق. دىپلوماتىيە ئالاقىسىدە شىرىن-شىكەر سۆزنى كىم قىلىدۇ؟ دەل ئاشۇ ھۆكۈمرانلار قىلىدۇ. شۇڭا بۇيەردىكى ئوبيېكىتنىڭ كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇملۇق.
ئۇيغۇر قاغانلىقى تابغاچ ئېلىنى نىمىشقا ئۆز تىرتوريەسىگە قوشۇۋالمىغان بولغىيتى
مېنىڭچە ، بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ مەڭگۈ تاشتىكى «تابغاچ خەلقىنىڭ سۆزى تاتلىق، ئاغزى يۇمشاق ئىكەن » دېگەن ئىبارىلەردىن ۋە شۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن ئۇلارغا ئالدىراپ يېقىنلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدىكى ئىبارىلەردىن مەلۇم بولىدۇ.چۈنكى بۇ ئىبارىلەرنى قاغانلار بۇرۇنقى ئابا - ئەجداتلىرىنىڭ ئەل تۇتۇش جەريانىدىكى كۈلپەتلىك قىسمىتىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ ۋە بۇنى كېيىنكىلەرگىمۇ نەسىھەت قىلىپ قالدۇرۇش يۈزىسىدىن مەڭگۈ تاشقا ئويۇپ قالدۇرغان. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تابغاچ ئېلىنى قۇشۇۋالمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى يۇقىرىقىدەك بولسا ، يەنە بىر سەۋەبى شۇكى ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ئۆزىگە تىنىچ ئۆتۈش تەلىپىنى قويغان بىر ئەلگە ئالدىراپ چېقىلماسلىق ___ يايلاق ئەللىرىنىڭ ئۇدۇمى، بولمىسا تابغاچ ئېلىنىڭ چاڭئەن، لوياڭ ئىككى ئاستانەسىنى ئالغان ئۇيغۇر قۇشۇنىنىڭ ۋەدىنى بۇزۇپ بۇ ئەلنى قۇشۇۋېلىشى تەسكە چۈشمەيتتى.بۇنىڭدا شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى ، ئۇيغۇر قاغانلىرى ئاۋال ئابا-ئەجداتلىرىنىڭ ساۋاقلىرىنى ئەستە تۇتقان بولسا ، ئاندىن ئىككى ئوتتۇرىدا تۈزۈلگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغان. ناۋادا قۇشۇۋالغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ھازىرقى زامان نۇقتىسىدىن تۇرۇپ بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ رىئاللىققا ئايلانغان ئىش ئەمەس . ئەمما، ئاشۇ تابغاچ ئېلىنى پۈتۈن ياكى قىسمەن قۇشۇۋېلىپ، ئاخىرىدا شۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەپكۈرىسىگە كىرىپ كېتىپ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىمۇ يۇقىتىپ قويغان يايلاق خەلقلىرىنىڭ قىسمىتى بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. ئالايلۇق، ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالغان قوغشار تەڭرىقۇت باشچىلىقىدا جەنۇبقا ___ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي چېگرىلىرىغا كېلىپ ماكانلاشقان ھۇنلار، ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپىنچە قىسمىنى تىزگىنلەپ خۇاشىيالىشىشنى يولغا قويغان توقبات سىيانپىلىرى(يەنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى)، قىتانلار(لياۋ سۇلالىسى )، جۇرجىتلار(جىن ، يەنى ئالتۇن خانلىقى)، موڭغۇللار ، مانجۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بۇلاردىن پەقەت موڭغۇللار 1368-يىلى جۇ يۈەنجاڭنىڭ ھۇجۇمىدا دانالىق بىلەن چېكىنىش يولىنى تاللاپ شىمالدىكى ئۆز زېمىنىغا كېتىپ ئۆزىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا ، قالغانلىرى ئاساسەن ئۆزلىرى شۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتتى، بۇ دەل نېمە ئۈچۈن شىمالدا قەد كۆتۈرگەن ئاشۇ يايلاق خەلقلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىشىنىڭ ھەم تابغاچلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نوپۇسىنىڭ شۇنچە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى. |
|