- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
79.63%
|
ئەمما قېرىنداشلار، ئۇ قازاقنىڭ گېپىدىنمۇ بەك ئويلىنىپ كۆرىدىغان بىر مەسىلە ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ، بىلىپ -بىلمەي ھېسىياتقا تايىنىپ مەيلى تور، ئۈندىدار ۋە باشقا تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدە پىكىر قىلىپ قويۇپ ، ئاخىر مۇشۇنداق پىكىرلەرنىڭ ئورۇنسىز قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن بەك ساقلىنىش كېرەك . بۇ بەلكىم ھەممەيلەنگە خېلى ئايان بولسا كېرەك ، ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى تېخى ھېس قىلىپ بولالمىغانلار بولسا دەرھال كاللىمىزنى سىىلكىۋېتەيلى ، بۇ دېگىنىم مۇشۇ باشتىكى ئەسلى يازمىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس ، ئەمما بەزى ھېسسىيات ئامىلى كۈچلۈك ، ئىلمىي دەلىل -ئاساسىي ئاجىز ، ھەتتا يوق پىكىرلەر مۇشۇ توردىلا ئەمەس ، نۇرغۇن تورلاردىمۇ يەنىلا مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەپ تۇرۇپتۇ. تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدە ئىككى ئېغىز يازما ياكى ئىنكاسنى ھېسىياتلىنىپ سۆزلەپ كەتكەندىن كۆرە ، ياخشىسى ۋەزىيەتكە لايىق ، دەلىل- پاكىتى بار ، ئۆزىمىز قىلغان گېپىمىزگە ئىگە بولالايدىغان گەپنى قىلايلى ، بولمىسا قىلمايلى، ئەگەر مادارىمىز يەتسە ئاساسسىز پىكىرلەرنى ئىلمىي تەنقىد بىلەن توغرىلايلى ۋە تۈزىتەيلى . ئەڭ مۇھىمى توغرا بىلىم ئۆگىنەيلى ، كۆپ ماتېرىيال كۆرەيلى ، ئۆزىمىزنىڭكىنىلا ئەمەس ، كۆپرەك تىل ئۆگىنىپ باشقىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنىمۇ كۆرەيلى ھەم ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ مۇۋاپىق يەكۈنگە كېلەيلى . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھامان پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولۇپ ، بىزنى ئىزتىراپقا سېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاستا -ئاستا ھەل بولىدۇ . شۇنى تەكىتلەيمەنكى ، بىز ئۈچۈن ھازىر تۈرلۈك مەپكۇرىلەردىكى رەسمىي ۋە بىرەسمىي پىكىرلەردىن قايمۇقۇپ ئۆزىمىزنى توغرا تونۇيالماسلىقىمىز قانچە زىيانلىق بولسا، قىزىققانلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ، ھەممىنى ئۆزىمىزگە تارتىدىغان، ھەممىدە ئۆزىمىزنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان روھىي غالىبىيەتچىلىك ئىدىيىسى تېخىمۇ زىيانلىق.بۇ ئاخىرىدا بىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.
|
|