ئايازىي-ئايازبېك قۇشچى(تەخەللۇسى ئايازىي) 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە ياشاپ ،سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېقىن باتۇر بەگلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ،يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان،سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ۋە تونۇلغان شائىر سۇپىتىدە يەكەن خانلىقىنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان شەخىستۇر.ئۇنىڭ ‹‹دىۋان ئايازى›› دىگەن تولۇقسىز قوليازمىسى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 50 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
لۇتفىي-(1366-1465) نەۋائى تەرىپىدىن ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ كامالەتكە يەتكەن پىر ئۇستازى›› دەپ تەرىپلەنگەن تالانتلىق شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفىي مىلادىيە 1366-يىلى ھېراتتا تۇغۇلۇپ ،بۇ شەھەرنىڭ دىھكانار دېگەن يېرىدە تۇرمۇشىنى غېرىپلىقتا ئۆتكۈزگەن.1465-يىلى 99 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئەينى دەۋىردە تۈرك،پارس تىلىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان.ئۇنىڭ تۈركىي تىلىدىكى ئەسەرلىرى تاشكەنت ،ئىستانبۇل،لوندۇن،لېنىنگىراد قاتارلىق جايلاردىكى كۈتۈپخانا ۋە مۇزىيلاردا ساقلانماقتا.شائىرنىڭ ‹‹گۈل ۋە نەۋرۇز ››داستانى ۋە ‹‹دىۋان لۇتفى›› ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 44 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
نىزارىي-(1776-1850) شائىر ئابدۇرەھىم نىزارىي 1776-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.30 ياشقىچە قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئوقىغان.1830-يىلىلىرىدا زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ مەھكىمىسىدىكى دىۋانخانىدا باش مىرزا بولغان.ئۇ ئۆز ئۆمرىدە‹‹دىباچە››،‹‹لەيلى-مەجنۇن››،‹‹پەرھات-شېرىن››،‹‹رابىيە-سەئىدىن››،‹‹دۇرۇلنەجاد››(نىجاتلىق ئۈنچىلىرى)،‹‹چاھار دەرۋىش››(زىيائى بىلەن)،‹‹غېرىپلار ھىكايىسى››(ئۈچەيلەن بىرلىكتە) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر ۋە نۇرغۇن لىرىك غەزەللەرنى يازغان.ئۇنىڭ 16 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
زىيائىي – نەۋرۇز ئاخۇن (تەخەللۇسى زىيائى) 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان،كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق شائىرلاردىن بىرىدۇر.ئۇ نىزارىي بىلەن بىرلىكتە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دىۋانخانىسىدا كاتىباتلىق قىلغان.نىزارىي بىلەن ئىجادىيەتتە قىزغىن ھەمكارلاشقان.شائىر ئۆز ئۆمرىدە‹‹‹‹ۋامۇق ۋە ئۇزرا››،‹‹مەسئۇت ۋە دىلئارا›› ،‹‹مۇھزىنۇل- ۋائىزىن››(مۇڭلۇق ۋەزلەر)‹‹چاھار دەرۋىش››(يېرىمى)قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنىڭ 22 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
زەلىلىي- شائىر گۇمانىزىمچى ۋە پەيلاسوپ مۇھەممەد سىدىق زەلىلىي تەخمىنەن مىلادىيە 1676 –يىلى يەركەندە تۇغۇلغان.يەركەندىكى مەدرىسلەردە بىلىم ئالغاندىن كېيىن قەشقەر، خوتەن،ئاقسۇ،كۇچار،تۇرپان،قۇمۇللارنى ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ چىققان.50 ياشلارغا كىرگەندە خوتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.شائىر ئۆز ئۆمرىدە ‹‹دىۋان زەلىلى››ناملىق توپلامنى (غەزەل،مۇخەممەس ۋە قەسىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)،‹‹سەپەرنامە››(1720-يىلى) 1400 بېيىتلىق داستانىنى،‹‹تەزكىرەئى چىھلىتەن››(1736-يىلى) 565 بېيىتلىق رىۋايىتىنى،‹‹تەزكىرەئى خوجا مۇھەممەد شىرىپ››(1742) قاتارلىق بىر قىسىم دىنىي مەزمۇنغا ئىگە تەزكىرە-تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان.زەلىلىي شېئىرلىرى يۇقىرى پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە.ئۇنىڭ 94 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
ئاتايى- (14-15-ئەسىر) تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شائىر مەۋلانە ئاتايىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات يوق.‹‹مەجالىسۇن نەفائىس››،‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغاتەين›› قاتارلىق مەنبەلەردە ئاتايىنىڭ يۇقۇرى شۆھرەتكە ئىگە ئەدىپ بولۇپ ،ئۇنىڭ تاشكەنت بىلەن سايرام ئارىلىقىدىكى ھېزدىيان دېگەن قىشلاقتا ياشىغانلىقى، نەسەپ جەھەتتىن خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ قېرىندىشى ئىسمايىل ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى كۆرسۈتىلگەن.ئۇ دەسلەپتە پەرغانىدە ياشىغان.شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ‹‹دىۋان شەيخزادە ئاتايى›› ناملىق قوليازما توپلىمى ھازىر پېتىربورگدا ساقلانماقتا.ئاتايى ئەدىپنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئۆزىنى ھەق ئاللا يولىغا بېغىشلۇغۇچى دېگەن مەنىدە.ئۇنىڭ 46 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
فۇتۇھىي – (1717-1756) شائىر خوجا سىدىق(تەخەللۇسى فۇتۇھىي)1717-يىلى ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلغان.1732 –يىلى دادىسى خوجا جاھان(ئەرشىي) بىلەن بىرلىكتە ئانا يۇرتى يەركەنگە كەلگەن.ھىجرىيە 1169- يىلى (مىلادىيە 1756-يىلى) بۇرھانىدىن خوجا تەرىپىدىن ئاتىسى بىلەن بىللە قەتلى قىلىنغان.شائىر فۇتۇھىينىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 58 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن. زوھۇرىي- زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇرپاندا تۇغۇلغان.تۇرپاندىكى ۋاڭ ئەۋلاتلىرىدىن. 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىن باشلاپ قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان.ئۇ قەشقەردە ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوللىغان.قەشقەر رايونىنىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ئۆزىمۇ زوھۇرىي تەخەللۇسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان.شائىرنىڭ ‹‹دىۋان زوھۇرىي›› ناملىق توپلىمىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 60 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن. سەككاكىي – (1380-1465) ‹‹ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ چېچەنلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى›› (نەۋائىي سۆزى) دەپ تەرىپلەنگەن شائىر سەككاكى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغبەك دەۋرىدە سەمەرقەندتە ياشاپ ئۆتكەن.مۆجىزى ئۇنى ‹‹ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ 16 –پىرى ››دەپ ئاتىغان.ئۇ `15-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەسىدە ژانىرىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىر قوليازما دىۋانى ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
نەۋبەتىي- (1697-1760؟) لىرىك شائىر نەۋبەتىي ھىجىرىيە 1109 –يىلى (مىلادىيە 1697 –يىلى) خوتەندە تۇغۇلغان.يەكەن،خوتەنلەردە بىلىم تەھسىل قىلغان.ئۆز ئۆمرىنى خوتەندە دوراپۇرۇشلۇق ۋە خەتتاتلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن.شائىرنىڭ 1747- يىلى تۈزۈلگەن ‹‹دىۋان نەۋبەتىي››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 90 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
سەئىدىي-(1487-1533) يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ غەزەللىرىدە قوللانغان تەخەللۇسى.ئۇ ھىجرىيە 892-يىلى(مىلادىيە 1487-يىلى)موغۇلىستاندا تۇغۇلغان.سۇلتان سەئىدخان مەرىپەتپەرۋەر ،ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى،ئەلەمگىمۇ،قەلەمگىمۇ ماھىر،مۇزىكا بابىدا يېتىشكەن كىشى بولۇپلا قالماي،يەنە شائىرلىق تالانتىغىمۇ ئىگە ئىدى.ئۇ ئۆز ھاياتىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ پەقەت ئىككى پارچە غەزىلىلا بىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.ئۇ 1533-يىلى تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
نەفىسىي- (1534- 1567) يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، شائىرە خانىش ئاماننىساخان (تەخەللۇسى نەفىسىي) 1534- يىلى يەركەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە ئائىت بەزى ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ ‹‹تەۋارىخى مۇسىقىيۇن››ناملىق ئەسىرىدە خاتىرلەنگەن.ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق ئوردا ھاياتىدا ،فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى ،جاھالەتچى روھانىيلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن ،ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يېتىلدۈرۈپ،ئۇيغۇر ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىڭ سېستىمىلىشى،مۇكەممەلنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان. ئۇ يەنە خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ‹‹ئەخلاقى جەمىلە››(گۈزەل ئەخلاق)،‹‹شۇرۇھۇلقۇلۇپ››(قەلبلەر ھېكمىتى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.‹‹ئىشرەت ئەنگىز››ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان.1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 4 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
رەشىدىي- (1512-1560) مەرىپەتپەرۋەر سۇلتان ۋە تالانتلىق شائىر ئابدۇرەشىدخان(تەخەللۇسى رەشىدىي) 1512-يىلى موغۇلىستان خانلىقى تەۋەلىكىدىكى ئەنجان شەھرىدە تۇغۇلغان.1533-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.رەشىدىي ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى ياراتغان.ئاماننىساخان،قىدىرخان قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نى رەتلەش ئىشلىرىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن.‹‹تارىخى رەشىدى(زەيلى)››دا رەشىدىينىڭ ئىككى پارچە پارىسچە شېئىرى ۋە ئۈچ پارچە غەزىلى خاتىرلەنگەن.شائىرنىڭ ‹‹دىۋان رەشىدىي››،‹‹سەلاتىنامە ››،‹‹كىتابى تەنبىيە-ئەنتەربىيە››قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم.ئەمما بۇلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
گەدائىي –لىرىك شائىر مەۋلانە گەدائىي 15 –ئەسىردە ھېراتتا ياشاپ ئۆتكەن،ئۇ تەخمىنەن 1404 –يىلى تۇغۇلغان.ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە شۆرەت قازانغان.گەدائىينىڭ‹‹دىۋانى گەدائىي››ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ قوليازمىسى پارىژ مىللى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.ئۇنىڭ 30 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن. ناقىسىي –(1840-1920)شائىر سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر (تەخەللۇسى ناقىسىي)ھىجرىيە 1259-يىلى (مىلادىيە 1840-يىلى)يېڭىسار بازار ئىچىگە جايلاشقان مەدرىسە كۆلبېشى مەھەللىسىدە دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىدە يېڭىسار ۋە قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان.كېيىنچە يېڭىساردىكى تايبەگ مەدرىسىدە مۇددەررسلىك قىلغان.شائىر ناقىسىي ئۆز ھاياتىدا ‹‹دىۋان ناقىسىي››،‹‹بەھىس ھەكىمبەگ››،‹‹قۇتلۇقنامە››، ‹‹مەۋجۇدۇلقۇلۇب››،‹‹نۆللى دىمەن››،‹‹نەسىھەتنامە ئۇسنۇر بايانى›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئىران شائىرى شەيخ ئىنەيىتۇللانىڭ ‹‹باھار دانىش›› ناملىق داستانىنى پارىسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭغا ‹‹گۈلزار بىنىش››(تىكەنسىز گۈل)دەپ ئىسىم قويغان.ناقىسىي 1920-يىلى يېڭىساردا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ 20 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
سەيفى سەرائىي- (1321-1396) سەيفى سەرائىي 1321 –يىلى ماۋەرائۇننەھردە تۇغۇلغان.بىر مەزگىل يۇرتىدىن ئايرىلىپ مىسىر ،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشىغان.1396 –يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مەركىزى ساراي شەھىرىدە ۋاپات بولغان.شائىرنىڭ ‹‹گۈلىستان بىت تۈركى›› ناملىق توپلىمى،‹‹سۇھەيىل ۋە گۈلدۇرسۇن››ناملىق تراگېدىيىلىك داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ 14 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن. گومنام-(1634-1724) ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى،مۇتەپپەككۇرى مۇھەممەد ئىمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى 1634-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسى(ھازىرقى تازغۇن يېزىسى)دا تۇغۇلغان.ياشلىقىدا قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسىسىدە ئوقۇغان.30 ياشلارغا كىرگەندە دادىسى غوجامقۇلى بىلەن بىرلىكتە ئاپاق خوجا ھوزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭغا خىزمەتكار بولغان .ئۇ 1670-يىللىرى يازغان‹‹مۇھەببەتنامە-مېھنەتكامە››ناملىق داستانىنى‹‹ھىرقەتى›› (ئىشىق ئوتىدا كۆيگۈچى،قەلبى ئوت بولۇپ يانغۇچى دېگەن مەنىدە) تەخەللۇسى بىلەن يازغان بولسا، پۈتۈن لىرىك غەزەل،مۇخەممەسلىرىنى ‹‹گومنام››(ۋەھدەتى ۋۇجۇد يولىدا نامى يوقالغان دېگەن مەنىدە)تەخەلللۇسى بىلەن يازغان.ئۇنىڭ 50 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
ئەرشىي-(1685-1755) خوجاجاھان(ياقۇپ)(تەخەللۇسى ئەرشىي) 18-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى.خوجەندتە تۇغۇلغان.ئۇ 1730-يىلىدىن 1756-يىلغىچە ئالتە شەھەرنىڭ خانى بولغان.ئادالەت ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك بىلەن يۇرتنى گۈللەندۈرگەن.1756-يىلى جۇڭغارلارنىڭ ياردىمىگە تايانغان بۇرھانىدىن خوجا تەرىپىدىن پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.شائىرنىڭ ‹‹دىۋان ئەرشىي››ناملىق بىر توپلىمى بار.ئۇنىڭ 60 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
بىلال نازىمىي- (1824-1899)موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ(تەخەللۇسى نازىمىي)مىلادىيە 1825-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.غۇلجىدىكى ‹‹بەيتۇللا›› مەدرىسىدە ئوقۇغان.1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى چارروسىيە ئىشغالىيىتىدىكى ياركەنت شەھرىگە كۆچۈپ كەتكەن.1902-يىلى ئاشۇ يەردە ۋاپات بولغان. ئۇ ‹‹غەزەليات›› ناملىق لىرىك غەزەللەر توپلىمى،‹‹نوزۇگۇم››،‹‹چاڭموزا يۈسۈپخان››،‹‹غازات دەر مۈلكى چىن›› قاتارلىق تارىخى داستانلارنى يازغان.ئۇنىڭ 58 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
ھۇۋەيدا- مۇتەپپەككۇر شائىر خوجانەزەر غايىپنەزەر(تەخەللۇسى ھۈۋەيدا)(ئاشكارە،ئوچۇق دىگەن مەنىدە)18-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۆزبىكىستاننىڭ پەرغانە ئوبلاستى چىميان دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.بىر مەزگىل ئاپپاق خوجىغا مۇرت بولغان. 1780 -يىلى ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ ‹‹كىتابى ھۇۋەيدائى كىميانى››ناملىق دىۋانى بار.ئۇنىڭ 76 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
سەبۇرىي- شائىر ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرىي 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان يېزىسىدا تۇغۇلغان.بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا قەشقەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا (مەدرىسلەردە) ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشىپ زامانىسىنىڭ بىلىملىك ۋە مەرىپەتلىك كىشىسىگە ئايلانغان.قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.ئۆز ھاياتىنى تولىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزگەن شائىر ئۆز ئۆمرىدە بىر تۈركۈم غەزەل،مەسنەۋى ۋە تەرجىبەندلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.سەبۇرى ئەسەرلىرىدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن ‹‹بەھرىلئەنساپ››(نەسەپلەر دېڭىزى)،‹‹نەۋائىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى توغرىسىدا››،‹‹دىۋان سەبۇرىي››،‹‹مالاقەت››قاتارلىقلار بار.ئۇنىڭ 8 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
نىيازىي - موللا نىياز مۇھەممەد نىياز ئىبنى ئابدۇغوپۇر خوتەندە تۇغۇلۇپ، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن -19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشاپ ئىجاد ئەتكەن تالانتلىق شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان. نىيازىينىڭ ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۇم بولغان ئەسەرلىرىدىن «دىۋان نىيازىي»، «تۆت ئىمام زەبىھۇللا تەزكىرىسى «داستانى،‹‹ئەمىر ئەبۇ مۇسلىم››ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى داستانى،‹‹قىسسەسۇل غەرايىب»، «تارىخىي ۋاپاتنامە» ۋە موللا ھەيدەر (تەخەللۇسى: مىسكىن)، موللا سالىھ (تەخەللۇسى: سالېھى)، موللا نىياز (تەخەللۇسى: نىيازى)قاتارلىق ئۈچ نەپەر شائىرنىڭ لېرىك شېئىرلىرى ۋە داستانلىرىدىن تۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى بىر شېئىرلار توپلىمى بار. بۇلاردىن باشقا شائىرنىڭ يەنە نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلىرى بولۇپ، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى پەقەت ‹‹تارىخىي رەشىدى» دىن ئىبارەت.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
ھۈسەينىي- (1438-1506)ھۈسەيىن بايقارا(تەخەللۇسى ھۈسەينىي) 1438-يىلى ھېراتتا تۇغۇلغان.1469-يىلى تۆمۈرىيلەرنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان.1506- يىلى ھەربى يۈرۈشتە ۋاپات بولغان. ناۋائى ‹‹مەجالىسۇن نەفائىس›› تا ھۆسىيىن بايقارانىڭ ئەينى دەۋىر مەدىنىيىتىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. شائىرنىڭ ‹‹رىسالەئى ھۆسەيىن بايقارا›› ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭ 10 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
ھافىز خارەزمىي-ئابدۇرەھىم ھافىز (تەخەللۇسى خارەزمىي)خارەزملىق بولۇپ.كېيىن شىراز شەھرىدە ياشاپ شۇ يەردە ۋاپات بولغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.ئۇ تۆمۇرىيلەر دەۋرى ئەدەبىياتىدا ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە نادىرلىقى بىلەن شۇ دەۋىر ئەدەبىيات مۇنبىرىگە جۇلا قوشقان يىرىك ئەدىپلەردىن بىرىدۇر.ئۇنىڭ ‹‹دىۋانى ھافىز تۈركىي››ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 28 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.
مىسكىن- موللا ھەيدەر (تەخەللۇسى مىسكىن) 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىماندۇر.ئۇ خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ،ئەينى زاماندا خوتەن ھۆكۈمرانى ئەمىر ئەزىزنىڭ ھوزۇرىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن.موللا ھەيدەر 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ‹‹جەڭنامە ھەزرەت ئىلى››،‹‹رەۋزەتۇش شۇھۇدا›› داستانلىرىنى يازغان.‹‹ئەمىر ئابامۇسىلىم›› ناملىق ئەسەرنى پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان.ئۇنىڭ 14 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن .