قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3216|ئىنكاس: 27

‏مەن نىمىلەرنى يوقاتتم،سىلەر نىملەرنى يوقاتتىڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30331
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 07:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]يىقىندا ئايالىم ۋە ئىككى بالامنى ئىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقتم بەلكى بىر نەچچە يىل تۇرۇپ قىلشىم مۈمكن بەلكى كۆچمەن بولۇپ مۇشۇ زىمىندا ئولتۇراقلىشىپ قالارمەن،ياقا يۇرۇتتا يۇرۇت سۆيگۈسى ئۇرۇق-تۇققان دوس بۇرادەرلەرنىڭ سۆيگۈسى قەۋەتلا بولدىكەن .يالغۇز قالغانلىرىمدا ئۇرۇق-تۇققان دوس بۇرادەرلىرىمنى ئەزىز ۋەتىنىمنى ئويلاپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ كىتىمەن .يۇرۇتتا كۈندە دىگىدەك دوس بۇرادەرلەر بىلەن يۈز كۆرشۈپ تۇراتتۇق ھەر ھەپتىدە يىغىلىشلارنى قىلىپ بىرگە تاماق يەپ مۇڭدۇشۇپ سىرداشلاردىن بولۇپ ئۆتەتتۇق ،قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئىقدىسادى جەھەتتدىن ئۆتنە يىرىم قىلىشىپمۇ قوياتتۇق .ئەگەر بىر قانچە كۈنلۈك كاماندىركىغا چىقىپ قالساممۇ ،ئۇلار ئۇچۇر دەۋىرىنىڭ مىۋلىردىن تولۇق پايدىلنىپ ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرى بىلەن سالاملىشىپ كۈندە نەچچە رەت مۇڭدۇشۇپ تۇراتتۇق .مانا چەتئەلگە كەلگىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى تىلفۇندىكى ئالاقە ۋاستىلىرىمۇ سايرىماس بولۇپ قالدى زورىغا ئۇنۇڭغا-بۇنۇڭغا ئۇچۇر يازساممۇ جاۋاپ كەلمەس ياكى ياخشى ،ياق، ھە، بار،دىگەندەك ئاددىلا جاۋاپ بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ قالدى.تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم مەن چەتئەللەرگە كىلىپ نىمىلەرنى يوقاتتم؟
‏مەن ئەزىز ۋەتىنىمدىن ۋە ۋەتىنىمدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ئايرىلدىم.دوس-بۇرادەرلىرىمدىن ئاتا-ئانامدىن ۋە قەدىرلىك تۇققانلىرمدىن ئايرىلدىم     
‏بىراق چوڭ ئۆمۈد بۈيۈك غايلەر بىلەن كەلدىم.
‏30ياشتىن ئاشقاندا ھەممدىن ۋاز كىچىپ پۈتۈن ئائىلىنى ئىلىپ مەلۇم غايە ئۈچۈن ئوقۇش يولغا ئاتلىنىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس بىز گەرچە زىدىيەت ئۆتكۈر ھەم گىرەلىشىپ كەتكەن ھەممىز ھەر ۋاقىت ئويلىمىغان ئىشلار ئۈچۈن بۈيۈك بەدەللەرنى تۆلەش خەۋپىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ ئۆزمىزنىڭ نىملەرنى قولدىن بەرسەك بولمايدىغانلقنى نىملەرنى قەدىرلەش كىرەكلىكىنى بىلىپ ياشىشىمز كىرەك .
‏مەن چەتئەلگە دۆلەت بەرگەن پاسپورۇت بىلەن ھالال ئىشلەپ تەر تۆكۈپ تاپقان پۇلغا ئايرۇپىلان بىلىتى ئىلىپ نەچچە تەكشۈرشىدىن ئۆتۈپ كەلدىم . نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن ئالاقە قىلىشدىن شۇنچە قورقۇسىلەر، ئەگەر مەن ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتسەم ياكى كۈچلۈك بىر كۈچ تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلسەم مىنى قانچە ئادەم سۈرۈشتە قىلار؟ياكى ۋەھمە قاپلاپ كەتكەن بۇ جەميەتنىڭ سۈرلۈك قورقۇنۇچلىرىدىن ماڭا بىرەر تىلفۇنمۇ قىلالماي قالارسىزمۇ؟ بىز بەدەل تۆلەشدىن قورقۇپلا ياشىساق بولمايدۇ     
‏مەن دوسلىرىمنى قىرىنداشلىرىمنى يوقۇتۇپ قويۇشدىن قورۇقمايمەن ئەملىيەتتە مەن ئاللا بۇرۇن ئۇلاردىن ئايرىلىپ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراق  يەرگە كەلدىم ،بىراق مىنڭ ئەڭ قورقۇدىغىنىم مىنى ئۆمۈد ۋە ئىنتىزارلىق بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان شۇ دوس-بۇرادەر ۋە قىرىنداشلىرىمنىڭ ھەممە ئۆمۈد ۋە مۇھەببەتلىرنى مىنڭ ئۈستۈمگە يۈكلەپ ئەۋەتىۋەتكەنلىكىدۇر،بىر ئادەمنىڭ چەتئەلگە چىقشى،يات مەدىنىيەت ،يات سىياسى مۇھىت بىلەن ئۇچرۇشىشى ،ئىلغار تەرەققىياتلارنى كۆرشى پىكىرنى ئىلغارلاشتۇرشى،دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى خاتا ئەمەس .شۇنداق بولغان ئىكەن ئورۇنسىز بەدەللەرنى تۆلىمەسلىكىمىز كىرەك ئىدى ھەمىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ يۇرتنىڭ سىياسى ھاۋاسى بىر قەدەر سەزگۈر ھەر ۋاقىت ئويلىمىغان ئىشلار سەۋەبىدىن كۆتۈرەلمىگىدەك قالپاقلارنى كىيىپ قىلشىمىز مۇمكىن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قالپاقلارنى كىم كىيسە ئىلىپ تاشلىمىقى بەك مۈشكۈل ،ئايال كىشىنىڭ كۆپرەك سۆزلەيدىغان پىسخىكسى بولغىنى ئۈچۈنمىكىن كىچكىمدە ئاپام بىرەر ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويسام خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئەزبەرلەيتتى بۇنداق ۋاقىتلاردا كۆزۈمگە ياش ئىلىپ ياغلىق قاپىقى ياغلىق قاپاق بولىۋەرمەيدۇ مەن تۈزەتكەن تۇرسام دەپ دومسىيپ ئەتىراپىمدىكىلەرگە قارايتتم دادام ئاكاملار ماڭا قوشۇلۇپ ئاپامغا رەدىيە بىرەتتى بۇ خىل كىچىك ۋەقەلەر مىنڭ ھەققانىتەت ئادىللىق  قىممەت قارشىمنى تىكلىشىمگە كۆپ ياردىمى بولدى
‏ھازىر بىزنىڭ ئارمىزدا تۇز ئالسىمۇ ھەتتا كىسىلاتا ئىلىپ چىلاپ قاپاقنىڭ بىر قات تىرىسنى سويۋەتسمۇ ئۇ قاپاقنىڭ ئىسمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغان ھەممە ئۇنى يەنىلا ياغلىق قاپىقى دەپ قارايدىغان بولۋالدى.بۇنداق ئادالەتسز ئادەمگە چىقىش يولى بەرمەيدىغان ئىشلار ئاۋال مەھەللە كومتىيتى ۋە قاراشلىق ساقچىخانلاردىن  
‏ئىجاد قىلنۋاتىدۇ،ھەمىدىن ئادەمنى ئىچىندۈردىغىنى شۇ ئائىلە ئىچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بولغان زىيالى مەمۇرى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭمۇ ئۇلارغا يەنىلا ياغلىق قاپاققا قارىغاندەك قاراشلىرى،ئەملىيەتتە بىچارە مەھللە كومىتىت خادىملىرى ساقچىخانىدىكى ئىجاتكارلىرىمىز ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ياخشى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە تەئۇللۇق بولغان نۇرمال دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىنىمۇ قۇربان قىلۋاتىدۇ،مانا ئەمدى بۇنداق زىدىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى بىلەن ھەر بىر ئائىلىگىچە سىڭىپ كىرىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ ،ھىلىقى مەمۇرى تۇققانلارمۇ ئانچە خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق مۇۋاپىق بولمىغان ئىش بىجىرىش ئۇسۇللىرىنڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ خىزمەت بىسىمى ۋە سىجىللىقى كۈنسىرى ئىشىپ ياغلىق قاپاقلارنى نازارەت قىلىش ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان مەكتەپ دوختۇرخانا قاتارلىق ساھەلەرگىچە كىڭىيىپ كەتتى ،بۇ ھەركەت كىڭەيگەنسىرى ئۇ ياغلىق قاپاقلىرنىڭ نامى مەشھۇرلىشىپ ياشاش بوشلىقى تارلاپ ئىچىگە پاتمىغانسىرى پارتىلاپ تىرورچىلارغا ئايلىنىپ قالدى،بىر تىرورچى چىقتىمۇ ئۇنۇڭغا چىتىشلىق بولغان ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەر قاتارلىقلاردىن يەنە نۇرغۇن يىڭى ياغلىق قاپاقلىرى پەيدا بولدى دىگەن گەپ .دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاجراتقان  مەبلەخلەر خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قىلچە ئالاقىسى يوقتەك كۆپ قىسمى مۇقۇملىقنى قوغداش دىگەن ماركا چاپلانغان بۇ ھەركەتكە سەرىپ قىلىنىپ ھەجىمىنى تىخىمۇ كىڭىيۋاتىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ 50%نۇپۇسى ئۇيغۇر بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ 90% نۇپۇسى ئۇيغۇر، بىراق بۇنداق كۈلكۈلۈك، بىمەنە،ئادەمنىڭ جىنىغا ئىكەك سالدىغان ئىشلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بىرىۋاتدۇ .
‏خەلىق ئارىسىدا «دوپىسىنى ئىلىپ كەل دىسە بىشىنى ئىلىپ كىلىدۇ» دەپ غودىراشلار دائىم ئاڭلالىنىپ تۇرىدۇ  بىراق بۇنداق غودراشلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سۈكۈت دوپپىنى بىردىغانىنڭ ئورنىغا كاللاسىنى بىرىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن خەلقىمىزنىڭ خۇددى بۇ ماقال-تەمسىلنى ئىجاد قىلغىنىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان بىمەنە پاجئەلەرنىڭ يۈز بىرشىگە سۈكۈت قىلىپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا يىڭى ماقال-تەمسىللەرنى ئىجاد قىلىپ مىراس قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆز جەمىيتىمىزنى ئۆزىمىز قوتقۇزۇشىمىز كىرەك .ھەممىزنىڭ مۇقۇملىقنى قوغداش مەجبۇرىيتى بار.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چوڭ جەھەتتىن موقىم ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ ھەممىز تىنىچلىقنى سۆيۈمىز ھىچكىمنىڭ تىنىچ خاتىرجەم ھاياتىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەققى يوق،شىنجاڭدىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ مۇقۇملىقنى باھانە قىلىپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىپ قان ئاققۇزۇپ مۇقۇمسىزلىق پەيدا قىلىشقا ھەممىمز قولمىزدىن كلىشچە قارشى تۇرشىمىز كىرەك ! ماڭا تىلفۇن ۋە ئۇچۇرلىرى ئازلاپ كەتكەن دوس- بۇرادەرلىرىمنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ مەن چەتئەلدە بولغانلىقىمدىن نۇرمال سالام سائەت قىلىشقىمۇ ئىھتىيات قىلۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.سالام-سائەت ئالاقىمىزنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ يوقاپ كىتەي دەپ قالغانلىقى ئويلىغان ۋاختىمدا يۈركىم ئىچىشىپ شۇ قىرىنداشلىرىمنى يوقۇتۇپ قويۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىمەن.مىنى تىخىمۇ ئازاپلايدىغنى ئۇچۇر شۇنچە تەرەققى قىلغان بۇ دەۋىردە ئۆزىنڭ ئەڭ يىقىن كىشىلىردىنمۇ نۇرمال ئالاقە قىلىشتا ئالاھدە پەخەس بولۇشى بىر ئىنساننىڭ ئۆزنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھەق ھوقوقىنى قوغداشقا نىسبەتەن بۇ قەدەر ئىھتىياتچان بولۇپ كىتىشىدۇر .بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇھىتىمىزنى ياخشىلايمىز تىنىچ مۇقىم خاتىرجەم بولغان يۇرتىمىزدا ياشايمىز دەيدىكەنمىز بۇ ۋەتەننىڭ ھەر بىر ئەزالىرى ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ مۇھىتىكى ئادالەتسىز ،باراۋەرسىز ،بىمەنە بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە خاتىمە بىرىش كىرەك.مىنىڭ يۇرتۇمدا قالغان شۇ جان-جىگەر دوس-بۇرادەرلىرىم ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بەلكى ماڭا تىلفۇن قىلغانلىقى ياكى ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا مالامەت يىتىشى مۈمكىن شۇڭا ئۇلار ئالاقە قىلىشتا شۇنچە ئىھتىياتچان بولۇپ كەتكەندۇ بۇ تەرىقىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مىنى يوقۇتۇپ قويوشى مۇمكىن مىنىڭچە مىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئانچە قۇرقۇنۇشلۇق ئەمەس ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆز مۇھەببىتى ئۆز سۆيگىنى ئۆز جەمىيتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كىچىككىنە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدىغان قۇربانلىق بىرىش روھىنى يوقۇتۇپ قويۇش.
‏                        نۇرمۇھەممەد ئابدۇللا

بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت

0

تېما

0

دوست

99

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30372
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 16:16:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقاتقانلىرىمىز ئىرىشكەنلىرمىزدىن كۆپ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

169

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27249
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 16:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەكتەپ
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا قانۇنلۇق پىكىر بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بىر خىل ۋەھىمە ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.تورغا چىقىپ نۇرمال سۆز ھەركەتتە بۇلۇش ھىچقانداق قورقۇدىغان ئىش ئەمەس ئىدى.يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئادەم ئارغامچىدىنمۇ قورقۇدىغان بۇلۇپ قالىدۇ دېگەن گەپ راست ئوخشامدۇ-نېمە؟!

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nur510 ئاكا
ئويلىمىغان نوقتىدىن يېزىلغان تىمىكەن،بولسا نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى تورغا يېزىپ تۇرسىڭىز؟

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈرۈمچى،كورلا ..قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ھەتتا ناھىيىلەردا كۆزىتىشىمچە كىشلەر بارغانسىرى چىرايى تۇتۇلغان،غەم باسقان،ئالدىراش،خۇدۇكسىرەش ھالىتىدە ئۇچراتتىم.
بۇنىڭ سەۋەبى ھەرخىل كىشلەر بىربىرىگە ئىشەنمەيدىغان،خۇددى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە
ئوخشاش بىربىرىنى تۇنۇمايدىغان ئالدىراش كىشلەرگە ئايلىنىپ قالارمىزمۇ؟

2

تېما

0

دوست

1298

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 18:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 18:04  

سىز ئۆزىڭىزگە يېقىنلىشىۋىتىپسىز،بۇ يولدا دادىل مېڭىڭ!سىز ھېچنىمنى يۇقاتمىدىڭىز،بۇگېپىمگە قەتئى ئىشىنىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )