قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1599|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇرلاردىكى بەگلىك تۈزۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:34:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئەخمەت مۆمىن تارىمى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىيمۇھەررىرى)


      بەگلىك تۈزۈمى ـــ ئۇيغۇرلار تارىخدا  قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بىر خىل ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار فېئوداللىق جەمئىيەت باسقۇچىدا تۇرغان ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئىنتايىن گۈللەپ ياشنىغان ھەم ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.«بەگ» دىگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىدە ۋە «قۇتاغۇبىلىك»، «تۇركىي تىللار دىۋانى»دا«ھۆكۈمدار،باشلىق، باشقۇرغۇچى، ئەمەلدار»دەپ ئىزاھلانغان بولۇپ،مۇشۇ سۆزدىن «بەگ» دىگەن ئەمەل نامى ھەم«بەگلىك» دېيلىدىغان ئەمەل تۈزۈمى بارلىققاكەلگەن. ئۇ پەيدا بولغاندىن تارتىپ يوقالغۇچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. تۆۋەندە بۇ ھەقتە دەۋرلەر بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتىمەن.
      بەگلىك تۈزۈمى ئەڭ ئاۋۋال ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. تېخىمۇ يىراقراق قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇ ئەڭ دەسلەپ ھون ئىمپېىرىيىسى ۋە تۈرك خانلىقى دەۋرىدىلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،ئورخۇن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئاساسەن تۈرك خانلىقىنىڭ كوناتۈزۈمىنى قوللانغان ۋە يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنىڭ ئەمەل نامى ھەم ئەمەل دەرىجىسىنىمۇ قۇبۇل قىلغان.
     [1] . ئورخۇن خانلىقىدا 28 خىل ئەمەل دەرىجىسى بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئاساسلىقى قاغان (ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدار)، قاتۇن، تېكىن (شاھزادە)، يابغۇ(قاغاننىڭ ۋەكىلى)، شاد (بېقىندى قەبىلىلەرگە ئەۋەتلىگەن ھەربىي باشلىقلار)، ئېلتەبىر(بېقىندى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى)، بۇيرۇق (مەمۇرىي رايونلارنىڭ باشلىقلىرى)،  ياكى بەگ ۋەياكى چۇر (ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلىرى)،تۈتۈن (قەبىلە ياكى ئۇرۇق باشلىقلىرى)دىن ئىبارەت [2] . بۇنىڭ ئىچىدە بەگ ۋەزىپىسىنى قاغان جەمەتىدىكىلەر،قەبىلە-ئۇرۇق ئاقساقاللىرى ۋە ئاقسۆڭەڭلەر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىمتىيازى، زور مىقداردىكى چارۋا مېلى ھەم قۇللىرى بولغان، يەنە سىياسىي ھوقۇقىغاتايىنىپ «ئۆز ئالدىغا يەر ئىگىلىۋالغان» [3] . ئۇلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش خۇسۇسىيىتىدىن باشقا، يەنە قەبىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچقىرىش قاتارلىق ئىشلىرىنى زۆرۈر بىخەتەرلىك ۋاستىلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىمۇ بولغان[4] . ئۇنىڭدىن باشقا بەگلەرنىڭ ئەسكەر باشقۇرالايدىغان ئەمەلىي ھوقۇقىمۇ بولۇپ،ئۇرۇش بولۇپ قالغاندا، ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرالارنى ئات-ئۇلاغ، قورال- ياراغلاربىلەن جابدۇپ، ئۇلارنى ئۆزى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان، يەنە قاغاننىڭ قارارگاھى ئەتراپىدا ئەسكەر باشقۇرۇش ئىمتىيازىمۇ بولغان [5] .
    دېمەك، بۇ دەۋردە بەگلەر ھەم زىمىن ۋە ئاھالىگە مەمۇرىي باشلىق، ھەم لەشكەر تارتىپ جەڭ قىلدىغان ھەربىي سەركەردەبولغان. ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، ئورخۇن خانلىقى دەۋرىنى بەگلىك تۈزۈمى رەسىمىي تىكلەنگەن ھەم ئەمەلىي ھوقۇق دائىرە جەھەتتە ئەڭ يۈكسەك پەللىدە تۇرغان دەۋر دېيىشكە بولىدۇ.
     قاراخانىيلار خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئىجادىي ۋارسلىق قىلغان. قاراخانىيلارخانلىقى ئۆز زېمىندىكى پۇقرالارنى بەگلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىدارە قىلغان. بولۇپمۇ دېھقانچىلىق رايونلىرىغان خانلىق سۇيۇرغال بەرگەن، بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان بەگلەر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. بۇ بەگلەر ئۆز نۆۋىتىدە بىۋاسىتە خاقانلارغا ياكى شاھزادە،ۋالىيلارغا تەۋە بولغان [6] . خاندانلىق تەيىنلىگەن بەگلەرنىڭ كۆپى خاقان جەمەتى ئەزالىرى ۋە جەڭدە تۆھپە كۆرسەتكەن سەركەردىلەربولغان. بىرەر دېھقانچىلىق رايونى ئىگىلەنگەندىن كېيىن، بۇ رايوننى ئىگىلىگەن ھەربىي باشلىق كۆپ ھاللاردا مۇشۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلدىغان بەگ بولغان [7].ئۇلار ئامانلىقنى ساقلاش، ئەدلىيە، باج ئېلىش قاتارلىق مەمۇرىي ھوقۇقلارنى يۈرگۈزگەن [8] . ئۇلارنىڭ يەنە ھەربىي ھوقۇقىمۇ بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا«خان بەگكە ئەسكىرىنى توپلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى» دېگەن شەكىلدىكى بىر جۈملەبار[9]. بۇنىڭدىن بەگلەرنىڭ يەنە ھەربىي ئەمەلدار ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولدۇ.بەگلەر ئىگىدارچىلىقدىكى جايلار نىسپىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇپ، سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە مۇئەييەن ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. دېمەك بۇ دەۋردىمۇبەگلەر ھەم يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدار، ھەم ھەربىي ئەمەلدار بولغان، مۇھىمى بەگلىك تۈزۈمى ھەقىقىي ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى سۈپتىدە خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن ئۇرۇن ئالغان. ئەمما، ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ مەزگىلدە بەگلىكتۈزۈمنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسى ھەربىي ھوقۇق دائىرىسىدىن كوپ چوڭ بولغان (چۈنكىقاراخانىيلار خانلىقنىڭ  خاقانغا بىۋاسىتەقاراشلىق مۇنتىزىم قوشۇنى بار بولغان،ھەربىي ھوقۇق ئاساسەن خان ۋە ئوردىدىكىسەركەردىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن).
      ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر خانلىقنىڭ مەمۇرىي سىستېمىسىدىمۇ «بەگ» دېگەن مەنسەپ بولغان، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدا بەگ دەپ ئاتىلدىغان تۆۋەن قاتلام فېئوداللار تەبىقىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ،ئۇلار خان جەمەتىدىن ئەمەس ئىدى. مەمۇرىي ئەمەلدارلار دەرىجىسىدە ئۇلار ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان، ئۆزلىرىگە بۆلۇپ بېرىلگەن يەرلىرى بولغان ھەم دېھقانلار ئەمگىكىدىن پايدىلانغان [10]. بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇرخانلىغىدا بەگلىك تۈزۈمى ۋە بەگلەرنىڭ ھوقۇق دائىرىسى قارا خانىيلار خانلىقىغا قارىغاندا ئانچە بەك گەۋدىلىك ھەمچوڭ بولمىغان. ئۇلارنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگەئىگە ئەمەسمىز. ئەگەر بار دېيىلگەن تەقدىردە (ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر خانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بولغاچقا،ئۇلاردىمۇ بەگلەرنىڭ ھەربىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشى مۇمكىنچلىكنى تەسەۋۋۇر قىلىشقابولىدۇ). ئۇلارنىڭ ھەربىي ھوقۇقىمۇ مەمۇرىي ھوقۇقىغا قارىغاندا كۆپ كىچىك بولغان(چۈنكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ ئوخشاشلا ھەربىي ھوقۇق ئىدىقۇت ۋە ئوردىدىكى سەركەردىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن).
      يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ،«بەگ» ئەمىلى ئۇنۋان ۋە رەسمىي مەنسەپ مەنىسىدە ئىككى خىل قۇللىنىلغان. سەئىدىيەخانلىقنىڭ ئالي ھاكىمىيەت باشقۇرۇش قاتلىمى سۇلتان،  ۋەزىر، ئاتا بەگ ، ئوردا بېگى، تامغا بېگى،دىۋان بېگى، قارادىۋان بېگى، خەزىنىچى بەگ، قازىبەگ، پاششاپ بېگى؛ يەرلىك ئەمەلدارلار قاتلىمى ھاكىم بەگ، ئىشىك ئاغا بەگ، خەزىنىچى بەگ، مۆتىۋەللى بەگ،باجگر بەگ،دورغا بەگ، بازار بېگى، مىراپ بەگ، نېقىپ بەگ، قازى بەگ، مىرشاپ بېگىدىنتەركىپ تاپقان [11] . يۇقۇردىكى مەنسەپلەردىكى «بەگ» سۆزى« باشقۇرغۇچى، باشلىق»دىگەن مەنىدە ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇلۇپ ئۇنۋان مەنىسىنى ئىپادىلىگەن.ئەمما مەخسۇس«بەگ» دەپ مەمۇرىي مەنسەپ بولمىغان. سەئىدىيە خانلىقى يەنە قەشقەر، ئاقسۇ، يەكەن،خوتەن، كۇچا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزغان بولۇپ، بۇقوشۇنلارنىڭ باشلىقى بولسا «بەگ»دەپ ئاتالغان [12] . يەنى بۇ يەردە «بەگ» ئەمىلى مەخسۇس ھەربىي مەنسەپ سۈپىتىدە قوللىنىلغان. دېمەك، بۇ دەۋردە بەگلىك تۈزۈمىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، بەگلەر مەخسۇس ھەربىي سەركەردە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بەگلەرنىڭ ھەربىي ھوقۇق دائىرىسى مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسىدىنئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان.
       چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ 1884-يىلى ئۆلكە قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، بەگلىك تۈزۈمى ئەڭ زور دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەم ئەڭ زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە،تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشقا ئېرىشىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئاساسىي مەمۇرىي تۈزۈمى بولۇپ قالغان. ئۇ چىڭسۇلالىسى باشقا جايلاردا يولغا قويغان جاساق تۈزۈمىگىمۇ،ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىگىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىدى. بۇ دەۋردەبەگلىك تۈزۈمى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ھەر خىل تارماقلارنى باشقۇرىدىغان تۈرلۈكبەگلەر ۋۇجۇدقا كەلگەن. يەنە كەسىپ ۋە ئىش تۈرىگە بەگ دېگەن سۆز قوشۇلۇپ، شۇنىڭغالايىق مەنسەپ نامىمۇ بارلىققا كەلگەن. شۇ چاغدا جەمئىي 31 خىل ئەمەلدىكى بەگبولغان. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ھاكىمبەگ ــ شەھەر،يېزىلارنىڭ چوڭ ــ كىچىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى، ۋەزىپىسى ئېغىر، ھوقۇقى چوڭ، ھەممەبەگلەرنىڭ باشلىقى.
ئىشىكئاغا بەگ ـــ ھاكىمبەگكە ياردەملىشىپ ئىش بېجىرگۈچى بولۇپ، ۋەزىپىسى ئېغىر ۋە مۇھىم ،ھاكىمبەگ دىنقالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تورىدۇ.
خەزىنچىبەگ ـــ يەر-زېمىنۋە ئاشلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
شاڭبەگ ـــ غەللە-پاراق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
قازىبەگ ـــ ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
مىراپبەگ ـــ سۇئىشائاتلىرى ۋە دەريا ئېقىنلىرىنى باشقۇرغۇچى.
ناقىپ بەگ ـــ ھۈنەرــ كەسىپ، بىناكارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
پاششاپبەگ ـــ ئامانلىق ساقلاش، ئوغرى ــ قاراقچىلارنى تۇتۇش، زىندان-ھەپسە ئشىلىرىنىباشقۇرغۇچى.
مۆتسىپبەگ ـــ دىني ئىشلارنى باشقۇرغۇچى، ئۇ پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.
مۆتىۋەللىبەگ ـــ ئېتىز-ئېرىق، باغ-ۋاران، ئۆي-ئىمارەت ۋە باشقا مۈلۈكلەرنى ئېلىپ سېتىش ھەمدەبۇ جەھەتتىكى دەۋا ھەم ئۇنىڭدىن ئېلىندىغان باج ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
زەپتىھيكىتاپبەگ ـــ مەدىرىس ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
سېلىق ـــ پاراقبېگى ــ سودا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئېلىندىغان باجنى باشقۇرغۇچى.
سىپا قازىبەگ ـــ يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئەرز ئىلتىماسلىرىنى باشقۇرغۇچى.
رەئىس قازىبەگ ـــ پۇقرالارنىڭ ئەرز-ئىلتىماس ۋە جىدەل-ماجىرا ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
باجگىر بەگ ـــ ئالۋان-ياساق، باج-سېلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل.
ئەرباببەگ ـــ ھاشار-سەيسىلەرنى باشقۇرغۇچى.
باغدار بەگ ـــ مىۋىلىك باغلارنى باشقۇرغۇچى، دىۋان بەگ ـــ كاتىبات ئىشلىرى، ھۆكۈمەت خەت ـــ ئالاقىلىرىنى باشقۇرغۇچى.
قارادىۋان بەگ ـــ ئۆتەڭ (جام)، قورال، ياراغ رېمنۇت قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
دوپ بەگ ـــ 2000تۈتۈ ندىن غەللە-پاراق ئېلىشقامەسئۇل.
مىڭبېگى ـــ1000 تۈتۈنلۈك ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىباشقۇرغۇچى.
يۈز بېگى ـــ 100 تۈتۈندىن ئېلىندىغان غەللە-پاراق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
ئارچىنبەگ ـــ 10 تۈتۈندىن ئېلىندىغان غەللە-پاراق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
چاپبەگ ـــ قورال-ياراغ ياساش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
سېتلبەگ ـــ مەھەللە، كوچا، باغ-ۋارانلارنى باشقۇرغۇچى.
شىغاۋولبەگ ـــ ئۆتەڭ-لەنگەرلەرنىڭ ئۇزۇق-تۈلۈك ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
دورغا بەگ ـــ ھاكىمبەگنىڭ باش مۇھاپىزەتچىسى.
بازار بەگ ـــ بازار ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
قاشبەگ ـــ قاش ياساش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
كوتىۋالبەگ ـــ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
      ئوتاقچبەگ ـــ زىياپەت ئۈچۈن سويۇلىدىغان مال-ۋارانلار ۋە تەييارلىنىدىغان يەل-يىمىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.
يۇقىرىقىلاردىن سىرت چىڭسۇلالىسى يەنە ھەر دەرىجىلىك بەگلەرگە رەسمىي دەرىجە بېكىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ، ھاكىمبەگلەرنىمۇ ئۈچ دەرىجىگە بۆلگەن .ئەينى ۋاقىتتا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا جەمئىي 289 نەپەر بەگ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە ئىلى جياڭجۈنگە قارىغان [13] . دېمەك، بۇ مەزگىلدە بەگلىك تۈزۈمى ھەربىي ھوقۇق خاراكتېرىدىن ئاساسەن مەھرۇم بولۇپ، بەگلەرنىڭ ھەربىي ھوقۇقى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، ئۇلار پەقەت بىرەر يۇرتنى ۋە مەلۇم كەسىپنى باشقۇرىدىغان مەمۇرىي ئەمەلدارغا ئايلانغان.
1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكەبولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھەر قايسى جايلاردا مەھكىمە، ۋىلايەت،ناھىيىلەرنى تەسىس قىلىپ، بەگلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بەگلەرئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەر ھۆكۈمەت يامۇللىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.ئەمما، يېزىلاردا يەنىلا يېزا بېگى ساقلىنىپ قالغان [14] . بۇ ۋاقىتتا كەلگەندە،بەگلىك تۈزۈمى ئۇيغۇرلاردا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى جەھەتتىكى ئۈنۈملۈك بۇرچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەكىل جەھەتتىن يوقالغان.
      جۇڭخۋا مىنگو قۇرلۇپ، ياڭزېڭشىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، بەگلىك تۈزۈمى گەرچە قانۇنىي ۋە شەكىل جەھەتتىن يوقالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تار دائىرىدە مەزمۇن جەھەتتىن ساقلىنىپ قالغان. ياڭ زېڭشىن ئاساسىي جەھەتتىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدايولغا قويۇلغان تۈزۈملەرگە ۋارسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 59 ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر بىر يۇرتقا (يېزىغا)بىردىن شياڭيو( يېزا بېگى،乡约) قويغان[15] . بۇ خېلىلا زور ھوقۇققا ئىگە كىچىك مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆمۈرلۈكبەگ بولغان ھەم مەرتىۋىسى بالىلىرىغا مىراس قالغان. جىن شورېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئاساسەن ياڭ زېڭشىننىڭ بىر يۈرۈش سىياسىتى ۋە تۈزۈملىرىگە ۋارسلىق قىلغان.
شىڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بەگلەر يەنە ئوخشاشلا ساقلىنىپ قالغان. 1935-يىلى شېڭ شىسەي ئوتتۇرىغا قويغان توققۇز تۈرلۈك ۋەزىپىنىڭ توققۇزىنچسىدا «ھەر مىللەت تۆرە-بەگلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ھوقۇق مەنپەتىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش» [16] دېيىلگەنبولۇپ، بۇ ،بەگلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتەكاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ بەگلەر ئاساسەن يېزىنى (رايوننى)باشقۇرىدىغان ئەڭ كىچىك مەمۇرىي ئەمەلدار بولغان ھەم ھوقۇقى بالىلىرىغا مىراس قالغان. ئۇلار بەزىدە ناھىيە ھاكىمى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن،بەزىدە خەلق تەرىپىدىن كۆرستىلگەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى رەسمىي تىزگىنلگەندىن كېيىنمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان.
1949-يىلى شىنجاڭ تنچ يولبىلەن ئازاد بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلدى. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا كەلگەندىلا بەگلىكتۈزۈمى ئۇيغۇرلاردا شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تەلتۆكۈس يوقالدى.
      قىسقىسى، بەگلىك تۈزۈمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخىدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن ئەمەل تۈزۈملىرى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما بەگلىك تۈزۈمىدەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ھەم تاكاممۇللىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچلىق ھاياتى ۋە ئولتۇراق شەھەر ھاياتىغا ماس كەلگەن، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئۆزگىچە ئەمەل تۈزۈمى بولۇپ شەكىللىنىپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئاجايىپ زور رول ئوينىغان.
ئىزاھ :
[1[[5] ياڭ شېڭمىن:« قەدىمكى ئۇيغۇرلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىل 1-نەشرى، 161 ــ 162 ــ 170 ــ 171 ــ نەتلەر.
[2] ئەنۋەر بايتۇر،خەيرىنىسا سىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-يىل1-نەشرى، 484 ــ 485 ــ بەتلەر.
[8][7] لىن گەن، گاۋزىخۇ:«قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 1-نەشرى، 97 ــ 99 ــ211 ــ 212 ــ بەتلەر.
[4][8] (12)(13)ليۇزىشياۋ:« ئۇيغۇر تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىل 1-نەشرى 70 ــ 71 ــ331 ــ 755 ــ 977 ــ 982 ــ بەتلەر،
[9][6] رىشات گەنج:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكلاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990- يىل 1-نەشرى، 368ــ 390 ــ بەتلەر.
(10) د. ئى. تىخونوف(رۇسىيە) :« ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 1-نەشرى، 228 ــ بەت.
(11) ھاجى نۇر ھاجى:«يەركەن سەئىدىيە خانلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل1-نەشرى، 204 ــ205 ــ 207 ــ 208 ــ بەتلەر.
(14) «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچەتارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىل 1-نەشرى، (خەنزۇچە)، 233 ــ 237 ــبەتلەر.
(15) (16) «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»(3 ــ قىسىم) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،0 200 يىل 2-نەشرى، 143 ــ 328 ــ بەتلەر.
(ئىلاۋە :مەزكۇر ماقالە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ئېلانقىلىنغان)

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:49:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ خەت شەكلى يوللىغاندا ئۆزگىرىپ چىقىپ قاپتۇ، ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ئىدى، تەھرىرلەرنىڭ ئوڭشاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

8229

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2127
توردىكى ۋاقتى: 648
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:42:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگلەرگە ئىتائەت قىلىپ ئۈگەنگەن يۇۋاش خەلقنى ئۇلار ئارقىلىق شىلىپ يېيىش ئىكەن-دە!

0

تېما

9

دوست

2217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن نەرسىلەر نى بىلۋالدىم  ئەجرىڭىز گە رەھمەت

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 19:39:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 18:05
ھازىر يىڭى دەۋىر كىردىن دەيمىزيۇ،لىكىن سىياسەت شۇ ۋاق ...

جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆز يۇمغىلى بولماس

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 19:39:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 18:05
ھازىر يىڭى دەۋىر كىردىن دەيمىزيۇ،لىكىن سىياسەت شۇ ۋاق ...

جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆز يۇمغىلى بولماس

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 11:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەستىقلانماپتۇ، لازىم بولغانلار پايدىلانسۇن.


  غۇلجا تارىخىدىن دېرەكلەر                                                
غۇلجا شەھىرىنىڭ قاچان بىنا قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن <<غۇلجا>>ئاتالغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەتئەل تارىخچىلىرى ئۇزاقتىن بېرى ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
غۇلجا1888-يىلى ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ تارىخىنى خېلى ئۇزاقتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
غۇلجىنىڭ جامائەتچىلىك نەزەرىگە كۆپرەك چۈشكەن ۋاقتى جۇڭغارلار دەۋرى بولۇپ ھېسسابلىنىدۇ.بۇ مەزگىلدە غۇلجا جۇڭغار خانى قۇنتاجى(قۇنتەيجى) يەنى سېۋېن ئارابدان(1663-1727)نىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان،يەنى ھازىرقى غۇلجا شەھىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارا دۆڭنىڭ ئېگىز چوققىسى يېنىدا ئەينى چاغلاردا قۇنتاجىنىڭ ئوردىسى قۇرۇلغان.ئوردا خارابىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا ھازىرقى<<گۈلشەنباغ>>تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە يېشىللىققا پۈركىنىپ تۇرماقتا.

غۇلجىنىڭ نېمە ئۈچۈن<<غۇلجا>>دەپ ئاتالغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل تەرىپلەر بار.بەزىلەر: غۇلجىنىڭ جۇڭغارلار دەۋرىدە گۈللەنگەنلىكى ۋە جۇڭغارلارنىڭ ئۇ يەردە<<ئالتۇن سۈمە>>(ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانا)سالدۇرغانلىقى،ئۇنى <<غۇلجا دۇگاڭ>>دەپ ئاتىغانلىقىغا قاراپ<<غۇلجا>> دېگەن نام جۇڭغارلار دەۋرىدە قويۇلغان،دەپ قارايدۇ.بەزىلەر: بۇ جايدا بۇرۇن غۇلجا(ياۋا قوشقار)پادا-پادا بولۇپ يۈرگەن،شۇڭا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر <<غۇلجا>>دەپ نام بەرگەن،دەپ قارايدۇ.يەنە بەزىلەر: غۇلجا ئەتراپىدا بۆلۈكەي،جىرغىلاڭ،پىلىچى قاتارلىق 12 غول بولغانلىقى ئۈچۈن،<<غولجاي>> دەپ ئاتالغان،بۇ كېيىن<<غۇلجا>>غا ئۆزگىرىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ.
غۇلجا تارىختا ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەشھۇر سودا،قول سانائەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.ئەينى ۋاقىتتا ‹‹غۇلجا يولى››دەپ ئاتالغان كارۋان يولى بولغان.غۇلجا تارىختتا نامى چىققان ‹‹يىپەك يولى››نىڭ شىمالىي لىنىيىسى بىلەن باغلىنىپ،شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئۆزىگە خاس رول ئوينىغان.

  غۇلجىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى تەرەققىيات 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.شەھەر قۇرۇلۇشى چىڭ سۇلالىسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىغا سالدۇرغان توققۇز قەلئە شەھەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە 1772-يىلى ياسالغان.چار روسىيە 1871-يىلى ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن،كۈرە،قورغاس،بايانداي،چىڭسىخوزا قاتارلىق قەلئە شەھەرلەرنى بۇزۇپ،بۇ شەھەرلەردىن چىققان خىش،كاھىشلار بىلەن غۇلجىنى كېڭەيتىپ قۇرغان.ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا ئۇيغۇر،خۇيزۇ سودىگەرلىرى ۋە ئاھالىسى ئولتۇرۇشلۇق جاي بولۇپ،ئۇ يەرنى ھاكىمبەگ،ئىشىك ئاغابەگ قاتارلىق ئەمەلدارلار باشقۇرغان.ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا ھازىرقى غۇلجا شەھىرى،غۇلجا ناھىيىسى،توققۇزتارا ناھىيىسى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
1800-يىلىدىن 1864-يىلىغىچە شەھەر ئىچىدە 4700 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا،5.3مېتىر ئېگىزلىكتە سېپىل سوقۇلغان.ھاكىمىيەت،دىنىي مەھكىمىلەر،زىندان،يامۇللار،ھاكىمبەگ،قازى-كالانلارنىڭ ئوردىلىرى سېپىل ئىچىگە ئورۇنلاشقان.شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئاركىلىق ھەم پەشتاقلىق تۆت ھەشىمەتلىك دەرۋازا بولغان.شەرقىي دەرۋازا ‹‹دەڭ دەرۋازا››،غەربىي دەرۋازا‹‹كۈرە دەرۋازا››،جەنۇبىي دەرۋازا ‹‹سۇ دەرۋازا››،شىمالىي دەرۋازا ‹‹دولان دەرۋازا›› دەپ ئاتالغان.1882-يىلى ئىلى چار روسىيىدىن قايتۇرىۋېلىنغاندىن كېيىن،ھازىرقى ‹‹سىتالىن››كوچىسىدا تۇنجى يامۇل تەسىس قىلىنغان.غۇلجا 1888-يىلى ناھىيە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.ئۇ 1937-يىلىدىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈرەنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.
غۇلجا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىياسىي،ئىقتىساد،مائارىپ،مەدەنىيەت،سەنئەت پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەنبە: ‹‹گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار ››ناملىق كىتاب

0

تېما

0

دوست

494

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29049
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 13:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى كەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )