- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
79.63%
|
تەڭرىقۇت ئاتلىق قېرىندىشىمىزنىڭ ماقالىنى چۈشەنگىنى ۋە چۈشەنگىنى بۇيىچە ئىنكاس بىلدۈرگىنى مېنى سۆيۈندۈردى .ئەلۋەتتە ، مەنمۇ مۇستەبىت ئاتلىق قېرىندىشىمىزنىڭ (گەرچە ئۇنىڭ مېنى تىللىغۇسى كەلگەن بولسىمۇ ، مەن يەنىلا قېرىندىشىم دەي، بەلكىم سىز مەندىن كىچىكتۇرسىز ياكى مەن بىلەن تەڭدۇرسىز ، مەنمۇ سىزنى دوراپ سىزدىن ئاغرىنسام ، باشقا خەلقلەر بىزگە ياخشى قېرىنداشلىقنى بەرمەيدۇ) ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلۈم غەش بولغان ۋە بۇنىڭغا ئىنكاس يازاي دەپ ئويلىغانىدىم ، بىراق ئۇنىڭ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە توردا مەدەنىي ھەم ئىلمىي ئىنكاس يېزىش ئەخلاقى گۇمانىمنى قوزغىغاچقا، ئاغزىمنى ئۇپراتماي دېدىم، شۇنداقلا شۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقاننى چۈشىنىدىغان بىرەيلەننىڭ ئىنكاس يېزىشىغا ئىشەنگەن ئىدىم. چۈنكى ، بۇ توردا ھېسىياتقا تايىنىپ يازما يازىدىغانلار بىلەن بىللە چۈشىنىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق يازما يازىدىغانلارنىڭمۇ ھەم خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئۇزاقتىن بېرى ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. كۆز قاراشلار ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەم دەللىلىك بولسا ھامان بۇ توردىلا ئەمەس باشقا تورلاردىمۇ ھېسىياتنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئىلىم ھېسىياتقا ئەمەس ، بەلكى قېدىرىشقا، دەلىللەشكە ، ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا تايىنىدۇ. بۇنى دېمىسەممۇ ھەر بىر ئەقىل ئېگىسى ئوبدان بىلىشى مۇمكىن . ئەمدى ، مۇستەبىت ئاتلىق قېرىندىشىم ، سىزگە شۇنى ئېيتاي:
1. «ئەزەلدىن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ‹‹ بۇلار كىملەر›› ؟ دەپ ، تىرىپ - تۆشەپ پەلپەتىش بىرنىمە يازغان - يازىدىغان ئادەملەرنى ئاغزىمنى بۇزۇپ ئەڭ سەت ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللغۇم كېلىۋاتىدۇ»دېگەن سۆزلىرىڭىز بىر ئىلمىي كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس ، ئەگەر تىللىغۇڭىز كەلسە «تىللىغۇم كېلىۋاتىدۇ » دەپ ئولتۇرماي، ئارقىمدىن ئەمەس ، يۈزتۇرانە تۇرۇپ ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ دەللىل - ئاساسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تىللاڭ ، ئەگەر شۇنىڭغا قايىل ھەم لايىق بولسام ، مەن بۇنىڭغا رەنجىمەيمەن. بولمىسا، تېخى تىللىمىغان بولسىڭىزمۇ ، مۇشۇنداق
ئويغا كەلگىنىڭىز ھەم بۇنى ئاشكارا ئىپادىلىگىنىڭىز ئۈچۈن جۈرئىتىڭىز بولسا ئاشكارا ئەپۇ سوراڭ.
2. «بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كىملەر ؟ خوتەندىكى ؟ قەشقەردىكى ؟ ئاقسۇدىكى ئىلىدىكى؟ نەدىن كەلگەن ؟ مىللىتى نىمە؟ دەپ ئۇلارنى مىللەتكە ئايرىپ ماقالا يازسا قارا قورسىقى بەكرەك تويىدۇ بەزەنلەرنىڭ». قېرىندىشىم ، مەن ماقالىدە ھازىرقى بىرەر يۇرتنى ئەمەس بەلكى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى كروراندا ياشىغانلارنى كۆزدە تۇتتۇم ھەم ئوتتۇرىدىكى يىلتىزداشلىق مۇناسىۋەتنى يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىسى بىلەن دەللىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. بۇنىڭدىن ھېچ سىز دېگەندەك مەنا چىقمايدۇ.
3. ئالدىدىكى بىر ئىنكاستا ئوغۇزخان ئىسىملىك قېرىندىشىمىز گېن سىخېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا چىققان، مەنمۇ بۇنى كۆرگەن. ماقالىدىكى مەسىلە، ئاشۇ كىروران گۆزىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىن تېپىلغان ھەم دەۋرى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بولغان ، ياخشى ساقلانغان، تامامەن ئىنسانشۇناسلىق جەھەتتىن يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ تەجرىبە قىلىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش ھەم بۇنى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش. مەسلىنىڭ مۇھىم تەرىپى مۇشۇ . مېنىڭچە بۇ خىزمەت ئىشلەنمىدى ياكى ئىشلەنگەن بولسىمۇ بىزگە مەلۇم بولمىدى ، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ ماقالەم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا شۇنداق.
4. مېنىڭ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىم، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جۈملىدىن رايونىمىز ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ياشىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغانىكەن، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا تېپىلىۋاتقان ئارخىئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ، جۈملىدىن «ئاتۇش ئادىمى » نىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقاتمىلار ۋە «كىروران گۆزىلى» دەك قۇرۇغان جەسەتلەر دەللىل بولۇۋاتقانىكەن، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىكى دەسلەپكى ئىنسانلار ياكى غەربتىن كەلگەن، ھەتتا بەزىدە تېخى كۈلكىلىك ھالدا شەرقتىن كەلگەن دېيىلىدۇ؟ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا پەيدا بولۇپ ياشاش ئېھتىمالى يوقمۇ؟ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئارخىئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ئۈزلۈكسىز تېپىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەنبەسىنى غەربكە ياكى شەرىققە باغلاش ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولغان «غەرب ئەلالىقى » ۋە «شەرق ئەلالىقى » نەزەرىيەسىنىڭ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا «مەدەنىيەت غەربتىن تارقالغان » ياكى «مەدەنىيەت شەرقتىن تارقالغان» دېگەن نەزەرىيەنىڭ سارقىندىسى. بۇنىڭغا ھۇشيار تۇرۇش زۆرۈر. ئەلۋەتتە ، مەن بۇ توغرۇلۇق «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2000-يىللىق 1-سانىدا «تارىم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى توغرىسىدا » ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم، قېرىنداشلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بىرىنچىدىن ، توردا ئىنكاس يېزىش ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرەيلى؛ ئىككىنچىدىن ، يەنە كېلىپ داۋاملىق تەكىتلەيدىغىنم، مەيلى بۇرۇن بولسۇن، ھازىر بولسۇن ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، بىز ئۈچۈن تۈرلۈك مەپكۇرىلەردىكى ھەرخىل رەسمىي ۋە بىرەسمىي ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇيالماسلىقىمىز قانچە زىيانلىق بولسا، يەنە مۇشۇنداق ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن ، زىيادە ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىپ ، ھەممىنى ئۆزىمىزگە تارتىدىغان ۋە ھەممىدە ئۆزىمىزنى «جاھاندا بىر » دەيدىغان ئا كيۇ لارچە روھىي غالىبىيەتچىلىك ئىدىيىسى تېخىمۇ زىيانلىق. بۇ بىزنى ئاقىۋەتتە تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.شۇڭا، توغرا تەپەككۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە توختىماي ئىلىم ئۆگىنەيلى! |
|