ئىلى دىيارىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان سادىر پالۋان
قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئائىلە نەسەبى
(مۇھەممەت يۈسۈپ)
مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدىكى ئاپتورلارنىڭ تەتقىقات ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىن سادىر پالۋان، ھاكىمبەگ خوجا، ئابدۇللا ھاپىز قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ « پالۋانلار يۇرتى » بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم، شائىرلارنىڭ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ سۆيۈنگەنىدىم. قۇمۇلدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
ئىلى دىيارىدىن چىققان سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، گەپنى ئىلى دىيارىغا قۇمۇللۇقلۇقلارنىڭ قاچان ۋە قانداق كۆچۈپ چىققانلىقىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىنى قۇرغان، چېگرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزغانىدى. بۇنداق كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقتىن ئالۋان – ياساق ئېلىش بىلەن ھەل قىلاتتى. ئۇ چاغدا قاتناش، توشۇش ئىشلىرى راۋاجلانمىغانلىقتىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ ھەل قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تارىختىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرىنى قوغداش ئەنئەنىسى بويىچە ھەرخىل شەكىلىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ ھەل قىلىشقا كىرىشتى. شىنجاڭدا « ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش »، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان « مەھبۇسلارنى يۆتكەپ كېلىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ نازارەتچىلىكىدە يەر تېرىش » ، « شىنجاڭغا كۆچمەن كۆچۈرۈپ، خەلق تېرىقچىلىقىنى يولغا قويۇش » قاتارلىق چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەم ئاشلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ چىگرانى قوغداپ تۇرغان ئەسكەرلەر بىلەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يېمەك – ئىچىمىكىنى ھەل قىلدى ھەم شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، 1760-يىلدىن 1768-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 6000 ئائىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان دېھقانچىلىق قىلىشقا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى. جۈملىدىن قۇمۇلدىنمۇ 500ئائىلە ئۇيغۇر دېھقان 1766-يىلى 5-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان باشچىلىقىدا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى ( ئىسھاق ۋاڭ ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى ) خەنزۇلار بۇ دېھقانلارنى « ئۇيغۇر تېرىقچىلار» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرىنى بولسا «تارانچىلار » دەپ ئاتاپ ، جاللات شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئايرىم بىر مىللەت دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن « ئۇيغۇر » دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بۇندىن باشقا، ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەنمۇ قۇمۇلدىن غۇلجىغا كىچىك كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلىشىش بولغان. «1825-يىلى ( داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى ) 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن چۈشۈرۈلگەن خوتەن، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى ھېكىمبەگ ( بەزى جايلاردا ھاكىمبەگ دېيىلىدۇ )لەرنىڭ داۋگۇاڭ خاننى تاۋاپ قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىلىنىڭ 6- جەرىكىلىك ( دەرىجىلىك) ھاكىمبېگى خالزات ھاكىمبەگ بېيجىڭگە بارغۇچە ۋە قايتقىچە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ قىسقا مەزگىل تۇرغان. بۇ چاغدا 7-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەت بېشىر ۋاڭنىڭ 2- ئايالى بۈۋىھەجەر ( 8- ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەتنىڭ ئانىسى ) ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، خالزات ھاكىمبەگ تەيجى تاغىسىنىڭ قىزى مېھرىبانۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەن. توي رەسمىيەتلىرىنى ئەلچىلەر ئىلىغا ئىككى قېتىم بېرىپ بېجىرىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇلدىن 60ئائىلە ئىلىغا توي قىلىشقا بارغان ۋە ئىلىدىنمۇ 60ئائىلىلىك ئەر – ئاياللار قۇمۇلغا كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، خالزات ھاكىمبەگ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئىلىغا 30ئائىلە ئادەمنى كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن بۇ 30 ئائىلىلىك قۇمۇللۇقلار خۇدىيار يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەھەللە شۇ چاغدىن باشلاپ «قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دەپ ئاتالغان.
ھاكىمبەگ خوجا
خەلقپەرۋەر ، تەرەققىياتپەرۋەر جامائەت ئەربابى ھاكىمبەگ خوجا ( ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوجىخان ھاكىموپنىڭ بوۋىسى ) نىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئائىلە نەسەبى ھەققىدە ئابدۇۋەلى قادىر ، ئەدىھەم ئابدۇمىجىتلەرنىڭ يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ھاكىمبەگ خوجا (مىرغىياسبەگ) 1871-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى بەھرەمبەك خوجا (1) قۇمۇل ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئانىسى يۈنساخان خېنىم چۇلۇقايدىكى نوپۇزلۇق ئائىلىلەردىن مۆرىدىن شايىبېگىمنىڭ قىزى ئىدى. بەھرەمبەگ خوجا قۇمۇلدىن ئىلىغا كېلىپ، يۈنساخان خېنىم بىلەن نىكاھلانغان. ئۇلار ئۈچ قىز ، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن بەھرەمبەگ خوجا ئۆز يۇرتى قۇمۇلغا قايتىپ كېتىپ ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. يالغۇز ئوغۇل مىرغىياسبەگ ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن ، دادىسى بەھرەمبەگنىڭ ھاۋالىسى بويىچە شۇ ۋاقىتتىكى تەيجى ئىلياسخان تەيجى ( بوۋاق ھېكىم ) نىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدا باشلانغۇچ مەلۇماتىنى چىقارغان. كېيىن ئىلياس تەيجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئوردىغا كىرىپ مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان مۇئەللىمدىن دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەردىن دەرس ئالغان ھەمدە خەنزۇچە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوردىدا خىزمەت قىلغان . ئىلياسخان تەيجىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن يالغۇز قىزى نۇرنىسا خېنىمنى تەيجىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزى تەربىيىلىگەن تۇغقىنىنىڭ ئوغلى مىرغىياس بەگكە ياتلىق قىلدى. 1892-يىلى ئىلياسخان تەيجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى نۇرنىسا خېنىمنى « ھېكىم ئاغىچا» ( « ھاكىم ئاغىچا » -- ئا ) قىلىپ تەيىنلىدى ھەمدە ھېكىم ئاغىچا نامىغا يېڭى تامغا ئويدۇرۇپ بەردى. « ھېكىم ئاغچا » يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يولدىشى مىرغىياس بەگكە ھاۋالە قىلدى . شۇندىن باشلاپ خەلق مىرغىياس بەگنى ھاكىمبەگ خوجا دەپ ئاتىدى » .
« شىنجاڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن 1762-يىلى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي—مەمۇرىي ئورگان – ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا « ئىلى گۇڭبەگلىكى » ( سۇلتانلىقى ) مەھكىمىسىمۇ شۇ يىلى قۇرۇلغانىدى. 1762-يىلدىن 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىغىچە بولغان 150يىل ئىچىدە ئىلى سۇلتانلىقى مەھكىمىسىنىڭ سۇلتانلىقىنى بىر ئەۋلادتىن توققۇز ئەۋلاد (2)ئۆتەپ كەلگەنىدى. « ئىلى سۇلتانلىقى » نىڭ 10-ئەۋلاد سۇلتانى بولغان ھاكىمبەگ خوجا 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن تارتىپ ئۆلكە ئازاد بولغۇچە ۋە 1957-يىلى ۋاپات بولغۇچە ھاكىمبەگ خوجا نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. ئۇ مۇشۇ جەريانىدا ياڭ زېڭشىڭ ، جىن شۇرېن ، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە ئۈچ ۋىلايەت دەۋرلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھاكىمىبەگ خوجا ئىلىدا 86يىل ياشاپ ، كونا دەۋرنى ئۇزاتقان ئەڭ ئاخىرقى بەگ ئەۋلادى ۋە ۋالىي ھەمدە ئازادلىقتىن كېيىنمۇ تۇنجى ۋالىي بولغان كىشى ، ھاكىمبەگ خوجا بىر ئۆمۈر ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، مەدەنىيەت، ئادالەت، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقى قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. ھاكىمبەگ خوجا 1892-يىلى مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن تاكى 1957-يىلى 86يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولغىچە بولغان تارىخىي جەرياندا ۋەتەنگە مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەن ، خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، پاك- دىيانەتلىك ياشاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى » .
ھاكىمبەگ خوجىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن خەتتات، رەسسام ، بايازچى، مەرىپەتپەرۋەر چوڭ پاشا خوجا ( خوجىخان ھاكىموپنىڭ دادىسى( 1893-1962 ) ، كىچىك پاشاخوجا، ئەكرەمجان خوجا ۋە قەييۇمبەگ خوجا (1918- 1954 ) ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىدە پىيادە ئەسكەرلەر 2-پولكىنىڭ كوماندىرى، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، ئۆلكىلىك سانائەت-كان ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. قىزى گۆھەربانۇ خېنىم (قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى سەيدۇللام بىلەن 1937-يىلى تۇرمۇش قۇرغان ) .
ھاكىمبەگ خوجىنىڭ يۇقىرىقى مەرھۇم پەرزەنتلىرىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، خەلقپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر بولۇپ، بىر ئۆمۈر خەلققە پايدا- نەپ يەتكۈزۈپ، ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمەتكە ئېرىشىپ، خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات قالدى.
پايدىلانمىلار :
1.ئابدۇللا ئەخمىدى : بەييەنخۇ يېغىلىقى ۋە مېھرىبانۇ ۋاڭ » شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1986-يىل 4-سان .
2.« ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى » مەجمۇئەسىنىڭ 92-يىلى 8-سان ( خەنزۇچە نەشرى )
3.تۇرسۇن ياسىن: « باھادىر ئەزىمەت – سادىر پالۋان » كىتابچىسى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 2001-يىل 6-ئاي 1- نەشرى
4.«ئىلى گېزىتى » نىڭ 1998-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى « ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر زات ھاكىمبەگ خوجا » دېگەن ماقالىسى
5. « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 4- سانى
6.«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 42-سان 280- ، 283- بەتلىرى
مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ |