ئۇقۇغۇچىلار نىمىلەرنى ئۈگۈنىۋاتىدۇ؟
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! پارتىيە مەركىزى كومېتىتى، گوۋۇيۈەن ئىزچىل تۈردە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ پەن-تېخنىكا تايانچ خادىملىرىنى تەربىيلەشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى، نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىرىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى.
2010-يىلى 5-ئايدا ۋە بۇ يىل يىل بېشىدا مەركەز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىردى. ھەمدە مائارىپنى خەلىق تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مەكتەلەرمۇ ھەر خىل چارە تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ خىزمەتلەرنى ئىجادى قانات يايدۇرماقتا. كۆپ سانلىق ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئۇلۇق ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تىرشىپ ئۈگەنمەكتە. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزنتلەردىن زور ئۈمىتلەرنى كۈتمەكتە. شۇنىڭغا يارىشا نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئالى مەكتەپلەرگە ئۈتۈپ كەلگۈسى ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۇقۇماقتا. چەتئەللەرگە چىقىپ ئۇقۇۋاتقانلار ۋە ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈزىنىڭ تىگىشلىك رۇلىنى جارى قىلدۇۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ.
لېكىن جەمىيەتتە ۋە بىر قىسىم تور مۇنبەرلىرىدە ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك ئەمەسمۇ ياكى باشقا بىر قەستەنلىك بارمۇ ئىش قىلىپ مائارىپقا بولغان قارشى ئانچە ياخشى ئەمەس. ھە دىسىلا ئۇيغۇر مائارىپى بۇزۇلۇپ كەتتى، ئۇقۇغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق، ئۇقۇتقۇچىلار كۈڭۈل قۇيۇپ خىزمەت قىلمايدۇ، ئۇلار مائاش ئېلىشنىلا بىلىدۇ، قوش تىل ئۇقۇتۇش بىر تۈركۈم ساۋاتسىزلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەكتەپتە سىياسىنىلا تۇتۇپ ئۇقۇتۇش بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ئۇقۇغۇچىلارغا ئاتىزىمنى تەشۋىق قىلدى، مەكتەپتە بىر قانچە يىل ئۇقۇپ قااپاققا باغ بۇلالمىدى دىگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئاممىسىنى قايمۇقتۇرىدىغان سۆز چۆچەكلەرنى ناھايىتى ھېسسىيات بىلەن تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلماقتا. ھەتتا جۇڭگۇدى 200يىل بۇرۇن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ پەن تەخنىكا تەرەققىياتىنى ئۆز ئەينى كۈچۈرۈپ كىلىپ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرىنى ئەمىلىيەتتىن ھالقىغان ھالدا ئىنتايىن تۈۋەن ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسىدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا ئۈزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ئارزۇلىرىدىن يېنىپ پەرزەنلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇش نىيىتىدىن ۋاز كىچىشكە سەۋەپ بولماقتا. بۇ خىل ھالەت مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۇلۇقلىغىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە زىيانلارنى ئىلىپ كىلىش خىرىسىغا يۈزلەندۇرمەكتە. ئۇنداقتا ھازىرقى مائارىپ ئۇقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كىلەلمىدىمۇ؟
1.ھازىرقى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقانلار ئەسلى نەدە ئۇقۇغان؟
2.چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇۋاتقانلار 7 ياشقا كىرە كىرمەيلا چەتئەلدىكى ئالى مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىنغانلارمۇ؟
3.ئالى مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلار، مەمۇرلار، كەسپى خادىملار، تەتقىقاتچىلار، تەخنىكلار، ئالىملار ، مۇشۇ تورلارنى باشقۇرۇۋاتقانلار، ھەر چوڭ گەپ قىلىپ مائارىپنى سۈكەپ تىما ۋە ئىنكاس يازغانلار ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى چەتئەلدە ئۇقۇپتىكەنما؟
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ تۇپراق مۇشۇ زىمىندا ئۈزى خالىمايدىغان ۋە ‹‹بۇزۇلۇپ كەتكەن›› ئۇيغۇر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇقۇغانلار ئەمەسمۇ؟
ئەلبەتتە ئىخرار قىلىشقا تىگىشلىك مائارىپىمىزدا بەزى بىر يىتەرسىزلىكلەر بار. ئەمما ئۇقۇپ ھېچقانداق پايدا ئالالماي، ئۇقۇغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن زىيانلارنى تارتىپ ھەددى ھىساپسىز مال دۇنيالىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەندار بۇلۇپ كەتكەنلەر يوققۇ؟ يۇقاردا ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلارمۇ زىيان تارتقۇچىلارما؟
ھەممىمىزگە ئايان. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مائارىپى پەقەت ئاساسى مائارىپ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەخسىدى مەدىنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يىتىشتۈتۈرۈپ چىقىش ۋە ئۈزىدىن يۇقۇرى مەكتەپلەرگە ئۇقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بىرىشلا. خالاس.
ھەرگەزمۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇغانلىغى سەۋەپلىك بۇ ئۇقۇغۇچى ئالىم بۇلۇپ قالمايدۇ. ئىنجىنىر، پىراپپىسور، داڭلىق يازغۇچى، دۇختۇر، مەمۇرى خادىم، تېخنىك خادىم، داڭلىق كارخانىچى، تەتقىقاتچى ، يېزا ئىگىلىك ئاگرونوم بۇلۇپ قالمايدۇ. ئۇلار ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پەقەت ئاساسى بىلىم ۋە ئاساسى ماھارەت ئىگەللەيدۇ. ئۇلار ئالىم، ئىنجىنىر، پىراپپىسور، داڭلىق يازغۇچى، دۇختۇر، مەمۇرى خادىم، تېخنىك خادىم، داڭلىق كارخانىچى، تەتقىقاتچى ، يېزا ئىگىلىك ئاگرونومى بۇلۇش ئۈچۈن يەنا ئۈزىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئالى مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئۇقۇشى كىرەك. ئەلۋەتتە. ھەممەيلەنگە ئايانكى مائارىپنىڭ مەخسىدى مەدىنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يىتىشتۈرۈش؛ مەكتەپلەرنىڭ مەخسىدى كىتاپ ئۇقۇتۇپ ئادەم تەربىيىلەش.
كىتاپ ئۇقۇتۇش نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
كىتاب ئوقۇتۇش: ھازىر مەكتەپلەردە ئۆتىلىۋاتقان ھەرقايسى پەن دەرسلىكلەردىن ئىبارەت. يەنە تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، فىزىئولوگىيە، بوتانىكا، خەنزۇ تىلى، ئىدىيە ئەخلاق، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، تەبىئەت، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت،رەسىم، ھۆسنخەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك، قانۇن تۈزۈم،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،ئەمگەك قاتارلىق دەرسلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسى بىلەن ۋە ئاساسى ماھارەت ئىگىلىتىش
ئادەم تەربىيىلەش: يۇقىرىقى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىش، ئۇلاردا كوللېكتىۋىزملىق روھنى يېتىلدۈرۈش، ئەخلاق قارىشى ۋە قانۇن تۈزۈم قارشى يېتىلدۈرۈش، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئۆز ئارا ياردەملىشىش، بىر بىرىگە كۆيۈنۈش، ئاتا ئانىلار ۋە چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئوغرىلىق لۈكچەكلىك جازانىخورلۇق قىلماسلىق، ياخشى بولغان ئەمگەك ئادىتى ۋە تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتەكلەپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.
خۇددى دېھقان بىر تاختا يەرگە قوغۇن تېرىسا قوغۇنلار ھەرخىل ھەر ياڭزا چۈشكەندەك ئەلۋەتتە ئوخشاش تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ھەر خىل تەربىيىلىنىپ چىقىشى بۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئەڭ نامخىل چىقىپ قالغان ئوقۇغۇچىمۇ‹‹دېڭىز بۇيىدا ماڭغان ئادەمنىڭ پۇتى ھۆل بولماي قالمايدۇ›› دېگەندەك مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ۋە ماھارەت يۇقماي قالمايدۇ.
ئەمدى بىز تور ئەھلىلىرى مەكتەپلەر بۇزۇلۇپ كەتتى، مائارىپ تۈزۈلمىسى قالاق، دەرسلىك مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق دېيىش ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ئۇيغۇر مىللىتى سىلەر ئويلىغاندەك ئامېرىكىچە مائارىپ ۋۇجۇدقا كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ سىلىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشىڭنىمۇ؟
ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى گەپنى ئويلىنىپ بېقىپ قىلىشى كېرەك. ھازىر جەمئىيەتتە ھېچقانداق مائارىپ تەربىيىسى ئالالماي تەمتىرەپ يۈرۈۋاتقانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. بىز ھەرخىل چارە ئاماللارنى قوللىنىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك. بىلىش كېرەككى: مائارىپ پۈتكۈل خەلقىنىڭ مائارىپى. ھەربىر ئەقىل ئىگىسى، ھەربىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، زورلۇق كۈچ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس پەن تېخنىكا بىلىم سەۋىيىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
مەنبە:ئۈزۈم