(ئەخمەت مۆمىن تارىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
قەدىمدىن بۇيان شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىش نۇقتىسى، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان يۇرتىمىز شىنجاڭ ئۆزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي،جۇغراپىيىۋى ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقى سەۋەبلىك تارىختا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن ۋە زور رول ئوينىغان. شۇ ۋەجىدىن بۇ رايۇننىڭ نامىمۇ تارىختا ھەر خىل ئاتالغان. ئىلىمىزنىڭخەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇ جاي «西域» (غەربىي يۇرت، غەربىي دىيار، غەربىي رايۇن دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتالغان【1】.ئەمەلىيەتتە، بۇ نام ناھايتى كەڭ مەنىگە ئىگە، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا قورۇلغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ غەرىبىدىكى پۈتكۈل رايۇنلارغا قارىتا ئېيتىلغان. تۈركچە يازما مەنبەلەردە بۇ جاي « قۇرىغار » دەپ ئاتالغان【2】. « قۇرىغار » دېگەن بۇ سۆزجۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ تار ۋە كەڭ مەنىگە ئىگە ئىدى. تار مەنىدىن ئېيىتقاندا، پەقەت تەڭرى تاغ بىلەن قارا قۇرۇم تېغىنىڭ ئارلىقى يەنى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتەتتى. كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئۇ، جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سىياسىي، ھەربىي تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالىغا ۋە سودائالاقىلىرىگە ئاساسەن، ھازىرقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى، تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي تېغىنىڭ غەربى ( ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا )، پامىرنىڭ سىرىتىدىكى ئىران، يېقىن شەرق( ئەرەب دۆلەتلىرى )، غەربىي ئاسىيادىكى كافكاز تاغلىرى، كاسپىي دېڭىز ۋە قارادېڭىزنىڭ شەرقىدىكى رايۇنلار، جەنۇپتا بولسا ھازىرقى پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى【3】. ئۇنىڭ مەنا دائىرىسى ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى « غەربىي يۇرت » دېگەن نام ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىگە تەڭ كېلەتتى. يۇنان ۋە رىملىقلار بۇ رايۇننى « serice» ( سېرىس ) دەپ ئاتىغان【4】. سېرىس دېگەن سۆزيىپەك ئىشلەپ چىقىرىدىغان خەلقلەر ياكى يىپەك يۇرتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى، چۈنكى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ نەپىس يىپەك بۇيۇملىرى يىپەك يولى بىلەن مۇشۇ رايوندىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن غەرىبىي ئاسىيا، يۇنان ۋە رىمغا ئېلىپ بېرىلاتتى. يەنە بىرتەرەپتىن، بۇ رايۇندا بولۇپمۇ خوتەندە قەدىمدىن تارتىپلا پىلچىلىك تەرەققىي قىلغان، بۇ يەردە توقۇلغان يىپەك بۇيۇملارمۇ شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدە داڭلىق ئىدى. 11-ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بۇ رايون يەنە « خاقانىيە » ھەم « ئۇيغۇر ئېلى » دېگەنناملار بىلەن ئاتالدى. يەنە قاراخانىيلار خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى « خاقانىيە »، ئۇنىڭ شىمالىدىكى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمىرانلىقى تەۋەسىدىكى زېمىن « ئۇيغۇر ئېلى » دەپ ئاتالدى. « تۈركىي تىللار دىۋانى » داقەشقەرنى مەركەز قىلغان شەرقىي قىسىمدىكى قاراخانيىلار زېمىنىنىڭ « خاقانىيەئۆلكىسى » دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، « خاقانىيە ئۆلكىسى » نىڭ شىمالىدىكى ئىسلامدىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭ « ئۇيغۇر ئېلى » دەپ ئاتىلىدىغانلىقى يېزىلغان【5】. راشىددىننىڭ « جامىئۇل تەۋارىخ » دېگەن ئەسىرىدە بۇ رايون «ئۇيغۇرىستان »،« ئۇيغۇر ئېلى » دەپ ئاتالغان【6】. 14- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ رايون « موغۇلىستان » دەپ ئاتالدى【7】. بۇ مۇڭغۇل دېگەننامدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى 14- ئەسىرلەردە بۇ رايونغا چىڭگىزخاننىڭ ئوغىلى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان قاتارلىقلار ھۆكۈمىرانلىق قىلغان. شۇڭلاشقا تاكى 19- ئەسىرگىچە « موغۇلىستان »دەپ ئاتالغان. 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنى 1867- يىلى قوقانلىق ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بېسىۋېلىپ « يەتتە شەھەر خانلىقى» نى قۇرغاندىن كېيىن، شىنجاڭ رايونى بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى « قەشقەرىيە »دەپ ئاتالدى. چۈنكى قەشقەر شەھرى ياقۇپبەگ قۇرغان « يەتتە شەھەر خانلىقى » نىڭ مەركىزى ئىدى. روسىيىلىك ئا. ن. كروپاتكىن « قەشقەرىيە » دېگەن كىتابىدا: «قەشقەرىيە دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ رايون خەرىتىدە شىمالىي كەڭلىك 35گرادۇستىن43گرادۇسقىچە بولغان ئارلىقتا، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 72گرادۇستىن 90گرادۇسقىچە بولغان ئارلىققا جايلاشقان »【8】 دەپ يازغان. بۇ دەل يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقوللىنىلىۋاتقان « شىنجاڭ » دېگەن بۇ نام 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنى تىنچىتىپ، شىمالىي شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن قويۇلغان【9】.1884- يىلى شىنجاڭ رايونى ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، رەسمىي ھالدا مۇشۇرايوننىڭ نامى سۈپىتىدە ھازىرغا قەدەر ئومۇميۈلۈك قوللىنىلىپ كەلمەكتە. ئىزاھات: 【1】【3】 ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » ، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى17-، 168-،169-بەتلەر. 【2】« قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما »47-، 64-بەت « كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى » 2-قۇر، « تۇنيۇقۇقمەڭگۈ تېشى » 17-قۇر، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى. 【4】چىيەنداۋ شىنسى (ياپونىيە): « يىپەك يولىدىكى 99 سىر »، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرىياتى 1986-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى، 3-بەت. 【5】مەھمۇد كاشغەرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى »1-توم 17-، 41-، 151-، 152-، 153-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1980-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى. 【6】:« جامىئۇت تەۋارىخ » ، سودا نەشىرىياتى 1983-يىل خەنزۇچە 1-نەشىرى 239-بەت. 【7】موللا مۇسا سايرامى: « تارىخى ھەمىدى » ، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1996-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى30-بەت. 【8】 ئا. ن. كروپاتكىن (روسىيە): « قەشقەرىيە »،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى 1-بەت. 【9】 « شىنجاڭنىڭ يەرلىكتارىخى » ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 1992-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى .
(ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
|