قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ZULPIYA11

قىرىنداشلىرىم مەندىن نۇمۇس قىلىۋاتامسىلە؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30633
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزىڭىزنى ئۇنچە چۇشۇرمەڭ توختىماي خىزمەت كىلىپ تۇردىكەنسىز يانا ئىختىسادىڭىز يەتمىسە
uyghuray

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30633
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبىر قىلىڭ ھەمشىرەم، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،تۇرمۇش سىزگە كۈلۈپ باقىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ،  مۇھتاجنىڭ دەردىنى بېشىغا كەلمىگەن كىشى بىلمەيدۇ، مۇھتاجلىقتا قالمىغان بولسىڭىز، ئىچىڭىز دەرتكە توشمىغان بولسا بەلكىم بۇ گەپلەرنىڭ بۇ يەرگە يېزىپمۇ ئولتۇرماس بولغىيدىڭىز، ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان ئوماق ئىككى پەرزەنتىڭىز باركەن، شۇلار ئۈچۈن بولسىمۇ ،ھەر قانچە جاپا چەكسىڭىزمۇ تۇرمۇشقا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىڭ

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30635
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 13:18:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇتۇننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلىدۇ.... .  باشقا كەلگەن بۇ كۈنلەرنى باشقا كەلمىگەنلەر چۇشەنمەيدۇ دىگەندەكلەرنى ھىس قىلىپ قالدىم تېمىڭىزنى ئوقوپ...

1

تېما

9

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29991
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 500
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 14:19:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئايدىن بىرى باغداشتا تىما كورۇپ كىلىۋاتىمەن ، لىكىن ئىنكاس يىزىش خوش ياقمىدى قايسى تىمىغا كىرسە پۇرۇخ ھىدى ئايىغى چىقماس تالاش -تارتىشلار بىر ئوملۇك -ئىتتىپاقلىقتىن
بىر -بىرسىنىڭ پىكىرىگە ، كوز قارشىغا ھورمەت قىلغان ئاساستا ئەخلاق بىلەن مۇنازىرە قىلىشتىن ئىغىز ئىچىش مومكىن ئەمەس ، بۇ تىما مىنى ئازراق بولسىمۇ ئويلىغىنىمنى يىزىشقا ئۇندىدى رەھمەت سىزگە ، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىدە سىز تىمىڭىزدا تىلغا ئالغان ھەققى ۋەقەلىكلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ بۇ ئىش بىزنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلار ئارىسىدىمۇ يۇز بەرگەن ، مىنىڭ بىر ھاممام بولىدىغان ئۇمۇ توت بالا بىلەن تۇل قالغان ئىدى ، توۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالاتتى بۇ پۇلنى ئالغىنىغا ھىچ نارازىلىقى بولمىغان تاغىلىرىمنىڭ ئوتكەن يىلى بۇ ھاممامنىڭ باشقىلاردىن زاكات قوبۇل قىلغىنىغا ئاچچىقلاپ كەتتى ، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاتايىن چوڭ ئويگە بىرىپ تاغىلىرىم بىلەن دىيشىپ قالدىم ، سىلەر ئۇنىڭ توۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن ئىبارەت ھوكۇمەت «زاكىتىدىغا » تاينىپ تۇرمۇش ئوتكۇزۋاتقانلىقىدىن نۇمۇس قىلماي ئاللانىڭ بەلگىلگەن پاك زاكىتىدىن نۇمۇس ھىس قىلىپ كەتتىڭلارمۇ بۇ سىلەرنىڭ ئىمانلىق ، ۋىجدانلىقىڭلارمۇ سىلەر ھەقىقى ۋىجدانلىق ، ئىمانلىق بولساڭلار بۇ ئوز قىرىندىشىڭلارنى ھوكۇمەتنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ «زاكىتىغا » مۇھتاج قىلمىساڭلار بولمامدۇ ؟ ئۇلار ھىچ نىمە دىيەلمەي پكاندەك قىزىرىپ قىلىشتى ، دىمىسىمۇ ئارىمىزدا ھوكۇمەتنىڭ ئۇ «زاكىتىنى » نۇمۇس بىلمەي ئىلىۋاتقان ھەقىقى زاكات ئايرىيالىغىدەك بايلىققا ئىگە مىليۇنىرلىرمىزمۇ ئاز ئەمەس ئۇلار ئۇ زاكاتنى ئىلىشتىن نۇمۇس قىلمايدىيۇ ئاللانىڭ پاك قىلىپ بەرگەن ھەقىقى زاكىتىنى ئىلىشتىن نۇمۇس قىلىدۇ ، بۇ قانداق مۇسۇلمانچىلىق ، بۇ قانداق غورۇر !
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20990
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 17:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا كەلمىگەندە ھېشكىم بىلمەسكەن .

2

تېما

4

دوست

507

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23255
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 19:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pelak  ۋە   Qashqari   قىرىنداشىلىرىم مىنى چۇشەنگىنىڭلارغا رەخمەت،بىشىمغا ھەقىقەتەن ئىغىر كۇن كەلگەچكە ئىچىمدىكى توشۇپ كەتكەن دەرتنى تۆكۇۋالدىم،مىنى تونىماي تۇرۇپ ماڭا ھىسداشلىق قىلغىنىڭلارغا،مىنى چۇشەنگىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت.

0

تېما

6

دوست

338

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30755
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 00:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبىر قىلىڭ ھەمشىرەم ئاللاھ سىزگە ئاسانچىلىق ئاتا قىلسۇن
تۇرمۇشقا كۈلۈپ بېقىڭ،غەيرەتلىك بولۇڭ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8877
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 14:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،  بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئچم ئاچچىق بولۇپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولدى ... اللە سەبر ئاتا قىلسۇن ...
     
     مەنمۇ سىزدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر كۈنگە قالغان ھەمشىرىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە شاھىت بولغانىدىم . بۇنداق پاجىئەلەر جەمىيتىمىزدە ئاز ئەمەس ، ئەركىشى ئوغۇلبالا دېگەنغۇ نىمىلا كۈن كۆرسە ھېچ گەپ ئەمەسكەن  ، يېتىم قالسىمۇ ، ئاچ قالسىمۇ ، تالادا قالسىمۇ .... ئەمما مۇشۇنداق ئېغىرچىلىقتا ياشاۋاتقان، لېكىن جەمىيەتنىڭ، ھەتتا قان قېرىنداشلىرىنىڭ  ، يولدىشىنىڭ كۇيۇمچانلىقى ، غەمخورلىقى ھېچ بولمىسا ئىككى ئېغىز چىرايلىق تەسەللى سۆزلىرىگىمۇ ئېرىشەلمەستىن ئەكىسچە  مانا مۇشۇنداق مۇئامىلىگە ھەتتا ھاقارەت ، تاياق توقماققا ئۇچراۋاتقان قىز ئاياللىرىمىز ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىيدۇ ... بەزىدە ئۇلارنىڭ بېشىدىكى كۈنگە ئەمەس ، ئۆزىنى ئەركەك ئاتاۋاتقان بىزلەرنىڭ (شەخسەن مېنىڭ) ئارىمىز ، ۋىجدانىمز، غورورىمىز ،ئىپپىتىمىز ، ۋەتىنىمىز ، بارلىقىمىز بولغان شۇ قىز ئاياللىرىمىز ئاشۇنداق خارلىق دەپسەندىچىلىك ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئېچىنىشلىق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاجىزلىقىم ، يەنە ئاللىقانداق باھانە سەۋەبلىرىم سەۋەب ئۇلارغا ھېچ ئىش قىپ بېرەلمىگەنلىكىمدىن ، ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنىڭ يارىماسلىقىمغا ئېچىنىپ يىغلاپ كېتىمەن ...  بىر ئەركەك ئۈچۈن ئۆزىنىڭ غورورى ،ۋىجدانى دەپسەندە بولىشىدىن ئېغىر مۇسىبەت يوق !!! ئەمما بىزگە نىمە بولدىكىن غورورىمىز ،ۋىجدانىمىز بولغان قىز ئاياللىرىمىز خارلانغاندا، دەپسەندە بولغاندا ، ھاقارەتلەنگەندە ، قىيىنچىلىقتا قالغاندا بىزلەر ھېچ پەرۋاسىز ...
  قىز ئاياللىرىمزىڭ بۇ ھالى بىزدىكى ئەركەكلىك روھىنىڭ ئۆلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟؟ ئەركەكلىك ئېڭى يوقالغان ، سۇسلاشقان ، ئەركەكلىكنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن مىللەتنىڭ قىز ئاياللىرىنىڭ بۇزۇلىشى ،يولدىن چىقىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ، قىز ئاياللىرى يولدىن چىققان ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى بۇزۇلغان جەمىيەتنىڭ چاك چاكىدىن بۆسۈلۈپ خانىۋەيران بولىشى ھەم ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ... چۈنكى ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى ، قىزلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەربىيچىسى ھەم جەمىيەتنى مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى بىرىنچى مۇھىم ئامىل . بۇنىڭغا تارىخ ۋە ھازىرىمىز گۇۋاھكى ئەركەكلىك روھى كۈچلۈك ، قىز ئاياللىرىغا كۆيۈمچان ، ئۇلارنى قوغداشتا جېنىنى تىكىپ جەڭلەردە دەريا قانلار ئاققۇزغان قەۋمنىڭ قىز ئاياللىرى ئىپپەتلىك ، غورورلۇق ، بىلىملىك بولغان ، ئۇلار تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئەۋلادلار ھەم باتۇر قورقماس ، شىجائەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ئىنسانىيەتكە ئۈلگە ياراتقان ... ئەكىسچە بولغانلارنىڭ ھالىنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز ...

      ھەممىمىز قاخشايمىز ھازىرقى ئاياللار ساختىلاشتى ، سەركەشلىك قىلىپ يوغىناپ كەتتى ، ئەرلىرىگە بويسۇنماس ، ئىتائەت قىلماس بوپ كەتتى ، سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرىدىغان بوپ كەتتى .... بەس ! قىز -ئاياللار ساختىلاشتى دېگەندىن كۆرە يىگىت ئەرلەر ئاختىلاشتى دېگەن تۈزۈك ! قىز -ئاياللار ئەيمەنگىدك ئەر يوق ، قىز ئاياللارنى ئەيمەندۈرگىدەك ئەركەك يوق ، شۇڭا ئۇلار يوغىناپ كەتتى . ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ قىز ئاياللىرىنى باشقۇرالىغىدەك ئەركەك يوق شۇڭا ئۇلار بويسۇنماس ئىتائەت قىلماس بوپ كەتتى ، قىز ئاياللارنىڭ ھالىغا يېتىپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ دەردلىرىگە دەرمان بولۇپ ئۇلارنىڭ نازۇك قەلبىگە مەلھەم بولغىدەك ، ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن دۇنيانىڭ گۇزەللىكلىرىنى ھېس قىلدۇرالىغىدەك ئەركەك يوق ،شۇڭا ئىنساننىڭ فىترىتى بولغان ئۇبوشلۇقلارنى سىرتلاردىن تولدۇرۇش ئۈچۈن لاغايلايدىغان بوپ كەتتى ، ئۆينىڭ ھەممە ئېغىر يۈكلىرىنى ئۈستىگە ئېلپ ، بار يوقنى تېپىپ ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قامدايدىغان ئەر يوق ، شۇڭا ئۇلار ئۆيدە ئولتۇرماس بوپ كەتتى ...
      بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر جەمىيتىمىزدە زور سالماقنى ئىگىلىسىمۇلېكىن  ئومومىيۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس ، مۇشۇ جەمىيەتتىمۇ ئاشۇنداق ئەركەكتەك ئەركەكلەر يوق ئەمەس . ھەتتا 25 يىل ئۆي تۇتۇپ بىرەر قېتىم قىيدىشىپ ، باتناپمۇ باقمىغان ، ئايزى مايزىغىمۇ قارىشىپ باقمىغان ئەر ئاياللارنى ئاڭلىدىم . ھەقىقى بەخىتنىڭ بۇنداق كارتىنىلىرى ئاز بولمىسا كېرەك .


     گەپلىرىمدىن ھەممە مەسئۇلىيەت ئەرلەردە دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەركەكلەر قىز ئاياللىرىغا مەسئۇل بۇلۇشقا بۇيرۇلۇش بىلەن بىرگە قىز ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى قەدر قىممىتىنى ساقلاشقا ، ئۆزىنىڭ بۈيۈك مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان . توغرا ، ئەركەكلەر ئۆزلىرىنىڭ پادىلىرى بولغان ئائىلىسدىن ، ئەھلى ئاياللىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ ، قىز ئاياللار ھەم ئۆزىنىڭ نەپسىلىرىدىن، قىلمىشلىرىدىن  سوراققا تارتىلىدۇ .  ھەممە كىشى ئۆزىنڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجسىنى كۆرىدۇ .
لېكىن ئاياللىرىغا نامەردلىك قىلغان ، زۇلۇم قىلغان ، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلمىغان ، بالىلىرىغا ئىگە بولمىغان (ئېغىزىمغا بىر سەت گەپ كەلگەنتى...) لار دەرھال تەۋبە قىلىپ قىلمىشلىرىنى تۈزەتمىسە مۇشۇ دۇنيادىلا ، پات ئارىدىلا شۇنداق بىر خار زەبۇنلۇققا دۇچار بولىدۇكى ... پۇشايمان ئالىدىغان قاچا تاپالمايدۇ ، ئۆلۈمدىن كېيىن بولسا « نازۇك شېشىلەر» نى خارلىغانلارغا تەييارلانغان ئېچىنىشلىق ئازاب ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ...


     ھۆرمەتلىك ھەدە ( مەدىن چوڭكەنسىز ھەدە دەپ چاقىراي) ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم :

       بېشىڭىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن بەكمۇ قايغۇردۇم ، ئۆزۈمنىڭ سىزگە ھېچ ئىش قىپ بېرەلمىگەنلىكىمدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى . لېكىن بۇ ھايات شۇنداق ھايات . ھېچ كىشى غەمسىز ، دەرتسىز بولمايدۇ . بىزگە كەلگەن ھەر بىر مۇسىبەتلەر ، قىيىنچىلىقلار پەقەت اللە نىڭ بەرگەن سىناقلىرى .  ياخشى يېرى ھەممىسى ۋاقىتلىق . مېھرىبان اللەنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر بىر ئىشلىرىدا ئاجايىپ بۈيۈك ھېكمەتلەر بار ، پەقەت بىز دەماللىق قايمۇقۇش ۋە دەرت ئەلەملەردىن ، ئەقلىمىزنىڭ چەكلىكىدىن ئۇنى ھېس قىلالمايمىز .« سىلەر بىرەر نەرسىنى يامان كۆرىشىڭلار مۇمكىن ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر ، سىلەر يەنە بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرىشىڭلار مۇمكىن ،ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر ، اللەبىلىدۇ سىلەر بىلمەيسىلەر » [2:216]
بەلكىم سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلمىگەندىكىن دەردىمنى چۈشەنمەيسىز ، مۇشۇنداق ئاددى ئويلايسىز دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن . لېكىن مېنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت ئەلەم سىزنىڭكىنى نەچچە قاتلايدۇ. ئەمما مەن بۇلارغا ھېچقاچان قايغۇرۇپ ، ئاھ ئۇرۇپ ، زارلىنىپ باقمىدىم .
      مەن «بەخىت ، ھاياتنىڭ مەناسى مۇشۇنىڭدا » دەپ شۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشقان ، ئىنتىلگەن ، بەدەل تۆلىگەن ، نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋازكەچكەن نەرسىلەر كىيىن بىلسەم قىلچىلىك قىممىتى يوق ، ئەرزىمەس نەرسىلەر ئىكەن .  يولۇققان ، بالا قازالىرىم، مۇسىيبەتلىرىم ، ھەتتا دوسلىرىم يېقىنلىرىم ھالىمغا ئېچىنىپ يىغلاپ كەتكەن ئېغىرچىلىقلىرىم بولسا كىيىن بىلسەم اللەنىڭ رەھمىتى ، نېئمىتى ئىكەن... شۈكۈر دېدىم . ھەمدۇ ئېيتتىم ... كەلگەن ھەر بىر بالا قازا مۇسىيبەتلەر دىن اللە ياكى گۇناھلىرىمىزدىن پاكلايدىكەن ، ياكى ئېزىپ كەتكەنلىرىمىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئۆزىمىزنى تۈزىۋېلىشىمىزغا ، يولىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىكەن ، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ، ئۇىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق يەنە بىر چوڭ بالا قازادىن ساقلايدىكەن . ياكى شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە يېلىندۇرۇپ يېقىنلاشتۇرۇپ ھىدايەتكە باشلايدىكەن .  شۇڭا خۇلاسىلىدىمكى  ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەن ئۈچۈن ياخشىلىق ،پۇتۇن مال دۇنيدلىرىمدىن ، ئائىلەمدىن  جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان ئاتا ئانامدىن ، قېرىناشلىرىمدىن ، قىيامەتلىك دوسلىرىمدىن ، سۆيگەن جانانلىرىمدىن ،
    پۇت قوللىرىمدىن ، كۆزۈمدىن ، قۇلىقىمدىن ....ھەممە نىمەمدىن ھەتتا ھەمدۇ ئېيتىدىغانتىلىمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ (اللە ساقلىسۇن )قەلبىمدە ئىمانىملا بولىدىكەن اللە قا دىلىمدا ھەمدۇ ئېيتىمەن ، شۈكۈر ئېيتىمەن ... چۈنكى ئۇ مېنى ھاياتنىڭ ھەقىقى مەناسى ، لەززىتىدىن ئايرىمىدى ...

      سىز بولسىڭىز شۇنچە قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان بولسىڭىزمۇ ئەمما ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ماددىيەتلەر بولغان پۇت -قول ، ئەقىل -ھوش، تۇرار جايدىن ئايرىماپتۇ ، جانىجان ئانىڭىز  ،سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىڭىز بارئىكەن ، سىزنى شۇنىڭدىن ئايرىماپتۇ ، پۇت قوللىرىدىن ئايرىلغان ئۆزىنىڭ پۇتى بىلەن 3-4 قەدەم مېڭىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولالمايۋاتقان ،  كۆزلىرىدىن ئايرىلغان بىىرەر قېتىم بولسىمۇ رەڭگارەڭ دۇنيانى كۆرىۋېلىشقا نائىل بولالمايۋاتقان ، ئاتا ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ دىدارىنى سېغىنسىمۇ ئامال بولمايۋاتقان ، ھەتتا سىماسىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدىغان ، بالىلىرىدن ئايرىلىپ يۈرەك باغرى كاۋاب بولۇپ تولا يىغلاپ ساراڭ بوپ قېلىپ كاللىسىدىن كەتكەن ، ( مېنىڭ چوڭ ئاپام شۇنداق ) يەنە ئاللىقانداق مۇسىيبەتلەردە قېلىپ سىزنىڭكىدەك بىر تۇرمۇشقا زار زار بولىۋاتقان ، قان يىغلاۋاتقان كىشىلەر مۇ ئاز ئەمەس ، سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس. شۇڭا دەيمەن  : شۈكۈر قىلىڭ ، ھەمدۇ ئېيتىڭ . سىز ئىنتايىن بەخىتلىكسىز ، پەقەت شۇ بەخىتنى ھېس قىلالمىغانلا يېرىڭىز بار .

سىزگە«تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانما » دېگەن  بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلاي . چوقۇم ئوقۇڭ . ھېچبولمىسا كىرىش سۆزىنى بولسىمۇ ئوقۇڭ ، پەقەت نەچچە سائەتلا ... ئىشىنىمەنكى سىزچوقۇم نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلىرىڭىزگە جاۋاب تاپالايسىز ھەم سىز ھېس قىلىپ بولالمايۋاتقان بەختىڭىزنى قايتىدىن تېپىۋالالايسىز .


   اللە سىزنى شۇنىڭغا نىسىپ قىلسۇن ، ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن ... ئامىن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )