بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 03:22
ئىسكەندەر ئوقوش ياردەم مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
بۈگۈن ئوردا كەنىت (قەشقەر) ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسىدا،قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بارلىق تولوق ئوتتورا مەكتەپلەردىكى بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئۆز مەكتىپى بويىچە تەبىي پەن ۋە ئىجتىمائى پەندىن بىرىنجىلىككە ئىرىشكەن بارلىق ئوقوغۇچىلارنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.بۈگۈنكى پائالىيەتتە 30 دىن ئارتۇق ئوقوغۇچى يەككە تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىم تەرپىدىن مۇكاپاتلاندى.
يىغىنغا ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسى رەھبەرلىرى،مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە مۇكاپاتلانغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە باشقا كىشىلەردىن بولوپ 200 گە يىقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ 2014-يىللىق ئىسكەندەر ئوقوش ياردەم مۇكاپات پۇلى تارقىتىش پائالىيتى بولوپ، ”ئىسكەندەر“ قايماقلىق مارۇژنىخانىسىنىڭ خۇجايىنى، مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ 8-قىتىملىق ئوقوش ياردەم مۇكاپات پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى بولوپ،بۇ پائالىيەتنى سەككىز يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
بۇ پائالىيەتنى ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە ئىككى يىل داۋاملاشتۇرۇپ 10-قىتىملىق پائالىيەت تاماملانغاندىن كىيىن،ھازىرقىدەك ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا شۇ مەكتەپ بويىچە ئىجتىمائى پەن ۋە تەبى پەندىن بىرىنجىلىككە ئىرىشكەن ئوقوغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشتىن،تەتقىق قىلالايدىغان،كارخانا قۇرۇش ئارزۇسى ياكى مەلۇم ساھەدە ئۈزۈپ چىقىپ خەلىقكە تۆھپە قوشوش ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان ئوقوغۇچى ياكى تەتقىقاتچىلارنى مۇكاپاتلاشقا ئۆزگەرتىش ۋە شۇنداق ياراملىق ياشلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشوشنى كۆڭلىگە پۈككەن تۇسۇنجان ئابدۇرىھىم ئوقوغۇچىلارغا مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن تارقىتىش جەريانىدا قىلغان سۆزلىرى بىلەن مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ يۈرىگىنى لەرزىگە كەلتۈرىۋەتتى.
ئۇ مۇكاپات پۇلى تارقاتقان ھەر بىر ئوقوغۇچىلارغا دىدىكى ‹‹ سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،سىز مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىپسىز،مەن سىزنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.سىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن تىخىمۇ تىرىشپ ئۈگىنىپ خەلقىمىز ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولوپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.تىرىشىپ ئۈگىنىڭلار،شۇ بىر نەرسىنى قەتئى ئۇنتۇماڭلاركى پەقەت ۋە پەقەت سىلەرلا تىرىشساڭلار دۇنيا سىلەرنىڭ قولوڭلاردا.سىلەر بۇ ئوقوش مۇكاپات ياردەم پۇلى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ قۇبۇل قىلىڭلار،بۇ پۇل مىنىڭ پۇلۇم ئەمەس بەلكى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ پۇلى،بۇ پۇل خەلقىمىزنىڭ پۇلى.بۇ پۇل مىنىڭ مارۇژنا دۇكانلىرىمدا خەلقىمىز بىر سوم-بىر سومدىن ماروژنا يەپ ماڭا بەرگەن پۇل .بۇ پۇلنى خەلقىم ماڭا بەرگەن .سىلەر ھازىر قولوڭلارغا ئالغان بۇ پۇللار دەل سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ پۇللىرى،خەلقىمىزنىڭ پۇللىرى ...›› دەپ ھەر بىر ئوقوغۇچىنى تەبرىكلەپ ئۆتكەن تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىم ‹‹شەيىخ سەئىدى››نىڭ ئەل ھەققىنى يەيدۇ بىر ئەبلەخ دەپ باشلانغان شىئىرىنى ئوقوپ ئەلنىڭ نىنىنى يەپ،سۈيىنى ئىچىپ، ئەل ئىچىدە كۆكلەپ ئەلگە سايە تاشلىيالمىغانلارنىڭ ئەلنىڭ ھەققىنى يەيدىغان ئەمما ئەلگە قايتۇرمايدىغان تۇزكور،بەدبەخلەردىن ئىكەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان شىئىرىنى ئوقوپ سوروندىكى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلىدى.
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئوقوغان شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ شىئىرىغا،تۇرسۇنجان ئەپەندىمنىڭ ‹‹مەن بۇ پۇللارنى ئۆز خەلىقىمدىن ئالدىم،ئۆز خەلىقىمگە بىرىمەن،مەن ئەلنىڭ بەرگىنىنى يەپ ئەلگە قايتۇرمايدىغان تۇزكۇر ئەمەسمەن››دىگەن مەزمۇن يۇشۇرنۇش بىلەن بىرگە،شۇ بالىلارغا ‹‹ئەگەر سىلەر مەن تۇزكور ئەمەس دىسەڭلار ئەلنىڭ ھەققىنى يىمەڭلار،يەنى ئەلدىن ئالغاننى ئەلگە ھەسسىلەپ قايتۇرۇڭلار›› دىگەندەك ئۇلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولوپ چىقىشقا قىلىنغان خىتاب يۇشۇرۇنغان ۋە ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن بولوشى مومكىن...
تاپقان 1 سوم پۇلىنىڭ بىر پۇڭىنى ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن،بىر پۇڭىنى ئوقوش ياردەم مۇكاپات پۇلى قىلىپ سەرىپ قىلىشنى نىيەت قىلىپ بۇنى سەككىز يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىم بىزنى پەخىرلەندۈرگەن نۇرغۇن تەنتەربىيچىلىرىمىزنى ئۆزى شەخسەن ئىقتىسادى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئىزچىل تارقىتىپ كەلگەن ئوقوش ياردەم مۇكاپات پۇلى تارقىتىش پائالىيتىنىڭ 8-قىتىملىقىنى غەلبىلىك تاماملىغان تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىمنىڭ چىھرىددە كەمتەرلىك ۋە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى...
بەزىلەر ئويلايدۇ.مەن پۇلۇم جىق بولغاندا ياكى لاتارىيە ئىلىپ بىر مىلىيون چىقسا چوقوم 100 مىڭ يۈەن خەيرى ساخاۋەت قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ.ئەمما يىنىدىكى 100 سوم پۇلدىن 10 سوم پۇلنى خەيرى ساخاۋەتكە ئاتىيالمىغان كىشىنىڭ 1 مىلىيون پۇلدىن 100 مىڭ يۈەننى خەيىر ساخاۋەتكە ئاتىيالىشى مومكىمۇ ؟ خەيرى ساخاۋەت قىلىش ئۈچۈن ۋۇجۇدىدا خەيرى ساخاۋەت ھۈجەيرسى بولىشى كىرەك.
سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىگىلىكى تازا راۋاجلانمىغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەرتلىك،سىخىيلىق بىلەن چىداپ تۇرۇپ بىر قولىدا تاپاۋەتنى يەنە بىر قولىدا ساخاۋەتنى تەڭ تۇتقان تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىم مىنىڭچە بولغاندا ۋۇجۇدىدا خەيرى ساخاۋەت ھۈجەيرىسى بولغان قەدىردان كىشىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
مەلۇم نامرات رايوندا كىسەللەر ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتسە،بەزى ساخاۋەت ئىگىلىرى شۇ كىشىلەرگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ بىر ياكى بىر نەچچە كىسەلنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىپ،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىشىغا قولىدىن كىلىشچە ياردەم قىلار ۋە بەزى ساخاۋەت ئىگىلىرى بىر ئىككى ياكى بىر نەچچە ئادەمگە ياردەم قىلغان بىلەن بۇ بىر توپ كىشىلەرگە بۇ خىل شەكىلدە ياردەم قىلىپ تۈگىتىپ بولالمايدىغانلىقى،شۇ رايونغا چوقوم شۇ كىسەللەرنى داۋالايدىغان بىر دوختورخانا ۋە دوختورلارنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونوپ يىتىپ بۇ رايوندا بىر دوختورخانا قۇرۇش ۋە دوختور يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى مومكىن.مىنىڭچە تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىم دەل مۇشۇ كىيىنكى ساخاۋەتچىلەر تىپىدىكى شەخستۇر ...
مەن شەخسەت تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىمغا رەھمەت ئىيتىمەن.ئارىمىزدىن مۇشۇنداق يىراقنى كۆرەر باھادىر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىنى،ھەر ساھەدىكى ئەقلى ئويغان مەسئۇلىيەتچان كىشىلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكەن دائىرىدە ھىچ بولمىغاندا ئەتراپىدىكى كشىلەرگە بولسىمۇ قولىدىن كىلىشچە پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
مىنىڭچە بولغاندا خەلقىمىز ئىقتىساد ۋە مائارىپتا قانچىلىك تەرەققىي قىلىدىكەن خەلقىمىز شۈنچىلىك روناق تاپىدۇ...
|