قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 935|ئىنكاس: 7

بىلىمخۇمار: ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4167
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 09:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 11:05  

بىلىمخۇمار

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى


      مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى 3 پارچە ماقالىسىدە 45 يىللىق تارىخقا ئىگە، بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دەسلەپكى مەزگىللەر» [1] گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. مەزكۇر ماقالە ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، مەن بۇ قېتىم 3 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى تەۋسىيىلەرنى تونۇشتۇرىمەن [2].

1. كىرىش سۆز
سىز بالىڭىزنىڭ 3 ياشقا توشقاندىكى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ «يېڭىدىن ماڭغان بالىلىق دەۋرى» دىن تولۇق ئايرىلىپ، ھەم ھاياجانلىنارلىق، ھەم قىيىن ئۆتكەللەر بىلەن لىق تولغان «مەكتەپ ئالدىدىكى بالىلىق دەۋرى» گە رەسمىي قەدەم قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىڭىز ئۆز ئالدىغا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بىر ئۇزۇن جەرياننى باشلايدىغان بولۇپ، سىز بالىڭىزدا بۇرۇن يېتىلدۈرگەن كىتاب ئوقۇش قابىلىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە باشلايسىز. كۆپلىگەن ئانا ۋە دادىلار ئۈچۈن بۇ بىر بالىغا ئاتا-ئانا بولۇشتىكى ئەڭ خۇشاللىق ۋە ئەڭ ئەرزىيدىغان بىر دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بالىڭىز كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بالىڭىزنى ھەر بىر كۈن ئىچىدىكى كىتاب ئوقۇشنىڭ ھەممە پۇرسەتلىرىنى تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. يېمەكلىكلەر قېپى، ئېلان تاختىسى، كوچا بەلگىلىرى ۋە يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىكى بالىڭىز بىلىدىغان سۆزلەر ۋە سۆز ئىبارىلەرنى بالىڭىزغا كۆرسىتىپ تۇرۇڭ.
ئەگەر بالىڭىزنى يەسلىگە بەرگەن بولسىڭىز، يەسلىدىكى مۇئەللىملەر بالىڭىزنى ھەر كۈنى مەلۇم دەرىجىدە كىتاب ئوقۇتۇشى مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ بالىڭىزنىڭ ئۆيدە ساۋاتىنى چىقىرىش مەشىقلىرىنى توختىتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتىمۇ بالىڭىزغا ئالدىنقى يىللاردا بالىڭىز ئۆزى بايقىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىڭىزغا يېڭى كىتابلارنى تەييارلاپ بېرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سۆز-ئىبارىلەر بىلىملىرى ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش قابىلىيەتلىرىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ.

2. ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە بىر قانچە تەۋسىيىلەر
(1) ھەرپ چۈشەنچىسى
سىزنىڭ 3 ياشلىق بالىڭىزنىڭ ھەرپلەرنى قوشۇپ، سۆز ھاسىل قىلىش جەريانىغا بولغان قىزىقىشى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ماڭىدۇ. سىز بالىڭىز كىتاب ئوقۇمايۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ بالىڭىزنىڭ ھەرپلەرنى قوشۇپ، سۆز ھاسىل قىلىش چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلالايسىز. ئەگەر بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئىت، مۈشۈك، ۋە دوپپا دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر چىقىپ قالسا، بالىڭىزغا ئۇ سۆزنىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ، ياكى بىر قەغەزنىڭ ئۈستىگە يېزىپ بېرىڭ. مۇشۇ ئارقىلىق بالىڭىز يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ئېغىزدىكى سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋالالايدۇ. بۇ ساۋات چىقىرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر مۇھىم دەرستۇر.
ئىلاۋە: مەن بىر قېتىم بىر يەھۇدىي تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ بىر 3 ياشلىق ئوغلى دادىسىغا «دادا، مەن ئالما يەيمەن»، دېدى. دادىسى بولسا ئۇنىڭغا «ئالدى بىلەن ماڭا ئالما دېگەن سۆزنىڭ ھەرپلىرىنى دەپ بەرگىن. ئاندىن مەن ساڭا ئالمىنى بېرىمەن»، دەپ جاۋاب بەردى.
(2) تېكىست بىلەن رەسىم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش
سىزنىڭ بالىڭىز 3 ياش ۋاقتىدا ئۆگىنىدىغان ئەڭ مۇھىم كىتاب ئوقۇش ئۇقۇملىرىنىڭ بىرى، بىر ئادەم كىتاب ئوقۇغاندا، ئوقۇيدىغىنى كىتابقا بېسىلغان سۆزلەر بولۇپ، رەسىم ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت. شۇڭا سىز بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، بالىڭىزغا بارمىقىڭىز بىلەن ئوقۇۋاتقان جاينى كۆرسىتىپ مېڭىپ، ئۇنىڭغا كىتابنى ئوڭدىن سولغا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مېڭىڭ. ئەگەر سىز ھەر بىر سۆز ۋە سۆزلەرنى ئايرىپ تۇرغان بوشلۇقنىمۇ كۆرسىتىپ ماڭسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئىستمەن (P. D. Eastman) يازغان «مېنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەكىرىپ قوي» (Put Me in the Zoo) دېگەن كىتاب 3 ياشلىق بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ سۆزلەرنى تونۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدۇ. بالىڭىزغا بىر سۆزنى دەپ، ئۇنىڭغا ئاشۇ سۆزنى تاپقۇزۇپ، ئىككىڭلار ئويۇن ئوينىساڭلار ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
(3) كېيىن نېمە ئىش بولىدۇ؟
ئۈچ ياشلىق بالىلار كىتابتا نېمە سۆزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە ئامراق بولۇپ، بۇرۇنقى ئىشلارغا ئاساسەن كېيىن نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بالىڭىز بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقاندا ئارىلاپ-ئارىلاپ توختاپ، بالىڭىزدىن ئەمدى نېمە ۋەقەلىك چىقىدىغانلىقىنى سوراپ بېرىڭ.
(4) بوشلۇقنى تولدۇرۇش
سىزنىڭ 3 ياشلىق بالىڭىز ھەر خىل شەكىللەردىن بىر مۇنار ياساش ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىتابنى ئوقۇشقا ئوخشاش ھەر خىل ئىشلارغا قاتنىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. سىز بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، سىز ئارىلاپ-ئارىلاپ توختاپ، بالىڭىزدىن مەلۇم بىر سۆزدىن كېيىن نېمە سۆز چىقىدىغانلىقىنى سوراپ بېرىڭ. بالىڭىز پىششىق بىلىدىغان كىتابلارنى ئوقۇغاندا، كىتابنى ئوقۇپ مەلۇم بىر يەرگە كەلگەندە، بالىڭىزدىن ھېكايىنىڭ قالغان قىسمىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.
(5) سىزمۇ رول ئېلىڭ
ئۈچ ياشلىق بالىلار ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى رول ئېلىش ۋە مەلۇم بىر قىياپەتكە كىرىۋېلىش. ھېكايە ئوقۇش ۋاقتىنى بىر ئويۇن قويىدىغان ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، ئاشۇنداق ماھارەتنى كىتاب ئوقۇشتا جارى قىلدۇرۇڭ. سىز بالىڭىز بىلەن كىتابتىكى روللارنى ئېلىپ، ئوخشىمىغان نەرسە ۋە ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلارغا ۋەكىللىك قىلىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز كىتابتىكى ھېكايىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ماسلىشىپ كۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بالىڭىزنىڭ ھەر خىل تەسەۋۋۇر ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە زور پايدىسى بار.

3. ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلارنىڭ ساۋات چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
بالىڭىز يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، سىز بالىڭىزنىڭ يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىشتىكى بىردىن-بىر مەنبەسى بولمايسىز. ئەمما بۇ سىزنىڭ بالىڭىزغا يېڭىلىقلارنى ئۆگىتىشتىن توختىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ 3 ياشلىق بالىڭىز مۇئەللىملىرىدىن ئۆگەنگەن دەرسلەرنى پىششىقلاشتا يەنىلا سىزگە قارايدۇ. بالىغا ئۆيدە دائىم كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىدا دەسلەپكى كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
بالىڭىزغا كىتاب تاللىغاندا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىڭ:
(1) قىزىقچىلىق. ئۈچ ياشلىق بالىڭىز قىزىقچىلىقنى خېلى ئوبدان چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى قىزىقارلىق ھېكايىلەر ناھايىتى قاتتىق جەلپ قىلىدۇ. دوكتور سيۇس (Dr. Seuss) نىڭ «ھاماقەتلىك چارشەنبە كۈنى» (Wacky Wednesday) ۋە ئۇنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كىتابلىرى بالىڭىزنى ناھايىتى كۈلدۈرىدۇ.
(2) بۇرۇلۇش نۇقتىسى. ئۈچ ياشلىق بالىڭىز مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ئوبۇرنىغا ئۆزى كىرىش، كىيىمىنى ئۆزى كىيىش، ۋە يەسلىگە بېرىش قاتارلىقلار. بالىڭىزغا ئاشۇنداق ئىشلارغا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىڭ. بالىڭىز بۇنداق كىتابلارغا ناھايىتى قىزىقىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن ئۆزى ئۈچۈنمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى بايقايدۇ.
(3) رەڭدارلىق. يېڭىدىن ماڭغان بالىلار «ھەممە بالىلار ماڭا ئوخشايدۇ» دەپ قارايدىغان بولۇپ، يەسلىدىكى ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ. سىز بالىڭىزنى ئاشۇنداق يېڭى ئەھۋالغا ئوبدان ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بالىڭىز يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ ئوخشاشلىقى بىلەن پەرقىنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بالىڭىزغا مىللىتى، سېمىز-ئورۇقلۇقى، بەدەن تۈرى، ۋە ياشاش شارائىتى ئوخشاش ئەمەس بالىلار ھەققىدىكى كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىڭ.
(4) ئەمەلىي نەرسە. ئۈچ ياشلىق بالىلار ئۇلارنىڭ ئۆز دۇنياسىغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەر ھەققىدىكى كىتابلارغا ھەممىدىن بەكرەك قىزىقىدۇ. شۇڭا بالىڭىزغا ماشىنا، ئۆي، ئۆي سايمانلىرى ۋە باشقا ئۇلارغا تونۇشلۇق بولغان نەرسىلەرنى مەزمۇن قىلغان ھېكايە كىتابلىرىنى ھازىرلاپ بېرىڭ.
ئۈچ ياشلىق بالىڭىز ئۈچۈن بىر ئىنتايىن ياخشى كىچىك كۇتۇپخانا قۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، سىز «دوكتور سيۇس ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» (Dr. Seuss and His Friends) دېگەنگە ئوخشاش بىرەر كىتاب كۇلۇبىغا قاتنىشىڭ. ئاشۇنداق كىتاب كۇلۇبلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلار سىزگە بالىڭىزنىڭ يېشى بىلەن قىزىقىشىغا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ بېرىدۇ، سىزگە ئەڭ كۆپ تارقالغان كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىدۇ، ھەمدە ئاشۇنداق كىتابلارنى ئۆيىڭىزگە ئەكېلىپ بېرىدۇ.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Early Moments - Our Story
https://www.earlymoments.com/Our-Story/
[2] 3-4 Year Old Child Development Tips
<https://www.earlymoments.com/Pro ... velopment-Tips/>

مەن قېرىنداشلارغا بالىلار تەربىيىسىنى مەزمۇن قىلغان تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن (ئەگەر مۇشۇنداق تور بەتلىرىدىن باشقىلىرى بولسا، مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار. رەھمەت):
<http://www.aybalam.com/>com
<http://anabala.com/>

مەن قېرىنداشلارغا تۆۋەندىكى تېمىنى تەۋسىيە قىلىمەن:
«ۋاللەي مەھسۇلات بازارغا سېلىش مۇراسىمى ھەققىدە»
http://bbs.izdinix.com/thread-58054-1-1.html


بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى مېنىڭ بۇرۇنقى تېمىلىرىم:

1. ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى
2. مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟
3. ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى
4. تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
5. بۆشۈكنىڭ بوۋاققا زىيىنى بارمۇ؟
6. كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى
7. بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
8. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى

1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 10:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا، رەھمەت سىزگە شۇنداق ئسىل مەزمۇنلارنى سۇنۇپ كىلىۋاتىسىز،  ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

2273

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق، رەھمەت سىزگە شۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى سۇنۇپ كەلدىڭىز،  تەپەككۇر ئۇنچىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5739

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1428
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 12:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن سىدىق ئاكا ، ئەھمىيەتلىك  تېمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز . سىزگە سالامەتلىك ۋە پارلاق نەتىجىلەر تىلەيمىز .

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 23:38:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا يەنىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن!...

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4167
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 13:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
huxruy يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 12:18
ئەركىن سىدىق ئاكا ، ئەھمىيەتلىك  تېمىلىرىڭىزنى داۋامل ...

سالام سىڭلىم،

سىزنىڭ ھەممە ئىنكاسلىرىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. رەھمەت!

0

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20063
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 23:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكىمىزنىڭ تېمىسىغا كۆپ رەھمەت ، مېنىڭ بالاممۇ دەل 3 ياشقا كىردى ، بالا تەربىيلەشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )