- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14879
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
  12.2%
|
بىلىمخۇمار 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تورداشلارنىڭ دىققەت قىلغىنىدەك، ماڭا ناسا ۋە كائىنات ھەققىدە تېما يازمىغىلى بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالدى. بۇنداق بولۇپ قېلىشتا پەقەت بىرلا سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۆزەمنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يېقىندىن بۇيان ناسا دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرغىدەك بىرەر يېڭىلىقنىڭ ۋۇجۇتقا كەلمىگەنلىكىدۇر. بەزى قېرىنداشلارنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، مەن بۇ قېتىم ئۆزەم ھەققىدىكى بىر مەزمۇننى يېزىپ يوللاپ تۇراي.
يەنى، مەن ناسا دا قىلغان يېڭىلىقلاردىن بىرى «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پارچە ئايلىق ژورنالنىڭ 2014-يىلى 7-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە ئاشۇ تېما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.
ئىنسانلار ئۈچۈن يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا قانداق ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، ئىنسانلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر نەرسە ئاتموسفېرادىكى ئوزون گېزىدۇر. ئادەتتە بۇ ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئاسمانغا مەخسۇس ياسالغان سۈنئى-ھەمراھلارنى چىقىرىپ، ئاشۇ سۈنئى-ھەمراھلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسۋابلار ئارقىلىق ئاتموسفېرانىڭ ھەر خىل پارامېتىرلىرىنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ. بۇ ساھەدە ئامېرىكا، جۈملىدىن ناسا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
يېقىندا بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ھازىر يەر شارىنى كۈنىگە 16 قېتىم ئايلىنىپ تۇرىۋاتقان «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» غا بىر بۇنىڭدىن كېيىن لاھىيىلەپ ياساپ چىقىدىغان ئەسۋابنى ئورنىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتموسفېرانى ئۆلچەپ كۆزىتىپ تۇرۇش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەقسەت سۈنئى-ھەمراھقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىقتىساد قىلىپ، ھازىرقى تەييار بولۇپ تۇرىۋاتقان پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىشتۇر.
«خەلقئارا ئالەم پونكىتى» يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 415 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئوربىتتا سائەتىگە 27724 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن مېڭىپ، يەر شارىنى ھەر كۈنى 16 قېتىم (ھەر 93 مىنۇتتا بىر قېتىم) ئايلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» ئۈستىدىكى ئادەم ئۈچۈن ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، يەنە 16 قېتىم كۈن ئولتۇرىدۇ. يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ قېلىنلىقى 80 كىلومېتىر كېلىدۇ. شۇڭلاشقا «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» بىلەن قۇياش يەر شارىنىڭ قارىمۇ-قارشى ئىككى تەرىپىگە توغرا كەلگەن، ھەمدە ئۇلارنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر سىزىق يەر شارى ئاتموسفېراسىدىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، بىر ئالاھىدە ياسالغان ئەسۋاب بىلەن قۇياشنىڭ مەركىزىنىڭ نۇرىنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتموسفېرانىڭ ھەر خىل پارامېتىرلىرىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. يەنى، بۇ ئۆلچەش ئىشىنى ھەر قېتىم «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ ئۈستىدە كۈن چىققان ۋە كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. (تۆۋەندىكى 1-رەسىمگە قاراڭ.)
كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئۇنىڭ مەركىزىدە ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭ قىرغىقىدا ئەڭ ئاجىز بولغاچقا، يۇقىرىدىكى ئۆلچەش ئىشىنى ئېلىپ بارغاندا، ئەسۋابنى ھەر قېتىم كۈننىڭ ئۈستىدىكى ئوخشاش بىر نۇقتىغا توغرىلاش كېرەك. «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دا تۇرۇپ، يەر شارى يۈزىگە يېقىن كەلگەن كۈننىڭ دىيامېتىرىنى ئۆلچىگەندە، ئۇنىڭ دىيامېتىرى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۆتكەن يىل ماڭا ئاشۇنداق كۈننىڭ مەركىزىنى بىر كىلومېتىر توغرۇلۇق دەرىجىسى بىلەن تاپىدىغان بىر ئۇسۇلنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى بېرىلدى.
ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى يەر يۈزىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا چىققانسېرى ھاۋانىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. ھەمدە 80 كىلومېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى ئاساسەن نۆل بولۇپ قالىدۇ. ھاۋا ئۆزىدىن ئۆتكەن نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، قۇياشتىن چىقىپ، يەر يۈزىگە يېقىن ئاتموسفېرادىن ئۆتۈپ، «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» غا يېتىپ كەلگەن نۇرلارنىڭ قېيىش مىقتارى توغرا (horizontal) يۆنىلىشتە (يەنى ئوڭ-سول تەرەپنىڭ) ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، تىك (vertical) يۆنىلىشتە (يەنى ئۈستى-تەرەپ بىلەن ئاستى-تەرەپ) ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دىكى ئەسۋابتا ئۆلچىگەن قۇياش يۇمىلاق بولماستىن، سوقىچاق بولىدۇ، ھەمدە ئۈستۈنكى قىسمى بىلەن تۆۋەنكى قىسمى سيممىتېرىك بولمايدۇ. (تۆۋەندىكى 2- ۋە 3-رەسىملەرگە قاراڭ). يەر يۈزىدىن 80 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇياشنىڭ كۆرۈنىشى يۇمىلاق بولۇپ، قۇياش يەر يۈزىگە يېقىنلاشقاندا زادىلا تونۇغىلى بولمايدىغان بىر شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ. كۈن چىقىش ۋە كۈن ئولتۇرۇش جەريانىدا «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دا تۇرۇپ كۆزەتكەن قۇياشنىڭ كۆرۈنىشى توختىماي ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ.
قۇياشنىڭ ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرغان كۆرۈنۈشىنىڭ مەركىزىنى تېپىش ئۈچۈن، مەن ئاتموسفېرانىڭ نۇرغا كۆرىسىتىغان تەسىرلىرى ھەققىدىكى بارلىق فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، كۈننىڭ كامېرادىكى رەسىمىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئېگىزلىكىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەركىزى ئۇنىڭ «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ ئۈستىدىكى ئاپاراتتىكى كۆرۈنۈشىنىڭ قايسى يېرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلايدىغان ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ۋە ئۇنىڭ كومپيۇتېر پروگراممىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. مەن بۇ تەتقىقات تۈرى بويىچە جەمى 4 دانە يېڭىلىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولۇپ، بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «نەشرىيات ھوقۇقى» (Copyright) ئالدى. بۇ قېتىم «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنغىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ، قالغان ئۈچى بۇ ژورنالنىڭ كېيىنكى سانلىرى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكى 4-رەسىم مەزكۇر ژورنالنىڭ 2014-يىلى 7-ئايلىق سانىنىڭ مۇقاۋىسى بولۇپ، 5-رەسىمدە ئۇنىڭ مېنىڭ ئىشىم خەۋەر قىلىنغان بىر بېتى بېرىلدى.
6-رەسىم «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىنمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ:
http://www.techbriefs.com/compon ... tion-sciences/20023
مېنىڭ ناسا مەركىزى ج پ ل گە خىزمەتكە كىرگىنىمگە بۇ يىل 1-ئايدا 10 يىل توشقان بولۇپ، ئاشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى ھەپتىدە ئىدارىمىز باشقا بىر قىسىم كىشىلەرگە قوشۇپ، ماڭا بىر تەقدىرنامە بىلەن بىر مۇكاپات بۇيۇمى بەردى (تۆۋەندىكى 7-رەسىم). مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە مەن قىلغان يېڭىلىقلار جەمى 6 قېتىم «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6-قېتىملىقى بولىدۇ. مەن كېيىنچە قالغان 5 يېڭىلىقلار ئىچىدىكى سەل قىزىقارلىقلىرىدىن بەزىلىرىنى تاللاپ تونۇشتۇرۇپ بېرىشىم مۇمكىن.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
|
-
1-رەسىم
-
2-3-رەسىم
-
4-رەسىم
-
5-رەسىم
-
6-رەسىم
-
7-رەسىم
|