- تىزىملاتقان
- 2012-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4256
- نادىر
- 1
- يازما
- 241
ئۆسۈش
75.2%
|
قومۇل تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، ئۆزىگىلا خاس ئۆزەگىچە مەدەنىيەت، سەنئەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا يۇرتلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قومۇل ناخشا، مۇقاملىرىنىڭ ئاۋازى ئۇيغۇر بارلىكى زىمىنلاردا ياڭراپ خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بىراق، قومۇلنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر <<ئايخېنىم سۈزۈك چىراي>>، <<ئاقبوزئات>>، << ئەر بارمۇ >> قاتارلىق مۇقام تېكىستىمىزدە بار بولغان ناخشىلىرىمىزنى قومۇل خەلق ناخشى دەپ ئېيتىپ، قومۇللۇقنىڭ تارىختىكى قان-ياشلىق قىسمىتى، تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن قەھرىمان، باتۇرلىرىمىزنىڭ ۋە ئىشقى ئاتەش ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجران ئازابلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ ناخشا-كۈيلەرنى ئايرىمخانە ناخشىلىرىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىقى پۈتۈنلەي قومۇلچە دىنىي تۈس بىلەن نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە مەخسوس رەمزان ئايلىرىنىڭ ئونبەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ كەچلىرى ، سەھەرگە يېقىن ئېيتىلىدىغان رەمزان ناخشىسى تېخىمۇ ئوسال ھالەتتە يۇرت-يۇرتلاردا ئېيتىلىپ يۈرمەكتە. قومۇلدىكى بىر قىسىم تىرىشچان ياشلار ئىشلەپ تارقاتقان رەمزان ناخشىسى فىلىمى دەل باش جىنايەتكاردۇر.
ئەمىسە بىز رەمزان ناخشىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن قىسقىچە چۈشىنىپ باقايلى. قومۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە باي، غوجاملار ئۆشرە-زاكاتنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئايرىمايدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ۋاڭ قومۇلدىكى بەگ،غوجاملارغا يارلىق بېرىپ: رەمزاننىڭ ئونبەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۈن نىسپىدە رەمزان ناخشىسى ئېيتىپ، روزىغا تۇرمىغانلارنى غەپلەتتىن ئۇيغۇتۇش، بايلاردىن پۇل-پۇچەك، مال-دۇنيا يىغىپ، ئاجىز-ئورۇق، يىتىم-يسىرلارغا يىغىلغان پۇل-ماللارنى تارقىتىپ بېرىشنى بۇيرىغان. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ رامزان ناخشىسى ئېيتىش ئىشى باشلانغان. قولى ئىلكىدە بارلار رەمزان ئېيتقىلى كەلگەنلەرگە پۇل-پۇچەك، نان، تۇز، ئۈزۈم قۇرۇقى، قاق...دېگەندەك تۇرمۇش لازىمەتلىكىرىنى بېرىدۇ، مەخسوس ئادەم بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كىشىلەرگە تۇيدۇرماي نامراتلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتمايدۇ. يەنە تېخى رەمزان ئېيتقىلى كەلگەنلەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ تونۇپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل غەيرى ھالەتلەردە ياسىنىپ يوشۇرۇن ھالەتتە رەمزان ناخشى ئېيتىشدۇ. زامان ئۆزگەردى، ھازىرقى كۈنلەردە رەمزان ئېيتىش كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ خاتا چۈشىنىشلىرىگە ئۇچىراپ ئېيتىلىش دائىرىسى بارغانچە تارىيىپ بارماقتا. مېنىڭچە بۇنى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قوغدىشى، باشقا مىللەتلەرگە قومۇل خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ دىنىي ناخشىنى توغرا چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغىنىم ھېلىقى تىرىشچان ياشلىرىمىز ئۆز بېشىمچىلىقى بىلەن بازارغا سېلىۋەتكەن <<رەمزان ناخشىسى >> دۇر.
بۇ ئىنتايىن ياخشى كىرىشتۈرۈلگەن ئۈن-سىن فىلىمى، ئەمما، بىر فىلىم ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇپ كېتەلىشى ناتايىن، ئۇنىڭغا سۆزلەنمەكچى بولغان مەزمون، شۇ مەزموننىڭ ھەقدات ئىگىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ قىممىتى نۆلگە تەڭ. بۇ فىلىمدا پۈتۈن قومۇل خەلقنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغان تېتىقسىز كۆرۈنۈشلەر بەك تولا، بولۇپمۇ يېشى 70 داۋاندىن داۋىغا كىشىنىڭ رەمزانچىلار كەلگەندە ئۇسسۇل ئويناپ كېتىشى، خۇددى ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالغان، چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەتتا بىزمۇ رەمزانچىلارغا، رەمزان ناخشىسىغا ئۆمرىمزدە بىرەر قېتىم ئۇسسۇل ئويناپ باقمىغان، بۇ ناخشا ھەتتا رېستۇرانلاردىمۇ ئېيتىلمايتتى! لېكىن، فىلىم ئىشلىگەن ياشلارنىغۇ كالتە پەملىك قىلدى دېسەكمۇ، فىلىمدىكى رەمزانچىلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى 50،60،70 ياشلىق پىشقەدەم مۇقامچىلار بۇ ئاددىي ھەقىقەتكە كۆز يۇمىۋالغانمىدۇ؟!
ھېلىقى تۈن نىسپىدا رەمزانغا ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەن ئايالچۇ تېخى...؟! بىر فىلىمدا رولغا چىقىش ئاسان ئەمەس، ياخشى بىر تىپ يارتىش تېخىمۇ تەس، ئەل سۆيگەن ناخشا چولپانىمىز ئەركىن ئابدۇللا جۇڭگوغا داڭقى پۇر كەتكەن<<تېرە نىقاپ2 >>فىلىمدە غەربىي دىيار شاھزادىسىنىڭ رولىغا چىقىشنى رەت قىلىپتۇ، تېخى ھوللىۋودنىڭ فىلىمىغا چىقىشنىمۇ رەت قىلىپتۇ، باھانىسى فىلىمنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن ئىكەن. ئەگەر شىرئەلىدە رولغا چىقىۋېلىشلا ئىستىكىدە بولغان بولسا، بەلكىم فىلىم چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى سۆيگەن خەلقنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازى خۇنۇكلەشكەن بولاتتى. قايسى بىر يىلى خۇددى ۋىلايەتلىك ئۆمىكىمىز چولپانلىرى ھاراق ئېلانىغا چىقىپ يۈزىنى تۆكۈۋالغاندەك نەتىجە بىلەن تۈگەللىنەتتى. شۇڭا فىلىمغا چىقىشقا ئالدىرىمايلى، ئۇ فىلىم ئىشلىگەنلەرمۇ، رولغا چىققۇچىلارمۇ چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا ئىشلەنگەن ھەر قانداق بىر فىلىم بىزنى مەڭگۈ رەسۋا قىلىۋېتەلەيدۇ. چۈنكى ئېلىكتىر، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بۇ مەھسولاتىنىڭ ئۆمرى سىزنىڭ ئۆمرىڭىزدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇندۇر، ئۇ سىز ئويلاپ باقمىغان يەرلەرگىچە يېتىپ بارالايدۇ.
مۇشۇ تېمىغا يەنە ئازراق قىستۇرما: ياش تىرىشچان ناخشىچىمىز ئابلېز يۈسۈپ ئىشلەپ بازارغا سالغان ناخشىلىرىمىزدىمۇ تېكىستلەر بەك بۇزۇلۇپ كەتكەن. مەسلەن : پۈتۈن قومۇل خەلقى، مۇقامچىلىرىمىز ئېيتىپ كېلىۋاتقان - دوسلار ئەلەم داغەي- نى -دوسلار ئەلەم دادەي-دەپ، خاتا ئېيتقان، نەتىجىدە بۇ پۈتۈن ئەلگە شۇنداق خاتا ھالەتتە تاراپ كەتتى. بۇ تارىخى زور خاتالىق. شۇڭا يۇرتىمىزدىكى مۇشۇ ساھالەردە تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممەت يارتىشقا ئالدىماي، تارىخى قىممەت يارىتىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاتىلىرىمىز بىكارغا ئېيتمىغان:- ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىشار دەپ، قاراڭلا مانا سىلەرنىڭغۇ ئوشۇقۇڭلار تېيشىسا مەيلى، سىلەر ئىشلىۋەتكەن فىلىملارنى كۆرۈپ قالغان، قومۇلنى چۈشەنمەيدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭمۇ رەمزاندەك دىننىي مۇراسىم ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئويناپ ئوشۇقى تېيشقىلى تۇردى، سىلەرنىڭ فىلىملىرىڭلارنى ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىكلەرمۇ قىزىقىپ سېتىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئوشۇقى تېيىشىدۇ. شۇڭا ھەرگىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، سىلەر بىلمىگەننى بىلىدىغانلاردىن سوراڭلار، يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىشنى ئۆگىنىڭلار، بىلەرمەنلىك سىلەرنى ئاخىرى ئاپىرىپ گۆرگە ئىتەرمىسۇن!
2014.7.25
|
|