ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ماھىرەنىڭ ( ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ) ئاكىسى ئىدى.مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم كىرىپ تۇراتتىم، ئۇ مېنى ‹‹سىڭلىم››دەيتتى،مەنمۇ ئۇنى ‹‹دىلشات ئاكا››دەپ چاقىراتتىم، ماھىرە مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم بولغاچقا تەتىللەردىمۇ زۆرۈر بىر يەرلەرگە بېرىشلار بولۇپ قالمىسا،يا مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باراتتىم يا ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلەتتى ،ئىككىمىز بىر –بىرىمىزدىن ئايرىلمايلا يۈرەتتۇق، بىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمىز دىلشات ئاكامنىڭ شىنجاڭ مالىيە ئىنىستوتىدا ئوقۇۋاتقىنىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى.
مەن قاچانلاردىن بېرى ئۆزەم ‹‹ئاكام ››دەپ چوڭ بولغان،دوستۇم ماھىرەنىڭ ئاكىسى دىلشات ئاكامنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، لېكىن ئۇنى كۆرگۈم كېلىدىغان ،سېغىنىدىغان، ئۇنى كۆرگەندە گېپىمنى تاپالماي ،قىزىرىپ دۇدۇقلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالغىنىمدىن دىلشات ئاكامنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.مەندە بۇنداق ئەھۋال قاچاندىن باشلاپ يۈز بەردى؟ نېمىشقا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن؟ ئۇ دېگەن ماھىرەنىڭ ئاكىسى ، مېنىڭ ‹‹دىلشات ئاكام ››تۇرسا،ياخشى كۆرۈپ قالسام قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزۈمگە قوياتتىم، بىراق كۆڭلۈم بۇ سوئاللارغا قارشى ھالدا دىلشات ئاكامنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى.
مەن دىلشات ئاكامنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم، ئۇنى خىيالىمغا ئەكەلسەملا كۆزىلىرىمدىن ئىختىيارىمغا بويسۇنماي تۆكۈلۈشكە باشلايتتى ياشلىرىم، لېكىن بۇ ياشلارنى پەقەت بىر ئۆزۈملا كۆرەتتىم ،دىلشات ئاكامنى ياخشى كۆۈپ قالغانلىقىمنى ھېچكىمگە ،ھەتتا ماھىرەگىمۇ ئېيتمىغان ئىدىم، ئۇنىڭغا ‹‹سېنىڭ ئاكاڭنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ››دەپ قانداقمۇ ئېيتالايتتىم؟دىلشات ئاكامنى قاچانلاردىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئېسىمدە يوق،بەلكىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ ،ئارزۇ تولدۇرۇش ئۈچۈن ماھىرە بىلەن ئىككىمىز دىلشات ئاكامنىڭ يېتەكچىلىكىدە قايسى مەكتەپنى تاللاش توغرۇۇلق قاتتىق باش قاتۇرىۋاتقان كۈنلىرىمىزدە بولسا كېرەك ( بۇ ۋاقىتلاردا دىلشات ئاكامنىڭ مەكتەپتە پۇتبول ئويناۋېتىپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ ،داۋالىنىۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىدى، بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاپام –داداملار ‹‹ بىز تازا ئۇقمايدىكەنمىز ،بىلىدىغان كىشىلەردىن مەسلەھەت سوراپ ،ئوبدانراق مەكتەپنى تاللاڭ قىزىم›› دېگەن پىكرىگە ئاساسەن ،ماھىرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ نەزىرىدىكى ھەمممىدىن بەك بىلىدىغان ئادەم دىلشات ئاكام ئۈچىمىز ( ماھىرەنىڭ دادىسى بىز تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ،ئاپىسى رابىيەم ئاچام ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار كېسەللىكى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ئىدى، ئاپىسىنىڭ ئىشلىرى ناھايىتى ئالدىراش بولغاچقا بىزگە كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايتتى، پەقەت تاللاش جەريانىدىكى مۇھىم قارارلانى چىقىرىش ئىشىدا بىزگە يول كۆرىسىتەتتى ) بىرلىكتە قايسى مەكتەپنى تاللاش مەسىلىسى ئۈستىدە باش قوشۇش ئۈچۈن ئاساسەن دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باراتتىم.
-ئىككىنچى تۈركۈمگە شىنجاڭ مالىيە ئىنىستوتىنى تاللاڭ،ئۆتۈپ قالسىىڭز مەندەك ئاكىڭىز بار، ھېچنىمىدىن قورقمايسىز،مەنمۇ ‹‹مېنىڭ سىڭلىم بار ››دەپ گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ يۈرىيمەن،-دېگەن ئىدى دىلشات ئاكام.
-ئاكام ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ قالساڭ،ئاكام سېنى ‹‹سىڭلىم مۇھاببىتىم ››دەپ تونۇشتۇرۇپ كەتسە...،-دېگەن ئىدى ماھىرە شەيتانلىق بىلەن تىلىنى چىقىرىپ.
- ماڭەۋاي ساراڭ،-دېگەن ئىدىم مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە مۇشلاپ.
- راست سىڭلىم, مۇھاببىتىم بولۇشقا قوشۇلارسىز ھە؟- دېگەن ئىدى دىلشات ئاكاممۇ چاخچاق قىلىپ.
-ماقۇل،قوشۇلاي . ئاكام مۇھاببىتىم- دېگەن ئىدىم مەنمۇ چاخچاققا جاۋابەن.بىز شۇنداق چاخچاق پاراڭلار بىلەن ئارزۇ تولدۇرۇش جەدىۋىلىنى تولدۇرغان ئىدۇق.كېيىن ئىمتىھان نومۇرىمىزنى ۋە قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كېلىدىغانلىقىنى كۈتۈش بىلەن جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتتۇق.دىلشات ئاكام ھاسىغا تايىنىپ ئانچە –مۇنچە تالاغا چىقالىغۇدەك بولغان چاغدا ئۈچىمىز بىرگە سىرتلارغا چىقىپ چۆرگىلەپ كىرىدىغان بولدۇق، ئۈچىمىز بىرگە بولساق بەك كۈنلىرىمىزنى بەك كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتۇق، دىلشات ئاكام بەك قىزىقچى ئىدى، ئۇ يۇمۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىپ بىزنى كۈلدىرەتتى،بەزىدە چاخچىقىغا ئۆزى بىلەن ئىككىمىزنى قېتىپ قوياتتى، دەسلەپتە بۇنداق گەپلەر چىققاندا مەنمۇ ئانچە –مۇنچە چاخچاق قىلىپ قوياتتىم، بارا –بارا دىلشات ئاكام گەپ قىلسا گېپىمنى تاپالماي دۇدۇقلاپ كېتىدىغان، ئۇنى كۆرگۈم كېلىدىغان،كۆڭلۈم ھە دىسە ماھىرەنىڭ ئۆيى تەرەپكە تارتىدىغان بولۇپ قالدى.دىلشات ئاكامنى كۆرۈشنى شۇنداق ئىستەيتىميۇ ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، مەن ئۇنچىۋالا كىچىكمۇ ئەمەس، ئون سەككىز ياشقا كىرىپ قالغان قىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ‹‹ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنى كۆرگەندە ئۇنداق بولۇپ كېتىمەن، مۇنداق بولۇپ كېتىمەن››دېگەن گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ كەتكەن ئىدىم،شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزەمدىكى بۇ خىل ‹‹ئۇنداق، بۇنداق›› بوپ قېلىشلاردىن ئۇنى ياخشى كۆۈپ قالغانلىىقمنى سەزگەن ئىدىم،لېكىن‹‹ مەن دېگەن بىر قىز، ياخشى كۆرگىنىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويسام بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلشات ئاكام مېنى ياخشى كۆرەمدۇ ،كۆرمەمدۇ ئۇ ماڭا نامەلۇم، شۇڭا ھېسياتىمنى كونتورۇل قىلىشىم كېرەك ››دەپ ئۆزەمگە ھاي بەردىم.ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېيىن ماھىرەنىڭ ئۆيىگە ئانچە بېرىپ كەتمىدىم.
تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن چاقىرىق قەغىزى ئاخىرى يېتىپ كەلدى،تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى شۇ بولسا كېرەك ،ماڭا دەل شىنجاڭ مالىيە ئىنستوتىدىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى، چاقىرىقنى قولۇمغا ئېلىپ ئۆزەم چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ قالغان دىلشات ئاكام بلىەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغانلىقىمدىن، ئۇنى كۆرۈپ تۇرالايدىغانلىقىمدىن خوشال بولۇپ كۆز يېشى قىلدىم،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ماھىرەنىڭ شۇ تاپتىكى خوشاللىقىنى دېمەيسىلەر!شۇنداق قىلىپ دىلشات ئاكام ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئوقۇشقا باردىم، مەن ماڭغان كۈنلەردە ئۇنىڭ پۇتى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغاچقا، مەن بىلەن مېڭىشقا ئامالسىز قالدى،بۇنىڭغا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى، لېكىن ئۇ بېكەتكە مېنى ئۇزاتقىلى چىققاندا خوشال بولدۇم.( ماھىرەگە ئىچكىرىدىكى بىر تىبئىي ئىنىستوتقا چاقىرىق كېلىپ مېنىڭ ئالدىمدا كەتكەچكە ،مېنى ئۇزىتىشقا قاتنىشالمىدى)ئالىي مەكتەپكە بېرىپ بېرىپ ،بۇ يەردىكى تۇرمۇشقا كۆنۈپ بولغۇچە خېلى بىر مەزگىل ئۆتتى،دىلشات ئاكام مەن كېلىپ بىرەر ئايلاردىن كېيىن كەلدى،پۇتى سەللىمازا ساقىيىپ كەتمىگەچكە ئاۋايلاپ دەسسەپ يۈرەتتى،كېيىن پۇتى تولۇق ساقىيىپ كەتتى، ئۇ مېنى ساۋاقداشلىرىغا تونۇشتۇردى. ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە جايلىرىغا ئاپىرىپ كۆرسەتتى، مەن دىلشات ئاكام بولغاچقا ،چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەن ئادىمىم بولغاچقا غېرىپسىنىپ قالمىدىم، بۇ يەردىكى تۇرمۇشۇم شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىدى، لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈم بۇ كۆڭلۈللۈك تۇرمۇشقا ماس كەلمىگەندەك بىر خىل يېرىم ئىدى،كەچلىرى يوتقانغا بېشىمنى پۈركىۋېلىپ ئۈنسىز يىغلايتتىم ،بىر خىل ئىچكى ئازاب يۈرىكىكىمنى قۇرۇت غاجىىلغاندەك غاجلايتتى،چۈنكى مەن دىلشات ئاكامنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ ،ئۇ ماڭا گەپ ئارىلىقىدا ئانچە –مۇنچە ‹‹سىڭلىم مۇھاببىتىم››دەپ چاخچاق ئارىلشتۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا مېنى ياخشى كۆرۈش توغرۇلۇق چىش يېرىپ بىرنەرسە دەپ باقمىغان ئىدى ھەم ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسىدىمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ھېسياتى يوق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دەرسلەردە ياخشى، مەكتەپتە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچى، ئىنتايىن شوخ ھەم قاملاشقان يىگىت بولغاچقا ئۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرگەن قىزلار كۆپ ئىدى،شۇڭا مەن ‹‹ تېشىمدا ھېيت ئويناپ،ئىچىمدە روزا تۇتۇپ ›› دەردىمنى ئۆزەم بىلىپ،كۈنلىرىمنى ‹‹ كۆزلىرىم كۈلۈپ ،يۈرىكىم يىغلاپ ›› دېگدەك ئۆتكۈزەتتىم.
تەقدىرنىڭ مەن بىلەن قېرىشقۇسى كەلدىمۇ قانداق، مەن يۈرۈۈكمدىن سۆيۈپ كېلىۋاتقان، مۇھاببىتىگە ئېرىشەلمىسەممۇ،ماڭا يۇرتداشلىقىنى،سىڭلىسىنىڭ دوستىغا بولغان ئاكىلىق مېھرىنى ، غەمخورلىقىنى ئايىماي يەتكۈزىۋاتقان كىشىمدىن ئاستا –ئاستا يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىدى.دىلشات ئاكام ئۆزىدىن بىر قارار كېيىن ئوقۇشقا بارغان ،بىز بىلەن بىر شەھەردە بولمىسىمۇ ،باشقا بىر ناھىيىدىن كەلگەن ،مەكتەپنىڭ ‹‹گۈلى››دەپ نام ئالغان بىر قىز بىلەن يۈرىۋالدى،ئۇ ئىككىسى ئەپ تاپسىلا سىرتلارغا چىقىشاتتى، مەكتەپ ئىچىدىكى خالىي جايلاردا كۆڭلۈل سىرلىرىنى ئىزھار قىلىشاتتى (ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن دىلشات ئاكامنى نومۇزسىزلارچە پايلاپ يۈرۈشتىن كەلتۈرۈپ چىقارغا يەكۈنۈم ئىدى) بۇنداق گۈل –گۈلىگە كەلگەن بىر جۈپلەر بىر يەرگە كەلگەندە دىلشات ئاكام ماڭا ئاشىدۇ دەمسىز، ئەلۋەتتە مەن ئۈن –تىنسىزلا دىلشات ئاكامنىڭ قېشىدا بولسىمۇ مېڭىۋېلىش،ئۇنىڭ چىرايىغا ئوغرۇلۇقچە سەپ سېلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلۈمنى تاتلىق ئېتىش بەختىدىن ئايرىلدىم، پەقەت مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرىۋېلىش ۋە كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئازابلىق ياشلىرىمنى ئۈنسىز ھالدا تۆكۈش، ئۇنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئوغرۇلۇقچە تىڭ –تىڭلاش،ئۇنىڭ ئاندا –ساندا ھالدا مېنى ئىزدەپ كۆڭۈل سوراپ قويۇشلىرىغا بېشىم كۆككە يەتكۈدەك بولۇپ رەھمەت ئېيتىش، ئۇنى ئاق ئاتلىق شاھزادە، ئۆزۈمنى قار مەلىكە ھېسابلاپ خيالىمدا مۇھاببەتنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىپ خيالى جەنئەت ھوزۇرىنى سۈرۈش ئىدى
شۇنداق قىلىپ دىلشات ئاكام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان ئارىلقتا ھېلىقى قىز بىلەن شۇنداق يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتتى. مەنمىغۇ ئۇنچىۋالا سەت قىزلاردىن ئەمەس، مېنىڭمۇ كەينىمگە كىرىپ باققان ئوغۇللارمۇ خېلى كۆپ بولدى، لېكىن كۆڭلۈمدە پەقەت دىلشات ئاكاملا بولغاچقا ھېچقايسىىغا كۆڭۈل بېرەلمىدىم،ھەتتا نەچچىسى مېنىڭ دىلشات ئاكام بىلەن بىر يۇرتلۇق ھەم خېلى يېقىن ئۆتىدىغىنىمنى ئۇقۇپ، كۆڭلىنى ئۇنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزمەكچىمۇ بولۇشتى، دىلشات ئاكام ئۇلار توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ كەلگەندە مەن كۆزلىرىمدىكى تۆكۈلۈشكە تەييار تۇرغان يىغىلىرىمنى ،دىلمدىكى چوڭقۇر ئازابلىرىمنى كۈلكىگە زورلاپ تۇرۇپ ‹‹ مەن بۇ يەرگە ئوقۇشقا كەلگەن،ھازىر مۇھاببەتلىشىشكە بالدۇر›› دەپ كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ زىتىغا تەككەن ۋاقىتىلرىممۇ بولغان ئىدى،شۇنداق دېمەي قانداق قىلالايتتىم؟‹‹ مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيمەن،سىز مېنى ياخشى كۆرمىگەن بىلەن مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن›› دېيەلەيتتىممۇ؟ شۇنداق قىىلپ مەن ئوغۇللارنىڭ نەزىرىدە ‹‹ ئەركەك جىنى ›› بار قىزغا ئايلانغان ئىدىم، ‹‹ قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق›› دېگەندەك، ماڭا تەلەپ قويۇپ ماقۇل كەلتۈرەلمىگەنلەر ،خىلمۇ- خىل لەقەملەرنى قويۇپ بېقىشقان ئىدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا پەرۋا قىلپ كەتمىدىم ،پەقەت كۆڭلۈل پىنھانىمدا يوشۇرۇن ساقلاپ يۈرگەن دىلشات ئاكامنىڭ غايىۋانە مۇھاببىتى ئارقىلىق ئۆز كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ ،پۈتۈن ئازابلىرىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تىرىشىپ ئۆگنىش بىلەن دەرس نەتىجەمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ شۇ ئارقىلىق كۆڭلۈمگە تەسەللى ئىزدەپ يۈردۈم.
داۋامى بار...
|