- تىزىملاتقان
- 2014-7-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 441
- نادىر
- 0
- يازما
- 57
ئۆسۈش
70.5%
|
قېرىنداشلار، مىللەتداشلار، مىنىڭ تور ئەھلىگە دەيدىغان ئىككى شىڭگىل گىپىم چىقىپ قالدى، خالىغانلار ۋاقت چىقىرىپ ئوقۇپ قويسا بەزى چۈشۈنۈشمەسلىكلەرنىڭ ھەل بولىشىغا ، جەمىيىتىمىزنىڭ تىنىچ، تەرەقققىياتىغا پايدىسى بولۇپ قالار دەيمەن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، ئەمەلىيەتتە دىنى مەسىلىلەر بەك مۇرەككەپ ھەم بەك زىل، شۇڭا تالاش تارتىش قىلماي، بىر بىرىنىڭكىگە ئارىلاشماي، بىربىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىربىرىنى سىغدۇرۇپ ئۆتكەن ئەڭ توغرا ، ئەڭ مۆتىدىل ۋە ئەڭ مۇكەممەل يول بولسا كېرەك.
بۇنىڭ مىسالى شۇكى ، ئەينى زاماندا سادام ئەشۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈپ ، دىننى قاتتىق باشقۇرۇپ، دىنى تالاش تارتىش قىلىشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن چەكلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل تىنىچ ئامانلىق ئىراق خەلقىغە نەسىپ بولغان ئىدى. لىكىن بۇ مۇستەبىت ئاغدۇرۇلۇپ ئورنىغا ئەركىن سايلام بىلەن چىققان ئىراق ھۈكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك سىياسىتى ئەزەلدىن ئەركىنلىك ، دىمگۇراتىيەگە دۇچ كىلىپ باقمىغان بەدەۋى ئەرەپلەرنى مانا ھازىرقىدەك مەزھەپ قىرغىنچىلىقىغا ، بۆلىنىپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.
يەنە مىسال ، ئىلىمىزمۇ ھازىر دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىننىڭ جەمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشغا يول قويماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويىۋاتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى جەمىيەت بىر قەدەر تىنىچ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. قويۇپ بەرسە ئىراق، ئافغانىستان ، پاكىستانلاردىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنى قويۇپ بەرگەن بولىدۇ. شۇڭا ھۈكۈمەتنىڭ دىننى قاتتىق باشقۇرىشى ئاۋام ئۈچۈن پايدىلىق، ھەرگىزمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىۋالغانلىق ئەمەس. دىن مەسىلىسىدە ھەر بىر ۋىجدانلىق دىن مۇرىتى چوقۇم ھۈكۈمەتنىڭ بۇ سىسياسىتىنى قوللىشى، ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ كىيىنلىك يولى قالدۇرىشى لازىم، بۇ بىر ئەقەللى ھەم ئىنسانى ساۋات ھەم تۇيغۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، دىن تونىغا ئورانغان سىياسى لۈكچەكلەرنىڭ جىنايى ھەرىكىتىگە كۈچ چىقارغان بولۇپ قالىمىز. خۇدامۇ بۇنداق كىشىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.
يەھۇدىلار مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلار بىزدىن بەك يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دىپلۇمات ئەمەس. شۇڭا بىزنىڭ ئۇلارغا قارشى تۇرىشىمىز ياكى ئۇلارنى قوللىشىىمىز پەقەت ئىنسانى تۇيغۇ بىلەنلا چەكلەنسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇرۇشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەيدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش سەۋەبىدىن بىگۇناھلارنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىدىنمۇ ساقلىنالمايدۇ. مىنىڭچە ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن تىنىچ ئاھالىلارنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن خەماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە راكىتا ئېتىشىنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق، ھەر ئىككى تەرەپتىكى پۇخرالار بىگۇناھ، خاماس، پۇخرالارنى نىشان قىلىدۇ، شۇڭا ئىسرائىلىيە ئاھالىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆچ ئالىدۇ، ۋە خاماس قۇراللىقلىرىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن بومباردىمان قىلىپ بىر قىسىم تىنىچ ئاھالىنىمۇ ئۇقۇشماي ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.
گەپنىڭ قىسىقىسى ھىچكىمگە يان بېسىشقا بولمايدۇ، مانا بۇ ئوتتۇرا يول ۋە ۋىجدان نىداسى.
بەزىلەر دەۋاتقان مۇنبەردىكى ئاتالمش خىرىستىيانلارغا كەلسەك، بەلكىم ئۇلار يا خىرىستىنياندۇ ياكى ئەمەستۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ، ھۈكۈمەتمۇ پۇخرالارنىڭ دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ، ئىسلاممۇ دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ، شۇڭا مۇھىمى ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، بىربىرىنىڭ ئىتىقادىنى كەمسىتمەسلىك، مانا بۇ ئۇيغۇردىكى يېڭى مەسىلە.
ئاتىزىمچىلىرىمىزغا كەلسەك ئۇلارمۇ ئۆزىگە يارىشا پەلسەپىۋى ئاساس شەكىللەندۈرگەن بىر ئالاھىدە توپ، ئۇلارمۇ ئالۋاستى ، شەيتان ئەمەس، سىز بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئۇلاردىمۇ سىز بىزدەك ئەقىل، ۋىجدان بار. ئۇلارمۇ مىللەتنى ، ۋەتەننى سۆيىدۇ، پەقەت ھازىرقى ئاتالمىش دىنلاردىكى بەزى تەرەپلەر ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ياكى كۆزىگە سىغمىغان يەرلىرى بار بولىشى مۈمكىن. بىز ئۇلارنى يامان كۆرۈشنىڭ ئورنىغا بىز نىمىشقا ئۇلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك ئىش قىلالمىدۇق دەپ ئۆزىمىزگە سۇئال قويساق بولىدۇ.
قىسقىسى ، تىنىچلىق ئۈچۈن ، تەرەققىيات ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى بىرلىشىشى كىرەك.
مانا بۇ بۇ تېمىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ قالسۇن، ئەمدى بىر بىرىڭلارنى يامان كۆرىدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان ، يۇشۇرۇن ئورا كولايدىغان ئىللەتنى تاشلاڭلار.
ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن ئالغا! |
|