قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1304|ئىنكاس: 11

قەيسەر مىجىت: بالىلىغىمدا ئالغان بۈيۈك ھېيتلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 12:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qeyser-mijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-30 12:41  

--ئىلاۋە: مەن روزى ھېيت كۈنى كەچتە ھېيت ھەققىدە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ «بالىلىغىمدىكى ھېيت بايراملاردا مەن چوڭلاردىن ئاددىلا ھالدا ھېيتلىق ئالماپتىمەن، بەلكى، بىر بۈيۈك ھېيتلىق ئاپتىمەن» دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم . مىنىڭچە سىزمۇ شۇنداق، ئۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟
*****************************************************************************
"ھېيت دىگەن كىچىك بالىنىڭ" دىيىشىدۇ چوڭلار. بالىلىغىمنى ئەسلەپ كۆرسەم بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى ھىس قىلىمەن.
ھېيت - ئۇ بىر خىل ئىتىقادنىڭ ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە مېھر-مۇھەببەت ئوتى تۇتاشتۇرىدىغان، كىشىلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلىدىغان، كوللىكتىۋىزىملىق روھنى ئۇرغۇتىدىغان، شەخسلەرنى ھاياتقا ئۇمىت بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۇرىدىغان ئالاھىدە بىر خوشاللىققا تولغان بايرامدۇر.
ئويلاپ كۆرسەم مەن مۇھاجىرلىق ھاياتىمدا ۋەتەندىكىدەك شاتلىققا چۆمگەن ھېيتلارنى ئۆتكۇزۇپ باقماپتىمەن. خىزمەتكە قاتنىشىپ بىرەر قىتىم قانغۇدەك ھالدا ھېيتنى ۋەتەندە ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن دەرقەمتە ئۆتكۇزۇش ھەمدە ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە يىقىنلارنىڭ بالىلىرىغا ھېيتلىق بىرىش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشەلمەي تۇرۇپلا چەتئەلگە كىتىپ قاپتىمەن. .شۇنىڭ بىلەن ھېيتقا بولغان تەلپۈنۈش بىر گۇزەل ئۆتمۇش سۈپىتىدە قەلب خاتىرەمدە قاپتۇ.
شۇڭقاردەك ياش چاغلىرىمدا تولىمۇ پائالىيەتچان بىرسى ئىدىم، مەن سۆزلەپ تۇراتتىم، مىڭىپ تۇراتتىم، يىقىنلارنى قۇچاقلاپ تۇراتتىم، تاپقان ياخشى سۆزلىرىمنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ھوزۇر ئالاتتىم. تەنھا قالغان چاغلىرىمدا خىيالغا چۆككىنىم  بىلەن كۆپىنچە ۋاقىتتا ياشلىق ئېنىرگىيسىگە تولغان، زېھنىم ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ياشايتتىم. خوشاللىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ۋەتەندە ئۆتكەن ياشلىقتىكى ھەر بىر كۈنۈم ھېيتتەك تۇيۇلاتتى-يۇ
لىكىن ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئالغاندا يىلدا ئىككى قىتىم كىلىدىغان ھېيتنىڭ خاسىيىتى ئۆزگىچە ئىدى. بىراق ياشاش مۇھىتىمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ياشلىقنىڭ مەن بىلەن قىيالمىغان ھالەتتە ئاستا-ئاستا خوشلىشىشىغا قاراپ بىر خىل مۇرەككەپ   ھىسسىياتىم بىلەن خىيال سۈرىدىغان بوپ قالدىم.
خىيال، ئەگەر ئۇ، ئىلمىلىككە ئىگە بولسا - تەپەككۇر قىلغانلىق.
خىيال، ئەگەر ئۇ، ئۆتمۈشكە بولغان سېغىنىش بولسا - بىر گۈزەل ئەسلىمە.
خىيال، ئەگەر ئۇ، كەلگۇسىگە بولغان تەلپۇنۇش بولسا، بەلكى ئۇ بىر پىلان ۋە تەسەۋۋۇر.
باققال جىنىدا بىر كۈندە سەھەردە ئۇسكەنلىرىگە قاچىلاپ ساتقان شاپتۇلىنىڭ ھىساۋاتىنى قىلىدۇ كەچ قۇرۇن جىن چىراقنىڭ يورۇغىدا.
شۇنىڭدەك مەنمۇ پات-پات ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ھىساۋاتىنى ئۆز-ئۆزۈمدىن ئىلىپ خۇلاسە چىقىرىپ تۇرىمەن، ھەتتا خىياللىرىمدىنمۇ!
ئۆزۇمنىڭ خۇلاسە قىلىشىمچە، مىنىڭ خىياللىرىم تۇرغۇن ئەمەس، تۇراقسىزمۇ ئەمەس، مەنىسىزمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەركەتچان بولۇپ رەڭگا-رەڭلىككە ئىگە.
بۇگۇن كەچتە ئۆيدە ئولتۇرۇۋەرسەم ئۆيدىكىلەر تېلىفونىمنى 7 قىتىم سوراپ 10 قىتىم يۈرىگىمنى قوزغۇتۇپ قويمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ (ھېيتلىق چاقچاق ھە ماۋۇ چۈشەنگەنلەرگە) يەنە ئۆيۈمنىڭ يىنىدىكى قەھۋەخانىدا بىر ئىككى سائەت خىيال قىلىپ كىرمەك بولۇپ چىققان ئىدىم.  ئەسلىدە بايبول شىرىتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلارمەن دەپ ئويلىغان ئەمما ئورنۇمنى تىپىپ ئولتۇرۇشۇم بىلەنلا  دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىكى دوست-يارەنلەردىن ھېيتلىق تەبرىكنامىسى كەلگىلى تۇردى.
دوستلارنىڭ تەبرىكنامىسىنى كۆرۈپ خىيال كىنىزەكلىرى مىنى ئۆتمۇشكە  - يەنى بالىلىقتىكى ھېيت بايرىمىغا باشلاپ كىتىپ قالدى. قارىسام بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى ھېيتلار  تولىمۇ ئىسىل ئىكەن، ئۇنى ھازىرقى زاماننىڭ ئۈندىدار ئويناپ چوڭ بولۇۋاتقان
بالىلىرىغا سۆزلەپ بىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى باردەك ھىس قىلدىم. چۇنكى، ياخشى ئەن-ئەنئىنى ئەسلىمىگەندىن كىيىنلا، خاتىرىلىمىگەندىن كىيىنلا ئۆزىمىزنى، ئەۋلاتلارنى يوقۇتۇپ قويىمىز.
مىنىڭ ياخشى نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ قويغۇم يوق، پەقەت گومۇشلارلا  ياخشى نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان خەلقىمىزدىكى ھەر يىلدا ئىككى قىتىم كىلىدىغان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بىر ئىسىل ئەن-ئەنە بولۇپ
ئۇ شەخسلەرنىڭ ھاياتتىن رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، بەختلىك ھىسسىياتلىرىنى كۈچەيتىدۇ. بالىلارغا، ياشلارغا ئىتىقادىمىزنىڭ كۈچى بىلەن يىتىلگەن  مېھر-مۇھەببەتكە تولغان ئىنسانى مۇئامىلىلەرنى ئۈگۈتۈدۇ، جەمىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا جامائەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىغىنى ئاشۇرۇپ،  ئاۋامدا باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش،
ئاجىزلارغا ۋە يېتىم-يېسىرلارغا خەير-ساخاۋەت يەتكۇزۇش ئىڭىنى يىتىلدۈرىدۇ ھەم كۈچەيتىدۇ.

كىشىلىرىمىزنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر  شارائىتى يار بەرسىلا ئايەم كۈنلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن جەم بولۇپ ئۆتكۈزۈدىغان ئەن-ئەنىسى بار.  
مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ ھەر ھېيت مەزگىلىدە ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يىڭىپ بولۇپمۇ قاتناش قىيىنچىلىقىنى يىڭىپ
بىزنى ئىلىپ يۇرتى ئاتۇش ئۈستۈن ئاتۇشقا قايتىپ كىلىپ ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن جەم بولۇپ ھېيتنى ئۆتكۈزەتتى.
دادام 14 ياشتا ئانىسىدىن  22 ياشتا دادىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ 7 بالىنىڭ چوڭى بولغان دادام ئاتا-ئانىسىدىن چۆچۈرىدەك كىچىك قالغان مەسۈم  ئىنىسى ۋە بەش سىڭلىسىنى بولۇپمۇ ئەڭ كىچىك سىڭلىسىنى "يېتىمسىراپ قالمىسۇن" دەپ بولسىمۇ ھەر ھېيتنى يۇرتى قايراق ساي كەنتىدىكى ئۆيىمىزدە ئۆتكۇزەتتى. دادام ئۇلارغا ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورنىدا ھەم ئاكىسىنىڭ ئورنىدا بارلىغى بىلەن مېھرىنى بىرىشكە تىرىشاتتى.
. مەن ئەينى چاغدا نىمىشقا دادامنىڭ ھېيت مەزگىلىدە يۇرتتىكى ئۆيىگە قايتىپ ئىنى-سىڭىللىرى بىلەن ھېيتنى بىرگە ئۆتكۈزۈشكە تىپچەكلەپ كىتىدىغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى يېشىم چوڭىيىپ چەتئەلدە مۇھاجىر بوپ ياشاش جەريانىدىلا چوڭقۇر ھىس قىلدىم. دادام ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قالغان بىر تۇققانلىرىنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىگە نەقەدەر مۇھتاجلىغىنى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن ھامما تاغىلىرىمنىڭ دادامنى "ئاكا" دەپ چاقىرىپ، دادامنى كۆرسە قۇياش چىققاندەك ئىچىلىپ بىز تاققا قايتىپ كىتىدىغاندا مەيۇسلىنىپ بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ كىتىدىغانلىقلىرىغا دىققەت قىلاتتىم.
بەلكىم 7-8 ياش چاغلىرىم بولسا كىرەك، مەن دادامنىڭ بىر ھېيت كۇنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ  7 بالىنى تۇغۇپ كومىنانىڭ كاساپىتىدىن ئىزىلىپ ھىچانداق خوۋلۇق كۆرمەي  41 يىشىدا بۇ ئالەمدىن كەتكەن ئانىسى - ھاجىخان چوڭ ئانامنى ۋە 50 يشلاردىن ئاشقاندا قازا قىلىپ كەتكەن دادىسى -رەھمەتلىك چوڭ دادام-ئەمەتجان ئىسرائىلنى ياد ئىتىپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتكىنى ئىسىمدە:
"بىر جىڭ گۆشۈمنى يىيەلمىگەن ئانام، بىر ئۆتۈكۈمنى كىيەلمىگەن دادام!!!"
-نىمە دەپ يىغلايدۇ؟
ئەلۋەتتە، پەرزەنتلىك ئارمان بىلەن يىغلايدۇ.
دادام ئۇ چاغلاردا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ھەم ماگىزىنچىسى ھەم ئامبارچىسى بولۇپ ھال كۈنى كۆپ ياخشى، قولى پۇل ۋە مال كۆرگەن
چاغلار ئىدى.
دادام مىنى ھەر ھېيتتا دىگۈدەك نامازغا بىللە ئىلىپ بىرىپ ساي كەنتىنىڭ ئىشخانىسى جايلاشقان يەردىكى يەنى مامۇت باقشى دىگەن كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى داۋاننىڭ يىنىغا ئورۇنلاشقان ھەدىگەرلىككە ئاپىرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقاتتى. ئۇ بۇنى تاكى مەن ئۈرۈمچىگە ئالى مەكتەپكە كەتكۇچە داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
ئاناممۇ ھېيتنىڭ بىرىنجى كۈنىدە ئوچارنىڭ كوجنا دىگەن يىرىدىكى ھەدىگەرلىككە(مازارلىق)  (ئەينى چاغدا ئوچاردا ئىككى مۇنار بولۇپ ياكى يەر ئىسلاھاتىنىڭ ياكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ يالدامىسى بولسا كىرەك، بىرسى ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ تۆۋىنىدىرەك يەردە يەنە بىرى ئىكىساق ئامبارنىڭ ئۈستىدىرەك يەردە  يەنى ئىكىساق بىلەن ئوچار تۇتىشىدىغان يەرگە يىقىن يەردە ئىدى) چىقىپ ئانام 3 ياش چاغدا ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالغان ئانىسى ئايشەمخان چوڭ ئانام ۋە  1974-يىلى تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولمايلا  ئۇچۇق تىگىپ قازا قىلىپ كەتكەن رەھمەتلىك تۇنجى ئىنىم ئەخمەتجاننىڭ تۇپراق بىشىغا چىقاتتى.  مەن بىر نەچچە قىتىم ئانام ۋە باشقا تۇققانلار بىلەن  بۇ تۇپراق بىشىغا چىقىپ خەتمە قۇرئانلارنى تىڭشاپ ۋە دۇئالارغا ئەگىشىپ دۇئا قىلغان، توپا دۆۋلەپ قويۇلغان قەۋرىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئۇرۇپ قوشاق قىتىپ يىغلاۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەن  ھەمدە دوسقان كۆتۈرۈپ چىققانلار تارقاتقان قۇيماقلارغا ئىغىز تەككەن ئىدىم.  30 نەچچە يىلدىن بۇرۇن يۇز بەرگەن بۇ ئىشلار مىنىڭ سەبى قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىر قىلغاچقا ھازىرمۇ بۇ ئىشلار خۇددى تۈنۈگۈن يۇز بەرگەندەك ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ھېيتلارنىڭ يەنە بىر خاسىيىتى - ئۇ كىشىلەرنى سېخىلىققا مەرتلىككە ۋە مېھر شەپقەتلىك بولۇشقا، باشقىلارنى ئويلاشقا ئۈندەيدۇ. كىچىكلەرگە ئاجايىپ ئۈمىت، قىزغىنلىق ۋە شاتلىق ئىلىپ كىلىدۇ.
مەيلى روزا ھېيت بولسۇن ياكى قۇربان ھېيت بولسۇن ئۇلار مۇسۇلمانلار  ئۈچۈن  ئۆزگىچە مەنىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇ كۈنلىرى چىرايلىق كىيىنىشىدۇ، يىڭى كىيىم كىيىشىدۇ، كۆڭلىدە ئاداۋەت بارلىرى بىر-بىرىنى كەچۈرۈشىدۇ. روزى ھېيتتا كىشىلەر كۆپرەك سېخىلىق كۆرسىتىپ روزىنىڭ پىترىسى دەپ يېتىم-يېسىر ۋە ئاجىزلارغا كۆوپرەك شەپقەت كۆرسىتىشىدۇ. قۇربان ھېيتتا بولسا قۇدرىتى يەتكەنلىرى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشىپ جامائەتكە قۇربانلىق بىرىشىدۇ، مۇشۇ پۇرسەتتە شۇ چاغلاردا ئاي-ئايلاپ بىر چىشلەم گۆش كۆرمەيدىغان نامراتلار ئاز-تولا گۆش ۋە بەددە پولو يىيىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ. (جاھان توقچىلىق چاغلاردا بەلكىم بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولمىسا كىرەك بەزىلەرگە). ھېيت كۈنلىرى ئۇرۇق-تۇققانلار، دوستلار بىر-بىرىنىڭ ئۇششاق باللىرىغا  خىزمەتچى تۇققانلار دىھقان تۇققانلىرىغا پۇل بىرىشىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى خوشاللىققا چۆمدۈرىدۇ.
ھازىر قانداقكىن ئۇقمايمەن، ئەمما بىز كىچىك چاغدا كىچىك بارماقلىرىمىز بىلەن بىزگە ھېيتلىق بىرەلەيدىغان تۇققانلىرىمىزنى ساناپ كىتىدىغان، ھەتتا بىر ئىككى يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەتكە چىقىدىغان تۇققانلىرىمىزنىمۇ قاتارغا تىزىپ....
ھەتتىڭەي، مىنىمۇ بىزنىڭ تۇققانلارنىڭ كىچىك بالىلىرى "قەيسەركامدىن كىلەر يىلى ھېيتلىق ئالىمىز" دەپ ئۇمىت بىلەن ساناپ كەتكەن بولغىيتى!

مىنىڭ قىياسىمچە ئۈستۈن ئاتۇش خەلقىنىڭ ئاساسى - ئاتۇشنىڭ باشقا يىزىلىرىدىن كۆچۈپ چىققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى  بولۇپ دادام تەرەپنىڭ ئەجدادى نۇرغۇن زامانلار ئىلگىرى ئاغۇدىن چىقىپ  قايراقنىڭ ياپچانغا ماكانلىشىپ كىيىن كۆپۈيۈپ باشقا كەنتلەرىگە تارالغان ئىكەن مەسىلەن دادام ساي كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكىنى بىلەن بىزنىڭ ياپچان، بوستان، لەڭگەر، ئوتياغ، بەيساق، لايلىق دىگەن يۇرتلاردا تۇققانلىرىمىز بار ئىدى.
ئانام  ئوچاردىن بولۇپ ئاساسلىغى ئوچار، (ياۋۇش، كەنياغ، جىڭگان، يەنى دۆڭ  دەپمۇ ئاتىلىدىغان يەرلىرى بار)  يولچىلا، دىھقانلا (قارىغۇل)، ئىكىساق قاتارلىق يۇرتلاردا ئانا تەرەپ تۇققانلىرىمىز بار ئىدى.
شۇنداق بولغانلىقتىن مەن ئۆسمۈر چاغلىرىمدا ئاساسلىق تۇققانلىرىمىز ئولتۇراقلاشقان قايراق ۋە ئوچاردىكى ھېيتلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە كۆپ
قاتناشقان ئىدىم.
پاھ ئۇ چاغدىكى كىشىلەردىكى ھېيت خوشاللىغىنى!
قايراقتىكى ھېيت - قايراق بازاردا بولاتتى. بۇ يەرگە دىخقانلا كەنتىنىڭ ئۈستىدىكى مەھەللىلەردىن تارتىپ تاكى كۆۋرۈك دىگەن يەرگىچە بولغان يۇرتتىكى ئادەملەر كىلەتتى
ئاساسلىغى ئۆسمۈرلەر ئىدى، ھىلىقى پىنتوزىسى رەڭلىك لەڭپۇلار ئىككى پۇڭلۇق تاتلىق سۇلار، دوغاپلار، كاللا پاقالچاقلار، بىر كويغا 5 تىن مانتىلار، 50 تىيىنلىق لەغمەنلەر.....قايراق جامەسىنىڭ خاتىبى تونۇلغان دىنى ئۆلىما چوڭ تاغىمىز مۇھەممەد داموللا ھاجىمنىڭ(جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن) تىجارەتكە ماھىر كىچىك ئوغلى ئىسمايىلجاننىڭ تاتلىق سۆزلەپ ئەتراپىغا ئادەم ئولاشتۇرۇۋىلىپ بىر نەرسە سىتىشلىرى...
ئىسمى نامەلۈم تىجارەتچىلەرنى "ۋا ئادىمىكا، نەچچىدىن ساتتاڭ دەمە" دەپ تۇرۇپ  بىر نەرسە ئىلىۋاتقان ئۆسمۇرلەر، بەيساقلىق (؟)
ئابلىمىت ۋە ساۋۇت ئىسىملىك ئاكا ئۇكىنىڭ رەخت دۇكىنىدا بولۇۋاتقان سودا پاراڭلىرى:
-مىتىرىنى نەچچىدىن ساتلا
6 كويدىن
نىمدا قىممەت بۇ ئاسنا، تۆ يىرىم كويدىن بەمەملا دەۋاتقان خىرىدارلار
مەنپەت قىممايدۇ دەمە ئۇ باھادا دەپ كىچىك تىلى بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇۋاتقان ساۋۇت دۇكانچى.

ئوچار مۇناردا بولىدىغان ھېيتمۇ ئوزگىچە قىزىيتى. ئۇ چاغلاردىكى ھېيت قىزغىنلىغىغا نىمە تەڭ كەلسۈن، بولۇپمۇ ئانا تەرەپتىن مەن بىلەن تەڭتۇش نەۋرە تۇققانلار كۆپرەك بولۇپ ئوچاردىكى ھېيت مەن ئۈچۈن بەك قىزىيتى!  ئوچار ۋە يولچىلانىڭ بالىلىرى ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ يىنىدىكى مۇناردا ئۆتكۇزىلىدىغان ھېيت بازىرىغا كىلەتتى. چوڭلار بەرگەن ھېيتلىق پۇللار -سۇرۇشتىسى يوق پۇل بولۇپ، خالىغىنىمىزچە خەجلەيتۇق. ياكى يولچىلالىق ئوتياشچى مۇختەر پۇچۇقتىن  كاشى بىلەن (قول تىراكتۇردىن ئىلغار، ماشىنىدىن ناچار بىر خىل قاتناش قورالى) قەشقەر سەمەندىن ئىلىپ كەلگەن تاۋۇز، قوغۇنلارنى ئۇچ موچەندىن ئىلىپ يەيتۇق، ياكى پۈۋلىسەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر خىل ئويۇنچۇقنى، ۋە ياكى يۇگۇرسەك پىلدىرلايدىغان  پىلدىرلىغۇچنى ئالاتتۇق. مىنىڭ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۇنگەن تىترەت، قەلەم ۋە قەلەمتۇرۇچ ئىلىپ قويىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. بۇ يۇرتتا قوماچنى يەنى قورىغان قوناقنى "پاسىلداق" دەپ ئاتايتى، بىز شۇنداق نەرسىلەرنىمۇ ئىلىپ يەيتۇق.
ياۋ بۇ بالىلىقتىكى ھېيتقا بولغان تەقەززالىقنى دىمەيسىلەر. بولۇپمۇ ھېيت كۇنى كەلگەندە ئاتۇش، قەشقەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان تۇققانلار يۇرتقا قايتىپ كىلىدىغان بولغانلىقتىن بىرسى ئىككى ئۈچ موچەندىن بەرسىمۇ خىلى پۇل بولۇپ قالاتتى.
ئۇ پۇللارنىڭ كۈچى بار ئىدى دەيمەن. ئىككى موچەنگە بىر چىلگە، بىر موچەنگە شار ياكى كىچىك قەلەمتۇرۇچ كىلەتتى.
ئوچار مۇنارنىڭ يىنىدىكى رەھمەتلىك غاپپاركام ماگىزىنچىلىق قىلغان دۇكاننىڭ كەينىدە ئۆيى بار، تۇرسۇن شەپەشكامنىڭ بۇرنى يوغان، كۆككۆزرەك كەلگەن  قۇربان دىگەن ئوغلى ساتقان لەڭپۇڭنى 5 پۇڭدىن ئىلىپ يەيتۇق دىسە . ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ماڭقىسىنى خورت خورت تارتىپ قويۇشلىرى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق. ياكى ھېيت قىزىقچىلىغىدىن ياكى كىچىكلىگىمىزدىن دىققەت قىلمايدىكەنمىز دە!
ياشلىقتا ئۈگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك دىگەن گەپ بار، مۇشۇ ھېيتلىققا كەلگەندە كىمنىڭ ماڭا قانچە پۇل بەرگىنى بەك ئىسىمدە قاپتۇ-دىسە. ئۆزۈمنىڭغۇ پۇلنىڭ گىپىنى قىلىش بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. قارىغاندا مۇشۇ ئىشتا بىر قىتىم ئاتۇشلۇقلىغىمنى قىلىپ سالىدىغان بولدۇم-دە ماڭا ھېيتلىق پۇل بەرگەنلەرنى ئىسىمدە چىڭ ساقلاپ.
8-9
ياش چاغلىرىم بولسا كىرەك، مۇنارنىڭ يىنىدا ھەيتتا تاغام زەيدىن ئەمەتننىڭ بالىسى باتۇر بىلەن ئويناۋاتساق بىر ئىگىز، ئورۇق سالاپەتلىك كەلگەن ئادەم بىزنى چاقىرىدۇ، بارساق، باتۇرغا ئىككى موچەن ماڭا ئىككى موچەن بەرگەن ئىدى، باتۇردىن ئاڭلىسام بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇققانلىرىمىز ئىكەن  ئىسمى ھېمىت ھوشۇر دىگەن كىشى ئىكەن.
يەنە بىر قىتىم، مۇناردىن چىقىپ يولچىلاغا كىرىپ كىتىدىغان يولنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك سۇپىدا ئىبراھىم جىگدىچى (؟) دىگەن كىشى يايمىچىلىق قىلىپ
بىر نىمە ساتاتتى، بىرىپ مەنفىس كەمپۇت ئالاي دەپ تۇرسام ئىگىز ھەم قاۋۇل بىر كىشى كىلىپ قالدى، بۇ كىشىنى دەرھاللا تونۇپ چاقىردىم.
-ئابلەتكا
رەھمەتلىك ئابلەتكام  - شۇ مەھەللىلىك مەمەت پولات دىگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ 1977-1978 يللىرى ئويتاغ ئورمانچىلىق مەيدانىغا
قايتا تەربىيە ئىلىشقا چۇشكەندە بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ تاماق يەپ كىتەتتى،(كىيىن بىلسەم  يازغۇچى زۇلفىقارنىڭ دوستى). ئەمما كىيىن  ئاتۇش شەھرىگە قايتىپ كىرىپ كەتكەن ئاتا ئانام ئۇستۇناتۇشقا يىقىن دەپ كەنشىۋەر ئورمان مەيدانىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا مەن ئابلەتكامنى بىر نەچچە يىل كۆرمىگەن ئىدىم.
ئابلەتكام مىنى كۆرۇپ شۇنداق خوش بوپ كەتكەن ۋە ئاتا-ئانامنى ۋە ئۇكىلىرمنى سوراپ ھەمدە مىنى قۇربانجان شوپۇر (شۇ ئادەمنىڭ گۇلەمبەر ئىسىملىك گۇزەل قىزى بىلەن توي قىلغان ئىدى) نىڭ ئۆيىنىڭ يىنىدىكى ئۆيىگە باشلاپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كورۇشتۇرگەن ھەمدە ماڭا يىپ يىڭى بىر موچەنلىك پۇلدىن ئۈچنى بەرگەن ئىدى. (مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن)
باشقىلارنىڭ بەرگىنىنى كۆرۇپ چوڭ بولساڭ ئۇنىڭ بىر ئىسىل ئادەت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىسەن-دە سىنىڭمۇ قولۇڭدا بولسىلا باشقىلارغا بەرگۇڭ كىلىدۇ.
كۆرگەن كۆرگىنىنى سۆزلەيدۇ، كۆرمىگەن نىمىنى سۆزلەيدۇ دىگەندەك، باشقىلارنىڭ بەرگىنىنى ئالغان باشقىلارغا بىرىشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى خوش قىلىدىغان ياخشى خىسلەت ئىكەنلىگىنى چۇشۇنىدۇ.
بەلكىم بۇ ئادەتلەر ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقاندۇ. يىقىندا يىقىنلىرىم ئەۋەتكەن سۇرئەتلەرگە قارىسام قايراق بازا كىڭىيىپ چوڭ بوپ كىتىپتۇ بەلكىم ئوچاردىكى مۇنار چىقىلىپ كەتكەندۇ، ئەمما ئۇ يەردە ھېيت قىزغىنلىغى داۋاملىق داۋاملىشىۋاتىدۇ چوقۇم، چۈنكى خەلقلا  بولىدىكەن ، ھىچقانداق نەرسە ماھىيەتتىن يوقىمايدۇ.

ھۆرمەتلىك باغدااش ئەھلى:
ئەمدى مەن سىزگە بۇ قىتىم ئامىرىكىدا ئۆتكۈزگەن روزى ھېيت ھەققىدە  تۆۋەندىكى نەۋرە يازمىنى  
دىققىتىڭلەرگە سۇنۇش ئارقىلىق بۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرسام قانداق دەيسىلەر؟
چۈنكى سىلەرمۇ مىنىڭ يۈرىكىمدىكى كىشىلەرسىلەر!
**************************
‏Quincy دىكى ھېيت نامىزى تەسىراتلىرىم
‏*********************!
‏ئۆلۈمدىمۇ،كۆرۈمدىمۇ بىللە بولۇش -ئىشەنچ ۋە ساداقەتنىڭ ئىپادىسى. ئىشەنچ بولمىسا كۆڭۈل توق بولمايدۇ، ساداقەت بولمىسا يۈرەك خوش سوقمايدۇ.
‏مۇھاجىرلىق ھاياتى ماڭا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان قىرىنداشلارنى ئۆز خەلقى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىزدىكى پارلاق كىلەچەككە بولغان تەلپۈنۈشنى، ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشىشكە بولغان ئىشەنچنى، شۇنداقلا ئەلگە بولغان سۆيگۈ ساداقىتىمىزنى كۈچەيتسە كۈچەيتىدۇكى،ئاجىزلىتالمايدۇ.
‏quincy شەھرى-ماسساچۇست ئىشتاتىدىكى ئاھالىسى 100 مىڭغا يىقىن 8-چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر ئۆيۈمگە يىقىنراق بولۇپ بۇ يەردە بىر نەچچە مۇسۇلمانلار دۇكىنى ۋە ئاشخانىسى ۋە ئىككى قەۋەتلىك مەسجىد بار. ئامىرىكا تارىخىدا بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاتا-بالا ئىككەيلەن پىرەزىدىنت بولغان بۇ شەھەرنىڭ «پرەزىدىنتلەر شەھرى» دىگەن نامىمۇ بار.
‏بۈگۈن سەھەر مەن بىر نەچچەيلەننى باشلاپ بۇ يەرگە ھېيتلىق ناماز ئوقۇغىلى باردۇق.
‏ئىتىقادنىڭ كۈچى ئۇلۇغ-ھە! ئۇ ئادەملەرگە كۈچ بىرىدۇ، كۈچلا بولىدىكەن خوشاللىق ۋە خاتىرجەملىك، تېنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بۇلاق سۈيىدەك ئۇرغۇيدۇ. مەن نامازغا كەلگەن جامائەتنىڭ-ئەر، ئايال، ئاق تەنلىق، قارا تەنلىك ۋە سېرىق تەنلىك چوڭ كىچىك مۆمىنلەرنىڭ چىرايىدن شۇنى ھىس قىلدىم. كۆڭلۈمنى بىر خىل راھەت سېزىم قاپلىدى. نامازدىن كىيىن كۆپچىلىك مەسجىد تەييارلىغان قەھۋە ۋە ھېيتلىق يىمەكلىكلەر بىلەن ئىغىز ئېچىشتۇق.
‏ئاۋال تائام، ئاندىن كالام.
‏ئاۋال ئىبادەت، ئاندىن خىزمەت،ئىجادىيەت!
‏ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ماشىنامنى يىراق يەرگە قويغان ئىدىم. قولۇمدا قەھۋە ۋە يىمەكلىك، ئىشقا ئالدىرايمەن. يامغۇر يىغىۋاتىدۇ، بۇنى «تەبئەتنىڭ «سۇف» دەپ دىمىدە قىلغىنى بۇ قەھۋەگە» دەپ بۇرادەرلىرىمگە چاقچاق قىلىپ مەسجىدتىن ئايرىلىۋىتىپ ھېيت نامىزىغا كەلگەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن قاتناشقا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان خۇش چىراي ساقچىغا كۆزۈم چۈشتى-دە ئۇنىڭدىن سورىدىم:
‏-ھېيتلىق يىمەكلىكلەردىن ئەكىلىپ بىرەيمۇ؟ جاپا چەكتىڭىز؟
‏كۆڭۈل بۆلسەڭ نورمال ئىنسانلا بولسا كۆڭلۈڭنى چۈشىنىدۇ.
‏-رەھمەت ئەپەندىم، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك!
‏دىمەك بۇ ساقچى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ياخشى بىلىدىكەن.
‏مىنىڭ ئۇ سۆزۈم بىلەن ئۇنىڭ چىرايىغا بىر سەمىمى كۈلكە ياماشتى. كۆڭۈل دىگەن مانا مۇشۇنچىلىك نەرسە. ئاسرىساڭ، قوغدىساڭ-ھۆرمەتلىنىسەن.
‏مەن ھېيتلىق تۇيغۇلۇرۇمنى قۇچاقلاپ ماشىنىنىڭ يىنىغا بارغۇچە ئۈندىداردا ھېيتلىق سالاملىرىمنى يىقىنلىرىمغا يامغۇردەك تۆكۈۋەتتىم...
‏ئەگەر مۇشۇنى ئوقۇپ تۇرۇپ سالامىمنى ئالمىغانلىغىڭلارنى بىلسەڭلار، مىنى ماشىنىغا چىقىپ بوپتۇ دەپ ئويلاڭلار.
‏كۆڭلۈمدە سىلەر، يۈرىكىمدە سىلەر!
‏ھېيتلىق شاتلىقىغا بوۋاق كەبى بۆلۈنگەيسىلەر!









1

تېما

0

دوست

2201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 662
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 22:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن،ئۇلۇغ كۇنلەردە ۋەتەننى ئىسىڭىزدىن چىقارمىغانلىغىڭىز، ھەمدە سالام يۇللىغىنىڭىزغا كۇپ تەشەككۇرلەر بۇلسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

2544

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 761
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 00:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 23:03
كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي_

نىمە قۇرۇق گەپ؟
    سەمىمىي،ساددا،ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ۋەتەندىكى رۇزى ھېيىتنى چوڭقۇر سېغىنىپ،رۇزى ھېيتلىق سالىمىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا بىر بەلەن بايان قىپتىغۇ...سىز چۈشىنەلمەمدىكەنسىز يا؟
ھېيتتىمۇ مۇشۇنداق زەھەرخەندىلىكلەرنى قىلىشتىن ھېيقماپسىز...بەلەن ئۇقىسىڭىز ھېيتنىڭ خاسىىيىتىنىمۇ ئوبدانلا سۆزلەپتۇ...قېرىنداش بولساق مانىڭدەك ھېيتنىڭ خاسىيىتىنى بۇلغىمايلى...

0

تېما

2

دوست

2544

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 761
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 00:18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!!

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

3407

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1044
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 01:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايەم بۇبارەك قىرىنداشلار.
تىنىڭلارنىڭ سالامەت ،تۇرمۇشۇڭلارنىڭ خاتىرجەم بولىشىغا تىلەكداشمەن.

3

تېما

0

دوست

1943

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 02:08:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن،

0

تېما

0

دوست

1024

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21359
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 09:38:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 23:03
كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي_

ھەجەپ قىزىق گەپ قىلىپسىز، يا سىز قەيسەر ئەپەندىگە مەبلەغ سېلىپ ئۇنى ئوقۇشقا ماڭغۇزۇپ قويغانمىيا؟ ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزسىلا بولدىغۇ، نىمە قىلىمىز بىر نەرسە تەلەپ قىلىپ؟
سىزدەك ئويلىساق تۇرمۇش ئەسلىدىنلا قۇرۇق نەرسە تۇرسا، تۇغۇلۇپ يەنە كېتىدىغان يېرىمىزنى بىلىسىزغۇ، مۇشۇ ئىشلار ھەممىسى قۇرۇق گەپ ئەمەسما؟

0

تېما

0

دوست

943

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 13:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەيسەر ئەپەندىم :سىز دەپ ئېيتقان يۇرتلارنى بۇ قېتىم كۆرۈپ كەلدىم،قوينى كەڭ سەھرادا ئۆسكەنلەرنىڭ كۆڭلىمۇ كەڭ بولىدۇ.بۇ جەھەتتىن ئورتاق ئىكەنمىز، مەيلى قەيەردە بولايلى ياشاشنى بىلىش بەك مۇھىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )