قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1715|ئىنكاس: 17

[تەرجىمە ماقالە] خوتەندىكى بۇددىزىم (زامباستا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 14:47:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-30 15:11  

خوتەندىكى بۇددىزىم
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش




تارىم ھەۋزىسى خەرىتەسى، بۇ ھەۋزىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن پادىشاھلىغى يېشىل رەڭ بىلەن
ئىپادىلەندى

     بۇددىزىم تاكى مىلادىيە مىڭىنچى يىللاردىكى خوتەن پادىشاھلىغى زامانىغا قەدەر، بۇ پادىشاھلىقنىڭ رەسمىي دىنى ئىدى. خوتەندىكى بۇددىزىم مەھايانە تارمىغىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قارارلاشقان. ۋە خوتەن ئۆزىنىڭ بۇددايى تېكىستلىرىنىڭ كەڭرى مەجمۇئەسى، جۈملىدىن خوتەننىڭ ئۆزگىچە كىتابى بولغان ‹زەمبەستە› (زامباستا) بىلەن، ئەتراپتىكى رايونلاردىكى بۇددىزىم نوپۇزىغا، بولۇپمۇ تېبەتكە مەدەت بەردى.

     خوتەن پادىشاھلىغىنىڭ ئاھالىسى ئىرانىي ئۇرۇغلۇق سەكايى (ساك) ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەكايى تىلىدىن، خوتەن ۋە تومشوق (ھازىرقى قەشقەر رايونىدا) رايونىدىن ئەسەرلەر قولغا چۈشكەن بولۇپ، دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتى خىلىدا ئىدى؛ گەرچە غەيرى دىنىي ئەسەرلىرىدىمۇ بۇددايى رەڭلەر مەۋجۇد بولسىمۇ. بۇددايىلارغا تەئەللۇق ۋە سانسېكرىتتىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ بارچىسى، ئاساسەن خوتەن ساك تىلى (ياكى پەقەت ساك تىلى) ۋە قەدىمىيراق دىئالېكىت سانىلىدىغان تومشوق ساك تىلىدىن ئىبارەت ئىككى گورۇھقا تەقسىملەنگەن. خوتەن تىلىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل تېكىستى - شېئىرىي كىتاب ‹زەمبەستە› دۇر. خوتەن تىلى تېكىستلىرىنىڭ كۇللى تۈرى تەمسىللەر، رىۋايات، تېببىي رىسالات، تۈركىي-خەنەسىي ۋاژەنامەسى، چىنىي-خەنەسىي ۋاژەنامەسى ۋە كىچىك بىر جۇغراپىيەۋىي تېكىستنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېندىي داستانى رامە ۋە خوتۇنى سىيتا، ئېپوسىي نەزمىي ئەسەرلەر مۇشۇ تىل بىلەندۇر. خوتەننىڭ مەۋجۇد نۇسخىلىرى مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىردىن تاكى ئونىنچى ئەسىرگىچە ئارلىقتىكى زاماندا، بەراھمىي خېتى بىلەن يېزىلغان ئىدى.

     تېبەت قوشۇنلىرى مىلادىيە ئالتە يۈز ئاتمىش بەشىنچى يىلى خوتەن شەھىرىنى تەسەررۇپ قىلىۋېشتى. ئەمما مەدەنىيەت نەزەرىدىن، بۇ خوتەنلىكلەر تۇبۇتلارنى شۇ تەسەررۇپتىن كېيىنلا، ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ تەسىر ھەممىدىن ئاۋۋال، بۇدداچە تېرمىنلار ۋە بۇدداچە تېكستلەر تەرجىمە پەنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىيە توققۇزىنچى ئەسىردە، تېبەتلىكلەر خوتەنىي ئېلىپبەنى ھەم، ئۆز تىلى ئۈچۈن تاللىۋېلىشغان ئىدى.

     مىلادىيە توققۇز يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى كاشغەر قاراخانىي خانلىرى خوتەن پادىشاھلىقىغا ھەملە قىلدى ۋە خوتەن، مىلادىيە بىر مىڭ ئالتىنچى يىلى بىر زامان قاراخانىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەسەررۇپىغا ئايلاندى. بۇددا راھىبلىرىدىن تولىسى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تېكىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرىنى ھەمراھ قىلىپ، تېبەتكە قاچتى. قاراخانىيلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئۈستۈنلۈگىدىن كېيىن بۇددىزىم ھەم، خوتەندىن يۈك-تاقىسىنى تاڭدى ۋە ئىسلامغا جايىنى بوشاتتى.


خوتەن تىلىدىكى تېكىست بولۇپ، ئۇنىڭدا تېبەت ئىشغالگەرلىكىدىن ‹خوتەن زېمىنىنى مۇھاپىزەت
قىلىش› يۈزىسىدىن تەشەككۇر بىلدۈرگەن

كىتابى زەمبەستە
     زەمبەستە - بۇددىزىمنىڭ ئەتىۋارلىق ۋە مۇھىم شېئىرىي رىسالەسى بولۇپ، خوتەن تىلى ۋە رەسمىي مەقاملىق ئۈگۈتلەر بىلەن ‹زەمبەستە› نامىدا تۈزۈلگەن كىتابتۇر. ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېقىملىرىدىن بىرى بولغان مەھايانە ئېقىمىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەركىب قىلغۇچىدۇر.

     كىتابى زەمبەستە - بۇددا دىنىنىڭ خىلمۇ-خىل تەرەپلىرى ھەققىدىكى ئۇزۇن-ئۇزۇن نەزمىلەر ۋە خوتەن تىلىنىڭكى ئەڭ مۇپەسسەل تېكىستىدۇر. خوتەن تىلى - سوغدىي، خارەزمىى ۋە بەلخىي قاتارلىق شەرىقى ئارا ئىرانىي تىللارنىڭ ھەمراھلىقى بىلەن تەشكىل تاپقان تىلدۇر. كىتابى زەمبەستەنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ تەپسىلىي تارىخى ئېنىق ئەمەس. مەۋجۇد بولغان دەلىللەر شۇنى ئىسپاتلايدۇ كى، بۇ تېكىست مىلادىيە يەتتىچى ئەسىردىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئىكەن. كۇللى تېكىستتىن تۇنجى ۋە تەنھا تەرجىمىسى، بىر مىڭ توققۇز يۈز ئاتمىش سەككىزىنچى يىلى، ئېمېرىك (رونالد ئېرىك ئېمېرىك - تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، بىر مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز يەتتىچى يىلى مارتتا تۇغۇلۇپ، ئىككى مىڭ بىرىنچى يىلى ئاۋغۇستتا ۋاپات بولغان. ئېنگىزلىزچە: RONALD ERIC EMMERICK) تەرىپىدىن نيۇيورك-تورېنتودا نەشىرگە چىققان ئىدى.

     كىتابى زەمبەستەدا بۇداسەف (بۇدىساتۋا) ئۇقۇمى بىلەن باغلىنىشلىق پەلسەپە قىسسەسىدىن مەجمۇئە ھاسىل بولغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىيسى ئېھتىمالەن تۆت مىڭ بېيت شېئىردىن جىق، تۆت يۈز قېرىق بەتلىك يېزىلغان ئىكەن. تا ھازىرغا قەدەر بۇ كىتابتىن پەقەت ئىككى يۈز يەتتە بەتلا قولغا چۈشكەن ئىدى.

     تا ھازىرغىچە تېپىلغان بەتلىرىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ كى بۇ كىتاب، داستانىي لىنىيەنىڭ ئىزىدىن ماڭماستىن، بەلكى بۇدداچە ئاممىباب ئۇقۇملاردىن، ۋە رايون تەپسىرلىرى بىرىكمىلىرىدىن كەڭرى مەجمۇئە بولغان ئىدى.

     كىتابى زەمبەستە، سۇترا ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان باھار ھەققىدىكى قىسسە يۈزىسى بىلەنمۇ شۆھرەتكە ئىگە. بۇ قىسسەنىڭ مۇقەددىمەسى، باھار گۈزەللىگىنىڭ تەسۋىرى ۋە بۇددا راھىبلىرىنىڭ بۇ پەسىلگە بولغان تەسىراتى بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن بۇددا، ھاياتلىق لەززەتلىرىنىڭ ئەبەدىيلىك ئەمەسلىگىنى بۇ راھىبلارنىڭ يادىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ گۆرىستانغا ئېلىپ بارىدۇ.

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%B2%D8%A7%D9%85%D8%A8%D8%A7%D8%B3%D8%AA%D8%A7#.DA.A9.D8.AA.D8.A7.D8.A8_.D8.B2.D9.85.D8.A8.D8.B3.D8.AA.D9.87

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 20:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىراننىڭ ۋىكىپىديە توردىن ئالغان نەرسىنى يەنە كۆترۈپ كەپسەنغۇ؟ھامماچاڭنىڭ يىزىپ قويغان بىرنىمىسنى كۆترۈپ كەلمە دىمىگەنمىتىم ساڭا؟
(خوتەن پادىشاھلىغىنىڭ ئاھالىسى ئىرانىي ئۇرۇغلۇق سەكايى (ساك) ئىدى. )
بۇ خاتا گەپ. ساكلار ئىران ئۇرۇغلۇق ئەمەس ئەسلى ئىرانلىقلار ساك ئۇرۇغلۇق.
سىەن ئەمدى خوتەننى ئىراننىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى دىمەكچىكەنسەندە؟ بۇنداق ھارام نيەت ھازىر ئاقمايدۇ. بۇنداق تەرجىمىنى توختات دىسەم يەنە ئۆزۈڭنى چاغلىماي ئۆمىلەپ تۇرۋاتسەن بىچارە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1105

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30293
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 21:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن قەشقەردىن 30 يىل كىيىن ئىسلامغا كىرىپتىكەن.  لېكىن تۇرپانچۇ؟   تۇرپاننىڭ قاچان،قانداق ئىسلاملاشقىنى توغرىسىدا بىلدىغانلار بولسا سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار.  بىرىدىن ئاڭلىشىمچە تۇرپان قەشقەردىن 400 كىيىن ئىسلامغا كىرگەن دەپتى ھاڭۋېقىپلا قالدىم.

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 22:07:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
425 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 21:57
خوتەن قەشقەردىن 30 يىل كىيىن ئىسلامغا كىرىپتىكەن.  لېكى ...

تۆۋەندىكىسى تۇرپان تېمىسىدىكى ماقالە. بۇنىڭدا ئىسلامىي تۇرپاندىنمۇ ئاز-پاز ئۇچۇر بار:
./thread-25773-1-1.html

1

تېما

0

دوست

2273

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 22:36:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت، ئىسىل تىمىكەن، تارىغى تىمىلىرڭىز ئۇزۇلمىسۇن،

0

تېما

1

دوست

1105

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30293
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 00:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
syawush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-30 22:07
تۆۋەندىكىسى تۇرپان تېمىسىدىكى ماقالە. بۇنىڭدا ئىسلام ...

رەھمەت. ئۇ تېمىدا تۇرپاننىڭ قايسى يىلى ئىسلاملاشقانغا دائىر مەزمۇن يوقكەن.

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30500
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 01:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ... رەھمەت

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 10:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ بەزى خەتلىرىنىڭ رەڭگى نېمىشقا قارا ئەمەس؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )