- تىزىملاتقان
- 2012-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4256
- نادىر
- 1
- يازما
- 241
ئۆسۈش
75.2%
|
بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان قومۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن يۇرتىمىزدا « قوغۇن بايرىمى» ناملىق بىر كاتتا بايرام بارلىققا كەلدى. ئاڭلىسام ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت 2 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقارغانكەن. 2014-يىلى7-ئاينىڭ18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن « قوغۇن بايرىمى » غىمۇ 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنىڭ سېلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.
بۇ يىلقى « قوغۇن بايرىمى » دا ئىلگىركى بايراملاردىكى خاتالىقلار، كەمچىلىكلەر تۈزىتىلىپ ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بايرام ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمىي يۇرت قاراتالغا بىر نەچچە قېتىم بېرىش جەريانىدا، بۇ ئۇلۇغ روزا-رەمزاندا ئۆتكۈزۈلگەن بايرامنىڭ ۋىلايىتىمىزدىكى ئون نەچچە تۈمەندىن ئوشۇق ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆڭلى بىلەن ھېساپلاشمىغىنىنى تىلغا ئالمىغىنىمىزدا بايرام غەلبىلىك تاماملاندى.
بىراق، شۇنى ھېچ چۈشەنمىدىم، بۇ بايرام زادى كىم ئۈچۈن، نىمە ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ؟! بايرام ئۆتكۈزۈپ نىمىنى تەشۋىق قىلماقچى؟! بەلكىم، بۇ سوئاللىرىمغا ئوقۇرمەن بولۇپ ئولتۇرغان سىزمۇ جاۋاپ بېرەلەيسىز. ئەلۋەتتە بۇ بايرام خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن يەي، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن نەي، قومۇل قوغۇنىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ۋاي، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ھاي....دېگەندەك بىر پاتمان جاۋاپلارنى بىرەلەيسىز! ئەمما، بىراق، لېكىن، شۇغىنىسى...سىز بۇ «قوغۇن بايرىمى» نى يەنىلا تۈزۈكرەك چۈشۈنۈپ بولالمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟! ھەئە، مەنمۇ تۈزۈك چۈشىنەلمىدىم.....
ئاڭلىسام بۇ قېتىمقى بايرامغا نۇرغۇنلىغان چولپانلار تەكلىپ قىلىنىپتۇ. مەسلەن: جۇڭگوغا داڭلىق ساخاۋەتچى كاۋاپچى ئالىم خالق، يەنە بىر توپ خىپ - خوپچى ياشلار بايرام ئەھلىنى كاۋاپقا تويدۇرۇپ، خىپ-خوپقا قول قويدۇرۇپ كىتىپتۇ. مەزكور بايرامنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ، بايرامدا پەقەت بىر كۈن كاۋاپ باسقان ئالىم خالىققا 20 تۈمەن يۈەن، خىپ-خوپچىلارغىمۇ بىر قانچە تۈمەن پۇل بېرىپتۇ. ئىنتايىن ئەپسۇسلۇق بىلەن ۋە قاتتىق ئېچىنىش ئىلكىدە شۇنى سىزلەرگە دىسەم، يەرلىك ئۇسۇلچى، ناخشا چولپانلىرىمىز ۋە مۇقام سەنئەتكارلىرىمىزغا غازنىڭ شوپىسىغۇ تۇرغاي، توخۇنىڭ پېيىمۇ يوق. يەرلىك بۇ ئەخمەق بىچارىلەر 40 گىرادوستىن ئىسسىق ئاپتاپقا قاقلىنىپ، ئوت، يالقۇندا شامدەك ئىرىپ نەچچە كۈن ساز چېلىپ، ئىككى كۈن كاكىراپ، ئۈچ كۈن يورغىلاپ، بەش كۈن جاقىرىغان بولسىمۇ رەھمىتى ماۋجۇشىنىڭ رەسىمى بېسىلغان قەغەزنىڭ كۆلەڭگىسىنىمۇ كۆرەلمەپتۇ...نەدىكى يوق ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن كەلگۈندىلەر بولسا باغلام-باغلام پۇللارنى ئۆشىنىسىگە ئارتىپ، يالغان ھىججاراپ ماڭغىنىغا تامىقىنى تامشىتىپ ھاڭقىيىپ قاراپ قاپتۇ. ھوي، ھوي قېنى بۇ خەلقنىڭ تۇمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بايرام؟! خەقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، بېلىنى توملۇتۇپ، يانچۇقىنى تومپايتىپ قويدىغۇ! ئاتا-بوۋىلىرىمىز قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا، دەپ بىكار ئېيتمىغانغۇ؟ ئۆز يۇرتىنىڭ كىشىلىرىنى، سەنئەتكارلىرىنى قەدىرلىمىگەن « قوغۇن بايرىمى » زادى كىمنىڭ بايرىمى؟!
بەلكىم بايرامنى ئۆتكۈزگۈچى ئورۇنلارغىمۇ تەس، چۈنكى ئالىم خالق ئۈرۈمچىدىكى زەنجىرسىمان دۇكانلىرىنى تاشلىۋەتسە 20 تۈمەن زىيان تارتىپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغاندۇ. لېكىن، ئۈرۈمچىدىن خىپ-خوپچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەسمۇ قانداق؟! چۈنكى دىككى-دىككا، نىگى-نىگىناڭلارغا بىزنىڭ قومۇلدىن خىپ-خوپ ئوينايدىغان ياشلار چىقاتتىغۇ! يەنە كېلىپ بايرامنى ئۆتكۈزگۈچى يۈزى قېلىنلار قومۇللۇقلارنى بىكارغا ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەندىكىن ئۇلارغا ھەق بەرمەي كۆتتىگە تەپسىمۇ جىم كىتەتتى ئەمەسمۇ؟! ئالىم خالقنى چاقىرىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟! ھە بوپتۇ، ئۇنى قومۇلغا كەلدىمۇ دەيلى، ئۇ بىر داڭلىق ساخاۋەتچى بولغاندىكىن قومۇلدىكى ئالاھىدە مەكتەپكە بولسىمۇ ئىككى، تۆرت تەڭگە تاشلىۋېتىپ كەتكەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ ئالىم خالقنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيتتىغۇ؟! ئالىم خالىققا كاۋاپ باستۇرغۇچە، تۆرت كوچىدىكى مۇھەممەت كاۋاپخانسى، ئەخەت كاۋاپخانىسى (ئۇلارمۇ ساخاۋەتچىلىك بىلەن شوغۇللىنىدۇ)، غەيرەت كاۋاپخانسى، يۈسۈپ كاۋاپخانىلىرىنى ئاپارغان بولسا 20 تۈمەن ئەمەس 20 تىيىن ئالماي قومۇلىمىز، يەتتە ئىقلىمدىن سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىمىز ئۈچۈن ھەقسىز كاۋاپ بېسىپ بېرەلەيتتى! ئۇلار ئۇنىمىسا مانا مەن قومۇلۇم ئۈچۈن بىكارغا كاۋاپتەك پىشىپ بېرەلەيمەن...«قوغۇن بايرىمى » زادى كىم ئۈچۈن بايرام بولدى؟!
قاراتال كەنتى تارىخى ئۇزۇن يۇرت، بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن، بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم تىلغا ئالىدىغىنىمىز نەچچە ئەۋلادىغىچە خانبالىققا تارتۇق قوغۇن تېرىغۇچى جەمەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ناسىر ئاكا ھازىرمۇ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، بۇ قېتىمقى بايرامدا نە ئەسلى يەرلىك قەدىمىي قوغۇن تۈرلىرىنىڭ يارقىن سىماسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يېڭى قوغۇن تۈرلىرىنىڭ كۆپەيگىنى دېھقانلارنى خوش قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرغان بىلەن كۇپايىلەنمەسلىكىمىز كېرەك. ئەگەر قاراتال ئۆزىنىڭ قەدىمىي قوغۇن تۈرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، بۇ يەردە ۋە ياكى قوغۇن يۇرتى قومۇلدا يەنە « قوغۇن بايرىمى » ئۆتكۈزۈشنىڭ قىلچىلىك قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت قومۇل قوغۇنى ۋە « قوغۇن بايرىمى»غا ئاتالغان مەبلەغدىن پىتچىلىك ئاجىرىتىپ ناسىر ئاكىدەك ھەقىقى تارتۇق قوغۇن ۋارىسلىرىنى قوغۇن تېرىشقا ئىلھاملاندۇرىشى ۋە ياكى مەخسوس تۈر مەبلىغى ئاجىرىتىپ يەرلىك قوغۇن تېرىش بازىسى قۇرۇشى كېرەك. شۇندىلا « قوغۇن بايرىمى » نىڭ ھەقىقى ئىگىسى چىققان بولىدۇ.
2014-7-30 |
|