- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3278
- نادىر
- 0
- يازما
- 230
ئۆسۈش
42.6%
|
داۋامى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 17:06
ھەر قىتىم ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ قالغاندا،ئايالىم زۇۋان سۈرمەي،ئۈنسىز ياش تۆكۈپ،ئۆز ئىشى بىلەنبولۈپ كۆزۈمدىن نېرى بولىۋالىتى.ئاغزى،بۇرنى قان بولۇپ كەتسىمۇ زۇۋانى بىسىقماي دادام بىلەن تەڭلا تۇرىدىغان ئاپامغا ئوخشىمايتى.بۇنداق چاغدا مەنئايالىمنىڭ خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۆزىنى مەندىن قاچۇرىدۇ دەپ ئويلايتىم...
سىڭلىم قىشلىق تەتىل قىلىپ يۈرۈتقا كىتىشىگە،ئالدىدا نەچچە چىقىپ ئىش قاملاشتۇرالمىغان ئىنىم يەنە ئۈرۈمچىگە كەلدى.ئاشپەز بۇرادەرلىرىمگە تونۇشتۇرسام كاۋاپ باسالامدۇ ،مانتا تۈگەلەمدۇ دىگەن، قاساپ بۇرادەرلىرىمگە تونۇشتۇرسام يا ئىنىم ئۇنمىغان.ئىشىك باقار بولسۇن دىسە يا خەنچە بىلمىگەن...ئىنىمنىڭ خىيالىچە يوغان كىيىم-كىچەك دۇككىنى بولسا،ئولتۇرىۋىلىپ ساتسا،ياكى قارا رەڭلىك سانتانا ماشىنىسى بولسا،كىرا تارتسا...ئۇنىڭ بۇنداق ئارزۇلىرىغا لايىق مەندە ئامال پەقەتلا يوقتق.
بۇرادىرىم ئىمىنجاننىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن يۈك-تاق باسىدىغان يەردە ئىشلىمەك بولۇپ بىرىنجى كۈنىلا بىشىنى يېرىپ،ئۆلگىلى تاس قالغان ئىنىمغا:سەن ئوقۇمىغان بالا.سىنىڭ كىچىكىڭدىن پىشقان كەسپىڭ دىھقانچىلىق،قوي-كالا بىقىش.ئۆز كەسپىنى تاشلىغان ئادەم پۇل تاپقان بىلەنمۇ ھەرگىز بەركەت تاپالمايدۇ.سەن ئىلمى ئۇسۇلدا باقمىچىلىق قىلغىن،مال سويۇشنى بىلگىن،يۇڭ،تېرە سودىسىنى ئۈگەنگىن،ئاللا بۇيرىسا بىر كۈنلەردە مەنمۇ ئۆزەمدىن ئېشىنىمەن-دە،بىزنىڭ قورۇنىڭ ئالدىدا دۇككان ئىچىپ ،گوش ساتقاچ،كاۋاپ پۇشۇرساڭمۇ كۆپ پۇل تاپىسەن...،دەپ بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدىم.بىر ئايدىن ئاشقاندا كەلگەن،كەتكەن،تۇرغان چىقىمنىڭ جىيىنى قىلىپ ،چىرايلىق يولغا ئاتۇشقا يولغا سالدىم.ئۇ گۇيمۇ بىرىپ خوتۇنۇمنى يامانلاپ بەرگەن چىغى، تەتىلى توشۇپ قايتىپ كەلگەن سىڭلىمنىڭ پوزۇتسىيەلىرى باشقىچە بولۇپ،ئەرنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمۇ قېينى ئانىلىق قىلىدىغان يۇرتىمىزنىڭ ئادىتى بويۇنچە،ئايالىم بىلەن ئېيتىشقىلى باشلىدى.ئىنىم كىرىپ كەتكەندىن كىيىن دادام-ئاپامدىنمۇ تېلفۇن كىلىپ ئاغرىغان ئىدى.شۇ چاغدا ئايالىم بىلەن:ئىنىمغا قاپاق تۇرۇتتۇڭ،گەپ قىلماي تۇرىۋالدىڭ،كۈلۈپ تۇرۇپ خوش دىمىدىڭ، دەپ ئۇرۇشقان ئىدىم.مانا ئەمدى:سىڭلىم ھەپتىدە بىر ئۆيگە كەلسە قاپاق تۇرۇتتۇڭ،گەپ قىلماي تۇرىۋالدىڭ،كۈلۈپ تۇرۇپ خوش دىمىدىڭ...،دەپ گەپ تەگىشىتىم.ئايالىممۇ مەن بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ،ماڭا سەۋەپنى چۈشەندۈرۈپ ۋاقىرايدىغان بولىۋالغانتى...شۇنداقتىمۇ مەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى ياقلايتىم.ئۆيدە جىدەل قۇرۇمىدى.ئاياللىم نەچچە قىتىم يامانلاپمۇ كەتتى.ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر تاغار نەسىھەتلىرىنى ئىشتىپ ياندۇرۇپ ئەككىلىپ،ئەپلىشىپ قالىتۇق.ئايالىم ئېغىر ئاياغ بولغان كۈنلەردە،ھەر نىمە بولسا ئايالىم ماڭا،لەغمەنگە سىزىك بولغانتى.سىزىكى قاتتىقلىقتىن قان قۇسۇپ 2- دوختۇرخانىدا ياتقان چاغلىرىدا،كۈندە ئىككى ۋاخ كۆنسۇل كۆچىسىدىكى ئامىنە لەغمەنخانىسىدىن تاماق توشۇپ كۆڭلىنى ئالدىم.پۇرسەت بولسىلا يىنىدىن ئايرىلمىدىم.ئايالىمنى يىنىدا مەن بولمىسام تۇتۇپ قالاتتى.مۇشۇنداق چاغلاردا،دادام ئۈرۈمچىلىكلەر بالامنى لاتا قىلىۋالدىمۇ نىمە دەپ، مىنىڭدىن خاتىجەم بولالماي ئۈرۈمچىگە كەلدى.بىزنىڭ بىر ئوبدان ئۆتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ،خاتىرجەم بولۇپ،يېرتىلىپ كەتكىنىگە 20يىل بولغان سېرىق ئېتىنى 2-دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ قايتىپ كەتتى.ئارىلىقتا ئايالىمنى قاتتىق تەنقىت قىلغان يەرلىرىمۇ بولدى...
دادامنى يولغا سىلىپ، ئەمدى "ئۇھ "دەپ تۇرۇشىمغا خىزمەت ئورنۇمدا يەنە ئۆزگۈرۈش بولدى.يىڭىدىن سىملىق تېلىۋىزور ئابۇنتلىرىنى باشقۇرۇش بۆلىمى قۇرۇلۇپ،بۇرۇن مەن ئاندا-مۇندا ئىشقا سالىدىغان ئورمان كىلىپ بۆلۈمگە باشلىق بولدى.مىنىڭ ئۇدۇلۇمغا قايسى بىر شىركەتتىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىرى ئورۇنلاشتى.خەق بۇ قىزنى گۈلى دەپلا چاقىرىتى.ئەمەلىيەتتە،مىنىڭ ئىسمىممۇ نەچچە قىتىم قىسقىراپ ،ئاخىرى ئىككى خەتلىك بولغاندا چىدىماي،ھازىرقى ئۈچ خەتلىككە كۆندۈرىۋالدىم. ئۇ ئاچام مەخسۇس بوغالتىرلىقتا ئوقۇغان مەكتەپدىشىم بولۇپ،باشلىغىم مىنىڭ خىزمىتىمنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشتى.يىنىغا پۇل ساقلايدىغان تۆمۇر ساندۇقتىن بىرنى تىكلەپ،پۇل تەكشۇرۇپ سانايدىغان ماشىنا سەپلەپ بەردى...مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بەردىم.چۈنكى، تارتمىدىكى پۇلنى خەجلەۋېرىپ،پۇل تۇتىدىغان ئىشتىن زىرىككەن ئىدىم.ساختا پۇلنى يىغىۋىلىپمۇ نەچچە يۈز كوي زىيان تارتقان ئىدىم.ئۇنىڭ ئۇستىگە، قايسى كۈنى چىنە زاۋۇتى سەيپىدىن ئەزىزى قورۇسى ئارقىسىدىكى،ياشلار باغچىسىغا چۈشۈپ كىتىدىغان كۆچىدا 3قەۋەتلىك شەخسى قورۇنىڭ بىرىنجى قەۋىتىنى بىرسى ئاشخانا قىلىپ ئاقتۇرالماي ئىجارىگە بەرمەك بوپتىكەن ،مەن ئاچايمىكىن،ئەتىگەنگە نان قايناق،ئوماچ،چۈلەم،چۈشتە ھورنان،نارىن،گۆش نان ،كەچتە چۈچۈرلۈك ئاش،ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش چىقىرايمىكىن،شۇ بانادا ئاتۇشتىكى ئىنىمنى بىر ئىشقا سالايمىكىن دىگەن خىيالغا كىلىپ قالغان ئىدىم.مەن ئىدارىمىزنىڭ ئوڭ يىنىدىكى كىرەم ئاتۇشنىڭ ئەنجۈر تىز تاماقخانىسىدا ئىككى ھەپتىدەك باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەپ،ئۆزەمنى بۇ ساھەدە مول تەجىربىلىك بولۇپ كەتكەندەك چاغلىغانتىم.خىزمەتنى بوغالتىر خىنىمگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، ئىشقا چىقىپ قىلىدىغان باشقا خىزمىتىممۇ يوق بولۇپ،ئىشىم شۇ باشلىقنىڭ كومپىيۇتىرىنى ئويناشتى.ئۇ چاغلاردا نە ۋېروستىن ساقلىنىدىغان دىتال،نە تور چەكلىمىسى،نە تور ساقچىسى دىگەنلەر يوقمىتىكى،ۋاشىنگىتوننىڭ تور بەتلىرىگىمۇ كىرىپ كىتەلەيدىغان،ئالامەت قورقۇنۇشلۇق تور بەتلىرىنى كۆرىدىغان،ئالامەت سېرىق تور بەتلىرى چىقىۋالىدىغان،ئالامەت يىزىلغان كىتاپلارنى ئىزلەپ ئوقۇۋالىدىغان چاغلارتى.ئامېركىغا چىقىش خىيالىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس،كەلگۈسىدە بالامنىڭ دەرسىگە بولسىمۇ يىتەكچىلىق قىلارمەن دىگەن ئويدا يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزلىكىمدىن ئۈگۈنۈپ 2-قىسم كىتابى يېرىملاشقانتى. خەنچىگە تېخىچە كەلمىگەن تىلىم ئېنگىلىزچىگە خېلى كەپ قالغان،خېلى كۆپ تورداشلار بىلەن تونۇشقان ئىدىم.كىيىن،پۇلى تاپسىلا كىتاپ يىغىپ ساقلايدىغان دوستۇم ئىمىنجاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شۇ چاغدا قىززىق بازار تاپقان ئانا يۇرۇت رومانىنى يىغا-زارە بىلەن 2كۈندىلا ئوقۇپ بولۇپ ،بىردىنلا ئومرۈمدە خوشام يوق تارىخقا قىزىقىپ قالدىم...ئىز،ئويغانغان زىمىن،ئىلى دولقۇنلىرى دىگەندەك تارىخى كىتابلارنى تىپىپ ئوقۇپ چىقتىم.كىشىلىك مۇناسىۋەت،نوتۇق سۆزلەش،ساغلاملىق،كارخانا باشقۇرۇش،پىسخىكالارغا ئائىت ماتىرياللارنى كۆپ كۆردۈم.بىر ئىش قىلىپ پۇل تاپىدىغاننىڭ خىيالىنى ھەم پىلانىنى تۈزدۈم. ھەتتا قولۇمدا ئۈچ،تۆت يازما لاھىيەمۇ بار ئىدى.مەسىلەن:تورخانا قۇرۇش،تاللا بازىرى ئىچىش،تىز تاماقخانا ئىچىش دىگەندەك.بىراق مەندە ئارمانغا لايىق دەرمان -پۇل يوقتى...
مەن پات-پات 3-قەۋەت ئىشخانامدىن ئۇدۇلدىكى نوغاي مەسچىتىگە كىرىپ چىقىۋاتقانلارغا قاراپ" ماۋۇ خەق نىمە پايدىسى يوق ئىشنى قىلىۋاتقاندۇ" دەپ بىشىمنى چايقايتىم.تەڭگە تاغ ئاشخانىسىغا قاراپ"لەغمىنىڭ ئوخشايدۇ"دەپ تامىقىمنى يالايتىم.سەنئەت ئۈمەكنىڭ دەرۋازا ئالدىدىكى قاتار دۇكانلاردىن ياڭراۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ" زۇۋانىنى پەسرەك قىلسا بولماسمۇ "دەپ غۇدۇڭشىپ قوياتتىم...بىر كۈنى، پەستە ئىشتان يانچۇغىغا قولىنى سىلىپ ئاشخانىسىغا كىتىۋاتقان كىرەم ئاتۇشنى كۆرۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرغۇچى ئالدىغانلىغىنى ئىسىمگە ئالدىم-دە، پەسكە چۈشتىم.تامىغى قىممەت دەپ ئەنجۈر تاماقخانىسىگە كىرىپمۇ باقمىغانكەنمەندۇق.كىرىپ پولودىن بىرنى يەۋىتىپ،ياناشىمدا ئىشىك ئالدىدا قاپاق سىلپ تۇرغان خوجايىنغا يوغان سالامدىن بىرنى بىرىپ،ئۆزەمنىڭ باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگۇم بارلىغىنى دىدىم.ئۇ بىر قاتار تونۇشتۇرىشىمنى ئاڭلاپ بولۇپ،ئىشخانىسگە باشلاپ ئەككىردى.قىسقىغىنە سۆھبەتتىن كىيىن،ماڭا بىر ھەپتە 3دۇككاننى كۈزۈتۈپ يازما دوكىلات بىرىشىمنى ئېيىتتى.بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇلازىملارنىڭ تولىسى سودا مەكتىۋىدە ئوقۇش پۇتتۇرپ پىراكتىكا قىلىۋاتقانلار بولۇپ ،مەن بۇلارغا كۆڭلى تارتقان تاماقنى بۇيرۇتۇپ بىرىپ خۇش قىلارتتىم...ھەپتە دۇكانلارنى ئارىلاپ،كۈزۈتۈپ،ماتىريال كۆرۈپ، دوكىلات پۈتۈپ ،تاپشۇرىدىغان كۈنىسى،ئۇدۇلدىكى بوتكىدىن بىرنەچچىسى كىلىپ جىدەل چىقىرىپ، گەپنىڭ ئايىغى تۈگمەستىن تاراشتۇق.يەنە بىر ھەپتە ئۆتكەندە، سىنىڭ ئىش ئورنۇڭ بار ئىكەن دىگەنلىك بىلەن كۆڭلۈمنى قايتۇرغانتى.مىنىڭ ئىدارىدا ئىشىم يوقلىغىنى،ھىچكىم مىنى نەدە تۇردۇڭ،نىمە ئىش قىلدىڭ دىمەيدىغانلىغىنى،ئەتتىگەنلىك يوقلىمىدىن ئۆتۈپلا قويسام بولدىغانلىقىنى ئۇ كىشى بىلمەيتى...
شۇنداق قىلىپ، ئاشخانا ئاچماق خىيالىمنى داداممۇ قوبۇل قىلىپ،-زادى بىر ئىش قىلىپ پۇل تاپمىساق بولمايدىغان يەرگە كەلدى-بالام، دىدى.ئەمەلىيەتتە، بۇ مىنىڭ بىرىنجى قىتىم قىلىۋاتقان ئىشىم ئەمەستى.ئالدىنقى قىتىم چىگرا سودا بازىرىدىن10 نەچچە مىڭ كويلۇق ئاياغ ئىلىپ دادامغا،ئىنملىغا كىرگۈزۈپ بەرسەم ساتالماي ،يا مال يوق ،يا پۇلى يوق،زىيان ماڭا بولغانتى.مىنىڭ باشقا بىر قىلىشقا ئەقلىممۇ يەتمەيتى ھەم شارائىتمۇ يوقتى.ئىدارىدىمۇ خەق خىزمەت قۇلايلىغىدىن پايدىلىنىپ يىلىغا سىملىق ئورنىتىش توختامى تۈزۈپ جىق پۇل تاپسا،مەن ئاران 5مىڭ،10مىڭ پايدا نىسبەتتە پۇل تاپاتتىم.چۈنكى،ماڭا ئوخشاشلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى بىلەن سېملىق ئورنىتىش توختامىنى تۈزمىكىمىز تەستى...مۇئاشىمدىن سىرت تاپقان ئىككى،تۆت تال پۇللۇرۇم بىلەن ئايالىمغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان دەرتلىرىمگە دەرمان قىلاتتىم. بار مەسلىھەت ئىش قىلساممۇ ئايالىم قارشى تۇرمىغان بىلەن، بەرىبىر ئايال كىشى دىگەن ئىچى تارراق كىلىدۇ-دە.مۇئاش كارتامنى بەردىم،مۇئاشىڭ قانچە سورىمايمەن،شۇ بولسىمۇ غەمسىز تۇرسۇن ،غەمنىڭ دەستىدىن ئۇيقۇسىز تاڭنى ئاتقۇزىۋىتىدىغان ئازاپلار مەن بىلەنلا كەتسۇن،- دەپ ئويلايتىم.دادامنىڭ مەسلىھەتى بويۇنچە ،مەن دۇككاننى ئىلىۋېرىدىغان،ئايالىمنىڭ كۆز يورىشىغا يىقىن،بۇغداينى تېرىپ-تىكىپ بولۇپ دادام-ئاپاملار چىقىدىغان،تاماققا ئۇستا ئاپام ئاشخانىنى ماڭغۇزۇپ بىرىدىغان،دادام باشقۇرىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق.
مەن ئاشخانىنى يىللىق ئىجارە پۇلى 12مىڭدىن 3يىللىق ئالدىم.توختامنى تۈزۈپ،بىر يىللىق پۇلنى نەق بەردىم.ئاشخانا بار قورونىڭ ئىگىسى بۇرۇن تىۋىتچىلىق،تىرىچىلىق قىلىپ پۇل تاپقان،ئىچكىرىگە نىسىگە مال سىتىپ پۇلىنى ئالالماي ۋەيران بولغان سايۋاغلىق نامى بار باي ئىكەندۇق.ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىمۇ جەملىيەلمەي يۈرگەندە مەن كىلىپ،نەچچە ئاي قولدىن چىقماي، توپا بىسىپ كەتكەن ئاشخانىسىنى ئالغىنىمغا خۇش بولۇپ،ياندىكى ئازادە بىر ئېغىز ئۆينى يىتىپ قوپاڭلار دەپ قوشۇپ بىرىۋەتتى.دادام:ئاپاڭ ئايالىڭ تۇققاندا چىقسۇن.ئىتىزدا قوناق شۇ پىتى قالدى،ئىنىڭ يالغۇز يىتىشەلمەيدۇ.مەن ئۇستا ئاشپەز بالىدىن ئىككىنى ئىلىپ چىقىمەن دەپ،مىنىڭ:قازان بىشىدا ئاپام بولمىسا بولمايتى،دىگەنگە ئۇنىماي ئۆگىنى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى.ئاشخانىنى كۆرۈپ: كەڭ تاشا ھەم ئەزانكەن، دىدى.لىكىن،ئاشخانىنى،ئۆينى بىر قاتار سەرەمجانلاشتۇرۇشقىمۇ پۇل كىتىدىغانلىقىنى، مىنىڭ تىرناق تاتىلاپ تۇرغىنىمنى ،يىنىدىكى بارى يوق 700كوي پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن چىغى، كەنتىمىزدىكى بايراق دوستىغا تېلفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت كەلگەنلىكى،ئاشخانىنىڭ چوڭلىغى،پۇل لازىملىغى،تېرىقچىلىق تۈككەندە كەلسە بىرگە ئاشخانا ئىچىپ قىشنى چىقىردىغانلىقىنى ئېيتىپ ،دوستىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلدى.دوستىمۇ ماقۇل بولۇپ 10000كوي چىقارتىپ بەردى...دادام ئىككىمىز نەچچە كۈن بولدى ئوچاق،قازان،ئۈستەل،پەردە،كارۋات،گىلەم،ۋىۋىسكا دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش.كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ ئۆز ھالى بىلەن بولالمايۋاتقان ،ئاپاڭنىڭ يىنىغا ۋاقتىدا كەتكىن دىسەم ئۇنىماي،ماڭا سىزىكلىكى تېخىچە يانماي ئۆز ئۆيىمىزدە تۇرۇۋاتقان ئايالىم بىزگە تاماق ئىتىپ ئالدىراش.ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيى ئايدۇرۇم تەرەپتىكى نىفىت ئىدارىسىدا بولۇپ، بىرىپ-كىلىش ئەپسىزتى.سىڭلىم شەنبە-يەكشەنبىمۇ كەلمەي، ئوقۇشى شۇنداق ئالدىراشتى.ئاشخانىنىڭ ئوچاق بىشىنى تازلاپ،ئاقارتىپ، ئارقا تامنىڭ كەينى خالا بوپ كىتىپتىكەن ئېرىغداپ،ئىشلەپ كەتكىنىمگە قورونىڭ ئىگىسىمۇ ئىچى ئاغرىتىپ كەتتى.مانا،"مىراس" تىز تاماقخانىسى دىگەن ۋىۋىسكىمۇ قادالدى.دادامنىڭ دىگىنى بويۇنچە يۇرۇتتىن بالىلار چىقىپ،ئون نەچچە خىل تاماق چىقىرىپ تىجارەتنى باشلىۋەتتى. دەسلەپ يىڭىلىقتا سودا ياخشى بولدى.بىراق، دادامنىڭ ئۇقۇشقان بۇ سەي قورىيدىغىنى ساپلىقمۇ تۇتۇپ باقمىغان،گاڭپەنمۇ دۈملەپ باقمىغان بالا بولۇپ ئەمدى ئۈگىنىۋاتاتتى.يەنە بىرى كەسكەن چۆپ،يوتازا،نارىنگە ئۇستا بولسىمۇ،خۇشلىغى تۇتقان كۈنى تامىقى ئوخشىسا،خاپىسى كەلگەن كۈنىسى تامىقى ئوخشىماي،بىر خىل ئەمەستى.قازان-چۈمۈش،چىنە-تەخسە يۇيىدىغىنى تولىمۇ ئاق كۆڭۈل بالا ئىدى.داداممۇ تىجەشلىك قىلىمەن دەپ بىر كۈنى قېرى قوينىڭ گۆشىنى ئالسا،يەنە بىر كۈنى ئۆچىكىنىڭ گۆشىنى ئىلىپ،رابىيە مۇھەممەت باشلىق ئون نەچچە دائىم تاماق يەۋاتقان ناخشىچىلارنىڭ گىلىنى ئاغرىتىپ،ئۈنى پۈتۈپ دەسسىمەس قىلىۋەتتى.كۈندە ئەتتىگەندە يوتازىمىزنى يەپ ئىشقا ماڭىدىغان،پاكىزلىغىمىزدىن،مىراس نامىدىن سۆيۈنگەن قۇربان مامۇت ئاكا باشلىق نەچچە خىرىدارنىمۇ ئوچاقتىن تولا ئىس يىنىپ،تاماق ۋاقتىدا چىقماي قاچۇرىۋەتتۇق.ئاشپەز بالىلارغا خاپا بولساق ئىشنى تېخمۇ بۇزاتتى.خاپا بولمىساق كۈنلىكى پالان پۇل زىيان بولاۋاتاتتى.ئاپام چىقىپ ئۈچ كۈن قارىشىپ ئىش خىلى ئىزىغا چۈشىۋىدى،نىمە بولدىكىن بىر كۈنى ئىشتىن كەلسەم:داداڭ پۇل يىغىپ،مەن بۇس يەپ تاماق ئىتىپ مالايلىق قىلغىلى كەلدىممۇ دەپ ،خاپا بولۇپ ئۆيگە كىتىپ ئىككىنچى ئاشخانىغا كەلگىنى ئۇنىمىدى.ئاشخانا ھىچ ماڭمىدى.بىر قىتىم چۈشلىكى ئىشتىن كەلسەم دادام قايناپلا كەتتى:بالاڭنى...(يۇرتىمىز پەدىسىدە ئاغزىنى بۇزۇپ تىىللاۋاتقىنى) ،ئەتىگەننىڭياغى ساناپ باقسام ئىشىڭ ئالدىدىن 1258 ئادەم ئۆتتى،تۆت ئادەم تاماق يىگىلى كىردى.تېخى ئىككىسى چۇش تۇرسا سۇيۇقئاش ئىچتى...ئىش قاملاشمىدى- بالام.ئالدىراپ كىتىپسەن.شۇ پۇلغا دۆڭ كۆرۈكتە كىيىم-كىچەك ساتىدىغان دۇككان ئاچساقمۇ،ھەي...
ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسى كىلىپ،ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ،ئاشخانىگە كىلىپ مۇبارەكلەپ قىزىنى ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى دەپ بىرگە ئىلىپ كىتىشتى...دادام كەشتە ئۆيگە قايتىپ كىلىدۇ.مەن ئاشپەز بالىلار بىلەن ئاشخانىدا ياتىمەن. بۇ بالىلار بەش ۋاخ نامازخان بالىلار بولۇپ،ھەر كۈنى تاڭغا يىقىن ئۇخلاپ قالاي دىگىنىمدە،ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇشۇپ،تاراقشىپ ئۇيقامنى بۇزۇپ جىگدىلىك مەسچىتكە باراتتى.
بىر كۈنى ئاشخانىنى تاقاپ ئەمدى ياتاي دەپ تۇرساق چاقۇرغامغا ئۈچۈر كەلدى. قارىسام ئايالىم مىنى ئۇدۇل دوسلۇقتىكى ھەربى دوختۇرخانىگە بىرىشىمنى،دوختۇرخانىغا
بايا كىلىپ ئورۇنلىشىۋالغىنىنى يىزىپتۇ.ئۆيگە تىلفون قىلىپ دادامغا: ئەتە ئاشخانىغا لازىمەتلىك سەي،گۆشلەرنى ئۆزىنىڭ ئەككىلىپ بىرىشىنى، مىنىڭ دوختۇرخانىگە
كەتكەنلىكىمنى ئېيتىپ قويۇپ دوختۇرخانىگە چاپتىم...ئايالىم ساق-سالامەت،پاخلاندەك ئوغۇلدىن بىرنى تۇغدى.دادام ئوغلۇمغا مىنىڭ بىر يىلنىڭياغى يادلاپ يۈرگەن "ئوغۇل بولسا يەسەر ،قىز بولسا يەسىرە" قويىمەن دىگەن ئىسىمنى تىلىم كەلمىدى دەپمۇ،ياكى ئايالىمنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپمۇ بىلمىدىم بوۋاي تاپقان ئىسىمنى مۇۋاپىق كۆردى.مەن كۈندۇزى ئاشخانىدا، كەچلىكى دوختۇرخانىدا...ھەپتىدىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق.ئايالىم "دوختۇرخانىدا يىتىپ قالسام "دەپ پۇل يىغىپتىكەن، ھىچكىمگە ساغارماي ھىساباتنى ئۈزىۋەتتىم...دوختۇرخانىدىن چىقىپ نەچچە كۈن بولماستىن ئاپامنىڭ ئاتۇش پەدىسىدىكى ئادىمەتچىكى تۇتۇپ كىتىپ،ھاي دىگەنگە ئۇنىماي 2000كويدەك خەجلەپ ئارتۇقچە ھەشەم بىلەن يوقلاققا چىقتۇق.مەن ئايالىم بىلەن بالامنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ بىر چۈش بولغاندا،دادام-ئاپامنى قويۇپ يىنىپ كىردىم. 60كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆيدە دادامنى قىسىلىپ قالارمىكىن،كىرىپ كىتەرمىز دەپ شۇنچە كۆزىگە قارىسام" مىت "قىلماي ئاپام بىلەن قىلىپ قالدى.مەن يالغۇز يىنىپ كىردىم.كەچ بولغاندا ئاشخانىدا ئولتۇرسام دادام-ئاپام ئىككىسى كىرىپ كىلىۋاتىدۇ.يۈرۈگۈم ئېغىپ كەتتى.قارىسام دادامنىڭ قاپىغى چۈشۈپ ،ئاپامنىڭ ئۇنى ئۆچۈپ كىتىپتۇ.نىمە بولدى دىسەم،ھىچ نىمە دەيدۇ.يىنىپ كىرىپسىلەرغۇ،نەچچە كۈن تۇغۇت باقماقچى ئىدىلىغۇ ئاپا،دىسەم:قارىسام ئۆي تارچىلىقكەن بالام،بىنا ئۆيدە باشقا ئىشمۇ يوق ئەپلىككەن،سىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئارام ئالسۇن،بىز ئاشخانىگە قارايلى دەپ يىنىپ كىردۇق...،دەيدۇ.مەنمۇ "ھە" دىدىم.بىراق دادامنىڭ "تاماق بارما ئۇكام ھوي "دەپ،قازان بىشىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقان بالىلارغا قىلغان گىپى بىلەن بىر ئىش بولغانلىقىغا جەزىم قىلدىم.-زادى نىمە ئىش بولدى- دادا؟،قونماقچى ئىدىڭلىغۇ -دادا؟تاماق ئىتىپ بەرمىدىمۇ -دادا؟...ئاپام ھەدەپ دادامغا كۆز قىسىپ قويۇپ، ماڭا:ۋاي ھىچ ئىش يوق بالام،تاماق يىدۇق بالام.يول ئۇزاقكەن داداڭنىڭ قورسىغى ئاشقان ئوخشايدۇ....،دەپ مىنى بەزلىۋىدى دادام قايناپلا كەتتى.-قاپىغىنى تۇرۇپلا تۇرىدىكەن ھوي ئۇ قېينى ئاناڭ.شۇ سەن بار چاغدا يىگەن بىر قوشۇق ئاش بىلەن ئوتتادۇق.قارىسام قېينى ئاتاڭ ئا ئۆيدە يانپاشلاپ ئۇخلاتىدۇ.قېينى ئاناڭ ئايالىڭنىڭ يىنىدا تۇرىدۇ.ئاپاڭ ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈن كەچ بولدى.قايتىنى دىسەك،-بۇ كەشتە يول يىراق تۇرسا نەگە بارىسىلەر دىمەي،"قايتىشاملا"دەپ ئۈزۈتۈپ قويىدى.يىنىپ كىردۇق شۇ...ئاپام بىردە مىنىڭ ئۆڭۈپ كىتىۋاتقان رەڭگىمگە،بىردە ئاشخانىنى بىشىغا كىيىۋاتقان دادامغا قاراپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي،-دوختۇرخانىدا بالا بىقىپ ھېرىپ قاپتۇ ،بالاڭنىڭ كىچىسى بىلەن كۈندۇزلۇك ئۇيقۇسى ئالمىشىپ قاپتۇ،ھىلىمۇ ئايالىڭ جانلىقكەن، دىك-دىك مىڭىپ يۈرۈيدۇ.بىزنىڭ يۇرۇتتا 40كۈنگىچە يوتقاندىن چىقمايتۇق.ئۆيمۇ تارچىلىق ئىكەن يىنىپ كىردۇق-بالام،ئۇلار تۇزخەقكەن نېرى-بىرىنى ئويلىمىدى-بالام،ئۈرۈمچى بىلەن ئاتۇشنىڭ ئادىتى ئوخشىمايدىكەن -بالام،دەپ چاكىلدايتى...
بىر ھەپتە بولدى ماڭىمۇ تاڭ ئاتتى،خەققىمۇ تاڭ ئاتتى.ئاشخانىدا بۇس بۇراپ يىتىپ قوپۇپ ،ساقال ئۆسۈپ،چاش قىچشىپ بىر پارچە بولىۋالدىم...ئايالىمنىڭ ئۆيىدىكەرگە قاتتىق ئاچچىغىم كىلىپ تېلفۇنمۇ ئۇرمىدىم.چاقۇرغۇ قىپتى قايتۇرمىدىم.ئاڭغىچە رامىزان كىرىپ،ئاپاڭنى ئەككىرىپ قويۇپ چىقاي دەپ،دادام ئاشخانىنى ماڭا تاشلاپ كىرىپ كەتمەكچى بولدى.ئاپامنىڭ كىرىپ كەتكۈچە بىرىپ ئايالىمنى يوقلاپ،بالامنى كۆرۈپ كەتكۇسى بولسىمۇ،بۇ يامان خوتۇننى قەتئى قويۇپ بىرىدىغانلىغىمنى دەپ ئۇنىمىدىم دادام،ئاپاملارنى يولغا سىلىپ،ئاشخانىنى بالىلارغا شىپتادا،زويدا تاماق ئىتىپ يەڭلار،ماۋۇ 2ئايلىق مۇئاشىڭلار.بۇ ئايدا تاپقان پۇلۇڭلار ئۆزەڭلارنىڭ...دەپ ئۆيۈمگە كۆچۈپ كەلدىم...خەق ئۆزىدىن ئىشىنىپ "11-سىنتەبىر" ۋەقەسى بىلەن قايناۋاتقان بىلەن ،مەن ئۆزەمدىن ئىشىنالمايۋاتقان...شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئايالىمنى يۇرتۇمىزدىكىلەرنىڭ ئادىتى بويۇنچە تۇغۇتىدا ئىزدىمەي تاشلاپلا ۋەتتىم....
دادام-ئاپامنى يولغا سالغاندا ئاپامنىڭ بىكەتتىلا كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزىدىن ياش قۇرىمىغان ئىدى.”بىز ساڭا بەك ئۇۋال قىلدۇق " دەيتى.ئۇككۇللىرىمنىڭ دىيىشىچە ئاپام "ئاكاڭنى بەك تەڭلىكتە قويدۇق،ئورۇقلاپ كۆزلىرى ئولتۇرىشىپ،يۈزلىرى قورۇلۇپ كەتتى ژۈركۈم بالامنىڭ،ھەقاسىمىزنىڭ دەردىنى تاتتى يا تاتتى"دەپ رامىزانچە يىغلاپ
چىقىپتۇ.ئەمەلىيەتتە مەن ئۇلاردىن ئاغرىنىپ باقمىغان ئىدىم.دادامنىڭ بولسۇن،ئاپامنىڭ بولسۇن،ئىنىمنىڭ بولسۇن،سىڭلىمنىڭ بولسۇن "توغرا "دەپ ئويلايتىم.ئاغرىنىشقا كەلسە ئاۋال ئۆزەمدىن ئاغرىناتتىم."ئالدىراپ توي قىلىپتىمەن،يۇرۇتنىڭ قىزلىرىنى ئالماپتىمەن..."دىگەندەك.ئايالىمدىنمۇ ئاغرىناتتىم ،"يۈزۈمنى قىلمىدىڭ،مىنى چۈشەنمىدىڭ "دىگەندەك...بۇ بىر ئاي ئاشخانىغىمۇ دەسسەپ باقمىدىم.داداممۇ "ئۆتكۈزىۋەتسۇن،سىتىۋەتسۇن ،پۇلىنى ياندۇرىۋالسۇن"دەپ گەپ ئېيتىپ بىرىپتۇ. مەن ئاشخانىگە بىرىپ ئۆي ئىگىسىنى ئىزلەپ ئاشخانىنى ئاچمايدىغانلىقىمنى،ئۈچ ئايدىلا 24مىڭدەك زىيان بولغانلىقىنى،9ئاينىڭ ئىجارە پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسە ئالىدىغان،بەرمىسە مەيلى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ،بالىلارغا نەرسە-كىرەكنى بۆلىۋىلىڭلار دەپ رازىلىغىنى ئىلىپ،شاخمىتىم بىلەن ھەر بىر تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان گىزىت-ژورناللىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم...
بىز تۇرىۋاتقان قورودا بىز تۈنجى كۆچۈپ كىرگەنلەر بولۇپ، قورو ئالدىدا قاتناشمۇ يوق،قورونىڭ دەرۋازىسىمۇ يوق،دۇككانمۇ يوق،ئۆي سىلىۋاتقانلاردىن بۆلەك ئادەممۇ يوقتى.ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىل بوپتۇ.بۈگۈن دىققەت قىلسام ھەممە ئۆزگۈرۈپتۇ،نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ چىرىغى يورۇق تۇرىدۇ.قورودىكى پىيادىلەر يوللىرىغا سىمۇنت ياتقۇزىلىپتۇ...6-قەۋەت ئەجەپ جىمجىت،ئەجەپ سۆرۈن دىسە.ئاسمانغا قارىمىغانغىمۇ ئۇزاق بوپتىكەن.تېلىۋۇزور كۆرۇشكىمۇ رايىم يوق.تاماق شىرەسىدىكى قايسى كۈنى نوغاي مەسچىتى ئالدىدا ھەممىسى تالىشىپ ئالسا،مەنمۇ بىرىپ سىتىۋالغان ھەدىس-شەرىفتىن ئۈنچى-مارجانلار دىگەن كىتاپنى ۋاراقلاپ باقتىم.بۇ كىتاپ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن بىسىپ تارقىتىلغان "قانۇنلۇق"كىتاپ ئىدى.بۇ كىتاپنى ھەپتىدىلا ئوقۇپ بولدۇم.ئەمدى تۇرۇپلا قۇرئاننى ئوقۇپ باققۇم كىلىپ قالغانتى...
بۇ كۈنلەردە ئىشخانىدىمۇ جىمغور بولۇپ كەتكەن ئىدىم.بۇرۇنقىدەڭ "ھوي-ھوي"لايدىغان،ۋاقىراپ سەنلەيدىغان،چۇچۇ دەپ ئىتتىرىدىغان چاغلىرىممۇ تۈگىگەنتى.ياسىفۇ ئاتىلىپ كۆمپىيۇتېر سەپلەپ بىرىلگەن بىلمەيدىغانلارغا ئاددى مەشخۇلاتلارنى ئۈگۈتۈپ قوياتتىم.پات-پات دەرىزە يىنىغا كىلىپ نوغاي مەسچىتى تەرەپكە ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ،قۇرئاندىكى گۈزەل بايانلارنى تەپەككۇر قىلاتتىم.ئىچىم پۇشسا پەسكە-بىرىنجى قەۋەتتىكى تورخانىدا تورغا چىقاتتىم. چۈشلۈكى 2-قەۋەت بوستان رېستۇرانىدا ئىدارىمىزدىكى قىز-ئوغۇل بولۇپ بىرگە تاماق يەيتۇق...بېيجىڭ رادىئو-تېلىۋۇزىيە ئونۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ سىم تارتىش يول خەرىتىسىنى سىزىدىغان بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان،قاپىغى سەت،مۆڭ،لىكىن مىھرى ئىسسىق يىڭىدىن كەلگەن يۇرۇتدىشىم بىلەن نەچچە كۈندىلا ئاكا-ئۇكىدەك،كونا ئاداشتەك بولۇپ قالغان ئىدۇق.ئۇنىڭ دوستلىرى،ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ يىقىن بولۇپ كەتتۇق...ئاستىن ئاتۇشلۇق راستىنلا سودىغا يامان ئىكەن.ئۇ ئىشقا چىقىپ يېرىم يىل بولا بولمايلا بىر ئىش قىلساق بولىتى دەپ ماڭا ئۆت ياققىلى تۇردى.شۇنىڭ بىلەن تورخانا ئاچماقنى قارار قىلىپ،مەن رەسمىيەت ئىشلىرىنى پۈتتۈرىدىغان،بۇ ئىنىم بىلەن ئىككى دوستى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك پۇل چىقىرىدىغان بولۇپ،ئىدارىمىزنىڭ بىرىنجى قەۋىتىنى تالىشىپ ئىلىپ "سالام دۇنيا تورخانىسىنى "ئاچقانتۇق.بىز دەسلەپ رەسمىيەتكە يول ماڭغىلى باشلىغاندا ئۈرۈمچى بويۇنچە 10غا بارمايدىغان تورخانا،بىز رەسمىيەتنى پۈتتۈرۇپ ئالدى-كەينى 2ئاي ئىچىدە 100دىن ئارتۇق بوپ كىتىپتۇ...تورخانىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولۇپ، ئىتىپاق يولى بىكىتى مۇقام بىناسىدىن چوڭراق دۇككانغا كۆچۈپ بىرىپ،مىجىت قەلەم مەخسۇس سىتىش دۇككىنى بىلەن خۇشنا بوپ قالدۇق.ئانچە-مۇنچە بۇ خۇشنىمىز بىلەن مۇڭدىشىپ قوياتتۇق.ئۇ كىشى پاتىنت ھوقۇقىنى ئالالىغان بىلەن بازارغا ئىگە بولالماي،يا پۇلى بارلار بىلەن "شىرىك ئىشقا خوشام يوق"نى ئېيتىپ شىركلەشمەي دىگەندەك باش ئاغرىقىدا ئىكەن...
تورخانىنىڭ تىجارىتى ئوبدان بولدى دىگەن بىلەن،ھەر خىل ئادەملەر تورخانىغا كىلىپ جىدەل قىلىپ،ئوغۇرلۇق قىلىپ،ساقچىخانىدىن تولا چاقىرتىپ،قانۇنى ۋەكىل بولۇپ قالغىنىمغا تويغۇزىۋەتتى.كىيىن يەنە چوڭراق يەرگە-ھازىرقى ئورنىغا كۆچتۇق.پۇتۇن دۇنيا ئىختىسادى شىرىكلىك،ھەمكارلىق بىلەن راۋاجلانغان بىلەن،دىيارىمىزدا ھەممە سودىگەر "شىرىك ئىشنىڭ زۇۋانىغا...."دەپ ۋايسايدۇ.بىزمۇ ئاۋال خىزمەتدىشىمنىڭ ئىككى دوستى بىلەن"شىرىكمىز"دىگەن ئەھدىمىزنى بۇزدۇق.بىرى يۇرۇتقا بىرىپ ئوبدانلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى.يەنە بىرىنىڭ بازارنى كۈزۈتۈش ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولۇپ،قىسقىغىنا نەچچە يىلدا مىلىيۇنلۇق شىركەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ 10دەك ئادەمگە مۇئاش بىرىۋاتىدۇ.بۇ بۇرادەرنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ"مەن ساڭا ئۆچ"دىگىنىنى ئويلىسام،"ئەمدى خۇش بولغانسەن"دەپ سوراپ باققۇم كىلىدۇ.ئاخرىدا ئۆزەممۇ "ساقچىخانىنىڭ ئىزدىشىدىن،تۈگۈمىگەن بىخەتەرلىك كۈرۈسلىدىن زىرىكتىم.مىنى خاتىرجەم قىل"دەپ تولا دەپ،قانۇنى ۋەكىل دىگەن يوغان قالپاقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ بىشىمنى ساقايتقانتىم..
ئۇ چاغلاردا مىنى بەكرەك قىينايدىغىنى بالامنى سىغىنىش.ئوغلۇمنى كۆرمىگىلى ئۈچ ئاي بولاي دىگەنتى. دادام-ئاپاملار كەتكەندىن كىيىن، قېينى ئاتام،قېينى ئاپاملارغا"دادام،ئاپاملارنى ياخشى كۈتمىدىڭلار،ئانداقچى،مانداقچى..."دەپ بىر پارچە خەتنى يىزىپ،ئۆيىگە بىرىپ،بالامنى كۆرۈپ،يىغلاپ تۇرۇپ پىشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ،ئايالىمغا" ئەمدى سىنى قويۇپ بىرىمەن "دەپ "ۋاي نىمە ئىش بولدى،توختاڭ!"دىگەنگە ئۈنىماي، ئاتا-ئانىسىغا يازغان خەتنى قۇچىغىغا ئىتىپ يىنىپ كىرگەن پىتى بارمىغانتىم.ئاشخانا ئىجارىسىدىن قايسى كۈنى 6000كوي ياندۈرۈپ بەرگەنتى.قويمىچى دەپ نامى چىققان بۇ ۋەيرانە باي جىنىدا،مىنىڭ ئاشخانا ئىچىپ تارتقان جاپالىرىمغا ئىچى ئاغرىپ كىتىپتىمىش.مەنغۇ قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ يامانلىمايتىم.ئوغۇل بالىنىڭ لەۋزى ھالال-دە.دادامغا 8000قايتۇردى دەپ قويۇپ،2000نى ياندىن قىتىپ سىلىپ بەردىم.
يالاڭ ئاياق سۇدىن قوقماپتۇ دىگەندەك ،مەن قەرزدىن قوقماس بولۇپ كەتكەنتىم.ئۇنىڭ ئۈسىتىگە مۇئاش كارتامنى ئايالىم قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ،مۇئاشمۇ ئوبدان ئىدى. ئىدارىمىز بارغانچە كۆلەملىشىپ،كەسىپلىشىپ زورىيىپ،يىڭىدىن،سىملىق ئورنىتىش قۇرۇلۇش بۆلىمى قۇرۇلۇپ،مىنى ئۇ بۆلۈمگە يۆتكەپ،كومپىيۇتېردىن بىرنى سەپلەپ خىزمەتكە مەھكەم باغلىۋالدى.مەن ھازىر،بۇرۇنقىدەك مالىيە بۆلىمىدە ئىشلەيمەنەي،ئۇنى قىلىمەن،بۇنى قىلمايمەنەي...دەپ باشلىقلار بىلەن زاكۇنلاشماي،نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىپ،نەدە تۇر دىسە شۇ يەردە تۇرۇپ ،گاچا بولىۋىلىپ، زۇۋانداش ئىشداشلىرىمدىن ئۈگەنگەن ئىدىم.لىكىن ئۇلاردەك جاپا تارتىپ ئاچىق يۈتۈشنى ھەرگىز خالىمايتىم.ئالدىنقى قىتىم بۇرۇنقى بۆلۈمدىكى باشلىغىم مەس بوپ قىلىپ بوينۇمغا ئىسىلىپ تۇرۇپ:ياكې،سەندە ھازىر ئۆزگۈرۈش زور،ئىلگىرلەش چوڭ،كۆڭلۈڭ ياخشى.تېخىمۇ كەمتەر بولساڭ،خىزمەتتە ئەستائىدىل بولساڭ،پوزۇتسىيەڭنى ياخشىلىساڭ ئىستىقبالىڭ پارلاق بولىدۇ،دىگەنتى.ئۇ چاغلاردا "ئىددىيەڭنى توغرۇلا "دىگەن گەپلەر ئاز بولىدىغان.قايسى كۈنى ھېلىقى بىرىنجى قول باشلىق كىتىپ، ئورنىغا كەلگەن يىڭى باشلىقمۇ مىنى چاقارتىپ مۇشۇ يىڭى بۆلۈمگە كىلىپ ياخشى ئىشلە...دەپ چىرايلىق گەپنى قىلغانتى.مەن ئەمدى غىت قىسىپ ئىشلەۋاتقان،ھەم بۇنىڭدىن بۆلەك مەن قىلغۇدەك بىرەر ئىش-ئوقىتىممۇ يوق ئىدى...
بالام تۇغۇلۇپ تۆت ئاي بولاي دىگەندە دادام ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەلدى.بۇ قىتىم دادام ئاشخانىدىكى 1500كويغا تالىشىپ سىتىۋالغان ئىككى تۆمۈر كارۋاتنى ئەككرىپ كەتكىنى،ئاجرىشىپ قالساق ئۆينى سىتىپ يېرىم پۈلىنى ئالغىنى،بولسا مىنىڭ خىزمىتىمنى يۆتكەپ ئاتۇشقا ئەككىرىپ كەتكىلى كەلگەن ئىدى.ھەر ھەپتىسى دىگۈدەك ئۆيىمىزدە دادام دوڭ كۆرۈكتە ئۇچراپ قىلىپ باشلاپ كەلگەن مىھمانلار ئۈزۈلمەيتى.ئۇلارغا مەن گۆشلا سىلىپ بىرەتتىم.ئۇنىڭدىن باشقا تاماقنى ئىتىشنىمۇ بىلمەيىتىم.ئۇلار دادامنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا قاخشاشلىرىنى ئاڭلاپ ،دادامنىلا ئەيىپلەيتى،-ياشلارنىڭ ئۆيىنى بۇزما،ئىشىغا ئارلاشما،دەيتى...دادام بەرىبىر تىرە تاراقشىتقان بىلەن يەنىلا بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزلەپ،خۇلۇم -خۇشنىلار بىلەن بىرگە بىرىپ ئايالىمنى چىرايلىق يۆتكەپ قويۇپ قايتىپ كەتتى...
ئىدارىمىز يەنە كۆچمەك بولۇپ،نەرسە-كىرەكلىرىمنى يىغۇشتۇرىۋاتقان بىر كۈنى ،ئۇدۇلۇمدىكى نوغاي مەسچىتىدىن چىققان ئەزان ئاۋازى يۈرۈكۈمنى ئىرىتىۋەتتى. ئەزاننىڭ مەنىسىنى بىلىۋالغان ئىدىم.راست،بۈگۈن جۈمە ئەمەسمۇ.ئالدىراپ چالا-پۇلا تاھارەت ئىلىپ مەسچىتكە كىردىم.ئۇ چاغلاردىمۇ ھەممە يەردە تولاراق"قانداق تاھارەت ئىلىش،قانداق ناماز ئوقۇش" توغرۇسىدا ئۇزۇن ۋەز ئېيتاتتى.باشتا بىلمەي نامازغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش يىڭىياچى،تاھارەت ئىلىشنى،ناماز ئوقۇشنى بىلمەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.شۇنداق قىلىپ،مەن كىيىنچە ئەتراپتىكى ئىشلارنى باشقا بىر ئۆلچەمدە باھالايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئۆلچەم مىنىڭ نەپسىمنىمۇ باغلىۋالغان بولۇپ،كۆڭلۈم ھازىر كۆزۈم چۈشكەنلىكى يەرگە يۈگۈرمەيتى.يولدىكى پوققىمۇ قاراپ سالىدىغان بۇ كۆزۈم،ئالدىراپ باشقىلارنىڭ مەيدىسىگە،يوتىسىغا،كاسسىغا بۇرۇنقىدەك بىزىرىپ قادىلىپ تۇرىۋىلىپ،"ئوت"يىقىپ ئازدۇرۇشقا،ئىپپىتىگە چىقىلىپ دەپسەندە قىلىشقا،زىنا قىلىپ ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا ھەرگىز يول قويمايتى.بۇ ئۆلچەمنى مەن ئەتراپىمدىكى "مۇسۇلمان مەن"دىگەنلەرگە قاراپ تەسىرلىنىپ ھىس قىلغان ئەمەسمەن.ياكى دادام ماڭا شۇنداق ئۈگەتكەنمۇ ئەمەس.پەقەت مۇقەددەس كىتاپلىرىمىزنى ئوقۇپ بىلگەن،چۈشەنگەن،ئەمەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىدىم.مەن كۈندە بەش قىتىم تاھارەت ئىلىپ،ھەپتىدە بىر غۇسلى قىلىپ تىنىمنى پاكلىيالىغان بىلەن،دىلىمدىكى ھەسەتخورلۇق،غەيۋەتخورلۇق،يالغانچىلىق،سۈخەنچىلىك،مەنمەنلىك،ئىسراپخورلۇق،شۆھرەتپەرەسلىك،ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق،ئامانەتكە خىيانەت قىلىش،قوپال،ئەپۇ قىلىشنى بىلمەسلىك،ھورۇن،باغرى قاتتىق،ئالدىراڭغۇ،ئۈممۈتسىز،ئۇششۇق،پىخسىق،ھاياسىز،شەپقەتسىز،كۆيەمسىز،كۆزبويامچى،شەھۋەتپەرەس،پارىخور،يۇرۇتۋاز،مىللەتچى...دىگەندەك ئالەمدە بار جىمى ئەخلاقسىزلىقلار ھامان ئۆي-خىياللىرىم،گەپ-سۆزلۈرۈم،ئىش-ھەركىتىمدە زەھەر بولۇپ تەپچىيتى."كۆڭلۈم ياخشى بولسا بولدى" دەپ ئۆزىنى مەيلىگە قويۇپ بىرىۋاتقانلارغا"ياغلىق قاپاقتىن ياغ تەپچىيدۇ،تۇزلۇق قاپاقتىن تۇز تەپچىيدۇ،كۆڭلۈڭدە نىمە بولسا قىلمىشىڭ شۇ بولىدۇ"دىگۇم كىلەتتى.سىزىپ تۇرىۋاتىمەنكى، دىلىم ئاستا-ئاستا ئاقىرىۋاتاتتى.يىنىمغا تاماكا سالماي تاماكا تاشلىۋالغىنىمدەك،ئەل-ئاغىنىلەر تەڭلىسە "مىنى ھاراققا زورلىماڭلار،بولمىسا سورۇندىن چىقىپ كىتىمەن" دەپ پوپوزا قىلىپ ،ئۇلارنىڭ"لاتا،خوتۈن كىشى"دىگەن تەنىللىرىگە پەرۋا قىلماي ھاراق ئىچمەي تۇرىۋالغان بىلەن،ئىشداشلارنىڭ،بولۇپمۇ باشلىقلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئىچىۋاتقان ھاراقنىمۇ بىر كۈنى سورۇندا"ئەمدى ھاراق ئىچمەيمەن،مۇسۇلمان ھاراق ئىچسە بولمايدىكەن"دەپ چۈشەندۈرۈشۈم بىلەنلا،ھەممىسى "مۇسۇلمان "ئىشداشلىرىمدىن ئوبدانراق توغرا دىيىشىپ قوبۇل قىلىشتى.مۇسۇلماننىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى،ناماز ئوقۇيدىغانلىقى،روزا تۇتىدىغانلىقى،قوي سويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىغان،كۆرگەنلىرىنى دىيىشىپ، قۇربان ھېيتتا ئۆيۇمگە بىرىپ گۆش يىيىشكە ئالدىراشتى.ئۇلار:سىنىڭ مۇسۇلماندارچىلغىڭ ئىتىپاغلىققا،خىزمەتكە،مۇئاشقا تاقاشتى،دىمىگەنتى.مەن ئۆزەمچە مۇسۇلمان بولغاندىن بۇيان ،ئاتا-ئانامغا تېخىمۇ ۋاپادار ئوغۇل،ئىنى-سىڭىللىرىمغا تېخىمۇ مىھرىبان قېرىنداش،دوس-يارەنلەرگە تېخىمۇ مۇلايىم،خۇلۇم-خۇشنىللىرىمغا تېخىمۇ ياخشى خۇشنا،ئىشداشلرىمغا تېخىمۇ ياخشى يولداش....بولۈپ كىتاۋاتاتتىم.خوتۇنۇمغا ئىچىم ئاغرىپ، كىچىچە يىغلاڭغۇ ئوغلۇمنى ئەللەيلەپ،ئۇسسۇزلىقىنى تەڭشەپ،زاكىسنى يۆتكەپ،قاچا يۇيۇپ،ئۆي تازلاپ،سەي ئاقلاپ،بالا باققۇچىغا ئىشەنمەي بالىغا تاماق يىگۈزۈپ،"سايىماخون "بوپ كىتىۋاتاتتىم.ئايالىمنىڭ ھىلى ئىشتىن چۈشۈپ،ھىلى كىر يۇيىشى،ھىلى تاماق ئىتىشى...تۈگۈمىگەن ئۆي ئىشىنى كۆرۈپ،ئاپامنىڭ 7بالىنى باققان جاپاسىنى ئەمدى ھىس قىلغان،قىز بالىنىڭ ھەقىقەتەن ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى ئەمدى تونۇپ يەتكەن ئىدىم."ئۆي ئىشىنى خوتۇن كىشى قىلمامدۇ- ۋاي"دەيدىغان "ئەركەك تۈكى بارلارغا"،-نوچى بولساڭ ئايالىڭنى خىزمەتتىن بوشىتىۋىلىپ،يوقنى مەن تاپىمەن، سەن بالامنى باق،كىرىمنى يۇي،تامىغىمنى ئەت دەپ باقە!، دىگۈم كىلىتى...قىسقىسى مەن ئۆزەمنى "ئۆلچەمگە"سىلىپ كۈندىن-كۈنىگە ئۆزگۈرۋاتاتتىم.مەن ئەمدى "خۇلاسە چىقىرىش"تەك ئىشنىڭ ئىپىنى تىپىۋالغان بولۇپ،ئۆتمۇشۇمدىكى تەجىربە-ساۋاقلارنى ئەخلاقسىزلىققا خۇلاسىلاپ ،ھازىرىمدىكى ئىشلارنى"ئۈگۈنۈش،خىزمەت،چىنىقىش،پەرزەنت تەربىيلەش،ياخشىلىققا بۇيرۇش،سەۋرى-تاقەت قىلىش"لارغا خۇلاسىلاپ،كەلگۈسىمدىكى ئىشلارنى "تەقدىر-قىسمەت"كە خۇلاسىلاپ،نۇرغۇن كونا-يىڭى ئۇقۇملارنىڭ توغرىسىنى قوبۇل قىلىپ،خاتاسىنى تاشلاپ،ئادەملەرنى "ياخشى ئادەم ۋە يامان ئادەم”گە ئايرىۋالغانتىم.ئىلىمنى "بىلىم ۋە ئەقىل"نىڭ بىرلىشىشى دەپ بىلىۋالدىم.تەرەققىياتنى "ساپالىق،شەھەرلىشىش،موھىت ئاسراش،باي بولۇش"لار ماس قەدەمدە بولۇش دەپ چۈشەندىم.ھەممە "ئاشقۇن"لىقنىڭ ئىلىمسىزلىكتىن بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.ئەمدىلىكتە، ئاتا-ئانام،قېرىنداشلىرىم،ئايالىم،بەزى دوست-يارەنلىرىم مەندىن ئىلھام ئالغان بولسىمۇ،نىمىشقىدۇر ئوغلۇم ھىچ تەسىرلەنمەي تۇراتتى.بالا تەربىيلەش توغرىسىدىكى تالاي ماتىرياللارنى كۆرۈپ ،تەدبىقلاپ باقساممۇ،بالىلارغا ئاۋال ئۈلگە بولۇپ،ئىلھام بىرىپ،ياردەم قىلىپ،"ئالىم بولمىسىمۇ،ئادەم بولسىكەن" دىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىممۇ بارا-بارا كۈپۈككە ئايلىنىۋاتقاندەك مىنى ئەندىشىگە سىلىپ قويغان ئىدى.ئائىلە،مەھەللە،مەكتەپ،جەمىيەت تەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ تەربىيلەشكە تىگىشلىك بۇ پەرزەنتلىرىم،ئۆيدىن توغرا چىقىپ كىتىپ،مەكتەپتىن بىشى قېيىپ كىلىپ،مەھەللىدە ئويۇنغا تويماي،جەمىيەتتە يامانغا ئەگىشىپ بىشىمنىڭ ئىچى-تىشىنى قاتۇرىۋاتاتتى... مەنچە ئۆستەك بويىدا ئىگىز داچىمىز بولسىمۇ،مېرسىدىس ماشىنىمىز بولسىمۇ،تېرلىيۇن پۇلۇمىز بولسىمۇ بەرىبىر،ئىتىقاتىدا مۇستەھكەم؛ئەمەللىرىدا ئىخلاسمەن'ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ،يامان ئىشتىن توسۇيالايدىغان؛ھەقىقەت يولىدىكى جەبرى-جاپالارغا تاقەت قىلالايدىغان پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ چىقالمىساق ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتى. ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلماي،كەلگۈسىدىن غەم قىلماي،ھازىرقى ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئوڭ قولىدا گۈزەل ئەخلاقنى،سول قولىدا ئىلىم مەرىپەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقى بەخت ئىچىدە ياشايدىغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بولۇشى ئەڭ چوڭ ئارزۇ-ئارمانتى...
|
|