قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: yaqup

ئارزۇ-ئامانلىرىم بىر-بىرلەپ كۆپۈككە ئايلىنىۋاتامدۇ-قانداق؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1680

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 459
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:23:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىز ناھايىتى قىزىقارلىق چىقىپتۇ، داۋامىغا تەشنامىز. مەنمۇ 92-يىل تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن.

0

تېما

0

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21359
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 320
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 10:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرمىشلىرىڭىزنى بىر ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ باققان بولساق، ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1488

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 18:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aysultan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 01:23
يازمىڭىز ناھايىتى قىزىقارلىق چىقىپتۇ، داۋامىغا تەشنا ...

مەن 92-يىلى باشلانغۇچ 1-يىللىققا قوبۇل قىلىنغان...

0

تېما

0

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21359
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 320
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 11:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان پەيزى يېزىلىۋاتقان، توختىتىپ قويمىغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.

3

تېما

1

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 21:18:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 10:19  

2014.0808
‏       مەن ئايالىمنىڭ نەزىرىدە "ئەڭ ھۆرمەتلىك ئەر".مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان،سىرداشقان ئالى مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا تۈنجى رەت  ئىززەت-ھۆرمىتىمنى  ھىس قىلغان بولۇپ،ئۈنى كۆيدۈرىۋالغان بۈدرە چىچىممىكى، ئىگىز بويۇممىكى، ئاتۇشلۇقلىغىممىكى،كاتىۋاللىغىممىكى،ئوقۇشتا ياخشىراقلىغىممىكى،ياكى سادىللىغىممىكى...ئېيتاۋۇر مەندە ئۈنى  جەلىپ قىلىۋالغۇدەك نىمە  خىسلەت بارلىغىنى بىلەلمەيتىم..ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىپ،_بىر  قوتۇر ئىشىگىمىز،بىر كالىمىز،7قويىمىز،10مو يېرىمىز،5پۇڭ بىغىمىزلا بار.بىر قېرى ئانام،دىھقان دادام-ئاپام،يەنە 6ئىنى-سىڭىللىرىم بار  نوپۇسىمىز كۆپ،بالىنىڭ چوڭى مەن،ۋەزىپەم ئېغىر دەپ تونۇشتۇرۇش بەرگەنتىم.ئۇمۇ چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلاپ ھەممە ئاتۇشلۇقنىڭ باي بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن،دادامنى بىشىدا كۆرپە تۇماق،ئۇچىسىدا ئۇزۇن چاپان،بىلىدا بەلۋاغ،كالتا ئىشتان،پۇتىدا كالاچ،پۇت-قوللىرى يېرىق،بەللىرى مۈكچەيگەن،موخۇركا چىكىپ چىشلىرى ساغىرىپ كەتكەن،ئاپتاپتا يۈزلىرى قارىيىپ كەتكەن ئويلاپتۇ.ئاپامنى بىشىدا چۈمبەل،ئۇچىسىدا چىتتىن كۆينەك،تامبال كەيگەن،يۈز-قوللىرى يىرىك،ياداڭغۇ،دوڭغاق قىياس قىپتۇ.ئىنى-سىڭىللىرىمنى چۈچۈرىدەك جىق،ئېغى يوق ئىشتان كىيىشكەن،يالاڭ ئاياق قوي-كالا باقىدىغان تەسەۋۇر قىپتۇ.شۇنداقتىمۇ ماڭا بولغان قىزىقىشى ھىچ يانماپتۇ...بىز بىرگە بىرلەشمە سىنىپتا ئۈگۈنۈش قىلاتتۇق،بىرگە تاماق يەيتۇق،بىرگە مەكتەپتە كىنو كۆرەتتۇق.ئۇ مىنى بەتخەج دەپ  پۇلۇمنى يىغىپ ساقلاپ بىرەتتى.تەتىل بولغاندا ئۆيدىكىللىرىمگە سوۋغا-سالام  قىلاتتى.ماڭا ئوبدان كىيىم-كىچەك ئىلىپ بىرەتتى.كىيىشىم AAA ئاياق، قارا-كۆك ئىشتان،نەنخەن چاپان،تۇغۇلغان كۈنلىرىمنىڭ سوغىللىرى تېخىمۇ كاتتا.ئەمەلىيەتتە تۇغۇلغان كۈنۈم ئۇياقتا تۇرسۇن ،تۇغۇلغان ئىيىمنىمۇ بىلمەيتىم. ئاپامدىن سورىسام «ئۆستەڭگە شۇنداق ئۇلۇغ سۇ كەلگەن يىلى،قاتتىق يامغۇر ياققان كىچىسى تۇغۇلغان ئىدىڭ»دەيتى...كىيىنچە ماڭىمۇ ھال كىرىپ،بۇ مۇھەببىتىم بىلەن نەچچە ئايرىلىپ ،نەچچە يارىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقانتىم.تويدىن كىيىنمۇ،بالىلىق بولۇپمۇ تالاي قىتىم تىل-دەشنام بىرىپ،ئۇر توخماق قىلىپ رەنجىتىشلىرىم،ئايالىمنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە،ھۆرمىتىگە تەسىر قىلغىنى يوق .ئۇ خىيالىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئەشۇنداق "شەرتسىز قەدىرلەش"كىرەك دەپ قارايتى.مەن تىنماي  ئۆزەمنىڭ ئوي-خىيال،گەپ-سۆز،ئىش-ھەركىتىمگە دىققەت قىلىپ،داۋاملىق ئۆزەمنى تەكشۈرۈپ،يامان خۇي،يامان ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتىۋاتقان بولساممۇ،بۇنىڭغا بىر جەريان،ئۇزاق ۋاقىت  كىتىدىكەن.يەنە كىلىپ ھەممە ئىدارىدا مۇئاش ئۆسسە،بىزنىڭ مۇئاش شۇ پىتى ئۆسمەي تۆۋەنتى.ئايلىق،پەسىللىك،يىللىق باھالاشتا نەتىجەم ئەڭ تۆۋەن بولۇپ،خىزمەت پوزۇتسىيەم ياخشى بولسا، خىزمەت مىقدارىڭ كەملىدى دىگەن.خىزمەت مىقدارىم ئاشسا،خىزمەت پوزۇتسىيەڭ ياخشى ئەمەس دەيتى. ئادەتتە،بىر ئىش بولسا ياردەمگە چاقىرىپ" لەي-لەي" دەپ كىتىدىغانلارنىڭ بىرەسى قوپۇپ لىللا گەپ قىلماي،زۇۋانى تۇتۇلۇپ ئولتۇرۇراتتى.ئەمدى باشلىغىمنى مىنىڭ "كۆڭلۈمنىڭ ياخشىلىغى"تەسۇرلەندۇرەلمەس بولۇپ قالغان،يىڭىدىن يولغا قويۇلغان "باھالاش"بىر-بىرىمىزنى يۇسسىز،يولسىز قىلىۋەتكەن،ھەممە بولغۇلۇق ماڭا بولغانتى.چۇنكى، مەن تالاشمايىتىم،ئۇرۇشمايتىم،«شىڭ-شىڭ»لا دەيتىم...منا ئەمدى بالىنىڭ زاكىسىغا،سۈت پاراشوكىغا،سىڭلىمنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا،بالا  باققۇچىغا،توي-تۆكۈنگە،يەسلى پۇلىغا تازا پۇل كىتىۋاتاتتى.ئەسلى 0ياشتىن باشلاپلا تەربىيلەيتۇق،ھىلىمۇ كىچىكتۇق دىگەن بىلەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا باققۇچى تاپساق بىرسى ئوغرى،بىرسى بويىدا بار،بىرسى يالغانچى،بىرسى مەينەت...كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي،ئوغلۇمنى كىچىكلا  قورۇدىكى يەسلىگە بەردۇق.بىچارە بالام  يا ئەتىگىنى  ئۇيقۇسىغا  قانمىغان،يا يەسلىگە كۆنمىگەن،يا چۈشلىكى تۇڭگان ئاشپەزنىڭ تامىغىنى تىتىمىغان،بېيجىڭچە،سىچىۋەنچە...ھەر-خىل شىۋىدىكى ئايىلىرىنىڭ گىپىنى يا چۈشەنمىگەن،كوڭزى،مىڭزىلارنىڭ شىرلىرىنى يا ياد ئالالمىغان،بىز ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشەلمەي سىنىپتا تولا يالغۇز قالغان...مۇشۇنداق بالا باقماقنىڭ تەسلىكىدە  ئايالىم بەكرەك جاپادا قالغان،يەنە بالىلىق بولۇشتىنمۇ رايى قايىتقانتى.ئايالىمنىڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ كىتىشىگىمۇ ھەم  كۆزى يەتمەيتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمنىڭ بارى يوق بىرلا ئىنىسى بولۇپ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرەي دىگەن يىلى ئۆپكە راكى بىلەن تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى.بۇ ئىنىم ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە خاقىراپ تۇرۇپ،- ئاتام تاماكا چەكمىسۇن،ئۇكام چوڭ بولغاندا تاماكا چەكمىسۇن،مەن ئۈچ يىل چەككەن تاماكىنىڭ دەردىنى تارتىم  دەپ كەتكەنتى.ئايالىم ياكى ئىنىسىنىڭ ئۆلىمىدىن قورقۇپ قالدىمۇ ئېيتاۋۇر، ئىككىنجى بالىلىق بولۇشنى خالىمايتى.ئىنىمىز تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن چوڭلارنى بىزنىڭ قورودىن ئۆي ئىلىپ كۆچۈرۈپ ئەككىلىۋالدۇق.چوڭلار كلىپ ئوغلىمىزنى يەسلىگە ئەككىرىپ،ئەپچىقىشتىن خاتىرجەم بولدۇق.چۈشلۈك،كەچلىك تامىقىمىزمۇ بىرگە بولۇپ كەتتى...مەن ئەمدى تاغدەك ئوغلىدىن ئايرىلپ،يۈرەكلىرى لەختە بولۇپ كەتكەن قېينى ئاتام،قېينى ئاپاملارغا خاپىلىق تىپىپ بەرسەم،تىكەندەك يالغۇز قالغان ئايالىمغا ئازار قىلسام بولمايتى. ئۇلارمۇ  ھەممىمىزنىڭ ھامان ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىمىزغا،پەقەت ئىلگىرى-كىيىنلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇپ،ناماز ئارقىلىق سەۋرى تىپىشتى...
        دادام:چوڭ ئىنىڭنى ئوقۇمىغاچ ھىچ قىلالمىدى دىسەڭ،مۇنۇ 9گىچە ئوقۇغان ئىنىڭنى بىر ئىشقا سىلىپ باق دىگەنچىلاپ كىچىك ئىنىمنى چىقارتىپ بىرىۋىدى، ئۇنى سالام دۇنيا تورخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،خاتىرجەم بولدۇم.ئايلىغىنى يىغىپ ،دادامغا كىرگۈزۈپ بەردىم.ئىچكىرگە-خېيلوڭ جىياڭغا بىرىپ يىلىغا 10000كوي تاپماقچى بولغان، دادامنىڭ تاپا-تەنىسىدىن،ئاپامنىڭ كاپ-كاپلىرىدىن قۇتۇلۇپ،پۇل تىپىپ،خوتۇن ئىلىپ،بالدۇراق بۆلەك بولۇپ بىشىنى ساقايتماق بولغان ھىلىقى  چوڭ ئىنىمنى پويۇز ئىستانسىدىن ياندۇرۇپ ئەككىلىپ،سالام دۇنيا تورخانانىسى ئىشىك ئالدى ئىككى يىنىدىكى تىلفۇنخانا(خۇا با دەيتۇق) بىلەن كىتاپخانىغا قاراشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىشىمنى ساقايتتىم.لىكىن،نىمىشقىدۇر سىڭلىم بىلەن ئايالىمنىڭ پۈرچىغى پىشماي،بىشىمنى ئاغرىتاتتى. سىڭلىم بىلەن ئايالىمنىڭ پىتىشماسلىغى سەۋەبلىك مەن بىلەن ئايالىم،قېينى ئانام ئوتتۇرىسىدىمۇ غەۋغا بىسىقمىدى.ئىككىنجىسىگە قوساق كۆتۈرگەن ئايالىمغا سىڭلىمنىلا ياقلاپ،يەنە ئاندا -مۇندا ئازار بىرىپ قوياتتىم.شۇ كۈنلەردە، خوتەن پىداگوكىدا ئوقۇۋاتقان سىڭلىم تۇيۇقسىز مىڭە ياللۈغى بولۈپ  قىلىپ جىددى ئۈرۈمچىگە ئەككىلىپ 2-دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.دادام-ئاپاملارمۇ كەلدى.بۆلۈم باشلىغى ئاسىيە دوختۇرغا تولىمۇ ئوبدان گەپلەرنى قىلىپ،دادام-ئاپاملارنىڭ دىھقان، ئىختىسادى ياخشى ئەمەسلىكى،مىنىڭمۇ مۇئاشىم تۆۋەن،سىڭلىمنى ئوقۇتىۋاتقانلىقىمنى،ئايالمنىڭمۇ ئەتە-ئۆگۈن دوختۇرخانىدا تۇغۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ،زۇرۇر بولغان تەكشۈرۈشنى،داۋالاشنى قىلىپ ئارتۇق چىقىم قىلدۇرمىساڭلاركەن دەپ ئۆتۈنۈشلۈرۈم،بۆلۈمگە«تەشەككۈرنامە»دەپ بايراقلار تەقدىم قىلىشلىرىم،سىڭلىمنىڭ ئاغرىق دەستىدىن ۋاي-ۋايلاپ ئۆزىنى ئاسمانغا ئىتىشلىرى،مىنىڭ ھىلىدىن ھىلى ئۇرىۋاتقان داۋالاش پۇللىرىمنىڭ توشىماسلىقى دوختۇرخانىنىڭ ئاۋال بىمارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى قاق سەنەم قىلىپ، ئاندىن كىسەل داۋالاشتەك يامان ئادىتىنى بۇزالمىغان ئىدى.مەن يول ئىزلەپ،تونۇش تىپىپ،دوختۇر بىلەن ئۇرۇشقاندىن كىيىن دورا-ئوكۇللارنىڭ قايتا تەڭشىلىشى ۋە تۆت قارىنىڭ دېمىدسى بىلەن سىڭلىمنىڭ ئاغرىقى شىپپىدا  پەسەيگەنتى.سىڭلىمنى 50كۈنگە يىقىن داۋالىنىپ،30مىڭغا يىقىن پۇل خەجلەپ دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ چىققان  كۈنىنىڭ ئەتىسلا، پەرىشتىدەك قىزدىن بىرنى  تۇغۇپ بەرگەن ئايالىمنىمۇ دوختۇرخانىدىن ئەپچىقىۋالدىم. ئاپامنىڭ قۇدىسىغا دوختۇرخانىدا نەۋرىگە قاراپ جاپا تارتى دەپ ئىچى ئاغرىپ كىتىپ،سىڭلىم بىلەن ئايالىمنى بىرگە  باقماق بولۇپ  ئايالىمنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە  ئەككىرىۋالغانتى.دادام قىزىمغا ئىسىم قويۇپ بىرىپ ئۆگىنى بولغاندا  بۇغدايلار پىشىپ قالدى دەپ ئاتۇشقا قايتىپ كەتكەنتى.مەن  ھەر كۈنى ئىشتىن كەلسەم ئايالىمنى يا بالىغا سۈت ئەمدۈرىۋاتقان،يا بالىنىڭ زاكىسى ئالماشتۇرىۋاتقان،يا بالىغا بولماق قىلىۋاتقان دىگەندەك ئوپراتسىيە قىلىپ بوشانغىنىغا  ھەپتە بولمايلا  ئورنىدىن تۇرۇپ مىڭىپ يۈرگەن ھالەتتە كۆرەتتىم.ئاپام سىڭلىملارنى يا تېلىۋۇزور كۆرىۋاتقان،يا يانپاشلاپ يىتىشىپ كۇس-كۇس پاراڭ ئۈستىدە كۆرەتتىم.ئاغرىق سىڭلىمنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشىلىنىپ كىتىپ ،قايسى كۇندىكى بىزنى قورقۇتقان ھالىتىدىن ئەسەر يوق ئىدى...

3

تېما

1

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 13:11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 11:42  

‏‏      بىر كۈنى كەچرەك ئىشتىن چۈشۈپ،ئاشخانا ئۆيدە ئاپام «نىسىۋىسى»دەپ ماڭا ساقلاپ قويغان تامىغىنى يەۋاتسام،ئايالىم بالىنى بۈشۈكتىن يىشىپ،پوق-سۈدۈك زاكىسىنى داسقا سىلىپ،«بىرىڭلار يۈيىۋەتساڭلار بوپتىكەن»دىگەنچىلاپ،ئۇدۇلۇمدىكى قول يۇيۇش ئۆيىنىڭ ئىشىك يىنىغىلا قويۇپ قويدى.ئاپام،سىڭللىرىم ئاشخانىغا  چىققۇچە،كىرگۈچە ھىلىقى سۈيدۈك زاكىسى سىلىنغان كىچىك داس ئۈلارنىڭ كۆزىگە تاشلىنىپ،پۈتىغا پۈتلىشىپ تۇراتتى-يۇ،ھىچقايسىسى يۇيىۋىتەي دىمىدى.ئىككى سىڭلىم،ئاپاملار مىھمانخانىدا يىتىپ،پاراڭلىشىپ تېلىۋۇزور كۆرىۋاتىدۇ. مەن پاكىزلىقتا ئۇچچىغا چىققان ئايالىمنىڭ دوق قىلىپ بولسىمۇ زاكىنى ئۆزى يۇيۇپ،قولىنى سۇغا تىقمىسۇنچۇ دىگەن بىلەن،چاندۇرماي داسنى ئىلىپلا قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋىلپ زاكىنى ئۆزۈم يۇيىۋاتسام،ئەينەك ئىشىك قاتتىق چىكىلدى.ئاپام ۋاقىراپ سۆزلەۋاتاتتى.-ئەر كىشى تۇرۇپ نىمە قىلىۋاتىسەن؟-ھوي بالام.ئاپاڭ ھايات ئۆلمىدى،ئىشىكنى ئاچە مەن يۇيىمەن.-ھىچنىمە بولمايدۇ-ئاپا.تۇگىدى مانا.ئۆزەمنىڭ بالىسى تۇرسا...
      مەن ئىشىكنى ئاچماي ئايالىمغا يارۇغىدەك پاك-پاكىز يۇيۇپ چىقىشىمغا،يەنە ئاپام تەگىگىلى تۇرىۋىدى،ئاچچىغىم كىلىپ  سۆزلەپ كەتتىم.-باياتىن داسنىڭ يىنىدىن مىڭ قىتىم ئۆتۈشتىڭلار،بىرەسىڭلار چاقىۋىتەي دىمىدىڭلار.ھېلىمۇ ئىسىمدە بار-ئاپا.ئۆزلىرى ساق40كۈن بولمىغۇچە،كاللا-پاچاق يىمۇگىچە يوتقاندىن چىقمايتىلىغۇ؟،سوغۇق سۇغا قوللىرىنى تىقمايتىلىغۇ؟ئەجەپ ئاۋۇ سىڭىللىرىمنىڭ بىرەرسىنى بۇيرۇپ داستىكى زاكىنى  يۇيىۋىتىڭلار دىمىللىغۇ؟...ئاپام يەنە ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلاتتى.سىڭىللىرىم:-كۆرمەپتۇق،كۆرمىسەك يا بىز،بىزگە نىمە دەيدۇ بۇ...دىيىشىپ  تۇمۇشۇقلىرىنى سوزۇشتى.ئايالىم بالىنى تەۋرەتكەچ ،تۇنجى قىتىم «لىللا گەپ»نى سۆزلىگەنلىكىمدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ  يىغلاپ كىتىپتۇ.ئاپامنىڭ ئايالىمنى بىقىشى بەش كۈن بولغاندا، قېينى ئاپام كىرىپ سوراپ قىزىنى ئۆيىگە كۆچۈرۈپ ئىلىپ چىكەتتى.مەن ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئاۋال چوڭ ئۆيگە كىرىپ ئىككى بالامنى كۆرۈپ،ئايالىم بىلەن پاراڭلىشىپ،تاماقنى يەپ،ئاپامغا بىر قاچا تاماقنى-نىسىۋىسىنى ئىلىپ ئۆيىمىزگە يىنىپ چىقىمەن.ئاپام دوختۇرخاندىن چىققان سىڭلىمنى بىر ئاز كۈچ-قۈۋۋىتىگە كىلىۋالسۇن،ئاڭغىچە كىلىنىمنىڭ يارىشىغىنى بۇ قىتىم بولسىمۇ ئوبدان قىلىپ،ئۆيىگە كۆچۈرۈپ قوياي دىگەن خىيالدا تۇرىۋاتاتتى.ئىككى ئىنىم قۇرۇق تۆت تېمىللا بار ئجارە ئۆيىدىن زىرىكىپ،ئاپامنىڭ تامىغىنى يەيمىز دەپ كۈندە كەشتە كىلىپ تاماق يەپ،پاراڭلىشىپ،قونۇپ كىتەتتى.سىڭلىممۇ كىلپ-كىتىپ تۇراتتى.مەن ئەينى چاغدا بۇ سىڭلىمنى:ئوقۇش پۈتۈرۈپلا يۇرۇتقا كەتسۇن.قىز بالا يۇرتىغا كەتكەن ياخشى،تۇرمۇش ئىشى خىزمەت ئىشىدىن موھىم.ئوقۇش ھەرگىز خىزمەت ئۈچۈن ئەمەس.بۇنىڭغا بۇ يەردە تەييار تۇرغان خىزمەتمۇ ھەم يوق.يۇرۇتتا ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ ئۆتسە خىزمەتمۇ تولىكەن،دىسەم، دادام قوپۇپ:مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن،ئۆزى بىر نىمنى بىلەر،ساڭا ئەمدى ئېغىرچىلىقىمۇ كەلمەيدۇ،ساڭا ھەمرا بولىدۇ،يۇرۇتتىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بىلەن يەنە يول ماڭمىسا بولمايدۇ،شۇ يولنى ئۈرۈمچىدە ماڭساڭ ئوخشاش ئەمەسما...دىسە،ئاپام قوپۇپ:-چوڭ ئوقۇغان بالا،ئۈرۈمچىگە كۆنۈپ قالدى،پىشانىسىدىن بەرسە بۇ يەردىمۇ ئوبدانراق خىزمەت چىقىپ قالا،سەنمۇ يات خوتۇننىڭ ئالدىدا سىڭلىڭنى كەتسۇن دەپ ھەدەپ ئىتتىرىپ تۇرماي،يول ماڭ.قىزبالا دىگەن ئاجىز ئەمەسما،كۆزىدىن ياش ئاقمىسۇن.ھاممىلىرىغا ئوخشاش ئاچچىغى بار،ساڭىمۇ ئاز خاپىلىق بولمىدى.ئۆزىنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە شۇنداق قالغۇسى بار.ساڭا ئوخشاش يۇۋاش-يۇمشاق ئوبدان بىر يۇرۇتلۇق بالىلار چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،دەپ كۆز يىشى قىلغانتى.سىڭلىممۇ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ:ئۈرۈمچى سىنىڭمىدى؟سىنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرمىساملا بولدىمۇ،نەدە ئىشلىشىم بىلەن،مىنىڭ تۇرمۇشۇم بىلەن كارىڭ بولمىسۇن،غەم قىلما،دىگىنچە كۈدە-كۆپىسىنى  يىغۇشتۇرۇپ،ئۆزىگە ئوخشاش يۇرۇتقا كەتكۇسى يوق ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان قىز دوستلىرى بىلەن بىرگە تۇردى.مىنىڭ بۇ ئەخلاغلىق،جانلىق،غۇرۇرلۇق،ئاچچىغى يامان،پاكىزە،چاققان،نامازخان،يالاڭ باش،پىششىق بۇ سىڭلىمغا ئارتۇقچە بىر نىمە دىگۈم كەلمەيتى.كىيىن ،بىزنىڭ ئىدارىغا ئورۇنلىشىۋىدى،دادام-ئاپاملارنىڭ بىشى ئاسمانغا تاقاشتى.ئۇلار نە مەمۇرى شىتات،نە كەسپى شىتات،نە كارخانا شىتات دىگەنلەرنى چۈشەنمەيتى.ھەممىسى ئوخشاش «ھۆكۈمەتنىڭ سۇپۇسى»دەپ قارايتى.ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ تولىسى لاتىلىشىپ قىزلارنىڭ مۇئاشىنى،ئۆيىنى،دادىسىنىڭ پۇلىنى،ئاكىسىنىڭ يولىنى سۈرۈشتۈرۈپ،قىزلارنىڭ دىيانىتى،ئىپپىتى بىلەن كارى يوق،ۋىجدانسىز،كۈنلىكى يوق بوپ كىتىۋاتقانلارنى ئويلىيالمايتى...
         20نەچچە كۈن بولغاندا ،ئاپام ئايالىمنى چىرايلىق يۆتكەپ قويۇپ،سىڭلىمنى سەللىمازا ساقايتىپ ئاتۇشقا ئەككىرىپ كەتتى.ئىشلەۋاتقان سىڭلىم ئىككى ئىنىمنىڭ يىنىغا كۆچۈپ كىلىپ،مىنىمۇ خاتىرجەم قىلدى.ئىدارىمىزدا خىزمەتلەر يەنە شۇ  بىر خىللا.باھالاش كەسكىن،ئۈگۈنۈش تولا،گەپ جىق،ۋەزىپە ئېغىر،مۇئاش ئاز....لىكىن،مىنىڭ پەرۋايىم پەلەكتى.مىنىڭ ئىشمۇ-خىيالىم بالدۇراق كەمچىلىكلىرىمنى توغرۇلاپ،تەپەككۈر ۋە ئۇگۈنۈش يولى بىلەن ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ،ھاياتلىق توغرىسىدا بىر قانائاتلىك جاۋاپ تىپىش.بالدۇراق لاياقەتلىك دادا بولۇش.تېخىمۇ ھۆرمەتلىك ئەر بولۇش.ۋاپادار پەرزەنت بولۇش.كۆيۈمچان قېرىنداش بولۇش.ساداقەتلىك دوست بولۇش.ياخشى خۈشنا بولۇش...مەن ئۆزەەمنى نۇرغۇن چىگىش سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك ھىس قىلاتتىم.كىشىلىك ھايات ئەسلى مۇشۇنداق بىر سىناق ئىكەن.بۇ سىناقلار قانچە ئېغىر بولسا،ئادەم شۇنچە  ھەقىقەتنى تونۇپ ئىتىقاد كۈچۈيۈپ بارىدىغان گەپ ئىكەن..

3

تېما

1

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 13:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 11:42  

‏       بولۇپمۇ شەھەر دىگەندە ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئىشلەيدىغانلارغا بالا باقماق راستىنلا تەسكەن.ھىلىمۇ  ياخشى ئۈرۈمچىلىك خوتۇن بىلەن توي قىلغان ئىكەنمەن.قېينى-ئاتام،قېينى ئاپاملار ئىككى بالامنى بىقىۋاتاتتى.كۈلگۈم كىلىدۇ،يۇرۇتداشلار تولا مىنىڭ ئايالىمنىڭ نەلىكلىگىنى سورايدىغان بولۇپ،ئۈرۈمچىلىك دىسەم،تىگى-تەكتىچۇ؟-دەيتى.ئاتا-ئانىسىمۇ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ،چوڭ بولغانلار ئىكەنغۇ،دىسەم.-چوڭ دادا،چوڭ ئانىللىرىچۇ؟،دەپ سورايتى.-ئۇقمۇدۇم،ئايالىمنىڭ دىيىشىچە 3ئەۋلات ئۈرۈمچىدە ياشىغان خەقمىش،دىسەم.-شۇ،تىگى تۇرپان،قۇمۇللۇق خەقلەر دىگىنە،ئۇرۇمچىلىكنىڭ ئاللامىسى تىگى شۇ توقسۇن،تۇرپان،قۇمۇلدىن،دەيتى.مەن ئۇلارنىڭ ئايالىمنىڭ تىگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ،قالماققا  چىتىپ قويمىغىنىغا خۇش ئىدىم.ئايالىم تولا  جاپاكەش خوتۇن بولۇپ،ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئوبدان يارلىشىدۇ.قىزىمنى تۇغۇپ نەچچە ئاي بولمايلا ئىككى ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ شىپپىدە ئورۇقلاپ 75 كىلوغا چۈشۈپ قالدى.شۇنداقتىمۇ،يەنە سېمىزمەن دەپ، ئىدارىسىدىكى قىزلار،تولۇق ئوتتۇرىدىكى قىزلار،خۇلۇم-خۇشنىلار، بىرگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قىزلار،ئالى مەكتەپتىكى قىزلار،ئاتىسىنىڭ تۇققانلىرى،ئاپىسىنىڭ تۇققانلىرى بىلەن ھەر ھەپتىسىگە بىردىن توغرا كىلىدىغان قاتار چاينى چورۇتلا ئوينىمايدىغان  بولدى.پەقەت ئايدا ئىككى قىتىم «بانكا چاي»ئويناۋاتىدۇ.خالىمىسا بارمايدۇ.بۇ بانكا چاي مەندىن ئىشەنچىلىك بولۇپ،نەۋەت كەلگەندە بىراقلا بەش،ئونمىڭ يىغىلىپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ.مەنمۇ ھازىر ئۆي ئىشلىرىغا،بالا بىقىشقا بەك ئەپلىك بولۇپ كەتكەنتىم.بالا كىچىك  دەپ ئىنىمنىڭ تويىغىمۇ بارالمىغانتىم.كىتاپخانا ئاچقان ئىنىممۇ ئىشنىڭ ئىپىنى تىپىۋالغان بولۇپ،كىتاپ ئىجارە بىرىش بىلەن كونا كىتاپلارنى ئىلىپ-سىتىش ئالامەت پايدا قىلغان ئىدى.ئىنىم خوتۇن ئالغۇدەك پۇل تىپىۋىدى،يۇرۇتقا كىرىپ دادام-ئاپاملارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بويۇنچە يۇرۇتتىن-بوسۇغىدىكى بىر قىز بىلەن توي قىلدى.مەن باردى،كەلدى كىرايىمنى قوشۇپ كۆڭلۇمنى ئەۋەرتىپ بىرىمەن -دادا،دەپ ئىنىمنىڭ تويىغا بارماي،ئايالىنى ئىلىپ چىقسا تۇرىدىغانغا ئىجارىگە ئۆي ئىلىپ،سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويدۇق.ئىنىم تويىنى تۈگۈتۈپ،ئايالىنى ئىلىپ يىنىپ چىقتى.ئىنمىنىڭ ئىسلامچە كىيىنىۋالغان،رەڭگى پاكىز،كىچىكلا قىزنى تاپقىدىن سۆيۈنۈپ كەتكىنىمدە،ئىنىمنىڭ:ۋاي ئاكا،ھازىر قىزلار ئەگە تىگىۋالغۇچە بۇۋۇم بولىۋالىدۇ.قاراپتۇر ئەتە-ئۆگۈن بۇنىڭ باش ياغلىقنىمۇ،نامىزىنى كۆرەلمەيسەن،دىگىنىگە ھەيران قالغانتىم.دەرۋەقە راست شۇنداق بولدى.خوتۇن باشقۇرۇشتا ھەرگىز ئاكامنى دورىمايمەن دىگەن بۇ ئىنىم،ئايالىنى ئۆيدىن چىقماي ئىككى ۋاخ تاماق ئىتىشكە،سىڭلىسى،ئىنىسىنى بىرگە ئۆيدە تاماق يىيىشكە ئورۇنلاشتۇردى.ئۆز يۇرۇتنىڭ قىزى تۇرۇپمۇ سىڭلىمنىڭ «قېينى ئانىلىقىغا» چىدىيالمىغان بۇ كىلىنچەك،يېرىم يىل بولا-بولماي «تۇغىمەن»دەپ يۇرۇتقا كىرىپ كەتتى...ئىشلەۋاتقان سىڭلىم قېرىنداشلىرىنىڭ تامىغىنى ئىتىپ،كىرىنى يۇيۇپ،ئىشقا بىرىپ-كىلىپ تېخىچە بويتاق ئۆتىۋاتاتتى.سىڭلىمغا مەن،دوستلۇرۇم،ئايالىم،قېينى ئاپاملار تاپقان بىزلەرگە يارىغان خېلى تۈزۈك مۇسۇلمان بالىلارنى«ئاتۇشلۇق ئەمەسكەن،چوڭ چىرايكەن، گىپى جىقكەن،كۆزى كىچىككەن،تاماكا چىكىدىكەن،ھاراق ئىچىدىكەن،قوسىغى يوغانكەن،ئاغزى بىزەپكەن...»دەپ،بىز تاپقاننى بۇ ياراتماي،ئىشقا ئۇدۇل بىرىپ،ئۇدۇل كىلىپ،خەق بىلەن ئارتۇقچە باردى -كەلدى قىلمىغاچ «يارايدىغاننى»يا ئۆزى تاپالماي،توي قىلغان دوستلىرىنىڭ قاخشاشلىرىنى ،يىغىسىنى ،باش ئاغرىقلىرىنى كۆرۈپ ،تېخىمۇ توي قىلىشىن قورقۇپ قالغانتى.ئاپاممۇ ماڭا نەچچە قىتىم:سىڭلىڭنىڭ كۆزىگە كىرىۋالما،مۇشۇ يۇرۇتتىكى قىزلارمۇ ئاۋال خىزمەتكە چىقىۋالىمىز، بىر،ئىككى يىل مۇئاشنى ئىلىۋالىمىزم دەپ توي قىلمايۋاتىدۇ.سىڭلىڭ تېخى كىچىك 30غا بارمىسا،سىڭلىڭنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن،دىگەنتى.دادام:مەن بۇ قىزلارنىڭ ئىشىنى بىلمىدىم-بالام.مۇشۇ ئاپاڭ قىزلارغا ئىگە،مىنىڭ ئوغۇللۇرۇم يۇمشاقباش بولسىمۇ ئۆيلۈك-ئوچاغلىق بولىۋالدىڭلار.ئەمدى كىچىگىنى ئۆلىسەم ۋەزىپەم تۈگىدى، دەيتى.         ئەمەلىيەتتە،بىچارە ئىنىم توي قىلىشنىڭ  ئالدى-كەينىدە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن باش ئاغرىقلىرىنى تارتقانتى.ئۆي تۇتۇپ يېرىم يىل بولا -بولمايلا چاچلىرى مىنىڭكىدىن بەتەر چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ،چوڭ-چوڭ باش ئاغرىقلىرىنىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىگىنى ئۇ بىلمەيتى.خوتۇن ئالغاننىڭ،ئۆي تۇتقاننىڭ دەردىنى تېخى مەنچىلىك تارتمىغانتى. ئىككى بالىلىق بولغان مىنىڭمۇ باش ئاغرىقلىرىم ھازىرمۇ  تۈگۈمەيۋاتسا.نىمىشقىدۇر ئۈرۈمچىگە ئۇ بۇ ئىش بىلەن كىلىپ،ئۆيىمىزدە پەتىلەپ كەتكەن،ياكى  نەچچە كۈن تۇرغان تۇقانلىرىمىزغا،خۇشنىللىرىمىزغا،يۇرۇتداشلىرىمغا ياراپ،ماختاشلىرىغا، رەھمەتلىرىگە نائىل بولالىغان بۇ خوتۇنۇم ،ئاتا-ئانامنىڭ،ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ ھىچ بىر كۆڭلىنى ئالالمايۋاتقان بولۇپ، مىنى«ياخشى گەپ،ياخشى ئىشنى ئاۋال ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى،قېرىندىشى،بالىللىرىغا قىلىش كىرەك ئىدىغۇ،خوتۇن»دىگەن قاراشقىمۇ كەلتۇرۇپ قويغان ئىدى.ماڭا بۇ خوتۇن بارغانسىرى ئىككى بالىنى تۇغىۋىلىپلا بوينۇمغا مىنىۋالغاندەك،بۇرۇنقى قىلغان -ئەتكەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئىلىۋاتقاندەك،ھەسىلكام ئاچچىق،ئامۇتى تاتلىق دەۋاتقاندەك،نامازخانمەن كەڭ قوساق بولاي،ئەپۇچان بولاي،مۇلايىم بولاي دەپ ئۆزەمنى تۇتىۋالغانسىرى ھەددىدىن ئىشىۋاتقاندەك،ئائىلىمىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قېينى ئاپاممۇ تۇتاشتۇرۇقتەك ...بىلىنىپ،مىنىڭ تالاي قىتىم«سەن دادام-ئاپامغا ،ئىنى-سىڭىللىرىمغا چىن يۈرۈكۈڭدىن ياخشى مۇئامىلىدە بولساڭلا،مىنى ھۆرمەتلىمىساڭمۇ مەيلى...»دىگىنمدە،ئۇنىڭ،-خەق ماڭا قانداق بولسا،مەنمۇ خەققە شۇنداق بولىمەن....دەپ،تۇمشۇقىنى سۆزۈپ،بۇرنىنى مىشىلدىتىپ،كۆزلىرىنى ئالايتىپ،بىرنى دىسەم بىرنى دەپ تەڭ تۇرۇشلىرى،مىنى ئاخىر بۇرۇنقى پەدەمدە يەنە خوتۇننى ئۇرۈپ-تىللايدىغانغا مەجبۇر قىلغانتى.دادام-ئاپاملار:يامان خوتۇن ئوغلۇمنى باشقۇرىۋالدى،ئىسسىتىۋالدى،پۈلىغا ئىگە بولىۋالدى،دىسە، سىڭىللىرىم:ئەر كىشىنى ئۆي ئىشىغا سالىدۇ،ئاكامنى لاتا قىلىۋەتتى،بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ،دەيتى.مەن بۇ ئۆينىڭ تۈگۈمىگەن باش ئاغرىقلىرىدىن ئاجرىشىپلا قۇتۇلاي دىگەن ئويغىمۇ رەسمى كەلگەن ئىدىم.ئاخىرى،بىز ئىككى بالىنىڭ يىتىم بولۇشىغا قارىماي ئاجراشماق بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە ئىشەنمەي،كىلىشەلمەي  سوتقا ئاجراشقىلى باردۇق.خەت ئالىدىغانلاردىن تولاراق،ئاجرىشىىغانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن زالدا 4،3دوستلىرىمىز ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولدى.بىزنى،بولۇپمۇ مىنى قاتتىق ئەيىپ قىلدى.ئۇلار مىنى قېينى ئاتام -قېينى ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە باشلاپ ئەككىرىپ،مەن ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى، ماڭا چاي تۇتقۇزدى.شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئۆيىمىز بۇزۇلماي، بالىللىرىمىز يىتىم بولماي،شۇنداق ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ كىتىۋاتقانتۇق.شۇڭا،ئەر-ئاياللار ئاجرىشىش ئىشىدا يىنىكلىك قىلمىغان،ئاتا-ئانىلار،ئۇرۇق-تۇققانلار،دوس-يارەنلەر بىلەن بار مەسلىھەت ئىش قىلغان ياخشى ئىكەن دەپ قالغانتىم.كىيىنچە،ئىنمىغا ئۆز يۇرۇتتىن-بوسۇغىدىن قىز ئىلىپ بىرىپمۇ كۆرگەن دادام-ئاپام،ئىنى-سىڭىللىرىم ئەمدى ئايالىمنى ياخشى دەيدىغان،مىنى ئۆيۈڭنى ئوبدان تۇت،بالاڭنى دەرقەمدە باق،قېيى -ئاتاڭ،قېينى-ئاپاڭنىڭ خىزمىتى ئوبدان قىل دەيدىغان بولدى.مەنمۇ ئەمدى «ئۇھ»نى ئېيتىپ،چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەي،ئايالىم ۋاقىرسىمۇ گەپ قىلماي،بەرگەن پۇلىنى خەجلەپ،ئىلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيىپ،بالا بىقىپ،ئارتۇق«دوست»لارغا ئارلاشماي،جامائەتنى تاشلىماي،خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەپ،ئىتىپاغلىقنى سۆيۈپ ئۆتۇپ،ئىللىق ئائىلىنىڭ پەيزىنى ئەمدى ھىس قىلىشقا باشلىغانتىم...

0

تېما

0

دوست

1432

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21623
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 16:47:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى قاچان داۋاملاشتۇرسىلكىن تىماڭلىنىڭ ؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )