قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: yaqup

ئارزۇ-ئامانلىرىم بىر-بىرلەپ كۆپۈككە ئايلىنىۋاتامدۇ-قانداق؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5531

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1708
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 10:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزپسىز ،،،،،،

0

تېما

0

دوست

1559

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6624
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 417
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 11:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى ئاخىرى ؟ بەك ياخشى يىرىگە كەپسىز جۇمۇ ................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

1

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 16:56:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 05:04  

        بىز ئەتىگەنلىك ناشتىنى،تۈنۈگۈن دىيىشىپ قويغىنىمىزدەك ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە قىلغۇمىز كەلمىدى.بايا ئۇنىڭدىن تېلفۇن كىلىپ:قانداراق ئۇخلاپتۇق.ئايالىم ساقلاۋىتىپتۇ ئۆيگە كىلىشمەملا.ئۆيدە چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ تۇرساڭلار ،ئاڭغىچە باشلىق چىكىتىدا،مەنمۇ ئىشتىن يانىمەن،دىۋىدى،خوتۇننىڭ تولا كۆز قىسىشى بىلەن ئۆزەمنى تۇتىۋىلىپ:ئوبدان ئۇخلاپتۇق-ئاداش.سەنمۇ ئىشىڭنى قىلىۋەر.ئايالىڭغا دەپ قوي،بىز پەستە ناشتىلىق قىلىمىز.ئاقتۇغا بارالمايمىز،ئەنۋەرنى ئاۋارە قىلما دىگەنغۇ؟يەنە نىمە بولدى؟.ئۇ ئەنۋەرنىڭ كىلىشىمىزدىن بۇرۇنلا خەۋرى بارلىغى،ئەنۋەر چۈشەيما دىسە،بىز چىقىمىز دەپ ئۇنىمىغانلىقى،تەييار ماشىنا تۇرسا نىمە غەم يەيدىغانلىقىمنى دەپ،خاپا بولدى.زۇنۇققا تېلفۇن قىلسام ئالمىدى دەپ، ئاغرىندى.
      ئايالىمنىڭ نامازدىن كىرىشىمگە باشلىغان قاخشاشلىرى ئازدەك،قول يۇيۇش ئۆيىدە بۇلۇڭدا تۇرغان چاشقاننىڭ ئۆلىكى ئۇنى قورقىتىۋەتتى.چىقىراپ بالىلارمۇ ئويغۇنۇپ كەتتى.مەنمۇ يا بالدۇراق كۆرمەپتىمەن.ئايالىمنىڭ زۇۋانى ئىچىلىپ كەتتى:زادى سىىنىڭ ئۆپكەڭ يوق.تۈنۈگۈن ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ياتاقنى ئوبدان كۆرۈپ باقماي،دەپ مىنى ئەيىپلەيتى.بالىلارنى كىيىندۈرۈپ،نەرسىلەرنى سىلكىشلەپ چامىدانغا مىختىدى.مەن مۇلازىمغا ئاچقۇچنى تاپشۇرپ،قاخشاپ،بۇ خىنىمنىڭ خىجىل بولماي ھېجىيىپ تۇرۇپ «مىھمانخانىمىزغا يەنە كىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز»دىگەنلىرىگە پىسەنت قىلماي چىقىپ كەتتۇق.كۆڭۈلدىكىدەك ناشتا قىلىدىغان يەرنى ئىزدىدۇق.بۇ ئەتتىگەندە مىھمانخاننىڭ ئوڭ بىقىنىدىكى تىز تاماقخانىدىن بۆلەك ھىچقايسىسى ناشتىلىق چىقارمايدىكەن.بىز چىرايلىق بىزەلگەن،چوڭ، پاكىزە بۇ ئاشخانىغا چوڭ سالام بىلەن كىرىپ، خىزمەت كومپىيۇتېرىنى سۈرتىۋاتقان،كىلىشكەن،رەتلىك كىيىنىۋالغان خوجايىننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاماق ئۈستىلىگە كىلىپ ئولتۇردۇق.ئايالىم تاماق تىزىملىكىنى بىر ھازا ئۆرۈپ-چۆرۈپ،ئاتۇشتا پەتىلەيدىغان  ئۆيلەرنىڭ كۆپىكىدە 50كويدىن،100كويدىن بىرىپ خېلى پۇل كەتكەنلىكىنى دارىتمىلاپ:پۇلنى ئەمدى تىجەشلىك بىلەن قاراپ خەجلىمىسەك، ئۈرۈمچىگە كىتەلمەيمىز،دىدى.لەغمەن يەيمەن،پولو يەيمەن،ھورنان يەيمەننىڭ  جدىلىنى قىلىۋاتقان بالىللىرىمنى:ئەتىگەندە كۆڭلەڭلىگە تىگىدۇ، دەپ پەپىلەپ،كۈتكۈچى ئايرىم سەي چىقارمايمىز دىگەنلىكتىن،لەغمەننىڭ  سىېيىدىن بىر تەخسە قورۇتۇپ،بولاق مانتىدىن سەككىزنى،ئىككى قاچا قايماق چاي بۇيرۇتۇپ ئوبدان ناشتا قىلدۇق.مەن بىرىپ خوجايىنغا 100كوي تاپشۇرۇپ،ئاشقان پۇلنى يانچۇغۇمغا سىلىپ،جايىمغا كىلىپ ئولتۇرىشىمغا،باياتىن تاماق تىزىملىكىگە قاراپ مانتا بىلەن قايماق چاينىڭ پۇلىنى ھىساپلاپ،بىر تەخسە سەينىڭ پۇلىنى 8كويمىكى دەپ تەخمىن قىلىپ ئولتۇرغان ئايالىم،ماڭا قايتۇرۇلغان پۇلنىڭ ئازلىغىنى بىلگەندەك:لەغمەننىڭ سىيىنى قانچە پۇل ھىساپلىدىڭىز،دەپ سورىدى.20كوي،-دىدى خوجايىن.ئايالىمنىڭ ئاچچىغى كەلدى:مۇشۇ 20كويلۇق سەيمۇ؟،ئۈرۈمچىدە 20كويغا خېلى ئوبدان سەي چىقىرىپ بىرىدۇ، دىدى.-سىلى ھازىر قەشقەدە-خىنىم.مەن ئايالىمغا:ئەركىشى بولغاندىكىن مەن گەپ قىلاي-خوتۇن،دەپ ھاي-ھايلىدىم.ناھەق ئىشقا چىدىمايدىغان،ئادەمدىن يانمايدىغان خوتۇنۇمنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلەتتىم.مەن خوجايىنغا:بىر تەخسە لەغمىنىڭ نەچچە پۇل؟،دىسەم،ئۇ:ئۆي لەغمىنى 8كوي،گۇيرۇسى 12كوي،دەيدۇ.بىزگە قورۇپ بەرگەن سىيىڭلار گۇيرۇما،-دىسەم، ياق،-دەيدۇ.ئۇنداقتا 8كويلۇق لەغمەننىڭ خېمىرى قانچە پۇل،- دىسەم، خېمىرىنى ئايرىم ساتمايمىز،-دەيدۇ.ئۈنىڭغا يايپاڭ تەخسىدىكى بۇ سېيى جىق كۆرۈنۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ.ئۇ سەي قورۇغان ئۇستامنى چاقارتىپ:ماۋۇ خېرىدارلارغا قانچە پۇللۇق سەي قورۇدۇڭلار،دەپ سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرى 6كوي بويۇنچە ھىساپلاپ ئارتۇغىنى قايتۇرۇپ بەردى. يوغان شەدىن كەلگەن مىھمانلار ئىكەنسىلەر،خاپا بولاشماي مىڭىشالا،دەپ تەنە قىلدى.
        بىز ئاۋال ئۇدۇلدىكى ئوردا مىھمانخانىسىدىن ياتاق ئىچىپ،نەرسىللىرىمىزنى قويۇپ،ئاندىن چىقىپ ئوردا ئالدى بازارنى چۆگلىدۇق.نەرسىلەر ئالدۇق.ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاخىرى ماقۇل بولۇپ ئاقتۇغا ماڭدۇق.پۇل قاپچۇغىنى ئۆيىدە ئۇنۇتۇپ قالغان ئاغىنەم،قاسقان شەپكىسىنى ئۇنۇتمىغان ئىدى.بۇ باجگىر بۇرادىرىم بەك ئەقىللىق.ئاشخانا،مىھمانخانا،تاللا بازىرى ئاچىدىغانلارنىڭ «كۆڭلى»نى ماڭا ئوخشاش ساۋاقداشلىرى،دوستلىرى كەلگىچە ساقلاپ قويىدۇ-دە،ئادەمگەرچىلىكتە خەقنى قەرىز قىلىۋالىدۇ.بىزگە بىكارلىق ياتاق ئىچىپ،بىكارلىق ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىپ ئۆتكۈزىۋالىدۇ.مەنغۇ ئالدىن دەۋالدىم:ئاداش ئۈرۈمچىدە ئۆيدە قوندۇرمايمەن.ياتاق ئىچىپ بىرەلمەيمەن.ماشىنا بىلەن ئالدىڭغا چىقالمايمەن.شۇڭا ئارتۇق جۇۋاپ كەتمىگىن،كۆڭۈل قەرزىڭنى قايتۇرالمىسام يامانلايسەن.مانا،كاللىسى ئىشلەپ،چۈشلۇك،كەشلىكنى ئاقتۇدىكى بۇرادىمىزگە تاپشۇرۇق  قىپتۇ.دىگەندەك ئاقتۇدىكى ساۋاقدىشمىز ئاتايىن قوي سويۇپ،نەچچە خىل تاماق قىلىپ ئاۋارە بولدى.ئۇ ئادىشمىنىڭ ئايالى بەك پاكىز، تاماققا ئۇستا،ئۆي-ئىشىغا چاققانكەن.لىكىن،بۇ ئادىشىم بالىللىرىنىڭ گىپىنى ئۇقالماي قېينىلىپ قاپتۇ.بۇ يەردە ئۇيغۇرچە مەكتەپ يوق ئاداش،-دەيدۇ.ئاقتۇدىن ياناشىمىزدا يولدا تەكشۇرۇش قاتتىق بولدى.ھەر نىمە بولسا ماۋۇ دوستەكنىڭ قاسقان شەپكىسى ئەسقاتتى.ئۇنى ئەجەپ شەپكىسىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا قويىۋالىدىكەن دىسەم، بۇ يەردە قاسقان شەپكىنىڭمۇ يۈزى چوڭ ئىكەن ئەمەىسمۇ.تېخى بۇنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىمۇ يوقمىش.ئۇ ماشىنا بىلەن  ئايلاندۇرۇپ،شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرلىرىنى كۆرسەتتى. تار كوچىلار يوقۇلۇپ،يوللار كەڭرىپتۇ.كەپە ئۆيلەر چىقىلىپ،بىنا ئۆيلەر چۈشۈشكە باشلاپتۇ...
       ئەتىسى ئەتىگەندە چوڭ بىكەتكە بىرىپ،ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ قاغىلىققا ماڭدۇق...

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 18:15:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




بەزىلەر تۇنجى خىزمەت تۇنجى مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ، ياكى جاپالىق بولىدۇ ياكى بەخىتلىك دىيىشىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ تۇنجى خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ باشقىچە بىرخىل ھېكايىسى بولغان بولىدۇ.سىز ئۇلارنىڭ ھازىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى قىياس قىلالمايسىز. ياپونىيەلىك ماگىنات تاداشى ياناينىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا دادىسى بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا تېپىپ بەرگەن خىزمەت. شىياڭگاڭلىق ماگىنات لى جىياچېڭ ئىلگىرى مەكتەپتىن توختاپ قېلىپ جەمىيەتتىكى ناتونۇش كىشلەر توپىغا سىڭىپ كەتكەن...ئەمىلىيەتتە كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بولغىنى باشلىنىش بولماستىن بەلكى بۇرۇلۇش. كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئۆز قولىدا تۇتقۇچى باشقىلار ئەمەس، بەلكى ئۆزى.
تۆۋەندە بىز بىرلىكتە « مۇتھەم درېكتور» لارنىڭ تۇنجى خىزمىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.



تاداشى ياناي ياپونىيەلىك كارخانىچى، 2009-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيەدىنى بىرىنچى بايغا ئايلانغان، زەنجىرسىمان كىيىم-كېچەك دۇكىنى UNIQLO غا تايىنىپ تىجارەت قىلىدۇ، ۋاسېدا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 2009-يىلى خۇسۇسىي بايلىقى 570 مىلىيارد ياپونىيە يىنىگە يەتكەن. 2013-يىلى فۇربېسنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مىلىيارد ماگىناتلار رېتىدە 66-ئورۇنغا تىزىلغان.
تاداشى ياناينىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا دادىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرگەن خىزمەت بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ مىدىئالارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، دادىسى ئۇنىڭ «تېخىچە نىمە ئىش قىلىشنى قارار قىلمىغانلىقى»نى ئاڭلاپ، دەرھاللا«Jusco غا بېرىپ ئىشلە» دىگەن. ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتا تاداشىنىڭ دادىسى دوستلىرى بىلەن بىرگە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، پارچە سېتىش كەسپىتىن Jusco دىكى مۇھىم ئەربابقا ئايلانغان، دوستلىرىنىڭ ئوغلىمۇ Jusco دا خىزمەت قىلىدىغان بولغانلىقتىن، تاداشىمۇ Jusco غا كىرىپ دادىسىغا ياردەملەشكەن.
تاداشى ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمىتىنى ئەسلىگەندە، خىزمىتى باشلىنىپلا ئاشخانىنىڭ سېتىش بۆلىمىگە تەقسىملەنگەنلىكى، ئاساسلىق خىزمىتىنىڭ ئىسكىلات ۋە سېتىش ئورنى ئارىسىدا مال تولۇقلاشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىن ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى سېتىش خىزمىتىگە يۆتكەلگەن، ئۇ تۇنجى قېتىم كىيىم ساتقاندا قارىسىغا سۆزلىگەن.









ئىنامورى كازو 27 يېشىدا فارفور شىركىتى قۇرغان، 52 يېشىدا ئېلىكتېر شىركىتى KDDI نى قۇرغان، بۇ ئىككى شىركەت دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرگەن. ئىنامورى كازو « كارخانا تىجارىتى پىشىۋاسى» دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىنامورىچە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش فورمۇلىسى: كىشلىك ھايات\\خىزمەت نەتىجىسى= تەپەككۇر شەكىلى × قىزغىنلىق × ئىقتىدار. ناۋادا سىز ئىنامورى كازونىڭ تۇنجى خىزمىتىنى چۈشەنسىڭىز، سىزدە ئازراق ھېسداشلىق بولىدۇ.
ئىنامورى كازو ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولغان، كۆڭلىدىكى مەكتەپكە ناھايىتى تەستە كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ۋاقىتتا دائىم شاللىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا توكيودىكى بىر كىچىك شىركەت بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئادەمنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، مائاشنى ھەمىشە كىچىكىپ تارقاتقان ھەم مۇكاپات يوق.






لى جىياچېڭ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ باي جۇڭگولۇق مۇھاجىر، چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىك گوروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى. لى جىياچىڭ بۇرۇنلا مەكتەپتىپ توختاپ قېلىپ جەمىيەتكە سىڭىپ كەتكەن. لى جىياچېڭنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا تاغىسى جۇاڭ جېڭيەننىڭ جۇڭنەن سائىتى شىركىتىدە چاي دەملەش، يەر سۈپۈرۈش قاتارلىق ئىش بولغان.






ساۋ دېۋاڭ فۇياۋ ئەينەك گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى، لىدىرى. ساۋ دېۋاڭ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات، پۇل بولمىغانلىقتىن، دائىم يەيدىغانغا بىر ۋاق تاپسا بىر ۋاق يوق دىگۈدەك چوڭ بولغان، توققۇز ياش ۋاقتىدا ئاندىن مەكتەپتە ئوقىغان، 14 ياش ۋاقتىدا مەكتەپتىن توختاپ قالغان، مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئانىسى ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرىتىدىن بىر كالا بېقىشنى ئىلتىماس قىلغان، ساۋ دۋاڭ كالا بېقىش خىزمىتى قىلغان.





زوڭ چىڭخو خاڭجۇ ۋاخاخا گوروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى. زوڭ چىڭخونىڭ جەمەتى نام چىقارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بوۋىسى جاڭ زولىنننىڭ قول ئاستىدا مالىيە مىنىستىرى بولغان، ئاتىسى گومىنداڭ ھۆكىمىتىدە ئەمەلدار بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئائىلىسى نامراتلىشىپ كەتكەن. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، زوڭ چىڭخو جۇشەندىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇز كولاش، تۇزنى ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان.





مايۈن جۇڭگودىكى داڭلىق كارخانىچى، ئالى بابا گوروھى، تاۋباۋ تورى، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1988-يىلى مايۈن خاڭجۈ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنڭ چەتئەل تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاڭجۇ ئېلىكتىر سانائىتى ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ ئېنگىلىز تىلى ۋە خەلقئارا سودا ئوقۇتقۇچىسى بولغان.
مايۈن ناھايىتى تېزلا خاڭجۇدىكى مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغان، شىخۇدىكى تۇنجى ئېنگىلىز تىلى كورنىرىنى باشلاپ، خاڭجۇدا تەرجىمانلىق ساھەسىدە نام چىقىرىشقا باشلىغان.





چېن تىيەنچىياۋ شېڭدا تور شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارى. 1993-يىلى چېن تىيەنچىياۋ ئالاھىدە ئەلا نەتىجىسى بىلەن مۇدەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئۇنۋېرسىتىتنى پۈتتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئون ئايغا سوزۇلغان خىزمەت تاپالماسلىق «سۈكۈتى»نى كۈتىۋېلىپ، ئارقىدىن چېن جىيازۈي گوروھىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا ھەركۈنلىكى بىر كىچىك ئۆيدە گوروھنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئونى قويۇش بولغان، بىر قويۇشقا باشلاپ ئون ئاي قويغان.





ۋاڭشى ۋەنكې پايچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ھازىر گوروھ مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى. ۋاڭشى 1951-يىلى گۇاڭشى ياڭجۇدا تۇغۇلغان. شىنجاڭدا بەش يىل ماشىنا ئەسكەر بولغان، كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن لەنجۇدا بىر يىل ئىشلىگەن. ئاتىسى ياڭجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى بولغانلىقتىن، ۋاڭشى لەنجۇ تۆمۈر يول ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ دېھقان-ئىشچى ئوقۇغۇچى بولۇپ سۇنى چىىرۋېتىش كەسپىدە ئوقىغان.





رېن جىچىياڭ بېيجىڭ شەھەرلىك خۇايۈەن يەر مۈلۈك پايچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى. رېن جىچىياڭنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا تۈرلۈك ماللار سېتىش بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ تىيەنئەنمېننىڭ ئەتىراپىدىكى بىر پىيادىلەر يولى بويىدىن بىر ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ توپ ۋە پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينى قايتۇرىۋالغان. 1982-يىلى رېن جىچىياڭ يىمەك-ئىچمەك كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىپ، پىلتە قۇيماق ساتقان.





لى شاۋخۇا شىياڭگاڭ خۇادا مەبلەغچىلىك گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى. 1975-يىلى لى شاۋخۇا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىن بېيجىڭغا قوشقا بولغان خېبېي ئۆلكىسى جوشىيەن ناھيىسى يېزا ئەتىرىتىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. 1978-يىلى ئاخىرى بېيجىڭغا قايتىپ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، بىر پەن تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىن قازانغا ئوت قالايدىغان خىزمەت تاپقان، كېيىن سودا بۆلۈمى ئېكىسپورت بىناسىنىڭ ئاسپىزى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لى شاۋخۇا 30 ياشتىن ئاشقان.





ۋاڭ جوڭجۈن خۇايى قېرىنداشلار پايچەك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى. ۋاڭ جوڭجۈن تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا ھەربىي سەپكە قوشۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان، 16 يېشىدا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىر چارلىغۇچى ئەسكەر بولغان. كېيىن دۆلەتلىك ماددىي ئەشيا باش ئىدارىسىدا قوغدىغۇچى بولغان.






شى يۈجۇ جۈرېن گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1980-يىلى شى يۈجۇ پۈتۈن ناھيە بويىچە ئومۇمىي نومۇرى بىرىنچى بولۇپ، ماتىماتىكىدا 119 نومۇر( تولۇق نومۇر 120) نەتىجە بىلەن جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتىتى ماتىماتىكا فاكۇلىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنخۈي ئۆلكىسى سىتاتىستىكا ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان.

3

تېما

1

دوست

3278

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 479
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 18:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئارزۇ-ئامانلىرىم بىر-بىرلەپ كۆپۈككە ئايلىنىۋاتامدۇ-قانداق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-15 18:32  

0

0

تېما

0

دوست

1559

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6624
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 417
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 19:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىۋاتىسىز جۇمۇ
داۋامىنى كۈتىمەن .

18

تېما

4

دوست

5531

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1708
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 19:47:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۇتىمەن ،،،،

0

تېما

1

دوست

724

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   44.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16056
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 20:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ شۇمتىكىم كارامەت: ئانىسى جانۋار بىر ئىشقا زۇرلىدىما بولدى، ئۆيدە يوق! خۇتۇن ئەخمەق يىغلاپ ماڭا تېلغۇن سوقىدۇ: 5سائەت بولدى تاپالمىدىم، دەرھال كەل ساقچىغا مەلۇم قىللى!
مەن دادامغا ،35يىل باشلانغۇچتا مەلىم بوغان،مېنىڭمۇ مەلىمىم -دادامغا تېلاۇن قىلىمەن،
-ھوي تىژلىقما دادا؟
-تىژلىققۇ، ئۆزەڭچۇ؟ نەدە ،ئۆيدىمۇ يا يېزىدىمۇ؟
-ئۆيدە، ئۆزەڭ قانداراق؟ ساۋىيدە كېرىمچۇ؟(ئانام)
- ساقاۋا ئۇ ، ئۆلمەيدىغان ئوخشايدۇ، ھە نىمبولدۇڭ كەچتە تىلفۇن قىپ قاپسەن؟
-شۇ ھىچىش يوق، سېنى قانداراككى دەپ ..
- بالا تاتلىقمىكەن، سەنمۇ ماڭا بالا  جۇما....ما ئاناڭ ئەجەپ ماڭقىسىنى ئېقىتىپ كەتتى، ھې قارا نەۋرەم تېلفۇن قىپتىكەن :ئانام تىللىدى ،مېنى ئىكەت دەپ، بارالماي شۇپۇرلارغا تاپلىغان 50نى ئېلىپ قۇلۇمغا بەدى، تازا ئويناۋاتىدۇ،
-ھى ھىھى شۇ ساڭا ئامراق..
- مەن سەن گۇينى ئۇقۇتقاندا تىللىغانما ؟..ئۇرغانما؟
-...
-ئا خۇتۇنىڭغا دە تەربىيە قىلالمىسا ماڭا ئەۋەتىپ بەسۇن، پەش قىلغانما ئىشما؟
-..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )