40 ياشقا بارا-بارمايلا ئۆتكەن كۈنلەرنى پات-پات ئەسلەپ ،ئۆتمۈشۈمدىكى "تەلەيلىك"چاغلىرىمدىن پەخىرلىنىپ،ھازىرقى بۇ "باش ئاغرىقى"لارغا تەسەللى ئىزلەپ،مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرىۋاتامدىمەن -قانداق؟ھەي... يۇرۇتتىكى ۋاقتىمىزدا ئەتىيازدا ئېغىلنىڭ قېغىنى ئىتىزغا توشۇشتىن،يازدا گال ئوغاقتا بۇغداي ئورۇشتىن،قوتۇر ئىشەكلەردە خامان ھەيدەشتىن،يوغان تاغارلارغا سامان تىقىشتىن،كۈزدە گازىر كىسىپ ئۇۋۇلاپ،قوناق ئۈزۈپ سوقۇپ مەدەك ئايرىشتىن،ئىتىز قىرلاپ سۇ باشلاپ بۇغداي تېرىشتىن،قىشتا ئەتىگەن -ئاخشامدا سايدا قوي باققاندىن باشقا ئانچە-مۇنچە قىلغىلى ئىش يوق بىكارغا نان يىگەن كۈنلىرىمدە دادامدىن "ياخشى ئوقۇ!گۇي"دەپ تەنقىت ئىلىشتىن قاتتىق زىرىككەچ،زادى ياخشى ئوقۇپ،يىراق يەرگە-ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتمىسەم بولمىغۇدەك دىگەن تونۇشقا كىچىكىپ 9-سىنىپقا چىققاندا كەلگەن بولساممۇ،3يىل كىچە-كۈندۈز تېرىشىپ ئوقۇپ، 1992-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،ئاران قىزىلسۇ يىزا-ئىگىلىك دىگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىۋىگە ئۆتۈپتىمەن.مەن بۇ تۈگىمەس دىھقانچىلىقنىڭ جاپاسىدىن،ئاتا-ئانامنىڭ تايىنى يوق ئۇرۇش-جىدىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،يىراق يەر-ئۇرۇمچىگە بىرىپ ئوقۇيمەن دىگەن خىيال بىلەن 11-سىنىپتا قايتا ئوقۇپ،ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ 1993-يىلى دىيارىمىزدىكى مالىيە-ئىختىساد ئىنىستوتىغا ئوقۇشقا كەلدىم... شۇنداق قىلىپ،5يىللىق گۈزەل ئالى مەكتەپ ھاياتى بىرىنجى يىلى كۈنىگە 4 سائەت خەنچە ئۈگۈنۈش،ئاشقان ۋاقىتتا، ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ ئىنگىلىزچە،روسچە،ياپونچە ئۈگۈنۈش كۈرسلىرىغا ئوقتەك قىزىپ قاتنىشىپ (مۇنداق تىللارنىڭ بارلىغىنىمۇ ئىلگىرى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن)،تەسلەشكەندە پوقتەك سوۋۇپ،ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتتى.3يىل كۈنىگە 6سائەت تارىخ،سىياسەت،ئىختىسات،ماتىماتىكا،لوگىكا،پەلسەپە،ئىسىمدە يوق يەنە بىرمۇنچە ئاقماس دەرسلىكلەرنى ئوقۇش بىلەن ئۆتتى.ئاخرقى بىر يىل رەسمى كەسىپ ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن بولدى...ھازىر ئويلىسام ئىسىت بەش يىللىق ۋاقتىم دەپ كىتىمەن.بۇ بەش يىلدا مەن ئوقۇتقۇچىللىرىمنىڭ ئىلھامى،كەپسىز دوستلىرىمنىڭ باشلىشى بىلەن ھاراق ئىچىشنى،تاماكا،ھەتتا نەشە چىكىشنى،ياسسىنىپ يۈرۈشنى،مۇھەببەتلىشىشنى،پۇل بۇزۇپ-چىچىشنى...قىسقىسى جىمى ئەسكىلكنى ئۈگەندىم.بۇ تېخى سىنىپ باشلىغى،پاكۇلتىت رەئىسى،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما ئەزاسى،يۇۋاش،تۈز،مەندەك سەھرالىقنىڭ قىلغان ئىشى.مەن بىلەن تەڭ ئۈرۈمچىگە كىلىپ قاساپچىلىق،باققالچىلىق،يايمىچىلىق قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپنى ئارانلا پۇتتۇرۇپ يۇرۇتتا ئىچىپ -چىكىپ يۈرگەن بالىلار بەش يىلدىلا پۇلنىمۇ ئوبدان تاپتى.ئەڭ موھىمى بالدۇر توي قىلىپ خوتۇننىڭ،ئۆينىڭ راھىتىنى كۆرۈپ،مەسچىتنى تىپىۋىلىپ ھەممە يامان قىلىق،يامان خۇيدىن ئۆزىنى تارىتىشقانتى.مەن بولسام بەش يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىدا يا كەسپنى تۈزۈك ئىگەللىمەي،يا جەمىيەنى چوڭقۇر چۈشەنمەي،يا مۇھەببەتنى تولۇق بىلمەي ئۆتۈپ كەتتى.خەنزۇ تىلىدا دەرىس ئۆتۈشنى دەسلەپ تەشەببۇس قىلغان ھەم باشلامچى بولغان مالىيە ئىنىستوتى رەھبەرلىرى، تۇنجى قارار بولغان 1993-يىللىق ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرى،خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالامەت داغدۇغىلىق قىلىۋەتتى. باج ،ج خ ،سودا-سانائەت ،تاشقا سودا،بانكا دىگەندەك ئورۇنلاردىن ئادەم ئالىمىز دەپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ ياكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تىزىملاپ يۈرسە دەسلەپ راست دەپتىمىز،كىيىن ئاڭلىساق ھەممىسى شەكىلۋازلىق بولۇپ چىقتى.ھەر نىمە بولسا 1998-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ خىزمەتكە ئورۇنلىش ئەھۋالى ياخشى بوپتۇ.مىنىڭمۇ ئوقۇش پۈتتۇرۈشكە ئاز قالغانسىرى «يەنە شۇ يەرگە بىرىپ دىھقانچىلىق قىلارمەنمۇ؟،دادام-ئاپامنىڭ جىدىلىنى كۆرەرمەنمۇ؟،دىھقاننى قاخشىتىپ يىزا كادىرى بولارمەنمۇ؟،كىم بىلەنمۇ توي قىلارمەن؟ئۈرۈمچىلىك مۇھەببىتىمدىن ئايرىلارمەنمۇ؟...»دىگەن خىياللار بىلەن پاچاققا پىت چۈشۈپ،خاتىپ پۈشتىدىن بولغان يۇرۇتداش چوڭ بىر باشلىقنىڭ دىرىكىنى قىلىپ،دادام بىلەن ئاكىسىنىڭ كۆڭلى يىقىنلىغىنى پەش قىلىپ خىزمەتنىڭ يولىنى مىڭىپ قويغان بولساممۇ تېخىچە خىزمەتتىن ھىچ خەۋەر يوقتى.كۈندە بىر-ئىككىدىن ساۋاقداشلىرىمنى يىغا-زارە بىلەن ئۇزۇتۇپ ئۈنۈممۇ پۇتۇپ كەتتى.بىر كۈنى كۆڭلۇم يېرىم چىملىقتا خىيال سۈرۈپ ئوڭدا ياتسام ،بىرى كىلىپ مىنى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىزدەۋاتقانلىغىنى خەۋەر قىلدى.يۈگرەپ كىرسەم ،ۋاھ ...ئۇ چاغدىكى خۇشاللىغىمنى ئۇنۇتالمايمەن.ئۇلار ماڭا ئىككى تال چاقىرىق قەغىزىنى كۆرسىتىپ بىرىنى ئىلىشنى دىمەمدۇ،ئەلۋەتتە خەلق ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن چاقىرىقنى ئالىمەن-دە.چاقىرىقنى ئالدىم تىزىمغا ئالدۇرغىلى خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا چاپتىپ،يولدا يەنە ئىككىلىنىپ ئۇنداق يەردە ئىشلەشكە ھىچ رايىم يوق ئۇدۇللا ماڭا خىزمەت ھەل قىلىپ بەرگەن يۇرۇتداش باشلىقنىڭ يىنىغا بىرىپ ئەھۋالنى دىۋىدىم ،ئۇ كىشى قايسى بىر رەئىسنىڭ ئىككى بالا لازىم دىگەنلىكىنى،مىنىڭ ئۇ يەرگە لايىق ئەمەسلىكىمنى،خالىسام رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىگە بارسام سامىڭ دىگەن كىشىنىڭ ئوبدان يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىققىنى ئېيتىپ مەسلىھەت-بۇيرۇق بەردى.مەن ئۇچۈن قانداق خىزمەت بولۇشىدىن موھىمراقى ئۈرۈمچىدە قىلىش بولغاچقا نېرى-بىرىسىنى ئويلىمايلا ماقۇل دەپ مەكتەپكە قايتىپ بىرىپ يەنە بىر چاقىرىقنى ئىلىپ رادىئو-تېلىۋىزىيە نازارىتىگە بىرىپ تىزىملاتتىم.8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەل دىدى ماقۇل دەپ ياندىم.ئاۋال دادام-ئاپامغا تېلفون قىلىپ ئۇلارنى خۇش قىلىۋەتتىم.ئاندىن مۇھەببىتىمگە تېلفون قىلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىۋەتتىم.ئاڭغىچە بىر-ئىككى قىتىم كۆرگەن يۇرۇتداش ئەركىن ئاكامنى دوستلىرى بىلەن ئۇچرۇتۇپ،ئۇلارغا خۇشاللىغىمنى ئېيتىپ بەرسەم ،ئەركىن ئاكام مەندىن ئۆتە خۇشال بولۇپ (مىڭ قىلمىسا يۇرت بالىسى،جۇما!) يىنىدىكى دەل تېلىۋېزىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان دوستلىرىنى تونۇشتۇردى.ئۇلارمۇ مىنى قىزغىن قارشى ئالغان بولدى.گەپتىن گەپ چىقىپ بۇ بىر ئايدا ئۆيگە كەتمەيدىغان،مەكتەپتە يىتىپ-قوپىدىغان خىيالىمنى دىسەم ئەركىن ئاكام ئۆيدىكىلەر ئاتۇشقا كىتىپ ئۆيدە يالغۇز تۇرىۋاتقان بولۇپ بىرگە تۇرسام بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئاچقۇچتىن «مە» دەپلا بىر تال بەرمەسمۇ،مەنمۇ تۈزۈت قىلماي «ئەككە»دەپ ئاچقۇچنى ئىلىپ مەكتەپكە بىرىپ قالدى ساۋاقداشلىرىم بىلەن خوشلۇشۇپ،يوتقان-كۆرپەمنى تاكسىغا بىسىپ،19-باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدىكى ئەركىن ئاكامنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئورۇنلىشىۋالدىم.بىر ئايمۇ توشتى،نازارەتكە كەلسەم مىنى راديو ئىستانسىغا بولمەك بولغان ئىدى پۇلى ئاز دەپ ئۇنۇمىسام، سىملىق تېلىۋېزىيە ئىستانسىغا بۆلۈپ بەردى.سىملىق تېلىۋېزىيە ئىستانسىغا كىلىپ تىزىمغا ئالدۇردۇم.ئۇلار مىنى 6 ئاي ھەر قايسى بۆلۈمدە پىراكتىكا قىلىسەن دەپ ئاۋال ئىشخانا دىگەن بۆلۈمدە ئىشقا چۈشتۈم.كۈندە تالىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىشىم يەر سۈپۈرۈش،قايناق سۇ توشۇش،خەت-چەك رەتلەش،خەت ئۇرۇش،خەت كۆپەيتىش بولدى. نەچچە كۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرچە تەھرىر بۆلىمىدە ئاۋاز بىرىدىغان ئىمىنجان ئەلى قاتارلىق بىر توپ بالىلار بىلەن تونۇشۈپ،ئىدارە ئىچىدىن ياتاق ھەل قىلىپ كۆچۈپمۇ كىلىۋالدىم. 10-ئايغا بارغاندا بىراقلا 3ئايلىق مۇئاشقا قوشۇپ بايراملىق پۇلنى بىراقلا بەرگەنتى تۇنجى بولۈپ ئاپامغا كىر يۇيۇش ماشىنىسى ئىلىپ بىرىپ يولغا سىلىۋەتتىم.قەرىزلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئاشقان پۇلغا چاقۇرغىدىن بىرنى ئالدىم.كۈنلەر ئەتىگىنى قوپۇپ ئىشقا چىقىش (نەۋەت سىملىق ئورنىتىش بۆلىمىدە لەيلەشكە كەلگەن بولۇپ،خەنزۇچە ئۈگۈنۈش قىزغىنلىغىم تولۇپ تاشماقتا ئىدى) ،كەشتە ئىشتىن چۈشۈپ يىڭى ئاغىنىلەر بىلەن توخا قوردىغى يىيىش، ئىچىش،چىكىش،ياتاققا قايتىپ كىلىپ نامازخان ياتاقدىشىمىزنىڭ چىكىلدىشى بىلەنمۇ كارىمىز يوق يېرىم كىچىگىچە نەغمە-ناۋا قىلىش،شەنبە-يەكشەنبىللىرى كىر يۇيۇش،تۈگمىگەن توي-تۆكۈن،ئۇچرۇشۇش(ئەلۋەتتە كونىسى) بىلەن ئۆتمەكتە. ئۈچ يېرىم ئاي بولغاندا 5-قانالنىڭ باشلىقى مەي تەيجاڭ دىگەن كىرىپ:-سىنى بۈگۈن بىزنىڭ 5-قانالغا رەسمى بۆلدى،ئەتە ئاۋازىڭىنىڭ سىناپ باقىلى دىمەسمۇ.مىڭەمگە چىقتى.دىمىسىمۇ بۇ 3ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا مەن بۇ ئىدارىدىكى ئەردۇر،ئايالدۇر كۆپۈنچىسىنىڭ قۇرۇق گەپكە ئامراقلىغى،ئىش ئورنىدا كومپىيۇتېردىگۈل،ئورۇندۇققمۇ ئىگە بولغىلى بولمايدىغانلىغى،مۇئاشىم تۆۋەن بولۇپ ئاتا-ئانامنىڭ «ھا»دەپ تۇرغان ئارزۇلىرىغا ھىچ دال بولالمىغانلىقى،ياتاقتىن،بويتاقچىلىقتىن زىرىكىپ توي قىلاي دىسە ئوي سىتىۋىلىشنىڭ تەسىلىكىدەك بىر تالاي ئاچچىقلار بىلەن قوساق كۆپۈپ تۇرغاندا ماۋۇ مۇئاۋىن باشلىقنىڭ گىپى جىنىمغا تەككەنتى.-ۋاي مەن ئىختىساد ئوقۇغان تۇرسام،بۇ ئاۋازنى قانداق بىرىمەن دىيىشىمنى بىلىمەن،ئۇ ئاداش قوللىرىنى سىلكىشلەپ:-شۇنداق قارار قىلدۇق،ئەتە رەسمى ئىشقا چۈش!- دەپ پىشىنى قىقىپ چىكىتىۋاتىدۇ.ئارقا تېرىكىم تۇرسا نىمىدىن قورقاتتىم مەنمۇ بوش كەلمەي:-ھازىرلا بۇنداق ۋاقىرايسەن،ئەتە-ئۆگۈن خېلى ئىشىڭ بار ئوخشىمامداۋاي،كىم ئىكەن شۇ مىنى بۆلگەن،-دەپ ئۇدۇل لى فامىلىلىك بىرىنجى قول باشلىقنى ئىزلەپ ئۇنىڭغا خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈش ئارزۇسىدا ھازىرقى پىراكتىكا قىلىۋاتقان سىملىق ئورنىتىش قۇرۇلۇش بۆلىمىدە ئىشلىگىم بارلىغىنى دىدىم.ئۇ ماڭا بۇ بۆلۈمنىڭ نازارەتنىڭ بۇيرۇقى بويىنچە 2 يىلدىن بىرى ئادەم قوبۇل قىلمىغانلىقى، پات ئارىدا ئايرىم شىركەت بولۇپ قۇرۇلىدىغانلقى،5-قانالدا ئاۋاز بەرمىسەممۇ،تەھرىر بۆلىمىدە ئىشلىسەم بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ماڭا تەكلىپ-پىكىر بىرىپ ئىچىمنى پۇشۇردى.مەن ئۇنىڭغىمۇ قېيداپ سەن ھەل قىلمىساڭ شۇ نازارەتكە چىقىمەن دىگىنىمچە ئۇدۇل نازارەتكە چىقىپ ھىلىقى چوڭ باشلىقنى ئىزدەپ تونۇشلۇق بەردىم.ئۇ كىشى شۇ ھامانلا لى فامىلىلىك باشلىققا تېلفۇن قىلىپ مىنى دىگەن يېرىمگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن تەيۋەنلىك بىر قېرى كاپىتالىستنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىر سۈرۈش ئارزۇسىدىكى تەكلىۋىگە بىنائەت جۇڭگو قىزىل كىرىس جەمىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىلىق ئاز سانلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش شەرتىدىكى پۈرسەت ماڭا نىسىپ بولغان بولۇپ،11-ئاينىڭ بىشىدا گۇاڭجۇ،شېنجىن،شىياڭگاڭ ئارقىلىق تەيۋەنگە 2ھەپتىلىك زىيارەتكە كەتتىم. زىيارەت داۋامىدا يا ئۇيقىغا قانماي،يا ئۇلارنىڭ گىپىنى ئۇقماي،يا ئويناشنى بىلمەي،ئىچكەن،چەككەن بىلەن يەيدىغانغا كەلگەندە مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ يا تامىغىنى يىمەي،قۇرۇق نان يەپ كۈنۈم قوساقنىڭ غېمىدە ئۆتۈپ كەتتى.شۈنداقتىمۇ ماڭا ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسى ئالاھىدە تەسىر قىلىپ،مىنىڭ تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك قارشىمنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولغانتى.تەيۋەندىن قايتىپ كەلسەم مەن ئىشلىگەن بۆلۈم راست دىگەندەك بۆلەك بولۇپ،سىملىق تېلىۋىزىيە تور شىركىتى نامىدا جاي ئايرىپ كۆچۈپ كىتىپتۇ.مەن دەسلەپ شىركەت ئىشخانىسىدا تۇردۇم.بۇ گۇيلار يا قىلغىلى ئىش بەرمەيدۇ،يا ئولتۇرغۇلى ئورۇندۇق بەرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىشخانا باشلىغى بولمىسىلا ئورنىدا ئولتۇرۇپ كۈنلىرىم ۋىندوۋىس 98 مەشخۇلات سىستىمىسى نەزىريە ئاساسلىرى دىگەن كىتاپنى ئۈگۈنۈپ،پۈرسەت بولسىلا كومپىيۇتېرىدا مەشخۇلات قىلىش،ماكانىم دىگەن تورغا،چ چ غا چىقىپ قۇرۇق پاراڭلىشىش،خەنزۇچە گىزىت كۆرۈش دىگەندەك ئۈنۈمى تۆۋەن ئىشلار بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى... ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىرى ئەجەپ ئۇزۇن،ئەجەپ زىرىكىشلىك،ئەجەپ مەينەتچىك دىسە.شۇ يىلى قارا قىشتا ئاتۇشتىكى ئىنىم گۈلە قاقنى ئۈرۈمچىدە جىق پۇلغا ئالىدىكەن دەپ چىقماق بولغاچ ياتاقنى تارچىلىق كۆرۈپ،ئىمىنجان ئىككىمىز سېرىتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ كۆچۈپ چىقىپ كەتتۇق.ئىنىممۇ چىقىپ يۇرتىمىزدا كىلوسىنى 9كويدىن بەرمىگەن 100كىلوچە گۈلە قاقلىرىنى كىلوسىنى 2 كويغا زورلاپ سىتىپ،ئۇنى دەسمى قىلىپ دۆڭ كۆرۈكتە بالىلارنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى كۆتۈرۈپ سىتىپ،ساتالمىسا تاماكىغا تىگىشىپ،3 ئاي مىنى جىلە قىلىپ ھىچ ئىشنى قاملاشتۇرالماي زىيانلىرىنى ماڭا تۆلىتىپ كىرىپ كەتتى. ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرسام سىڭلىم يولدىشى بىلەن ئوقەت قىلىمىز دەپ چىقىپ،يا يولدىشى ئوقەتنى قاملاشتۇرالمايدۇ،يا سىڭلىم يولدىشىنى باشقۇرالمايدۇ،يا مەن سىڭلىمنى باقالمايمەن دىگەندەك خاپىچىلىقتا يازمۇ كەتتى.ئۇنى ئاز دەپ ئىمىنجاننىڭ دوستلىرى كۈندە دىگۇدەك ئۆيدە يىتىپ قوپۇپ،يەپ-ئىچىپ، سوغۇق سۇدا قازان -قۇمۇش يۇيۇپ،ئۆي تازلاپ جۇلۇغۇمنى چىقاردى.دوستلارنىڭ كۆپلىگىدە ھىلىدىن-ھىلىغا چاقۇرغىلار سايراپ ئويۇن-تاماشالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى،خىزمەتنىڭمۇ قىزىقى يوق،توي قىلاي دىسەم ئۆي يوق،بالىلارنى يولغا سالمىدىڭ دەپ دادامنىڭ تەنىسى،مۇئاشىم ئايدىن-ئايغا يەتمەيۋاتقان بۇ كۈنلەردە ماڭا بىردىن-بىر تەسەللى بولۇپ،ئەتراپىمدا مەكتەپتىكى چاغلاردىنمۇ بەتەرراق پەرۋانە بولۇپ،كۆڭلۈمنى ئىلىشقا تېرىشىۋاتقان ساۋاقدىشىم،پارتىدىشىم،مۇھەممىتىم بولىۋاتقانتى.ھەر قىتىم ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىلىپ توي قىلىشقا كۆزۈم يەتمەي مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكنى قارار قىلىپ،ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئېغىز ئاچالماي قالغان كۈنلەر ئاز ئەمەستى.تېخى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك:ئىجارە ئۆي بولسىمۇ ئولتۇرىۋېرىمىز.ئىدارىڭىزدىن بىر ئېغىز ياتاق بەرسىمۇ مەيلى دەپ كۆڭلۈمنى ياسايتى،كىرلىرىمنى يۇياتتى،كىيىم-كىچەك ئىلىپ بىرەتتى،يانچۇغۇمغا پۇل سىلىپ قوياتتى،كەلگەن ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ يارىشىغىنى قىلاتتى...ئىش قىلىپ بۇ ئاق كۆڭۈل قىز نىمە قىيىنچىلىغىم بولسا شۇنى ھەل قىلىپ كىلىۋاتاتتى... داۋامى بار
|