قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2547|ئىنكاس: 29

سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 11:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز نىمە؟
(باھادىر يىگىت)

   
ھۆرمەتلىك تورداشلار،بىرقانچە كۈنلۈك روزى ھېيت جەريانىدا تۇققانلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم.نۇرغۇن تۇققانلار بىلەن ئىلم توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىم.ھېيتىمىز تولىمۇ كۈڭۈللۈك بولدى.بىر تۇققىنىمنىڭ ماڭا ئېيتقان بىر سۆزى بەك قاتتىق تەسىر قىلىدى.شۇڭا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىشقا كىرىشتىم.
         ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغا ئىكەن چۇقۇم رەببىنى تۇنۇش بىلەنلا قالماي بىلىم ئېگەللەپ ئۆزىنڭ ئىنسانلىقىنى يۈكسەكلىككە كۈتىرىشى كېرەك.بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.لىكىن ئاشۇ بىلىملەرنى ئۆگەنلەرنىڭ زادى مەسئۇلىيتى نىمە؟مانا بۇ تۇققۇنۇم مەندىن سورىغان ۋە ئۆزى جاۋاب بەرگەن سۇئال. ئۇ مۇنداق دەيدۇ.«ھازىر ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر نۇرغۇن.كەسپى مەكتەپلەردە ئۇقۇغانلار مۇ ۋەياكى ھۈنەر ئۆگەنگەنلەرمۇ نۇرغۇن.ئۇنداقتا سىزنىڭچە مۇشۇ بىلىم ھۈنەر ئۆگەنگەنلەر شۇ بىلىمى ۋە ھۈنىرىگە تاينىپ پۇل تېىپ جېنىنى باقسىلاكۇپايە قىلامدۇ؟مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.ئۇلارنىڭ بۇ بىلىمىگە تاينىپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىشى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى مەسئۇلىيتى.قىلمىسا بولمايدىغان ياشاش ئۈچۈن كېرەك بولغان مەسئۇلىيتى.خۇددى ئادەم ياشاش ئۈچۈن تاماق يىگەندەكلا بىر ئىش.»ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچكىرلەپ سورىغىم كەلدى ۋە «ئۇنداقتا ئۇنىڭ يەنە قانداق مەسئۇلىيتى بار؟»دەپ سورىدىم.ئۇ«ئۇ شۇ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىشى ياكى بىرەر كارخانا قۇرۇپ باشقىلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىشى ۋەياكى تىجارەت بىلەن پۇل تېپىپ بېيىسا شۇ بۇلىنى بىرەر يەرگە مەبلەغ سېلىپ  بىر قىسىم ئۇقۇيالمىغان ئاجىز كىشىلەرنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك »دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭ بۇ جاۋابى مىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇردى ۋە قايىل قىلدى.ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىسا بولمايدۇ.ئاللاھ ھەقىقەتەن بەزىلەرگە بايلىقنى بېرىدۇ،بەزىلەرگە ئەقىلنى بېرىدۇ بەزىلەرگە پېقىرلىقنى بېرىدۇ.مۇشۇنداق تەڭشەپ تۇرىدۇ.شۇڭا بايلار سەدقە ئارقىلق نامراتلارنى يۆلەش بەلگىلەنگەن.ئەمدى بىلىم ئىگەللىگەن كىشىلەر بولسا شۇ بىلىمىنى قورسىقىدا سېسىتىۋاتماي ياكى ئۆزى ئۈچۈنلار خىزمەت قىلدۇرماي بىر قىسمىنى باشقىلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىش ياكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋىلىىشىغا ياردەم قىلشقا ئىشلىتش كېرەك. بۇمۇ ھەقىقەتەن توغراھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق ئاڭ بولسا بۇ ھەقىقەتەن مۇسۇلمانداچىلىقنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەتتى. مىللىتىمىزمۇ تىزلا روناق تاپاتتى. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ بىر باي تۇنىشى باركەن.شىركەت ئاچىدىكەن .ئۇ شىركتنى نۇقۇل ئۈزى ئۈچۈن پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئاشۇنداق ئاجىزلارغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنىمۇ ئويلىشىپ ئاچىدىكەن. بۇيىل خوتەنننىڭ كىرىيەدە يەر تەۋرىگەندە ئۇ ھىچقانداق ئاخپارات ۋاستىللىرىغا ئاشكارىلماي ئۆزى مەخسۇس ئادەملەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ يىراق ئىىگىزلىك جايلاردا ياشايدىغان ياشاش شارائىتى ناھايتى ناچار كىشىلەرنىڭ ئائىلىسگە بىۋاستە بېرىپ قىممىتى بىر ملىيۇنغا يېتىدىغان ماددى ئەشيا ۋە پۇلنى ئاپىرىپ بەرگەن ئىكەن.بۇنى شۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرلا بىلىپ قاپتۇ. ھۈكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەرسە ۋاقتىدا جايىغىغا تەككۈزۈشىگە ئىشەنسىمۇ لىكىن ئاخپارات ۋاستىلىلىرىنىڭ توختىماي خەۋەر بىرىشىنى بۇئارقىلىق بۇ خەيرى ساخاۋەت ئىشىنىڭ شىركىنىڭ ئېلانىغا ئايلىنپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن.شۇڭا شۇنداق قىپتۇ. ئۇ يەنە ماڭا «سىز شۇنچە ئۇقۇپ كەلدىڭىز ،خىزمەت قىلىپلا ئۆتسىڭىز بولمايدۇ،ئارا ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزدىن پايدىلنىپ باشقىلارنى يېتەكلەڭ ياكى بىرەر نەرسلەرنى تەتقىق قىلىڭ ،قۇشۇمچە ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىڭ بولسا شىركەت ئېچىپ بىرقىسىم كىشىلەرگە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش جان بېقىش شارائىتى ھازىرلاپ بىرىڭ.بۇنىڭدا سىزنىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيتىڭىز بار.ھەرگىزمۇ مائاشنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كەتمەڭ.بۇ بەك ئېغىر زىيان »دىدى.ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنلۇق پىكىرلىرى مىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدى. بۇ يىللىق رۇزى ھېيت جەريانىدا ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ ئۇتۇقۇم بولدى.شۇڭا مىنىڭچە ھەممەيلەن مۇشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلساق مىللىتىمىز ۋەتىنىمىز تىز روناق تاپقان بولاتتى. مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتىرىلەتتى.ھەممەيلەن ئۆگەنگەن بىلىمىمىزنى خىزمەت تېپىپ جان بېقىش دەپ ئەڭ ئاددى ئېھتىياجنىلا ئويلىشىپلا ئىشلەتسەك ئەلۋەتتە بولىدۇ.لىكىن غايىمىزنى ئىرادىمىزنى مەسئۇلىيتىمىزنى ئائىلىمىزدىن يەنە بىر بالداق كۈتىرىپ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە مىلىلىتىمىزگەقاراتقساق بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىيالايمىز. خىزمەت قىلغاچ ئەدەبىيات ئۇقىساق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانساق ياكى ئاددى يازمىلارنى يېزىپ باشقىلارغا ئۈمۈد ئىشەنچ ئاتا قىلساق،تەبىئى پەن ئۆگەنسەك خىزمەت قىلغاچ  ئارا ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ كىتاپ كۈرۈپ كەسپىمىزنى تەرەققىىي قىلدۇرساق بولسا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانساق مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى يېزىپ مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلۈرسەك،پۇل تاپساق باشقىلارنڭ جان بېقىشىنمۇ ئويلىشىپ بۇنىڭدا ياراتقۇچى ماڭا بەرگەن بايلىق بار ئاجىزلارغا ياردەم قلىشىم كېرەك دەپ ئۇلارنىڭ تۇمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا شارائىت ھازىرلاشقا قۇلىمىزنىڭ كىلىشىچە تىرشساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتىتى ھە. بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ قۇلىدىن نىمە كېلەتتى مەن بىرقانچە ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرسام ياكى بىر ماقالە يېزىپ قويسام مىللىتىم روناق تاپامتى دىمەي بۇنىى بىر مەسئۇلىيەت دەپ تۇنۇش كېرەك.تاما تاما كۆل بولار دىگەن گەپ بار.بۇمۇ دەل ئىسلام دىنىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىش.بۇ قېرىندىشم دىننى ھەقىقەتەن ماھىيتىدىن چۈشىنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە دىنىمىز بىزنى ئەسەبىيلككە ئەمەس بەلكى مۇشۇنداق تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيەلەرگە تەرەققىپەرۋەر ئىشلارغا ئۈندەيدۇ.شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىنى،مۇشۇنداق قلىۋاتقانلارنىڭ بولسا بۇ پىكىرلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ ئۇلارغا ئۈلگە بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.يەنە بىزدە «يىيىش ئۈچۈن ياشىماي ياشاش ئۈچۈن يىيىش كېرەك »دىگەن گەپمۇ بار.قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭلارنى بەرگەيسىلەر.

0

تېما

1

دوست

2480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 792
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 12:51:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پىكىر بوپتۇ،بىلىم ئۇگۇنۇپ ئىشلىتەلمىگەن،جەمىيەتكە.خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۇزەلمىگەن ئادەم كىتاپ ئارتىپ قويغان ئېشەككە ئوخشايدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

5527

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1565
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 12:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن،روزى ھېيتتا خېلى كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپسىز،بالىلارچە پىكىرىڭىزدىن سۆيۇندۇم.

0

تېما

1

دوست

1203

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 13:14:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راڭپىيزىچى قاسساپلىق قىلىۋاتسا

7

تېما

4

دوست

5527

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1565
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 15:15:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-7-31 14:26
ھەي قىزىل كۆز،نىمە دەپ ئاپتۇرنى مەنسىتمىگەندەك گەپ ق ...



سېنىڭ قولۇڭدىن كېلدىغىنى شۇ ئاچچقىلىنىش خالاس، ئامان بول! زىيالىچە تەپەككۇر ئىكەن بۇ دەپ قوي،ھا ھاھا

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 16:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا ئىرادە تىكلەيدىغانلار بەك جىق، ئەمما توردىن چۈشكەندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىرەر ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك نەتىجىلىرى ئۈستىدە شۇ قەدەر تەسىرلىك ئىنكاسلارنى يازىمىزيۇ ئەمما مەن نېمىشقا شۇنداق قىلالمايمەن ئويلايدىغان، ئەڭ مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلەلەيدىغان ئادەم بەك ئاز. مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى.

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 16:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا ئىرادە تىكلەيدىغانلار بەك جىق، ئەمما توردىن چۈشكەندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىرەر ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك نەتىجىلىرى ئۈستىدە شۇ قەدەر تەسىرلىك ئىنكاسلارنى يازىمىزيۇ ئەمما مەن نېمىشقا شۇنداق قىلالمايمەن ئويلايدىغان، ئەڭ مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلەلەيدىغان ئادەم بەك ئاز. مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى.

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1062
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 18:25:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياردەم قىلىڭلار قىرىنداشلار  مۇنبەرنىڭ بىرىنجى بىتىدىكى خەتلەر نۇرمال كۆرۇنمەۋاتىدۇ.
يوللانغان تىمىلارنى ئاچسام نۇرمال كۆرۈنۋاتىدۇ. ئانا تۇپراق تورىمۇ شۇندا كۆرىنىدۇ. باشقا مۇنبەرلەر نۇرمال.     بىلىدىغانلار ياردەم قىلىڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )