قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4236|ئىنكاس: 64

نېمشقا تاقا -تۇقا دەپ ئاتالدى؟)ئوبزور(

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

5521

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1563
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 11:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمشقا تاقا -تۇقا دەپ ئاتالدى؟

ئاپتورى: پەرھات ئەمەت


      مەن تاقا تۇقا سۆز ئويۇنىغا ئۆچ بولغانلىقىمدىن ئەمەس بەلكى تاقا- تۇقا دىگەن ئىسمنى  ياقتۇرمىغانلىقىم تۈپەيلىدىن  بۇ ماقالنى يازدىم.چۈنكى  بۇ ئىسم ماڭا بىر خىل قاملاشمىغاندەك ،كالامپايدەك تۇيۇلدى،ئىسىم قويۇشنىڭ ئۆزى شۇ ئوبيكتىپقا بولغان كۆز قاراش بىلەن مۇناسۋەتلىك،بولۇپمۇ بىز يېڭلىق ياراتماقچى بولغاندا ناھايىتى ئاسان يولنى تاللاشقا ئالدىرايمىز.

     ئاسان بولۇش ئۈچۈنمۇ ئازىراق ئىجتىھات كېرەك بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز ئويۇنىغا نېمشقا باشقچىرەك ئىسم تاپماي پەقەت تاقا- تۇقا دەپ ئىسم قويغانلىقىمىز ھەقىقەتەن ئويلنشقا تېگشلىك ئىش بولدى.چۈنكى مەيلى كۈلكە بولسۇن ياكى چاقچاق بولسۇن ھەممىسى بىر مىللەتنىڭ بايلىقى ھەرگىزمۇ  ئۆزىمىز ياقتۇرساقلا ئىسم قويساق بولىۋرىدىغان ئۆزىمىزنىڭ بالىسى ئەمەستە!(دەرۋەقە ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەمەس باشقىلارنىڭ بولۇپ چىقتى)
    خېلى ۋاقىت ئىلىگىرى بىزنىڭ سەھنە سەنئىتمىزدە تاقا تۇقا دەپ بىر غەلىتە تۈر پەيدا بولۇپ قالدى.تاقا- تۇقا سۆز ئويۇنى بىر بىرىگە باغلاشمىغاندەك لىكىن ھەرخىل ئۇلانما سۆزلەر ئارقىلىق بىر يىپقا تىزىغان بولۇپ ئۇلار ئارسىدا بىر بىرنى باغلاپ تۇرغان مەلۇم مەزمۇن يوق ،ئاساسمۇ يوق  لىكىن خۇددى ئىشكنىڭ ئىلمكىدەك بىر ئىلمەك بار،شۇنىڭ بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ  سۆز ئويۇنى قاچان، قانداق پەيدا بولغان ؟ بۇ ھەقتە ئازىراق بىلىۋالساق بولاتتى.مېنڭچە بۇنى خەنزۇلارنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ  ئىتوتلىرىدا  بۇ خىل سۆز ئويۇنى تولا ئۇچرايدۇ.ئىككى ئادەم ھەرخىل ھەزىل، قىزىق، باغلاشمىغان پاراڭلار ئارقلىق بىرىسى بىر گەپنى باشلىسا يەنە بىرى گەپنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچىدۇ،بىرسى نورمال سۆزلىسە يەنەبىرى گەپنى تارتىۋىلىپ  تاغدىن -باغدىن چۈشەندۇرۇپ قارشى تەرەپنى مات قىلىدۇ، كۆرۇرمەنلەرنى كۈلدۈرىدۇ.لىكىن بىزدە بۇ يەككە ھالدا بىر ئادەم مەخسۇس< تاقا -تۇقا>دەپلا يالغۇز كىشلىك  نومور ئورۇنلايدىغان شەكلىدە پەيدا بولدى  .ئېسمىدە قېلىشچەئۇ ئاشۇ  بىر قېتىملىق ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچلىكىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا چىقتىغۇ دەيمەن.ئەبەي ئىسملىك بىرەيلەن سەھنىدە تاقا تۇقا سۆز ئويۇنى ئېلىپ بارغاندا بۇ شۇ ھامان نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلىپ قىلدى ھەمدە ئۇلارغا خېلى زور يېڭى كۈلكە ئاتا قىلدى. ئوخشاشلا بۇ مەن ئۈچۈن   تەئەججۇپ كۈلكسى بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر بۇنى ئەبەينىڭ  ئىجادىيتى دەپ تونۇپ قېلىشىتى،ھەتتا<ئىلى دەرياسى>ژورنىلىنىڭ بىر سانىدىكى چاقچاقچىلار سالونىدا ئېلان قىلنغان   تونۇشتۇرۇش ماقالىسدە: ئەبەي بۇسۆز ئويۇنىنى  ئۆزىنىڭ   ئائىلە ئۆسۈپ يېتلىشى بىلەن باغلاپتۇ،( بىر تۇغقنى   شۇنداق تاقا تۇقا سۆزلەديغان قىزىقچى ئادەم بولۇپ كىچىكدىن شۇ كىشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئىكەن.)ھەر نەرسنىڭ بىر كېلىش مەنبەسى بولىدۇ،سەنئەت ھادسىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستاسنا ئەمەس. بەلكىم ھازىرقى تەتقىقاتچلىرىمىز بۇ نى چاقچاقنىڭ بىر تۈرى دەپلا ئۇنى ھاپىلا -شاپىلا ئۇيغۇر چاقچاق مەدەنىيتنىڭ يارقىن بىر تەرىپى دەپ ئىزاھلىشى ئاندىن بۇ تاقا تۇقلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە تولىمۇ ئۇزۇن بىر تارىخنى يېزىشقا ئۇرۇنشى مۇمكىن،لىكىن سەنئەت تەتقىقاتى ئۇنداق ئاسانلار بىرۋانىڭ دېگىنى بويىچە ماڭىدىغان قولۋاق ئەمەس.مېنڭچە بىز بۇ تاقا تۇقا سۆز ئويونىنى باشقا مىللەتلەردىن ئاز- تولا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق باش تەرىپى  يا قالپاققىمۇ، قىرغىزغىمۇ ئوخشمايدىغان بىر خىل غەلىتە ھالەتكە ئېلىپ كەلدۇق.يەنە بۇنى ھېچكىم بايقاپ قالماسلىقى مۇمكىن بولغاندەك ئۇ ھەققىدە ھېچىنمە دېىمدۇق.بۇنداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان نەرسىلەرگە ئسىم قويۇش تەس بولغاچقا قىزىقارلىق قىلىپ تاقا تۇقادىگەن نام بىلەن سەھىنلىرىمىزگە ئېلىپ چىقتۇق.شۇنىڭ بىلەن توردۇنياسىدا بۇ خىل سۆز ئويۇنلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.لىكىن  ھەرقانداق تۈر،ھەرقانداق  مەدەنىيەت ھادىسسى تۇيۇقسىزلا مەيدانغا كەلمەيدۇ،ئۇنىڭ شۇ مىللەت ئىچىدە ناھايىتى ئۇزاق ئاساسى بولمسا بىز ئۇنى چوقۇم باشقا مەدەنىيەت مۇھتتىن تەسىرگە ئۇچرىغان دەپ قارايمىز.چۈنكى ئۇ  يا چاقچاققا تەۋە ئەمەس ياكى لەتىپە يۇمۇرغىمۇ ئوخشمايدۇ.ئاز تولا ئۆزگەرتىپ قالپاقنى ئېلىۋىتىش بىلەن باشقا شەكىلگە كىرگۈزۇش مۇمكىن بولسا بۇنداق ئاسان ئىجادىيەت ۋە دورامچلىق بىزدە ناھايىتى كۆپ.بولۇپمۇ ھازىر ئېيتىلۋاتقان ناخشىلارنىڭ بەزىلىرى تۈركلەردىن بەزىلىرى ئۆزبەكچە ،قازاقچە ناخشلاردىن ئۆزگىرىپ كەلسمۇ يەنىلا ئالقشقا،ئىجادىيەت سەمەرىلىرىگە ئايلنىپ قالغاندەك بىر ئىش.مەسلەن داۋازلىقنى مىسالغا ئالساق،داۋازلىق __ مانا بۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەنتەربىيە تۈرلىنىڭ ئىچىدە بار . تەۋەككۇلچىلىق،باتۇرلۇق تەبىئەتكە ھەر دائىم جەڭ ئېلان قىلىپ ئۆزلىرنى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى ئېچىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە ئۇيغۇرلاردا بۇ ھۆنەر ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلدى.لىكىن بىز ھازىرقى دەۋردە ئادىل ھوشۇرنى داۋازلىقنىڭ تىپىك ۋەكلى دەپلا تونۇيمىز،ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە باغلاپ چۈشەنمەيمىز،بۇ ھەممە بىلىدىغان ئىنىق گەپ.دىمەك  ئەسلىدە خەنزۇلارنىڭ ئىتوت تۈرلىرنىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان بۇ سۆز ئويۇنى قانداق قىلىپ بىزدىكى مەلۇم كىشنىڭ ئارتۇقچلىقى بولۇپ قالدى؟ بۇ ھەقتە يەنمۇ ئىزدىنىشقا،ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشقا ، سېلىشتۇرما تەتقىقاد ئېلىپ بېرشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ.كەلگۈسدىن قارىغاندا بىز ئۈچۈن  سەنئەت سەھىنسىگە غىل پال كۆرۇنۇپ يوقاپ كېتىدىغان بۇ يېڭى ھادىسە  __ تاقا- تۇقا سۆزلەش خەنزۇلاردىكىدەك قارشى ئېلىشقا ئىگە بولالماسلىقى  مۇمكىن.  سەۋەبى ئۇنى بىز ئېتوتلىرىمىزغا ئېلىپ كىرمەي يەككە تۈر بويىچە يالغۇز قويدۇق،  شۇنداق بولغاچقا  خۇددى سەرگەندارغا ئوخشاپ قالغان بۇ <يالغۇز قۇشقاچ> ئۆز ئالدىغا بىلجىرلاشقا مەجبۇر بولدى.چۈنكى بىز ئۇنى ئۆزگەرتىپ،يىڭى بىر تىپ قىلىپ ياراتماقچى بولغانمىز،ئەسلىدە ھەر نەرسىنى قوبول قىلساقمۇ ئۇنىڭ خۇسۇسىيتىگە ھۆرمەت قىلىش ئەقەللى تەلەپ ئىدى.لىكىن بىز بۇسۆز ئويۇنىغا كەلگەندە سەنئەتنىڭ ئىلميلىكىگە ھۆرمەت قىلماي خالىغان  يوسوندا مۇئامىلە تۇتقاندەك قىلىمىز،يەنى كىملەر نېمە قىلسا بولىۋەرمەسلىكى ،سەنئەتنىڭ ئاددى قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.چۈنكى سەنئەتنىڭ ئۆزى ئىلىمى نەرسە .ئۇنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسيىتى  مەيلى قانچلىك كۈچلۈك بولۇشدىن قەتئىنەزەر ھەر نەرسە بىكاردىنلا پەيدا بولغان ئەمەس.ئۇنى پالانچى- پالانچلار پەيدا قىلغان دىيشىنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق.كۈلدۈرگە بولسۇن، چاقچاق بولسۇن ھەممىسى خەلقنىڭ ئۇزاق دەۋلەردە باشتىن ئۆتكەن تەجرىبە -ساۋاقلار ياكى  ئىزدىنشنىڭ نەتىجسى.يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ مەلۇم رايوندىكى خەلقنىڭ خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ مۇناسۋەتلىك.مەن چاقچاق بولسۇن ئېتوت بولسۇن بۇلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.چۈنكى بىر داڭلىق پرافسسور بىر ئادەمنى كۈلدۈرەلمەسلىكى مۇمكىن، لىكىن نەچچە مىڭلىغان تاماشىبنلارنى  بىر  چاقچاق ۋە ئېتوت ئۇلارنى  ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ قالغۇچە كۈلدۈرۈپ، كۆزلىردىن ياش چىقىرۋىتەلەيدۇ،مانا بۇ سەنئەتنىڭ قۇدىرىتى.ھېسام قۇربان،تۇداخون ۋە ھېبىلار،ئا.ئابلىزلار ئالى مائارىپ تەربىيسى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. لىكىن  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇلاردا بىر خىل تۇغما تالانت بار. ئۇلار ھېچقاچان كۈلكە ئۈچۈنلا كۈلگەن ۋە كۈلدۈرگەن ئەمەس.ئۇلار خەلقنىڭ قوينىدا تۇرۇپ  ئىزدەنگەن،خىلمۇ- خىل تۇرمۇش ھادىسلىرىنى بايقىغان، ئويلانغان ،دەل بايقاشقا ماھىر بولغانلىقى   ئىزدىنشىنىڭ،تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى.خۇددى نىيوتون <مەن تەپەككۇرسىز بىر مېنۇتمۇ ياشىيالمايمەن>دېگەندەك بۇ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى تەپەككۇر قىلشقا ماھىر كىشلەر ئىدى.گەپنى باشقا نۇقتىدىن ئېيتساق يۇقارىقى داڭلىق سەنئەت سەمەرلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىمىز ئارىسدا يىلتىزى تارىخقا تۇتاشقان ناھايىتى چوڭقۇر خەلق ئاساسى بار.مەدەنىيەتلا بولدىكەن ئۇ ھەرقايسى زامانلاردا ئۆزىنىڭ خاس تالانتلىق كىشلىرنى مەيدانغا كەلتۇرەلەيدۇ،ھېسام قۇربان ئۆلۈپ كەتسىمۇ ،بارلىق چاقچاقچىلار ئۆلۈپ كەتسمۇ بۇ <تۈگىمەس بۇلاق> بولغان مەدەنىيەت ئېقىنمىز ھامان سەنئەتكارسالچىلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقالايدۇ.لىكىن سەنئەتنى باشقىلارنىڭ مەدەنىيتىدىن ئۆگىنش ئارقىلىق ئۆزلەشتۇرۇشمۇ يېڭى بىر تەرەققىيات يولى ئەلۋەتتە ،شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ ئاز- تولا ئىلمى تەرىپى بولۇشى،ھەرگىزمۇ تۇيۇقسىزلا <ئۆزىمىزنىڭ>كىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك.
      ئالدىنقلارغا كېينكلەر ۋارسلىق قىلىش سەنئەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا بەك مۇھىم. ئۇلارنى دوراپ چىققان كىينكى بىر ئەۋلاد ياشلاردا ئىزدىنىش  روھى كەمچىل بولۇپلا قالماي ، خەلقتىن ئۆگىنشتىن قاچتى.  ئۇلار نوقول سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەيغان، چاقچاقنى بولسا پەقەتلا سورۇن مەدەنىيتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. دۇنيادا نەدىمۇ ئاسان ئىش بولسۇن؟ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى تاقا -تۇقا سۆزلەشنى بىز باشتىلا خاتا ھالدا ئۆزلەشتۇرۋالغان، بەلكى ئاسان يولنى تاللىغان بولۇشىمىز مۇمكىن ،شۇ سەۋەبتىن  بۇ تاقا تۇقا خەنزۇ ئېتوتلىرىدىكى ھەمكارلىق ئالاھىدىلىكىدىن مەھرۇم قېلىپ  ئۇنى ئۆز مەيلىچە سۆز تىزىملىرىنى تىزىپ ،قالايمىقانلاشتۇرۇدىغان سەنئەتلىك خۇسۇسىيتىدىن تامامەن مەھرۇم   __ھەقىقى <ئىسمى -جسمىغا > لايىق تاقا- تۇقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.

2014.7.31


غۇلجا

3

تېما

0

دوست

2713

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 11:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبەي سۆزلەپ بولىشىغىلا ئابدىرىھىم راخمان: ئوخخو ھەي ساراڭكەنغۇ بۇ، دەيدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

19

تېما

2

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 11:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورەلمەسلىك ۋە يا قىلالماسلىق

19

تېما

2

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 11:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورەلمەسلىك ۋە يا قىلالماسلىق

2

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 12:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئازراق پۇتاق چىقىردىغانلا ئىش بولسا ، پۇتاق چىقىرىپ تۇرايلى . ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كەلمىگەندىن كىيىن.

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 13:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   4032 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-1 13:28  

تاقا -تۇقا       ھىلىقى    ‹‹قىرلىق ئىستىكان›› فىلىمىدىمۇ بار بۇ  ئىجادىيەت،
ھىلىقى تىرىچى  شۇنداق تاقا -تۇقا سۇزلەيدىغان بۇپقالىدۇ
تاقا-قۇقا سۆزلەرنى قىلىپ فىلىمنىڭ قىزىقارلىقىنى ۋە مەزمۇنىنى مۇللاشتۇرىدۇ

0

تېما

0

دوست

448

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28403
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 14:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنىقلا كۆرەلمەسلىك  ،ھەسەتخورلۇققا تولغان تېما

خوجە

0

تېما

11

دوست

4681

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1305
توردىكى ۋاقتى: 374
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 15:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي دەردىم،،،،،،،،نىمە دەي ئەمدى،،،،،،،،ئەڭ قىسقا،ئەڭ ئاددى ئىبارە بىلەن كۆڭلىمدىكىنى  ئىپادىلەي.
سىنىڭمۇ توغرا-ئۇنىڭمۇ توغرا----ئويلاپ باقسام مىنىڭمۇ توغرا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )