(Bertrand Russell’s Last Message) بېرتراند راسسل (ئەنگىلىيە) (ئەكبەر تەرجىمىسى)
ئوتتۇرا شەرق ھەققىدىكى بۇ بايانات 1970-يىل 31-يانۋار يېزىلغان بولۇپ، 3-فېۋرال يەنى بېرتراند راسسل ۋاپات بولۇپ بىر كۈندىن كىيىن مىسىردا يىغىلغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خەلقارا كونفېرىنسىيەسىدە ئوقۇلغان.
ئوتتۇرا شەرقتىكى جاكارلانمىغان ئۇرۇشنىڭ يېڭى قىياپىتى خاتا مۆلچەرلەشتىن كىلىپ چىققان. مىسىر زىمىنىغا ئىچكىرلەپ ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمى خەلقنى تەسلىم قىلالمايدۇ بەلكى ئۇلارنىڭ قارشىلىق ئىرادىسىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. بۇ بارلىق ھاۋا ھۇجۇمىدىن قالغان ساۋاقتۇر.
ۋىتناملىقلار ئامېرىكىنىڭ يىللاپ قاتتىن بومباردىمان قىلىشىغا تەسلىمنامە بىلەن ئەمەس بەلكى تېخىمۇ كۆپ دۈشمەن ئايروپلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى. 1940-يىلى مىنىڭ ۋەتەنداشلىرىم ھىتلېرنىڭ بومباردىمان ھۇجۇمىغا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇيۇشچانلىق ۋە ئىرادە بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. مۇشۇ سەۋەپتىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى ھۇجۇملىرى تۈپ مەقسەتتىن يېڭىلىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنە پۈتۈن دۇنيادا قاتتىق ئەيىپلىنىشى كىرەك.
ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىسنىڭ راۋاجىلىنىشى خەتەرلىك ھەم ساۋاقلىق. يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا ئىسرائىلىيە قۇرال كۈچى بىلەن كىڭەيتىلدى. كىڭەيمىچىلىكنىڭ ھەربىر باسقۇچىدىن كىيىن ئىسرائىلىيە "ئەقىل"گە مۇراجەت قىلدى ۋە "سۆھبەتلىشىش" تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر ئىمپرىيالىسىت دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى رولى، چۈنكى ئۇ زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىرىشكەن نەرسىنى قىينالمايلا ئۆزىنىڭ قىلۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەربىر يېڭى تاجاۋۇز ئىسرائىلىيەنىڭ ئەۋزەللىكى سەۋەپلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆھبەتنىڭ يېڭى ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ سۆھبەت ئالدىنقى قېتىملىق تاجاۋۇزنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئەيىپلىنىشى زۆرۈر. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، ھىچقانداق دۆلەتنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ تېررىتورىيىسىنى بېسىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىدىلا ئەمەس بەلكى ھەر بىر كىڭەيمىچىلىك دۇنيانىڭ تاجاۋۇزچىلىققا بەرداشلىق بىرىش كۈچىنى ئۆلچەيدىغان سىناقتۇر.
پەلەستىن ئەتراپىدىكى يۈزلىگەن، مىڭلىغان مۇساپىرلارنى ۋاشىڭتون مۇخبىرى ئى. ف . ستون "دۇنيا يەھۇدىلىرىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئەخلاقىي تۈگمەن تاش" دەپ تەسۋىرلىگەن. مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇلىرىدا ئۆتكۈزگەن ھاياتىنىڭ ئوتتۇزىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. پەلەستىن خەلقىنىڭ تراگىدىيىسى شۇكى، ئۇلارنىڭ دۆلىتى بىر يات دۆلەت تەرىپىدىن باشقا خەلققە يېڭى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بىرىۋىتىلدى. نەتىجىدە نەچچە يۈزمىڭلىغان خەلق مەڭگۈلۈك ماكانسىز قالدى. ھەربىر توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ سانى ئېشىپ باردى. دۇنيا زادى قانچە ئۇزۇن بۇنداق چىكىدىن ئاشقان زوراۋانلىققا بەرداشلىق بىرىشنى خالايدۇ؟ شۇنىسى ئىنتايىن ئېنىقكى، مۇساپىرلار ئۆزلىرى قوغلانغان ئانا ماكانلىرىغا تولۇق ھوقۇقى بار. بۇ ھوقۇقنى ئىنكار قىلىش داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ. دۇنيانىڭ ھىچقانداق يىرىدە كىشىلەر ئۆز دۆلىتىدىن زور تۈركۈمدە قوغلاندى قىلىنىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. كىممۇ پەلەستىن خەلقىدىن ھىچكىم بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان جازانى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلالايدۇ؟ مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئاناماكانلىرىدا مەڭگۈلۈك ۋە ھەققانىي رەۋىشتە ئولتۇراقلىشىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقانداق ھەقىقى ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.
كىشىلەر ھەردائىم يەھۇدىلارنىڭ ناتسىسلارنىڭ قولىدا تارتقان ئازاپلىرى سەۋەپلىك ئىسرائىلىيەگە ھىسداشلىق قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى بىزگە ئېيتىدۇ. مەن بۇ تەكلىپتىن ھەرقانداق ئازاپ-ئوقۇبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا بىرەر سەۋەپ تاپالمايمەن. ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ قىلۋاتقىنىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ. ئۆتمۈشتىكى ۋەھشىيانىلىكلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ھازىرقى زاماندىكى ۋەھشىيانىلىكلەرنى ئاقلاش ئۇچىغا چىققان ساختىپەزلىكتۇر. ئىسرائىلىيە ئىنتايىن كۆپ ساندىكى مۇساپىرلارنى نامراتلىققا دۇچار قىلىپلا قالماي؛ ئىشغال قىلىنغان زىمىنلاردىكى ئەرەبلەرنى ھەربىي ھۆكۈمرانلىققا مەھكۇم قىلىپلا قالماي يەنە يېڭىدىن مۇستەملىكىچىلىكتىن باش كۆتۈرگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنى داۋاملىق نامراتلىققا مەھكۇم قىلدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە ھەربىي ئىھتىياج دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈستۈن تۇردى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ تاماملىنىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىت قىلغانلار شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەككى ھەرقانداق ئولتۇراقلىشىش كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كىرەك. ئادالەت شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئولتۇراقلىشىشتىكى بىرىنچى قەدەم ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلى 6-ئايدا ئىگەللىۋالغان زىمىندىن چىكىنىشى بولۇشى كىرەك. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئازاب تارتىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق خەلقىگە ئادالەت ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن بىر دۇنياۋى ھەرىكەت زۆرۈردۇر.
|