مەن قاتناشقان بىر يېڭىلىق - ئالەم تېلېسكوپىدا يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش
بىلىمخۇمار 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
مەن بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، NASA دا قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى «NASA يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» دېگەن ئايلىق ژۇرنالنىڭ 2012-يىلى 11-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىندى (تۆۋەندىكى 1-، 2- ۋە 3-رەسىملەردە بۇ ژۇرنالنىڭ تېشى ۋە مەزكۇر خەۋەر بېسىلغان ئىككى بېتى رەسىم شەكلىدە بېرىلدى). بۇ تەتقىقات بىر جايدا قاتتىق يەر تەۋرىگەندە، يەر يۈزىنىڭ يۆتكىلىش دولقۇنىنى ئۆلچەيدىغان ئالەم تېلېسكوپى ھەققىدە بولۇپ، مەن بۇ تەتقىقاتتا ئاساسلىق تۆھپىكار بولۇپ ئىشلىدىم. تۆۋەندە مەن قېرىنداشلارغا مۇشۇ تەتقىقات ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.
مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇن JPL بىر ئۈچ-بۇرجەكلىك ئىدارە بولۇپ، ئۇنىڭ خىراجىتى NASA دىن كېلىدۇ، ھەمدە ئۇ ئەڭ چوڭ NASA مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (بىزنىڭ ئىدارىدە 5000 خادىم ئىشلەيدىغان بولۇپ، NASA نىڭ 2-مەركىزىدە 2500 ئادەم ئىشلەيدۇ. قالغانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئادەملەرنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز). ئەمما ئۇ مەمۇرى جەھەتتىن دۇنياغا داڭلىق خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپ «كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى» (California Institute of Technology) غا قارايدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى 32 پروفېسسور ھازىرغىچە جەمئىي 33 دانە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىزنىڭ ئىدارە بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ئارىلىقى 8 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئىككى ئورۇن نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ.
كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى يەر تەۋرەش ئىلمى (Earthquake Science) ساھەسىدە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرى خېلى كۆپ. 2012-يىلى مەن بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتىم. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتتا قىلغان ئىشىمىز، يەر تەۋرىگەندە يەر يۈزىنىڭ يۆتكىلىش دولقۇنىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالەم تېلېسكوپى لايىھىلەش بولدى.
مەلۇم بىر يەردە يەر تەۋرەشكە باشلىغاندا، بىز مەزكۇر تېلېسكوپنى ئاشۇ رايونغا توغرىلاپ، ئاشۇ رايوننىڭ كەڭلىكى 300 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىسىنى ھەر سېكۇنتىغا 1-2 پارچىدىن رەسىمگە تارتىمىز. يەر تەۋرەش توختىغاندىن كېيىن، بىز تارتىۋالغان ھېلىقى رەسىملەرنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ، يەر يۈزىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بىر كىنو قىلىپ ئىشلەپ چىقىمىز. مەن كەشىپ قىلىپ، ئىككى قېتىم «NASA يېڭى كەشپىيات ۋە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بىر ئالگورىزم (algorithm) ياكى ماتېماتىكىلىق مېتود بار بولۇپ، يۇقىرىدىكى رەسىملەرنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يەر يۈزىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى ھېسابلاپ چىقىدىغانغا ئاشۇ ئالگورىزمنى ئىشلەتتۇق. مەن جەمئىي 6 دانە تېلېسكوپ لايىھىسىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرۇپ چىقتىم. ھەمدە يەر يۈزىنىڭ يۆتكىلىشىنى بىر سانتىمېتىر توغرىلىقتا ئۆلچىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم. بۇ 6 لايىھىنى ئىشلىتىدىغان تېلېسكوپلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىگە تەخمىنەن 200 مىليون دوللار، ئەڭ چوڭىغا تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار پۇل كېتىدىكەن.
تېلېسكوپ قانچە چوڭ بولغانسېرى ئۇنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك، ۋە كۆرۈش دائىرىسى شۇنچە كەڭ بولىدۇ. شۇنداقلا پۇلمۇ شۇنچە كۆپ كېتىدۇ. كىچىك تېلېسكوپلارنىڭ ئاساسىي ئەينىكى (primary mirror) پەقەت بىرلا ئەينەكتىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ناھايىتى چوڭ تېلېسكوپلارنىڭ ئاساسلىق ئەينىكى كۆپلىگەن كىچىك ئەينەكلەردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى NASA ھازىر ياساۋاتقان، ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «JWST» دەپ ئاتىلىدىغان، 2018-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان تېلېسكوپنىڭ مودېلى. ھازىر كائىناتنى تەكشۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان تېلېسكوپنىڭ ئىسمى «خابۇل ئالەم تېلېسكوپى» (Hubble Space Telescope) بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى 5-رەسىمدە كۆرسىتىلدى. بۇ تېلېسكوپنىڭ ئاساسىي ئەينىكىنىڭ دىئامېتىرى 2.4 مېتىر بولۇپ، ھازىرقى پىلاندا «JWST» ئالەم تېلېسكوپى 2018-يىلى ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، بۇ تېلېسكوپ پېنسىيىگە چىقىدۇ.
مەزكۇر خەۋەردە دوكلات قىلىنغان، يەر تەۋرەشنى ئۆلچەيدىغان ئالەم تېلېسكوپى ھازىرچە تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، ئەگەر ئۇ ياسىلىپ قالسا، ئۇ يەر تەۋرەش ئىلمىنىڭ سەۋىيىسىنى ناھايىتى يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. يەنى ئۇ يەر يۈزى دولقۇنىنىڭ دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئورۇن، ۋاقىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتە بۇرۇن ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇ يەر تەۋرەش دىنامىكىسىنى چۈشىنىش جەھەتتە بىر يېڭى ئىنقىلابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى، شۇ ئاساستا كەلگۈسىدە يەر تەۋرەشتىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىقتىدارىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلارنى زور دەرىجىدە ئازايتىشى مۇمكىن.
مەزكۇر خەۋەردە بۇ تەتقىقاتقا تۆھپە قوشقان كىشىلەر قاتارىدا، 3 ئوخشىمىغان ئورۇنغا تەۋە 14 ئادەمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەر ئامېرىكىلىق، ئىتالىيەلىك، فىرانسىيەلىك، گېرمانىيەلىك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەرگە تەۋە بولغان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىپ تاپقان . مەن قېرىنداشلاردىن بۇ تىزىملىكتىكى بىرىنچى ئورۇندىكى تۆھپىكارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ تۆھپىكارلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «داۋىد رېددىڭ» (David Redding). 1990-يىلى خابۇل ئالەم تېلېسكوپى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر ئوپتىكا ئاپاراتى خاتا لاھىيىلىنىپ قالغانلىقى بايقىلىدۇ. ج پ ل دىكى مۇتەخەسسىسلەر خابۇل تارتقان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىپ، خاتالىقنى تاپىدۇ. ھەمدە ھېلىقى ئوپتىكا ئاپاراتىنىڭ يېڭىسىدىن بىرىنى ياساپ، 1992-يىلى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ، خابۇلدىكى خاتا ئوپتىكا ئاپاراتىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىنىگ ئورنىغا يېڭىدىن ياسالغىنىنى سالىدۇ. بۇ ئىش ئۈچۈن ناسا بىر مىليارد دوللاردىن كۆپرەك پۇل خەجلەيدۇ. مۇشۇ ئىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىرى يۇقىرىدىكى دوكتۇر داۋىد رېددىڭ بولۇپ، مېنى ناسا غا خىزمەتكە ئالغان كىشىمۇ مۇشۇ شۇ. بۇ كىشى كۆپ يىللار مېنىڭ باشلىقىم بولۇپ ئىشلەپ، 3 يىلنىڭ ئالدىدا ج پ ل دا ئۆسۈپ كەتتى. ماڭا باشلىق بولىۋاتقان بىر يىلى ئۇ مەن توغرىلىق باھالاش يېزىپ، مۇنداق دېگەن: «دولقۇن فرونتىنى ئۆلچەش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ساھەسىدە، ئەركىن سىدىق ھازىر بىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ قالدى.» ھازىر ھەر قېتىم بىر قىيىن تەتقىقات تۈرى چۈشكەندە، داۋىد رېددىڭ ئالدى بىلەن مېنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قوشۇۋالىدۇ، ھەمدە مېنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئىنگلىزچە تېمىسى «Seismic Imager Space Telescope» بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىنمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ:
http://www.techbriefs.com/compon ... ical-sciences/15098
قوشۇمچە:
بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل دە «7-نومۇرلۇق چارلىغۇچى» (Ranger 7) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئاي شارى يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇرۇلۇپ چۈشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولدى. يەنى، 1964-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى ج پ ل ياسىغان «7-نومۇرلۇق چارلىغۇچى» ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىنلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا 6 دانە رەسىم ئاپاراتى بىلەن كۆپلىگەن يۇقىرى ھەجىملىك سۈرەتلەرنى تارتىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن. ئاشۇ رەسىملەر ئىنسانلار تارىخىدىكى ئاي شارىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يېقىن ئارىلىقتىن تارتىلغان يۇقىرى ھەجىملىك سۈرەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئاي شارى يۈزىگە سوقۇلۇشقا لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇ شۇ بويىچە ئاي شارى بىلەن سوقۇشۇپ تۈگىگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان 6 قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇرلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. بىر قىسىم كىشىلەر «ئەگەر 7-قېتىملىقىمۇ مەغلۇپ بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ج پ ل نى تاقىۋېتىشى مۇمكىن»، دەپ پەرەز قىلىشقان. يەتتىنچى قېتىملىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا، ج پ ل دا بۇ جەرياننى كۆزىتىپ تۇرغان كىشىلەردىن كۆز يېشى قىلمىغان ئادەم قالمىغان. بۈگۈنكى پائالىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا «7-نومۇرلۇق چارلىغۇچى» نى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىشقا قاتناشقان خادىملاردىن 3 كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىراتلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن «7-نومۇرلۇق چارلىغۇچى» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ناسا نىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى كائىناتنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا يول ئېچىپ بەرگەن. ئاشۇ ئاساستا ئامېرىكا 1969-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئايغا 3 ئادەمنى چىقىرىپ ياندۇرۇپ كەلگەن ئىدى (مەن ئاشۇ 3 كىشى ئولتۇرغان ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىچىگە بىر قېتىم كىرىپ باقتىم). بۇنىڭدىن بىز مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالالايمىز: ئايغا ئالەم ئۇچقۇرى چىقىرىشتا، ناسا 6 قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، 7-قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. بۈگۈنكى پائالىيەتتە مەن بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا 6-رەسىم قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
4-رەسىم: 2018-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان، ئىنگلىزچە «James Webb Space Telescope» دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپىنىڭ مودېلى.
5-رەسىم: خابۇل ئالەم تېلېسكوپى.
|