قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2912|ئىنكاس: 11

خىيانەتچىنىڭ بايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

12

دوست

6332

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1293
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 11:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سوتچى: -ئىسمىڭ نېمە؟ خىيانەتچى: -رويىخەتتىكى ئىسمىم ياۋفۇگۇي،ئەركىلەتمە ئىسمىم ياۋجيەنگو،ياۋكېمىڭ،ھازىر ياۋفۇگۇي دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېشىم ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن،ئانام مېنى 58 ياش دەيدۇ،كىملىكىمدە 56ياش. ئارخىپىمدا 50 ياش،تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشىدە 48 ياش،كاتىپىم 40ياش،ماشىنىست بولسا 28 ياش دەيدۇ،زادى قانچە ياشقا كىردىمكىنتاڭ! مەن بولسام تەشكىلنىڭ ئادىمى،شۇڭا بۇ ھەقتە تەشكىلنىڭ گىپىنى ئاڭلايمەن. سوتچى: -ئاساسلىق جىنايىتىڭ نېمە؟ خىيانەتچى: -مەن ئەزەلدىن پۇلغا بېرىلىپ باقمىغان،بىر قېتىم يولداشلار چۈشۈرۈپ قويغان پۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئالمىغان،بۇنىڭغا ئايالىم گۇۋاھ. سوتچى: -باشقىلار نەچچە پۇل چۈشۈرۈپ قويغانىكەن؟ خىيانەتچى: -بىر سېنىت. سوتچى: -سەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش نېمە؟ خىيانەتچى: -ساختا مەھسۇلات بىلەن ئۇيقۇمنىڭ ياخشى بولماسلىقى. سوتچى: -كونكرېتراق چۈشەندۈر! خىيانەتچى: -پۇل،ئالتۇن - كۈمۈش،ئۈنچە - مەرۋايىتلارنىڭ ساختا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. باشقىلار بەرگەن سوۋغىنى قوبۇل قىلسام پەقەتلا ئۇخلىيالمايمەن،قوبۇل قىلمىسام تېخىمۇ ئۇخلىيالمايمەن. سوتچى: -شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساڭا قانداق كۆز قاراشتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟ خيانەتچى: -بىلىمەن،بىر قېتىم باھار بايرىمىدا ئۆزۈمنىڭ پاك - دىيانەتلىك ئىكەنلىكىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن <<مېھمانلارنى قارشى ئالىمىز،سوۋغا - سالام قوبۇل قىلىنمايدۇ>>دەپ يېزىپ دەرۋازىغا چاپلاپ قويسام، ئەتىسى كىشىلەر ئۇنى <<مېھمانلارنىڭ پۇل ئېلىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز،سوۋغا ئۈچۈن نەرسە سېتىۋېلىش ھاجەتسىز>> دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ،خەلق دېگەن ھەقىقەتەن قائىدە چۈشىنىدۇ - دە! يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغىنىمدا، دوختۇر كېسەللىك ئارخىپىمغا <<غەم - ئەندىشىسى بولمىسىمۇ،ئەمما قاندىكى ماي مىقدارى قويۇق؛ئىقتىدارى، سەۋىيىسى ئانچە ئۈستۈن بولمىسىمۇ،ئەمما قان بېسىمى بەك يۇقىرى؛ھەر خىل يىغىنلارغا تولا قاتنىشىپ،جىق ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكتىن مەزى بېزى ياللۇغلانغان،خىزمەتتىكى نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولمىسىمۇ،ئەمما بەل ئۇمۇرتقىلىرى بۆرتۈپ چىققان>>دەپ يېزىپتۇ. سوتچى: -تەپتىشنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا پىكرىڭ بارمۇ؟ خىيانەتچى: -ئەيىبنامىدە مېنى 500 مىڭ يۈەن پارا ئالغان،دېيىلگىنى توغرا بولماپتۇ،ئەينى چاغدا خۇشلۇقتىن بېشىم قېيىپ كېتىپ،نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئالمىغان بولغاچقا،ئۇنىڭ ئىچىدىن 300 مىڭ يۈەن پۇل ساختا چىققان. قانۇن بويىچە بۇ 300 مىڭ يۈەن ساختا پۇل ئىناۋەتسىز،شۇڭا سوتنىڭ ئۇنى ئومۇمىي ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىشىنى ھەمدە جازانى يەڭگىللىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. سوتچى: -تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن قانداق ئويۇڭ بار؟ خىيانەتچى: -كەمىنە تەقدىرگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا،تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك سان - سىپىرلارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن،ماڭا قاراڭ، پىكاپىمنىڭ نومۇرى9988 ،تېلېفون نومۇرۇم6868، قول تېلېفۇن نومۇرۇم1818،شۇڭا تۇرمىگە كىرگەندىن كېيىن ياتىدىغان كامېرىمنىڭ نومۇرى1698 بولسىكەن دەيمەن،رەھمەت! سوتچى: -ھازىر جاۋابكار ئەڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئېيتىدۇ. خىيانەتچى: -بۇگۈنكى يىغىنغا تەييارلىقسىزلا كېلىپ قاپتىمەن، شۇنداق بولسىمۇ سىلەر سۆزلە،دەپ تۇرۇۋالغاندىكىن،تۇزۈت قىلماي بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلاي! كەمىنە ئىناۋەتكە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەممەن، ئەينى يىللاردا ئولتۇرىدىغىنىم ئالىي ماشىنا،تۇرىدىغىنىم ئالىي مېھمانخانا، ئېچىدىغىنىم ئالىي ھاراق، كۆڭۈل ئاچىدىغىنىم ئالىي خېنىملار ئىدى، گەرچە ھازىر چاتاق چىقىرىپ قويغان بولساممۇ، ئەمما يەنىلا ئىناۋەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق. شۇڭا مەزكۇر دېلونى ئالىي سوتنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. سوتچى: -جاۋابكار سوت خاتىرىسىگە ئىمزا قويسۇن! خىيانەتچى سوت خاتىرىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا <<قوشۇلىمەن>>دېگەن خەتنى يازغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا يەنە ئادىتى بويىچە<<مەزكۇر ھۆجەت ھەرقايسى بۆلۈم ،كومىتېت، ئىدارىلەرگە تارقىتىلىپ ئۆگىنىلسۇن ھەمدە مۇزاركىرە قىلىنىپ تۈزىتىش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەر يۇقىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىنسۇن...!>> دەپ تەستىق سالدى.

مەنبە:مىراس ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

1

تېما

0

دوست

2255

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 18:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو تىمىنى ئۇقۇپ پارىخۇر-خىيانەتچىلەرنىڭ يۇزىنىڭ مىدە ئىشەكنىڭ ئاستىن قۇڭىدىنمۇ قىلىن ئىكەنلىگىنى يەنە بىرقىتىم ھىس قىلىپ يەتتىم،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 18:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زادى خىيانەتچىمۇ ياكى پارىخورمۇ؟

15

تېما

1

دوست

4578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1386
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 19:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان - سىپىرلارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن،ماڭا قاراڭ، پىكاپىمنىڭ نومۇرى9988 ،تېلېفون نومۇرۇم6868، قول تېلېفۇن نومۇرۇم1818،شۇڭا تۇرمىگە كىرگەندىن كېيىن ياتىدىغان كامېرىمنىڭ نومۇرى1698 بولسىكەن دەيمەن
مۇشۇ سانلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرسەڭلار

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3370
توردىكى ۋاقتى: 799
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 20:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى « شۈشەن » خىيانەتچى ئىكەن ماۋۇ ھە .
مىنىڭچە خىيانەتچىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قېلىن ، بىشەم بۇلىدۇ .

1

تېما

0

دوست

4511

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6180
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 960
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 21:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيانەتچى دېگەن، ھىچكىمگە تۇيدۇرماي ئېلىۋالىدىغىنى. پارىخور خەق بەرگەننى ئالىدىغىنى.
بۇ كاساپەت پارىخور ئىكەنغۇ.

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

3454

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1058
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 23:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

2474

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 14:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان - سىپىرلارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن،ماڭا قاراڭ، پىكاپىمنىڭ نومۇرى9988 ،تېلېفون نومۇرۇم6868، قول تېلېفۇن نومۇرۇم1818،شۇڭا تۇرمىگە كىرگەندىن كېيىن ياتىدىغان كامېرىمنىڭ نومۇرى1698 بولسىكەن دەيمەن
مۇشۇ سانلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرسەڭلار
..........

9988-  ئۇزاق ۋاقىت باي بولۇش .
6868-بايلىق يولى.
1818-باي بولىمەن،باي بولىمەن .
1688-يول تېپىپ باي بولۇش.

مەن مۇشۇنداق چۇشەندىم ،قېنى تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلي....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )