- تىزىملاتقان
- 2011-1-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18143
- نادىر
- 0
- يازما
- 853
ئۆسۈش
20.36%
|
ئۇزۇن بوپتىكەن سۆيۇملۇك تورداشلار بىلەن مۇڭداشمىغىلى ، بۇگۇن بىرىنچى بولۇپلا كۆزۇمگە چېلىققان مونۇ تېمىغا مېنىڭمۇ خېلى قىزىقىشىم بولغاچ ، بىرىنچى بولۇپ چەكتىم . بەلكىم توخوتۇر ئەپەندىمنى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر مۇنچە كۆپ خىل شەكىل ۋە مەزمون، ئۇسلۇپلاردىكى ئۇيغۇرچە پروگراممىلار توغرىلىق چوقۇم ئالاھىدە تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەردى دەپ ئويلىدىم ، بۇ جەھەتتە بەك تەپسىلى بولمىسىمۇ بىراق ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ۋە ئەل ئىچى كارتونچىلىقى توغرىسىدىكى ئورۇنلۇق پىكىرىدىن سۆيۇندۇم . بۇ سۆزلەرگە ئۇلاپ مەنمۇ تېلۋىزىيە ئىستانسىدىكى ھەقىقەتەن « كۇچنى چېچېىۋېتىش »، «مۇستەقىل ئىزدىنىش روھى كەمچىل بولۇش »، « قارا - قويۇق دوراش »، «خەلىقنىڭ ئىنكاسلىرى بىلەن كارى بولماسلىق»...تەك بىر قاتار ئەھۋاللار توغرىلىق پىكىر قىلىشنى توغرا تاپتىم .
شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسى بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلىپ ئەينىكىمىز ، تىل ئىزھارىمىز ! بىز ھەر ۋاقىت موشۇ ئىستانسىدىكى نۇرغۇن پىروگراممىلار ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى تونۇيمىز ! تەشۋىق قىلىمىز !ئۆگىنىمىز !ئىلگىرلەيمىز !قايغۇرىمىز ! پەخىرلىنىمىز !!!...يېقىنقى بىر مەزگىل جەريانىدا بۇ ئىستانسىمىز نۇرغۇن پىشقەدەم ۋە ياش تالانىت ئىگىلىرىنىڭ ، خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىشى بىلەن نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ، نۇرغۇن يېڭى پىروگراممىلارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ كەڭ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بوشلىقىنى ئازدۇر - كۆپتۇر بېيىتتى . بۇنىڭدىن بىز ئىنتايىن خۇش!ئەلۋەتتە نۇرغۇن دوستلار ، كۆرۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ ئىسسىق كۆڭلى بىلەن ئىستانسىمىزغا بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بېرىپ كەلدى ، مەنمۇ شۇ قاتارىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم پىكىرلەرنى بەرمەكچى :
1› « كۇچنى چېچىۋېتىش » مەسىلىسى جەھەتتە : شىنجاڭ تېلۋىزىيىسى ئوخشاش تۇردىكى سەنئەت پىروگراممىلىرىنى كۆپلەپ يولغا قويۇپ، ئىستانسىغا نىسبەتەن ئىقتىسات ئىسراپچىلىقى ، ئادەم كۇچى ئىسراپچىلىقى ،.......ئىسراپچىلىقلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك . مەسىلەن « مەشرەپ » « ناۋا » « تەلەي يۇلتۇزى» ... دىگەندەك سەنئەت پىرۇگراممىلىرى قارىماققا بىر - بىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ، ئۆزىگە خاس ئوبېكىتلىرى بىلەن ئۆزگىچە نىشاننى بويلاپ مېڭىۋاتقاندەك كۆرۇنسىمۇ ، بىراق پىروگراممائۇسلۇبى ۋە ئورۇنداش شەكلى جەھەتتە ئالاھىدە چوڭ بۆسۇش يوق ! كۆرۇرمەنلەرگە يەنىلا چوڭ جەھەتتىن يېڭىلىق ، زوق ، ئىنتىلىش بېرەلمەيدۇ . مەن بۇ يەردە ھەر بىر سەنئەت پىروگراممىلىرنىڭ ئۇتۇق ۋە كەمچىلىكى توغرىلىق توختىلىپ، كەڭ كەسپ ئىگىلىرىنى رەنجىتىشنى خالىمىغاچقا پەقەتلا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن . يەنى « مەشرەپ » پروگراممىسىدەك بىزنىڭ خاسلىقىمىز ، ئەنئەنىمىزنى ساقلاپ قالغان ، ۋارىسلىق قىلغان ،يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىپ ئۇزلۇكسىز تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان ئېسىل پىروگراممىلارنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان ۋە ئۇلگە قىلغان ئاساستا « ناۋا » ۋە « تەلەي يۇلتۇزى» ىغا ئوخشاش كۆڭۇل ئېچىش ، قېزىش ، تەشۋىق قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان پىروگراممىلارنى شەكىل جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش ، ئۇسلۇپ جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش ، مۇلازىمەت جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش ... كېرەك. « ناۋا » ۋە « تەلەي يۇلتۇزى» قاتارلىق بۇ پروگراممىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ پىروگراممىلىرىنىڭ شەكىل ، مەزمونىدىن ئىلھام ئېلىپ ، ئۆز رايونىمىزغا ماسلاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلغان ۋە بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۇنۇم يارىتىلغان بولسىمۇ ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سەۋىيەسىنى ئۇزلۇكسىز ئۆستۇرۇشى كېرەك . بۇ جەھەتتە بۇ پىروگرامما خادىملىرى ۋە ئىستانسا مەسئوللىرى مەسئولىيەتچانلىق بىلەن ئىزدىنىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا خۇددى ھازىرقىدەك كۆرۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆزگىچە پىروگراممىلىرىنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ، ئىزدەپ كۆرىدىغان بولماستىن بەلكى كۆرسىمۇ . كۆرمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان (يەنى قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندا مۇنداقلا كۆرۇپ قويىدىغان) ئادەتتىكى پىروگراممىلاردىن پەرقىي بولمايدۇ، مېنىڭچە بۇ پىروگراممىلارنىڭ نۆۋەتتىكى خەلق قەلبىدىكى ئورنى شۇنچىلىك بولۇپ قالدى ، شۇڭا كۇچىمىزنى ئوخشاش تۇردىكى كۆپلىگەن پىروگراممىلارغا ئەمەس ، بىر-بىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ، جەمىيەتتە ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئۇنۇم يارىتالايدىغان پىروگراممىلارغا قارىتىش كېرەك !
2› «قارا- قويۇق دوراش، ئۆزگىچە ئىزدىنىش روھى كەمچىل بولۇش » مەسىلىسى جەھەتتە : بىزنىڭ « مەشرەپ » پروگراممىسىدىن باشقا كۆپلىگەن ، كۆڭۇل ئېچىش ، سەنئەت پىروگراممىلىرى دەل موشۇنداق دوراش ۋە ئىزدىنىش روھى كەم بولۇشنىڭ مىسالى دەپ قارايمەن .ئەلۋەتتە بىر پىروگراممىنىڭ يېڭىدىن روياپقا چىقىشىدا نۇرغۇن ئامىللار تۇرتكە بولىدۇ ، بۇنى توغرا چۇشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش كېرەك . بىراق ئەمىلىي ئۇنۇم ۋە ئىجابىي تەسىرنى قوغلىشىش تېخىمۇ مۇھىم . بولۇپمۇ ھازىرقىدەك كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى كۇنسېرى يوقىرىلاۋاتقان ، زوق ئېلىشنى ، ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ، ياخشى -يامانغا توغرا باھا بېرەلەيدىغان جىددى تەرەققىيات باسقۇچىدا بۇ پىروگراممىلىرىمىزنىڭ ئۇنۇمى ، سەۋىيەسى توغرىسىدا ئويلىنىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە !
3› پىروگراممىلارنى نوقۇل ھالدا ئىستانسا باشقۇرۇش، رىياسەتچى باشقۇرۇشتىن ھالقىپ كېتەلمەسلىك مەسىلىسى جەھەتتە : باشقا دۆلەت، رايونلارنىڭ پىروگراممىلىرى خېلى يىللار ئىلگىرىلا پىروگراممىنى باھالاش ۋە باشقۇرۇشنى كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەر بىلەن ئاممىغا ئۆتكۇزۇپ بەرگەن،بىز بۇ جەھەتلەردە يېڭىدىن يۇزلىنىۋاتىمىز ، بىراق يەنىلا ھالقىلىق باسقۇچ ۋە پىروگراممىلاردا ئاممىغا ئىشەنمەسلىك ،كونا سەنەمگە مېڭىش ئەھۋالى مەۋجۇت. مۇسابىقە شەكلىنى ئاساس قىلغان « تەلەي يۇلتۇزى » پىروگراممىسىدىمۇ مۇسابىقە جەريانىغا بولسۇن ياكى مۇسابىقە نەتىجىسىنى كەڭ ئامما ئارقىلىق بېكىتىشكە بولسۇن نۇرغۇن شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلەر بار بولسىمۇ بىراق رىياسەتچىنىڭ كونتىروللىقىدىن ھالقىيالىغىنى يوق، ھەتتا بەزى چاغلاردا نوقۇل ھالدا لوڭقىنى بېرىشلا مەقسەت قىلىنىپ، تەييارلانغان ئۇنۋېرسال بىلىم سۇئاللىرىدىن كەڭ تاماشىبىنلار تولۇق بەھرلىنەلمەيدۇ.سۆزلەۋاتقان ماھىرلارنىڭ جاۋابلىرى ئۇزۇۋېتىلىپ، رىياسەتچىنىڭ ئىنكاسى ئاساس قىلىنغان ھالدا مۇسابىقە نەتىجىسى بېكىتىلىنىدۇ .مۇسابىقە شەكلى بارغانچە كونا شەكىلنى ئېلىپ قېلىپ، ھازىرقى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ياشلارنىڭ ئىنتىلىشلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ قىېلىۋاتىدۇ.
«ناۋا» پىروگراممىسى بىر يىلچە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ھازىرچە «دەم ئېلىش»تا. بۇ بىر يىل جەريانىدا كەڭ ئامما ئىچىدىكى نۇرغۇن سەنئەت ئىگىلىرىنى كەڭ پۇرسەت ۋە مەيدان بىلەن تەمىنلەپ ، مەلۇم تەسىرلەرنى قۇزغىغان بولسىمۇ ، لېكىن خېلى چوڭ خاتالىقلارنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى . مەسىلەن: ئارتۇقچە رىياسەتچىلەر بىلەن ئۇنۇمگە ئەمەس ، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىش ، ئىجادىيەتچى ماھىرلارنى قېزىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا سەل قاراش ، ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئىجادىيەتچىسىنى ئەسكەرتمەسلىك ، باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىقلار ماھىرلارنى تاللاش ۋە شاللاش ، مۇسابىقىنىڭ قائىدىسىگەخىلاپ ھالدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش ، ئاممىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلماي،يەنىلا كونا قائىدە بويىچە باھالاش(يەنى يىللىق چىمپىيون تاللاش مۇسابىقىسى )،...قاتارلىق مەسىلىلەر .قانداقلا بولمىسۇن بۇ پىروگرامما سەنئەت پىروگراممىلىرىمىزدىكى بىر يېڭىلىقنى ، مەلۇم قىزغىنلىقنى قوزغىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا يېقىندا « ناۋا » نىڭ ئورنىغايەنە بىر يېڭى دورالما پىروگرامما «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى » ناخشا مۇسابىقە پىروگراممىسى يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ ، بۇنىڭدىن مەن ھەم خۇش بولدۇم ، ھەم كۆڭلۇم يېرىم بولدى ھەم ئەنسىرىدىم ! خۇش بولۇشۇم : يەنە بىر يوقىرى سەۋىيەلىك يېڭى پىروگراممىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىغىدىن بولسا،كۆڭلۇمنىڭ يېرىم بولىشى :« ناۋا » قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەنلىك ، نۇقسانلارنى تولۇقلاپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقماستىن بەلكى بىر باسقۇچتىلا « مەغلوپ بولىىشى». ئەنسىرىشىم بولسا : يېڭى يولغا قويۇلماقچى بولغان پىروگراممىنىڭمۇ نۇرغۇن شەخسىي ھېسسىيات ۋە قاراش،كونا شەكىللەرنىڭ مىسالىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ، «ناۋا» غا ئوخشاش ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى(يەنى چىمپىيوننىڭ « پارلاق يول » پىرو|گراممىسىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا ھېچنىمە دىمەسلىك ) ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپلا توختاپ قېلىشى سەۋەبلىك بولسا كېرەك.
4› بۇ يېڭى پىروگراممىنىڭ خۇش خەۋىرىدىن قارىغاندا شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى بۇ قېتىم يەنە كۇچنى ، مەبلەغنى ناخشا ئېيتقۇچىلارغىلا قارىتىدىغاندەك قىلىدۇ . بۇنى يامان ئىش دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ، بىراق « ناۋا» قىزغىنلىقى تېخى يانمىغان نۇرغۇن ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن بۇ ئىنتايىن چوڭ خۇشاللىق ! ( سىلەرگە مۇبارەك بولسۇن ! )، بىراق نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە مەنىۋىي ئىېھتىياجىدىن قارىغاندا بۇ خىل پىروگراممىلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ۋە كارتونچىلىق ساھەسىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى خېلى چوڭ ئىدى.
ئۆزەم ئۈچۈن ناتونۇش بولغان باشقا كەسىپكە نىسبەتەن مەن تېخىمۇ ئىنچىكە زىغىرلاپ كېتىشكە سەۋىيەم يەتمىسىمۇ ، لېكىن ئاددى ئامما بولۇش سۇپىتىم بىلەن ئازراق پىكىر قىلىپ قويدۇم . ئىشىنىمەنكى تورداشلارنىڭ تېخىمۇ دانا پىكىر - تەكلىپلىرى چوقۇم بىر كۇنى بۇ ئىستانسا خادىملىرىنىڭ قۇلىغىغا يەتسە ، ئۇلار موشۇ خىزمەتلەر توغرىلىق ئانچە - مۇنچە ئىزدەنسە ، ئويلانسا مانا بۇ بىز يەتمەكچى بولغان ئاددى مەقسەتتىن ئىبارەت خالاس !
|
|