- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  66.1%
|
رەسىمدە كۆرىۋاتقىنىڭلار بۇ يىل كېسەللىك ھۇجۇمىغا قايتا ئۇچراپ رەڭگى ئۆزگەرگەن ھەم مىۋىسى يېرىلىپ كەتكەن تۇرپان كىشمىشى . تۇرپان ۋىلايىتى 1997-يىلدىن 2011-يىلغىچە تاماكا تۇزان پىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۈزۈمچىلىكتىن ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان ، ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرىشى ھەمدە دېھقانلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇخىل ئاپەتتىن ئاخىرى قۇتۇلغانىدۇق،ئەمما 2013-يىلدىن باشلاپ ۋىلايەتنىڭ ، بولۇپمۇ پىچان ناھىيىسىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا بىۋاستە ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان غەلىتە كېسەللىك ئەھۋالى پەيدا بولۇپ،ھەش-پەش دىگۈچە ۋابادەك يامراپ،ئۈزۈم مىۋىسىنىڭ سۈپىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى ھەمدە ساپاقتا تۇرۇپلا سېسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دېھقانلارغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلدى . ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ بۇ خىل كېسەللىك توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرەلمەي قالدى ، دېھقانلار بۇ يىلمۇ كېسەللىكتىن قاراقۇيۇق ھالدا مۇداپىيەلەندى خالاس .
بۇ يىل تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئۈزۈمچىلىك ئىشلىرى ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە بەكمۇ ئېغىر ئۇچراپ كەتتى ، ئۈششۈكنىڭ تەسىرىدىن ئامان قالغان ئاز بىرقىسىم جايلارمۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك نامەلۇم كېسەللىكنىڭ تەھتىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ . شۇڭا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى مۇشۇ خىل كېسەللىكتىن ساقلىنىش ياكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تۇرپان ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارغا ياردەم قىلساڭلار دېگەن ئۈمۈدتىمىز،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ مۇنبەت تۇپراق پىروگىراممىسىدا ياكى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرىدا بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قايتا-قايتا كۆرسەتسەكلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى !
ھۆرمەت بىلەن ۋىلايەتتىكى بارلىق دېھقانلاردىن
كىسەللىك ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان ئۈزۈم مېۋىسى |
-
|